لوقمان ھەكىم ئۈسۈملۈك ئاقسىل تالقىنىنىڭ رولى
ۋاقتى: 2016-11-10
ئاۋاتلىقى: 2374 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم بەدىننىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرىدۇ
ئاقسىل بولسا ئادەم بەدىنىدىكى نېتروگىن ئېلېمېنتىنىڭ ئاساسلىق مەنبىيى بولۇپ، سەرپ بولىدىغان بىر قىسىم ئېنىرگىيەنى تەمىنلىگەندىن باشقا، يېڭى توقۇلمىلارنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدۇ، بالاغەتكە يەتكەن ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ئاقسىل ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنىەن 17 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى 3 پىرسەنت ئاقسىل مىتابولىزىم ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىنىدۇ، بوۋاقلار، ياش ئۆسمۈرلەر، ھامىلىدار ئاياللار ۋە سۈت ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ئاقسىلنىڭ يېڭىلىنىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا يەنە يېڭى توقۇلمىلارنى ھاسىل قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. بەدەندىكى ئاقسىل يېتىشمىگەن ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسى ھاياتلىق پائالىيىتى تەسىرگە ئۇچراپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈسۈپ-يېتىلىشى كېچىكىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. چوڭلاردا بولسا ھارغىنلىق، ئورۇقلاش، قان ئازلىق، ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللاردا لوقمان ھەكىم ئاقسىل تالقىنى (ئۆسۈملۈك ئاقسىل تالقىنى)نى ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.
يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
يۈرەك كېسەللىكى غەربتىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە، ئەڭ چوڭ بىرىنچى قاتىل بولۇپ كەلمەكتە. قان پىلازمىسىدىكى خولىتسىرىن مىقدارى بولسا يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبدۇر. يېمەكلىك تەركىبىدىكى مايلار قان پىلازمىسىدىكى خولىتسىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 1982-يىلى كۆپ دۆلەت ئالىملىرى ئىتالىيە، شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قاندىكى خولىستىرىن مىقدارى يۇقىرى بىمارلارغا ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش تەجرىبىسىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە ھەر كۈنى 50 گىرام ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ئىستېمال قىلغان بىمارلارنىڭ قان پىلازمىسىدىكى ئومۇمىي خولىستىرىن مىقدارى %20 تۆۋەنلىگەن. بۇ تەتقىقات شۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكى، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى قاندىكى خولىتسېرىن ۋە ماينى تۆۋەنلىتىپ يۈرەككە بولغان ئەكىس تەسىرنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئامېرىكىدىكى دوختۇرلار يۈرەك كېسەللىرىگە قاندىكى ماي ۋە خولىستىرىننى چۈشۈرىدىغان دورىلارنى ئىچىشتىن بۇرۇن ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن، چۈنكى ئۆسۈملۈك ئاقسىلى دورا ئەمەس. باھاسى دورىدىن ئەرزان، ھەم يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ھەم ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق. ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، دىيابىت بىمارلىرىنىڭ بۆرىكىگە بولغان بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ. بۆرەك كېسىلى دىيابىت كېسەللىكىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ %20 دىيابىت بىمارلىرىنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى زەخمىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. ھايۋانات ئاقسىلىنى ئىستېمال قىلغاندا بۆرەك بېسىمى ئارتىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئۆسۈملۈك ئاقسىلى قان پىلازمىسىدىكى خولىتسېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يەڭگىللىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ. دىئابىت بىمارلىرىنى يېمەكلىك بىلەن دەۋالاش ئاھۋالىنى كۆزىتىش ئارقىلىق شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، دىئابىت بىمارلىرى بۇ خىل داۋالاشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ.