-
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئۆزگىچە ياسالما تۈرى:پاشۇيە - [دورا تەييارلاش ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/81830015.html
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئۆزگىچە ياسالما تۈرى:پاشۇيە
پاشۇيە : قاينىتىلغان دورا سۈيىگە ئىلمان ھالدا پۇتىنى(لازىم كەلگەندە قولىنى) چىلاپ ئولتۇرۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىغان بىر خىل دورا ياسالمىسى.
پاشۇيىنىڭ تەييارلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوڭاي بولۇپ ھەممە كىشى ئۆزى تەييارلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
ئۇ پاشۇيىنىڭ ئۈنۈمى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ ، مۇپاسىل كېسەللىكلىرى ، باش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، ئاغرىق توختىتىدۇ.
پاشۇيىنى تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق: رېتسىپ تەركىبىدىكى بىر ياكى بىر نەچچە خىل دورىلارنى ئېلىپ ئۇنى قازانغا ياكى باشقا قاچىلارغا سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. دورىنىڭ تەمى پۈتۈنلەي سۇغا چىققاندا ئوتتىن ئېلىپ سىقىپ ئازراق سۇۋۇتۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
پاشۇيە تەييارلاشتىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:
پاشۇيە تەييارلاشتا مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا دورىنىڭ تەمى تۇلۇق چىققۇچە قاينىتىلىدۇ. سۈزۈپ ئۇنىڭ سۈيى ئىشلىتىلىدۇ.
پاشۇيە سۈيى ئىلمان بولۇشى كېرەك ، بولمىسا پۇت- قول تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
تەرلەتكۈچى پاشۇيىلەر بىلەن تەرلەنگەندە دىققەت قىلىش؛ئۆپكىگە سوغۇق تەككۈزۈپ قويۇشتىن ۋە سانجىق تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرىدە بەك دىققەت قىلىش لازىم.
پاشۇيىلەردىن بىر نەچچە ئۈلگە:
پاشۇيە سەرسام(سەرسام پاشۇيىسى)
رېتسىپ تەركىبى:
گۈلبىنەپشە 30 گرام بابۇنە 30 گرام
نېلۇپەر گۈلى 30گرا ئىكلىلمىلىك30گرام
تەييارلىنىشى:
دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ 4-5 لېتىر سۇدا قاينىتىپ دورىنىڭ تەمى پۈتۈنلەي چىقىپ بولغاندا ئۇنى سۈزۈپ قول-پۇتى پاتقىدەك قاچىغا تۈكۈپ ئىشلىتىدۇ.
تەسىرى: مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئىسسىتما قايتۇرۇش، باش ئاغرىقىنى توختىتىش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: سەرسام كېسەللىكى ، باش ئاغرىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
پاشۇيە بارد
تەركىبى:
گۈلبىنەپشە 9.7 گرام نىلۇپەر 9.7 گرام
گۈلى خىتمى 9.7گرام ئىت ئۈزۈمى 9.7 گرام
كېپەك37 گرام سۆگەت يۇپۇرمىقى18.5گرام
ئانار يۇپۇرمىقى 18.5گرام سۇ بەش جىڭ
پاشۇيە قائىدىسى بويىچە تەييارلىنىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى تۈگىتىش، سەرسامنى ، ئۇيقۇسىزلىقنى يوقىتىش، ۋە باشقا ماقامى قىزىق كېسەللىكلەرگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەبىئىتى : ھۆل سوغۇق
ئىشلىتىلىشى: مەزكۇس دورا سۈيىنى ساپ قىلىپ ، داسقا تۆكۈپ، سۈيى ئىلمان بولغاندا كېسەلنىڭ پۇتى يۇيۇلىدۇ.
پاشۇيە ھار
تەركىبى:
گۈلى بابۇنە 9.7گرام ئىكلىلمىلىك 9.7گرام
گۈلى خىتمى 9.7گرام قۇرۇق ئىت ئۈزۈمى 9.7گرام
زۇپا 9.7گرام رەيھان 9.7گرام
قىچا 9.7گرام ئاش تۇزى 9.7گرام
بۇغداي كېپىكى 37گرام سۇ بەش جىڭ
تەييارلاش: يۇقىرىقى دورىنى بەش جىڭ سۇدا ئۈچتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىلىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا خۇسۇسىي تەرىقىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ماقامى كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق
ئىشلىتىلىشى: قائىدە بويىچە دورا سۈيىنى ساپ قىلىپ ، ئىلمان بولغاندا پۇتنى چىلاپ تۇرۇپ تۇرۇلىدۇ.
كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت تور خاتىرىسى تەييارلىدى.
پاشۇيە ھەققىدە ‹ئۇيغۇر تېبابىتى مۇرەككەپ دورىلار خەزىنىسى›ناملىق كىتابتىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us