لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىقتىساد گېزىتى: دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق

ئىقتىساد گېزىتى: دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق

ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 3558 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق»
پىلانلىغۇچى: دىلشاد تۇرسۇن، مۇھەممەت يۇنۇس
سۆھبەتتە: شىنجاڭ «لوقمان ھەكىم» بىيو پەن–تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى تۇرغۇنجان جۈمە بىلەن سۆھبەت
مۇخبىر: قەيسەر ساۋۇت
«لوقمان ھەكىم»:  كارخانىنى مىللىي ھېسسىيات ۋە سۆز ئويۇنىغا تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ
كىرىش سۆز: بۈگۈنكى كۈندە شىركەت قۇرۇش قانۇنلۇق بېيىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىغا ئايلاندى، كارخانىنىڭ كۈچى بىلەن ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئارزۇ–ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاندى. ئەمدى گەپ ئۇلارنىڭ پۇلنى قانداق تېپىشىدا قالدى. ئېھتىمال، نۇرغۇن كىشىلەر پۇل تاپماق تەس دېيىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى يوقمۇ ئەمەس. ئاشخانا ئاچساقمۇ، كېيىم – كىچەك ساتساقمۇ، ئومۇمەن پۈتۈن زىھنىمىز ۋە جىسمىمىز بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا كېرىشسەك، پۇل تېپىش تەس ئەمەس. قىسقىسى، ئىلىمىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ۋەزىيىتى مۇقىم بولسىلا، ھەر خىل يوللار بىلەن پۇل تاپالايمىز، ئەمما قانداق پۇل تېپىش، قانداق پۇلنى تېپىش؟ قانداق پۇلدىن يېراق تۇرۇش؟  بېيىش يولىغا ماڭغانلارنىڭ، ھازىرقى مودا سۆز بويىچە ئېيتقاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم تاللاشتۇر. بەزىلەر ساختىلىق، كۆز بويامچىلىق بىلەن بىر مەھەل پۇل تېپىپ گىدىيىپ يۈرەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئەخلاق – پەزىلەت بابىدا «گىدىيىپ» يۈرەلمەيدۇ. بەزىلەر پۇل تاپىمەن دەپ زەھەر سېتىپ زىندانغا چۈشتى، يەنە بەزىلەر پارىخورلۇق قىلىپ، ئاخىرىقى ئۆمۈرىنى «تۆمۈر قەپەز» دە ئۆتكۈزدى. بۇنداقلار ھامان ئۆزىنىڭ  مەنىۋى جەھەتتە نامرات، ئەخلاق – پەزىلىتىنىڭ چاكىنا ئىكەنلىكىنى  ھېس قىلماي قالمايدۇ. كارخانىلار خەلقىمىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى، ساددىلىقى، ساپ مىللىي ھېسياتىدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپىمەن، بېيىيمەن دەيدىكەن، كونىلار «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دەپ ئېيتقاندەك، ئەلنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەگەر بۇنداق كارخانىلار ۋىجدان داغلىرىنى «خەيرى – ساخاۋەت» تونى بىلەن ياپماقچى بولىدىكەن، ھامان بىر كۈنى بۇنداق «ئىسىل تون» غا ئوت تۇتاشماي قالمايدۇ. كارخانىلار مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كارخانا ئوبرازىنى تىكلەش، باشقۇرغۇچى تارماقلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، تەسىرلىك ھىكايىلەرنى روياپقا چىقىرىش  مەقسىتىدە خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلسا، خادىملىرىنى، ۋاكالەتچىلىرىنى تەربىيەلىيەلمەيدۇ، مۇھىمى ئەلنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. پەقەت تەلمۈرگەن كۆزلەرگە مىھرى – شەپقەت ياغدۇرغان كارخانىلارلا رىقابەتتە، بازاردا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. 
ئادەمنىڭ قەدىر – قىممىتى پۇل تېپىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەلنىڭ غېمىنى يېيىش، ئەلنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇڭا، كارخانىلار  توغرا يولدا مېڭىشى، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى كارخانىنىڭ DNA سى، ھەتتا كارخانىنىڭ ھاياتى دەپ قارىشى كېرەك. كارخانىلار مەھسۇلاتلىرىغا بەكمۇ چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى بەكمۇ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەپ، تېزلا بازار تاپقان، ئاسانلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان تەقدىردىمۇ، بۇنداق كارخانىلار ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا مۇۋەپپەقيەت قازىنالمايدۇ. ياش كارخانىچىلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا توغرا يول تاللىشىغا ئاز – تولا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، بىز شىنجاڭ «لوقمان ھەكىم» بىيو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى تۇرغۇنجان جۈمە بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
«كارخانىچى بولماق دوختۇر بولماقتىن تەس»
مۇخبىر: سىز شىركىتىڭىزنى «قۇرئان» دا زىكرى قىلىنغان ئۇلۇغ زات لوقمان ھەكىمنىڭ نامى بىلەن ئاتاپسىز، مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ نام بىلەن ئاتالغان شىركەت بەش يىلدىن بۇيان قايسى جەھەتلەردە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى؟
تۇرغۇنجان جۈمە: دادام دوختۇر بولغاچقىمىكىن، مېنىڭ تىبابەتچىلىككە قىزىقىشىم كىچىكىمدىن باشلانغانىدى، مەن 15 ياشتا ئوكۇل ئۇرۇشنى ئۆگەنگەنىدىم، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقىدىم، كېيىن يەنە ئۇكرانىيەگە بېرىپ ماگېستىر ئاسپرانىتلىقنى تاماملىدىم. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1 – دوختۇرخانىسىدىمۇ قىسقا ۋاقىت دوختۇرلۇق قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش نىيىتىگە كەلدىم. ئالدى بىلەن  شىپاخانىدىن بىرنى ئاچتىم، دەسلەپتە بىر قازاندا 10 ـ 20 كىشىلىك دورا تەييارلىسام، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى ھاجەتمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايمەن، دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۇرپان، قۇمۇل، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىنمۇ كەلگەنلەر كېسەللىرىنى ماڭا كۆرسىتىپ، مەن تەييارلىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىدىغان بولدى، نەتىجىدە مەھسۇلاتلار يېتىشمەي قالدى. مەن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، شىركەت قۇرۇش، مەھسۇلاتلارغا تاۋار ماركىسى ئېلىش، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىرىش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم.  شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ «لوقمان ھەكىم» بيو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردۇم. شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، «لوقمان ھەكىم» دىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغ زاتنىڭ نامىغا يۈز كېلەلەيدىغان ئىش قىلىش ئۈچۈن، بوشاشماي تىرىشتىم، ئىزدەندىم. كىشىلەر كېسىلى ئېغىرلاشقاندا، دوختۇرغا كۆرىنىدۇ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدۇ، كېسەللەرنىڭ ئازابىنى باشقىلار تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ، پەقەت دوختۇرلا ئۇلارنىڭ ئازابىنى بىلىدۇ، ئازابىنى يېنىكلىتەلەيدۇ. كېسەلنى بايقاشمۇ مۇھىم، ئەمما كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش تېخىمۇ مۇھىم. كېسەللەرنى قۇرۇق گەپ بىلەن داۋالىغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇر ناھايىتى كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، تەجىرىبە توپلىشى كېرەك، بۇ بىر كۆپ ۋاقىت ۋە زىھىن سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان جەريان. بىر دوختۇرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا سەككىز يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. دېمەك، دوختۇر بولماق بەكمۇ تەس. ئەمما بىر دوختۇر ئۆمرىدە چەكلىكلا كېسەلنى داۋالاپ ساقايتالايدۇ. كارخانا قۇرۇپ، ساغلاملىققا پايدىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغاندا، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ شىپالىق تېپىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. گەرچە دوختۇرلۇق كېچە – كۈندۈز خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ئالدىراش كەسىپ بولسىمۇ، كېسەللەرنى داۋالاپ بولغاندا، ئازراق دەم ئالغىلى بولىدۇ. دوختۇر ئۆزى داۋالىغان كېسەلگىلا مەسئۇل بولسىلا كۇپايە، ئەمما كارخانىچىنىڭ يۈزلىنىدىغىنى چەكلىك دائىرىدىكى كېسەللەر ياكى بىر، نەچچە ئىستىمالچى ئەمەس، بەلكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلغان بارلىق ئىستىمالچىلاردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە خادىملارنى باشقۇرۇش، سۈپەتلىك خام ئەشيالاردىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلاتلارنى ۋاكالەتچىلەرگە يەتكۈزۈش، زاۋۇت قۇرۇش، زاۋۇتنى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەرگە يەتكۈزۈش، ھەتتا توك، سۇ ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كارخانىچى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەكچىمەنكى، كارخانىچىنىڭ مەسئۇلىيىتى دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئېغىر. دوختۇر بولۇش ئەسلىدىلا تەس ئىش ئىدى، ئەمما كارخانىچى بولماق دوختۇر بولماقتىن تەس. بەزىدە پۇل تاپمىساممۇ تاپماي، بىردەم ئۇخلىۋالاي دېگۈم كېلىدۇ، ئەمما كارخانىچى بولغان ئىكەنمەن توختاپ قالسام بولمايدىكەن ياكى كارخانىچى توختىيالمايدىكەن. كارخانىچى مەيلى قانداق جاپا – مۇشەققەتلەرگە يولۇقۇشتىن قەتئىي نەزەر، ئالدىغا مېڭىشقا بولىدىكەن، ئارقىغا چېكىنىشكە بولمايدىكەن. مانا مۇشۇنداق جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا مەن  ئۇستاز لوقمان ھەكىمنىڭ ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، «ئىمكانىيەت بولسا، يېنىمىزغا كەلمەڭ، مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلەتمەڭ، ھەر كىم ھەر چاغ ساغلام بولسۇن» دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتتىم.  شىركىتىمىز قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە سۈپەتنى ئەلا بىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردۇق،  پۇل تاپقاندا خەلقنى ئۇنتۇپ قالماي، كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ كەلدۇق. جۇڭخۇا خەيرى – ساخاۋەت باش جەمئىيىتىمۇ ماڭا «خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىدا ئالاھىدە تۆھپىكار كارخانىچى» دېگەن شەرەپنى بەردى. بۇنداق شەرەپكە ئېرىشىش شىنجاڭلىقلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ، مېنىڭ كارخانىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشۇمغا تۈرتكە بولدى.   
مۇخبىر: «لوقمان ھەكىم» دېگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشىدۇ. ئەمما شىركىتىڭلار بيو پەن-تېخنىكا شىركىتى ئىكەن. ئۇنداقتا زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىكنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭلار؟ 
تۇرغۇنجان جۈمە: گەرچە نۇرغۇنلىرىمىز لوقمان ھەكىم تىلغا ئېلىنسا، ئۇيغۇر تېبابىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەزى كىتابلاردا لوقمان ھەكىمنىڭ ھەبەش، يەنى نېگىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇ تېبابەتچىلىكنىڭ پىرى، دۇنياۋى شەخىس. مېنىڭ نەزىرىمدە مەيلى جۇڭيى تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى ياكى غەرب تېبابىتى بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا كېسەل داۋالاپ، ئىنسانلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ھەممىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بار. دوختۇر بولغۇچى مەيلى دۈشمەن ياكى دوست بولسۇن، قۇتقۇزۇشتىن باش تارتىشقا بولمايدۇ.  بيو پەن – تېخنىكا بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، يەنى ئاشلىق، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى، يېمەكلىك، دورا قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، مېغىزىنى تاللاش بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتكە ۋارىسلىق قىلىش، زامانىۋىلىققا تايىنىشتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپىمىز.
«مىللىي ھېسياتقا تايىنىپ تەرەققىي قىلغىلى بولمايدۇ» 
مۇخبىر: ھازىر جەمئىيىتىمىزدە يېمەكلىكنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن پەدازلاپ «ئوزۇقلۇق»، ھەتتا «دورا» دەپ ساتىدىغان، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئوزۇقلۇقلارغا «شىپا قىلىدۇ» دېگەندەك ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى قوشۇپ يازىدىغان، مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، مىللىي ھېسياتىدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپىدىغان كارخانىلارمۇ ئاز ئەمەس. كارخانىچى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟ كارخانىچىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟
تۇرغۇنجان جۈمە: بۇنداق ئېھتىماللىقنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئەمما بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كىشىلەر ئازرۇ قىلغاندەك يۇقىرى بولماسلقى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دورا بۇيۇملىرى ئۆلچىمى» گە كىرگۈزۈلگەن 202 خىل دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ھەم دورا ھەم يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ باھاسى ئالتۇندىن قىممەت. نەچچە يىلدىن بۇيان دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆسۈپ كەتتى، بۇ خىل ئەھۋالدا تەننەرخنى تۆۋەنلەتكەندە، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن: بەزى چايلار ئورۇقلىتىش دورىسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىندى، بۇ چايلار ئۆستۈرۈلگەن يۇرتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، سۈپىتىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ئەمما ئىستېمالچىلار بۇنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز. شۇڭا، «ئۆلچەم» گە كىرگۈزۈلگەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى  ھەم يېمەكلىك ھەم ئوزۇقلۇق دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما دورا دېيىش ئۈچۈن، دۆلەت يېمەكلىك – دورا سۈپەت نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى ئېلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا سۈپەت نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى ئېلىش بەكمۇ تەش، دورا ئىجازىتى ئېلىش ئۈچۈن، كېلىنىكىلىق تەجىربىلەرنى ئىشلەشكە ئاز دېگەندە تۆت، بەش يىل ۋاقىت، 4 مىليون يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگىچە مەبلەغ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلتۇر سېنتەبىردە دۆلەتنىڭ يېمەكلىك، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلارنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشكە ئائىت قاتتىق بەلگىلىمىلىرى چىقىرىلدى. ئەمدى مىللىي ھېسيات ياكى سۆز ئويۇنى بىلەن پۇل تاپماق تەسلىشىدۇ. گەرچە بەزى كارخانىچىلار كۆز بويامچىلىق قىلىپ، قىسقا ۋاقىتتا ئاز – تولا پۇل تاپالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت پۇل تاپالمايدۇ. كارخانىچىنىڭ پەزىلىتى، كەسىپكە بولغان قىزىقىشى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى قاتارلىقلار كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. 
«يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن»
مۇخبىر: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەتنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى ئاران تۆتكە يېتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىمۇ كۆپ ئەمەس. سىزمۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دورا بۇيۇملىرى ئۆلچىمى» گە 202 خىل دورا ئۆسۈملۈكىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتىڭىز. نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن ئېيتقاندا، بۇنچىلىك دورا بەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ. «لوقمان ھەكىم» بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى؟ 
تۇرغۇنجان جۈمە: ھازىر دۆلەتنىڭ دورا ئىشلەپچقىرىش، سېتىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش تەسلىشىپ كەتتى، ئاسان چاغلاردا تۈرلۈك ئەمەلىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئەنئەنىۋى دورىلىرىمىز مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يوللانماي قالغان. ئەمدى دۆلەتنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشقا تۆت، بەش يىل ۋاقىت كەتكەندىن باشقا، نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ كېتىدۇ. ئەمما نۇرغۇن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ھەم يېمەكلىك ھەم دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولغاچقا، ئەنئەنىۋى دورا رېتسىپلىرى ئارقىلىق، ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى دورا دەپ ئەمەس، يېمەكلىك دەپ ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى دورىلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. بۇنىڭدىن باشقا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىدىغان، ئەمما دوختۇرخانا سىرتىدىكى دورىخانىلاردا سېتىشىغا بولمايدىغان رېتسىپلىق دورىلارمۇ بار. كونىلار «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن» دەپتىكەن، ھازىرچە بىز دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالمىدۇق، ئەمما ھەم يېمەكلىك ھەم دورا قىلىشقا بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان 30 نەچچە خىل يېمەكلىكىمىز بار. مەن غەرب تېبابىتى ئۆگەنگەن بولساممۇ، دادامنىڭ تۈرتكىسىدە كىچىكىمدىن دوختۇرلۇققا قىزىققاچقا، ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدىكى كىتابلارنىمۇ كۆپ ئوقۇغانىدىم، ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئۆلىمالىرىمىز ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىمەن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، خېلى يۇقىرى ساپا ھازىرلىدىم. مۇھىمى، ئالدى بىلەن شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدىم.
مۇخبىر: ھازىر دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن قۇۋۋەت ۋە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا سانائىتى بولمىغاچقا، ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى زاۋۇتلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىشلەپچىقارغۇزىۋاتىدۇ ياكى  تاۋار ماركىسى چاپلاپ سېتىۋاتىدۇ. زاۋۇت قۇرماق شۇنداق تەس ئىشمۇ؟ «لوقمان ھەكىم» نىڭ مەھسۇلاتلىرى قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؟ 
تۇرغۇنجان جۈمە: زاۋۇت قۇرۇش تەس ئەمەس، پۇل بولسىلا قۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما زاۋۇتنىڭ توختىماي مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەس. زاۋۇت قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى مەھسۇلاتنىڭ زور كۆلەملىك بازىرى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا زاۋۇتقا كېرەكلىك تېخنىكلار، تېخنىكا ساپاسىنى ھازىرلىغان ئىشچىلار بولۇشى كېرەك. كەڭ كۆلەمدە بازار ئېچىش ئۈچۈن، داڭلىق ماركا يارتىش كېرەك، داڭلىق ماركا يارىتىش بىر، ئىككى يىلدا ئىشقا ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. يېڭىدىن بازار ئېچىۋاتقان كارخانىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زاۋۇتلىرىغا ھاۋالە قىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى خاتا ئەمەس. بۇ كارخانىلارمۇ شارائىتى ھازىرلانسا، گېزى كەلگەندە ئۆز ئالدىغا زاۋۇت قۇرۇشى مۇمكىن. بىزمۇ مەملىكىتىمىزدىكى دورا ئىشلەپچىقىرىشتا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەملەرگە يەتكەن زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلىرىمىزنى بازارغا سالدۇق، بۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات (يېڭىشەھەر) رايونى شىمالىي سانائەت رايونىدا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مەلۇم سانائەت رايونىدا يەنە زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن يەر سېتىۋالدۇق. دېمەك، بىز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئۆز دىيارىمىزدا ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلىدۇق.
مۇخبىر: كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كوزىر مەھسۇلاتلار بولۇشى كېرەك. «لوقمان ھەكىم» شىركىتىنىڭ قانداق كوزىر مەھسۇلاتلىرى ۋە  ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقارغان دورىلىرى بار؟
تۇرغۇنجان جۈمە: شىركىتىمىزنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، مەن چەتئەللەردە ئوقۇغان چاغلىرىمدىكى تەتقىقات يۆلىنىشىم، ئىلمىي ماقالىلىرىم ئاساسىدا تەييارلىغان ئەرلەر مەزى بېزى كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغانلار ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان «لوقان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى» قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ خېلى داڭقى چىقتى. ئەمما ئۆز ئالدىمىزغا ئىشلەپچىقارغان دورىلىرىمىز يوق.
«قىيان كەلگۈچە توغان سال»
مۇخبىر: ئەمەلىيەتتە، «لوقمان ھەكىم» دېگەن نام دوختۇرخانىغا ئەڭ ماس كېلەتتى. نېمىشقا «لوقمان ھەكىم» نىڭ ئەلنىڭ ئاغزىغا چىققۇدەك دوختۇرخانىسى يوق؟ «لوقمان ھەكىم» دوختۇرخانا قۇرۇشتا قانداق بوسۇغىدىن ھالقىيالمايۋاتىدۇ؟  «لوقمان ھەكىم» نىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى دوختۇرخانا قۇرۇش پىلانى بارمۇ؟
تۇرغۇنجان جۈمە: دوختۇرخانا قۇرۇشقا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ، كەتكەندىن سىرت، داۋالاش، دورىگەرلىك قاتارلىق كەسىپلەردە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن دوختۇرلار، سىسترالار ، ھەتتا  داۋالاش، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە دوختۇرخانا ئېچىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشمۇ بىر مۇرەككەپ جەريان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوختۇرخانا قۇرغاندا ئازلا ئادەمنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. خۇددى كونىلار: «قىيان كەلگۈچە توغان سال» دەپ ئېيتقاندەك ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى بىلەنمۇ نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىنمۇ مۇھىم. بىزنىڭمۇ شىركىتىمىز تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، سىستېمىلاشقان ،كۆلەملەشكەن مەخسۇس دوختۇرخانا قۇرۇش پىلانىمىز بار. 
«بۇ دۇنياغا قىپيالىڭاچ كېلىپ، قىپيالىڭاچ كېتىمىز»
مۇخبىر: تەرەققىي قىلغان ئەللەردە بايلار پۇل تېپىشتا بەستلەشمەي، ساخاۋەت ئىشلىرىدا بەستلىشىدىكەن. ئەڭ ئۇلۇغلىنىدىغان ساخاۋەتچىلىك داۋراڭ سېلىنمىغان ساخاۋەتچىلىك ئىدى. ھازىر بەزى كارخانىلار ساخاۋەت ئىشلىرىنى سەھنىدە تاماملاۋاتىدۇ. كارخانىلىرىمىز ساخاۋەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتەلەرمۇ؟ «لوقمان ھەكىم» ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچىدىكى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدى؟
تۇرغۇنجان جۈمە: بۇ دۇنياغا قىپيالىڭاچ تۇغۇلغانكەنمىز، يەنە قىپيالىڭاچ كېتىمىز. ھېچكىم تاپقان پۇلىنى ئۆزى بىلەن ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئەلدىن يىغىلغان پۇلنى ئەلنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ناھايىتى توغرا يول. دۇنيادىكى چوڭ بايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پۇل تېپىشتا بەستلەشمەي، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىشتا بەستلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىزمۇ پۇل تاپساقلا خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىۋاتىمىز. مېنىڭ يۇرتۇم ئۇچتۇرپان ناھىيەسىمۇ بىر نامرات ناھىيە. مەن شىركەت قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۇرتۇمدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا 200 مىڭ يۈەن ئاتىغانىدىم، كېيىن ئوغلۇم ئوقۇۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاتا – ئانىسى ئۇششاق تىجارەت  بىلەن مەشغۇل بولۇپ، پەرزەنتىنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكتىن، بالىسىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇ بالىغا شىركىتىمىزنىڭ  ئىشلەپچىقارغان ئوزۇقلۇقلارنى بېرىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈردۇق، ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇش چىقىمىنى ئۈستىمىزگە ئالماقچى بولدۇق. كېيىن بۇ مەكتەپكە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ ياردەمگە مۇھتاج بۇنداق بالىلارنىڭ ناھايتى كۆپلىكىنى بىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن پۇلۇم ئاز بولسىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن، 2014 – يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتىپاق يولىغا جايلاشقان خانساراي تىياتىرخانىسىدا ‹‹ئىللىق تەڭرىتاغ لوقمان ھەكىم ئۆسمۈرلەر ساغلاملىق ھەركىتى ›› پائالىيىتىنى ئويۇشتۇرۇپ، بىر مىليۇن 4 يۈزمىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى ،خەير –ساخاۋەت باش جەميىتى  ۋە  شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى مېيىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر بالىلارغا، مېيىپلار بىرلەشمىسى مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى مېيىپ بالىلار شۇنداقلا «ئۇچقۇنئاي» ساغلاملىق يەسلىسىدىكى مېيىپ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدۇق. بۇ يىلمۇ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 30 نۇقتىدا خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى يولغا قويدۇق. بۇنىڭدىكى مەقسەت پۇل تاپتۇق دەپ داۋراڭ سېلىش ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىزدىن نەچچە ئون ھەسسە، ھەتتا يۈز نەچچە ھەسسە پۇل تاپقانلارمۇ بار. بىزنىڭ مەقسىتىمىز تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش. كونىلار «دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق» دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن. بىز ئاز پۇل تاپقاندا خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. خەلقىمىزمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەھسۇلاتلىرىمىزغا كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن بېرىپ، ياقتۇرۇپ سېتىۋالدى. بىزمۇ ئەلنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، «لوقمان ھەكىم» ماركىسى «شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىسى» غا ئايلاندۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەلنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۆز سانائىتىمىز ئارقىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرى: 6757855-0991

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى