ياپونىيە ھۆكۈمىتى كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى زور زاكازنى ئېلىشىغا ياردەم بەردى
        ياپونىيە ھۆكۈمىتى 150 مىليون يىن ئاجرىتىپ ياپونىيە كارخانىسىنىڭ ھىندىستاندىكى زور سوممىلىق زاكازنى ئېلىشىغا ياردەم بەردى. تېڭشۈن مالىيە ۋە ئىقتىساد قانىلى خەۋىرى، ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستان بازىرىغا كىرىپ ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغى تارقاتقان. ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق بانكىسى (JBIC) ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە زاۋۇت قۇرۇلۇشىنىڭ قىسمەن مەبلىغى ئۈچۈن يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ياپونىيە يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى قەرز ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتىدۇ. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ھىندىستانغا زىيارەتكە بارغان ۋاقىتتا، شۇ يەردىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش رامكىسىنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق بانكىسى بىلەن ياپونىيە سودا سۇغۇرتىسى (NEXI) نىڭ ھىندىستاندىكى تۈرلەرگە سالغان مەبلىغى ۋە تۆلەم سوممىسى بۇ يىل ئاللىقاچان 200 مىليارد يىن بولغان. ھەمدە يىلىغا %20-30 سۈرئەت بىلەن ئاشۇرۇپ، 5-6 يىل ئىچىدە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش پۇلىنى ئىشلىتىپ بولۇشنى پىلانلىغان. بۇ 150 مىليون يىن بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا بېرىلگەن قەرز ھەرقايسىسى ئايرىم-ئايرىم ئىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەش قاتارلىق تۈرلەر دەل مۇشۇ نۆۋەتلىك يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىكەن. مەزكۇر تۈردە ياپونىيەنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پۈتۈش ھەققى مۆلچەردە 500 مىليارد يىن ئىكەن. مەزكۇر تۈرنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۇزۇن، خەۋپ-خەتىرى چوڭ، ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق بانكىسى باشقا چوڭ بانكىلار بىلەن بىرلىشىپ بىلەن ياپونىيە كارخانىلىرىنى تۈر مەبلىغى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى باشقا رىقابەتچىلىرى بىلەن بولغان تۈر تالىشىش رىقابىتىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىگە زور دەرىجىدە ياردىمى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە يەنە كىرېدىت سۇغۇرتىسى كەسپىنى ئېكسپورت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى بولۇپ، ئاپتوموبىل ۋە ئېلېكتىر ماشىنىسى قاتارلىق خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت ۋە ماگىزىنلارنىڭ پارچە زاپچاس ئېكسپورت قىلىشىغا قارىتا زىياننى تۆلەپ بەرمەكچى بولۇۋېتىپتۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى قۇراشتۇرۇش كەسپىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقچى ئىكەن. ھىندىستان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ يوشۇرۇن ئەمگەك كۈچى ئەڭ مول بازار. بىراق سىياسەت چەكلىمىسى ۋە ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بەك ئارقىدا قالغان، شۇڭا نۇرغۇن ياپونىيە كارخانىلىرى ھىندىستان بازارلىرىغا كىرىشتە ئىككىلىنىپ قالغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى كارخانىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ، ئېلېكتىر كۈچى، ماشىنا، پولات تۆمۈر ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولماقتا. ھىندىستان سالغان بىۋاسىتە مەبلەغ كۆلىمىدىن قارىغاندا، ياپونىيە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگو بولسا 17-ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونىيە بىلەن ھىندىستان 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھىندىستاندىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولغا ياپونىيەنىڭ غول لىنىيە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ياپونىيە مەزكۇر تۈرنى بىر تىرىللىيون يىندىن ئارتۇق قەرز بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىغان بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر كۈچىگە قارشى تۇرماقچى ئىكەن.


خەتكۈچلەر:
14-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek