دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27- يانۋار خەلق چوڭ سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەنكى بىر يىلدا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. مەن زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەت ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋتى ئورنىتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مەيلى سودا، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى، پەن-مەدەنىيە، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەر ياكى كېلىمات ئۆزگۈرۈشى، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئوخشاشلا ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلدى.
كېررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئىككى تەرەپ ئۈنۈملۈك ئالاقە ئورنىتىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، كېلىما ئۆزگىرىشى « پارىژ ئەھدىنامىسى » ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش قاتارلىق مەسلىلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. زۇڭتۇڭ ئوباما رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved