ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ھىكايە،پوۋسىت،رومان، كۆز ئەينەك ۋەقەسى 1. قىسىم
كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 29
go

كۆز ئەينەك ۋەقەسى 1. قىسىم  

hanka * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1260
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 896 (3)
جۇغلانما: 13509 نومۇر
44
12491
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-30
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-11
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 01:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش










1 . قىسىم



ئەتىياز ئاسمىنى تولىمۇ تۇتۇق ، ساغۇچ توپا رەڭ ھالەتتە ئىدى . ئەتتىگەنلا ئورنىمدىن تۇرۇپ تامىقىمنى يەپلا مەكتەپكە يول ئالدىم .
مەنزېلىم كۈسەن شەھرىگە ئەڭ يىراق بولغان ، خانىقاتام يېزىسىنىڭ تۇلۇقسىز ئۈچىنجى يىللىقىدا ئۇقۇۋاتاتقان چاغلىرىم بولۇپ بەكلا تىرىشچان ئىدىم . مەكتەپ بىلەن ئۆي ئارلىقى بەش - ئالتە كىلو مىتىر كېلىدىغان بولۇپ ئاز دىگەندىمۇ قىرىق مىنۇتلاردا يىتىپ باراتتىم . كىچىككىدەك بولسام يۈگىرەيتىم . شۇ ماڭغانچە مەكتەپ ئالدىغىمۇ كىلىپ قاپتىمەن . بىر توپ بالىلارنىڭ دەرۋازا ئالدىغا يىغىلىپ ، قاتتىق مۇنازىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈمدە تەڭ ئۇلارغا قۇشۇلدۇم . ئەسلى مەكتەپ درۋازىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىلا ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - سەنئەت مەكتىپنىڭ ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئېلانىنى چاپلاپ قويغان ئىكەن ، بۇلارنى كۆرمەي قانداقمۇ سىنىپقا كىرىپ كىتەي . ئېلانغا چىقىرىپ قويۇلغان ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرۈپ بەكلا خوشال بولدۇم ، چۈنكى مەدەنىيەت - سەنئەتكە بولغان ئىشتايىقىم تولىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ھەرۋاقىت رەسىم سىزىش تاختامنى ياندىن ئايرىمايتتىم . مەكتەپتىمۇ خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى ئېلان قىلپ پەسىللىك باھالىنىشلاردىمۇ تەغدىرلىنىپ تۇراتتىم . خوشاللىقىمدا ئىختىيارسىز سىنىپ ئالدىغا كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن .
- كۆردۈڭمۇ ئۇ خەۋەرنى ؟ ئالدىمدىلا ئەڭ يېقىن دوستۇم ياسىن تۇراتتى .
- كۆردۇم ئاداش ! گۈزەل - سەنئەت كەسپىگە قىرىق ئىككى سان بىرىپتۇ . بىز پاراڭلاشقاچ ئورنىمىزغا باردۇق . دوستۇممۇ ئوخشاشلا بۇ كەسىپكە بەكلا قىزىقاتتى ھەم ئالاھىيدە بەسلىشەتتۇق . شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئىزچىل مەشىق قىلىپ ئاۋال ئاتا - ئانىمىزنىڭ رازىلىقىنى ئالدۇق . كىيىنچە ئىمتاھانغىمۇ تىزىملاتتۇق . ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق يېغىپ ئىمتاھان ۋاقتىمۇ كىلىپ قالدى . مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىن بەش ئوقۇغۇچى ئىمتاھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن چوڭلار بىلەن ئاقسۇ شەھرىگە كەلدۇق . ئىمتاھان بەرمەكچى بولغان ئورۇندا ، بىزگە يۇرتلۇق بولغان تۇرسۇن تۇردى ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ ، كۇچادىن كەلگەنلەرگە مەسئۇل ئىكەن . ئۇ كىشى بىز كىلىشىمىزگە ئالدىمىزغا چىقىپ ، ھەممەيلەننى تولىمۇ ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇردى . كەچكى شەپەق نۇرى قىزىرىپ شەھەر مەنزىرلىرى تولىمۇ گۈزەل كۆرىنەتتى . بىرگە كەلگەن يۇرتلۇقلار سىرتنى ئايلانغاچ كەچلىك تامىقىمىزنى يەپ بولۇپلا ئارام ئېلىشقا چۈشۈپ كەتتۇق . ئەتىسى ئەتىگەن ھەرقايسى ناھىيەدىن كەلگەن يېڭى كوماندىلار رەت - رەت تىزىلىپ ئىمتاھان مەيدانىغا يىغىلدۇق . ئىمتاھان ئېلىش زالى خۇددى بەيگە مەيدانىغا ئوخشاش ، ھەر يەردىن كەلگەن كوماندىلار ھەر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىيدە ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىشاتتى . رىقابەت بەكلا كۈچلۈك بولۇپ ، ھەركىم ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان بۇ ئوچۇق مەيداندا پەقەت بىرلا نۆۋىتى بار ئىدى . ئىمتاھاننىڭ بىر باسقۇچى ئەمەلىيەت ، يەنە بىر باسقۇچى نەزىرىيە بولۇپ بىر كۈندىلا تۈگەيتتى . شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلۈك پائالىيتىمىز ئىمتاھان بىرىش بىلەن بولۇپ تىزلا ئۆتۈپ كەتتى . نەتىنجىمىز ئەتىسى چىقىدىغان بولغاچقا ، بىرگە كەلگەنلەر خوشال - خورام ياتاققا قايتتۇق . دوستۇم ياسىن ئىككەيلەن كەچلىك تاماق يىگەچ نەچچە سائەت سىرتنى ئايلىنىپ ، سۈپسۈزۈك چىراقلار بىلەن بىزەلگەن ئاقسۇ شەھىرىنى تاماشا قىلدۇق . ساپ ھاۋالىق شەھەر مەنزىرلىرى بىزلەرنى ئۆزىگە بەكلا جەلىپ قىلاتتى .
- ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ ، ئەمدى قايتامدۇق ؟ ياسىن سەل چارچىغاندەك كۆرىنەتتى .
- قايتايلى . ئارتۇق سۆزلىمەيلا جاۋاپ قايتۇرۇپ قويدۇم . ئىككەيلەن خېلى كۆپ يوللارنى پىيادە يۈرۈپ ئاخىرى ياتاققىمۇ كەلدۇق ، شۇنداقلا كەچلىك ئارام ئېلىشقا چۈشۈپ كەتتۇق . ۋۇجۇدۇمدىكى ھەر تۈرلۈك خىياللار دېڭىز بولۇپ ، چەكسىز تەلپۈنۈشلەرگە بېقىپ زادىلا ئۇخلىيالمايتتىم . بارچە ئارزو - ئىستەكلىرىم ئىمتاھان غەلبىسىگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ خىيال دىڭىزىغا چۆكەتتى . قانداقتۇر يېرىم كېچىگە يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن . تاڭ سۈزلىشى بىلەنلا ئويقۇمدىن ئويغۇنۇپ دەرھال دوستۇم ياسىننى ئويغاتتىم . ئىككەيلەن سىرتقا چىقىپ ئىختىيارسىز ئىمتاھان بەرگەن مەكتەپ تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق . سەھەرنىڭ جىمجىتلىقى روشەن گەۋدىلىنىپ ، پىيادىلەر يولى خۇددى بىز ئۈچۈن ئوچۇق تۇرغاندەك كۆرىنەتتى . خوشاللىق چىھرىمىزدە جۇلالىنىپ گاھ يۈگۈرسەك ، گاھ چاقچاقلىشىپ تىزلا مەكتەپ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمىز ، ئەمما مەكتەپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر تېخى ئىشقا چۈشمىگەن بولۇپ ئېمتاھان نەتىنجىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . ئىككەيلەن ئامالسىز ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇق . ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ ئېمتاھان نەتىنجىسىمۇ ئېلان تاختىسىغا چىقىرىلدى . شۇ تاپتا بىز بەكمۇ خوشال ئىدۇق ، چۈنكى دوستۇم ھەر ئىككىيلىمىز ئالاھىيدە نەتىنجە بىلەن غەلبە قازاندۇق . تۇنجى ئۆتكەلنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ۋۇجۇدۇمدا زور رىغبەت بولۇپ ، كىيىنكى قېتىملىق خۇلاسىلاش ئىمتاھانىنىڭ غەلبىسىگىمۇ تۇلۇق ئىشەنىچ قىلدىم .

ئالتۇن كۈز پەسلى يىتىپ كىلىپ ، ھەممە ياق ئىللىقلىققا چۆمگەن مولھوسۇللۇق مەزگىللەردە ، دوستۇم ھەر ئىككىلىمىز ئۇتۇق قازىنىپ ، ئاقسۇ ۋىلاتلىك مەدەنىيەت - سەنئەت مەكتىپىنىڭ گۈزەل - سەنئەت كەسپىگە قۇبۇل قىلىندۇق . تۇنجى ئەركىن مەنزېلىمنىڭ ئەھمىيەتلىك بولىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم . ۋۇجۇدۇمدىكى كەسىپ قىزغىنلىقى ھەر تەرەپكە ئۆركەشلەپ مەكتەپكە بارىدىغان كۈننى تۆت كۆزۇم بىلەن كۈتتۈم . ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەيلا مەكتەپكىمۇ تىزىملىتىپ ئورۇنلاشتۇق ، ھەم ھەش - پەش دىگۈچە ئوقۇشمۇ باشلاپ بولدۇق . مەكتەپ ئىچى تولىمۇ ئاۋات بولۇپ تەرەپ - تەرەپتىن چىقىۋاتقان ھەرخىل مۇزىكىلارنىڭ مۇڭلۇق ھىدى كىشىنى مەس قىلاتتى ، ئەمما شۇ خوشاللىق ئىچىدىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قايغۇسى بار ئىدى . مەكتەپتىكى كونا ئوقۇغۇچىلار بىلەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوتتىرسىدا ناھايتى قاتتىق ئىنقىلاپ بار بولۇپ ، ئاكىلار خان ئۇكىلار قۇل بۇلۇپ ياشايتتى . ئاكا - ئاچىلارنىڭ ھالى ، ئۇكا - سىڭىللارنىڭ دەردى...
كۈنلەر داۋاملىشىپ بىر يىلمۇ تۇشاي دەپ قالدى شۇنداقلا مەكتەپكىمۇ خېلى كۇنۇپ قالدۇق . كەسپىمنى نەقەدەر ھۆرمەتلەپ ، ئىزچىل مەشىق ئاستىدا قوللۇرۇممۇ ئوبدانلا كۆنۈپ قالغان ئىدى . گەرچە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەردى شۇنچە يامان بولسىمۇ ، ئۆزەمگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئىزچىل كەسپىمنى پىششىقلىدىم . دوستۇم ياسىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئاۋالقىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ زادىلا ئايرىلمايتتۇق . ئائىيلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرىۋاتقىنىمىزغا نەچچە ئاي كام بىر يىل بولغان ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىر - بىرمىزگە ھىسداشلىق قىلىش ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئوخشاش مەجبۇريىتىمىز بولۇپ قالدى . شۇ چىن دوستلۇق ئىچىگە كۈچلۈك رىقابەت مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ كەسىپتىمۇ تىزلا ئىلگىرلىدۇق .

خۇشپۇراق چېچىپ قۇياشقا باققان گۈللەرگە ئوخشاش ، مەكتەپتىكى كونا ئوقۇغۇچىلارمۇ بەكلا ياسىناتتى . ئەتىگەندە بۇنى كىيسە ، چۈشتە ئۇنى كىيەتتى ، كەچلىكى ئاۋۇنىمۇ كىيىپ قوياتتى . قىزلار چاڭچىلدەك ياسنىپ غوجامنى باپلىسا ، يىگىتلەر تۇلكىدەك بولىۋېلىپ چىرايلىقنى ئوينايتتى . خۇددى شۇ ئالماشتۇرۇپ تۇرغان كىيىملەرگە ئوخشاش ، ئۇلارمۇ پات - پات ئۆزلىرىنى ئالمىشىپ تۇراتتى . بۇنداق ئىشلار يىللاردىن مەكتىپىمىزدە مودا بولۇپ ساقلىنىپ قالغان ئىچكى ھەۋەسلەر بولۇپ ، ھەربىر ساۋاقداشنىڭ چېھرىدە ئەينەن ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى . ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ئەتىراپىمىزدىكى بەزى مۇھىيتلارنى ئۆزىمىزگە كۈنسىرى سىڭدۈرۈشكە باشلىدۇق . ئۇياق - بۇياقلارغا ماڭغان قىزلارنىڭ كەينىدىن قارايدىغانمۇ بولدۇق . ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا تولىمۇ گەپتان ئىدىم ، شۇڭلاشقىمىكىن كىلىپ ئوزۇن ئۆتمەيلا سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلاندىم . شۇ جەرياندا سىنىپ خىزمەتلىرىنى قىلىپ كىتىۋېتىپ ، خوشنا سىنىپتىكى سىنىپ باشلىقى قىز بىلەن ئوبدانلا يېقىن بولۇپ قالدىم . ئۇ قىز توقسۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ مەندىن بىر قارار يوقىرى ئىدى . سىنىپ ئارلىقىمىز يېقىن بولغاچقا ، ئادەتتە ھەر ئون مىنوتلۇق دەم ئېلىشتىمۇ كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق . كەچلىك ئۆگىنىشتىن قايتىپمۇ خېلى ئوزۇنغىچە ئايرىلالماي ، ياتاق بىناسى ئالدىدا تۇرۇپ كىتەتتۇق . ياتاققا كىرىپ ئۇخلاش تەييارلىقىمنى قىلىپ ئاستا بېشىمنى ياستۇققا قويۇشۇم بىلەن تەڭ ، ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا تولىمۇ ياراشقان چوڭ جۇپ قوي كۆزلىرى چاقناپ ، ئالمىدەك پارقىراق قىپقىزىل مەڭزىگە ماسلىشىپ كەتكەن سۈپسۈزۇك لەۋلىرى كۆز ئالدىمدىلا نامايەن بولاتتى . ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاللىبۇرۇن بىر - بىرمىزگە ئاشىق بولغان ئىدۇق . ئورنىتىلغان مۇناسىۋىتىمىز چوڭقۇر ئەدەپ - ئەخلاققا بېرىكىپ ، ئارىمىزدىكى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىمۇ بەكلا كۈچلۈك ئىدى . شۇنچە ئوزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇ مەزمۇندا زادىلا پاراڭلاشمايتتۇق .

كۈزنىڭ مەيىن شاماللىرى يۈزۇمنى ئاستا - ئاستا سىپاشقا باشلىدى . بىپايان كەتكەن دالىدا ئېتىز قىرىغا بېشىمنى قويۇپ ، ئىللىق سەھرا ھىدىدىن ھۇزۇر ئالغاچ ، تىپ - تېنىچ كۆك ئاسمانغا نەزەر سالدىم . ھال رەڭ دېكراتسىيە ئالدىدا جۇلالىنىپ تۇرغان چوڭ بۇلۇت پارچىللىرى دىققىتىمنى تارتىپ ، ئىختىيارسىز خىيال دېڭىزىغا مەجبۇرلايتتى . ئۇنىڭ زىلۋا ئىگىز بويلىرى تولىمۇ قاملاشقان بولۇپ سەھنىدىكى سىماسى خۇددى توزغا ئوخشايدۇ . تەبەسسۇم بىلەن قاراشلىرى ۋۇجۇدۇمدا ئۆركەشلەپ ھەر زامان باغرىم كاۋاپ بولاتتى . ھەر - بىر ئېغىز سۆزلىرى گۇيا ھەسەل كەبى تاتلىق بىلىنىپ ھاياتقا بولغان ئۈمۈدۈم كۈنسىرى ئاشاتتى . بىز تۇنجى ئوقۇش يىلىنى غەلبىلىك تاماملاپ ئۆيگە تەتىل قىلىپ كەلدۇق ، ئەمما دوستۇم ئايگۈل ئاقسۇ شەھەرلىك سەنئەت ئۆمەكتە قالغان ئىدى . شۇ يىللارى تارىم ناخشا - ئۇسۇل سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ، دولان چېچەكلىرى ناملىق ئوپىراسىنى تەييارلاۋاتقان چاغلار بولۇپ ، مەكتىۋىمىزدىن نۇرغۇن ئۇسۇلچى ئۇقۇغۇچىلار قاتناشتۇرۇلغان ، ھەم ئايگۈلمۇ شۇلار توپىدا ئىدى .
كۈنلەر داۋاملىشىپ تەتىل توشىدىغان ۋاقىتمۇ ئاز قالدى . ياسىن ئىككەيلەن ماڭىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ، بارلىق تەييارلىقىمىزنى قىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىشقا تەييار بولدۇق . بۇ يىل بىز ئىككىنجى يىللىققا چىققان بولغاچقا مەكتەپ بىلەنمۇ خېلە ئۆزلىشىپ قالغان ئىدۇق . ئاتا - ئانىمىز دېھقانچىلىق ئىشلىرنىڭ ئالدىراشچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، شۇ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ئۆزلىرى ئاپىرىپ جايىدا تاپشۇرالايدۇ دەپ قاراپ قولىمىزغىلا تۇتقۇزۇپ قولغان ئىدى . نەچچە كۈندىن كىين يازلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىلگەن ۋاقىت توشۇپ خاتىرجەم مەكتەپكىمۇ كىلىۋالدۇق . نەرسە - كېرەكلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلۇپلا ئەڭ ئاۋال ئايگۈلنى ئىزدىدىم . ئەمەلىيەتتە ئايگۈلمۇ مىنىڭ كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ ئاتايىن ئۆمەكتىن مەكتەپكە چىققان ئىكەن ، ياتاق بىناسى ئالدىدىلا ئۇچرىشىپ قالدۇق . تۇيۇقسىز ئۇچۇرشۇپ بولدۇممۇ قانداق نەپەسلىنىشىم تولىمۇ تۇراقسىز ئىدى .
- تېنىچلىقمۇ ؟ ئاۋازىم تىتىرەپ ئارانلا شۇنى دىيەلىدىم .
- تېنىچلىق ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ ئەسلى بالدۇرلا ئالدىڭىزغا چىقماقچى ئىدىم ، چۈشتىن كىيىنكى مەشىق بەكلا جىددى بولغاچقا كىچىكىپ قالدىم . ئۇز نازلىنىش ئىچىدە چىقىۋاتقان يۇمران سۆزلەر قەلبىمنى بەكلا ھاياجانغا سالاتتى .
- ھىچقىسى يوق ، رەخمەت . ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراي دەپ شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ زادىلا مۇمكىن بولمىدى . ئىككەيلەن ئاستا مېڭىپ پاراڭلاشقاچ مىنىڭ ياتىقىمغا كىردۇق . سەھرادىن ئېلىپ كەلگەن قاق - ياڭاقلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم . ياتاقداشلىرىمدىن نەچچىسىلا كەلگەن بولۇپ ھەممەيلەن بىرلىكتە يىمىش يىگەچ خېلە ئوزۇن پاراڭلاشتۇق . كىيىن ئايگۈلنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم ، چۈنكى ئۇ مەشىق مەزگىلىدە ئۆمەكتە تۇرىدىغان بولۇپ قايتمىسا بولمايتتى . ئىككەيلەن كەچلىك تاماقنى بىرگە يىگەندىن كىيىن ئۇنى ئۆمەككە ئاپرىپ قويدۇم . ئەتىسى دوستۇم ياسىن ئىككەيلەن سىنىپ مەسئولىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇقۇش پۇلىمىزنى تاپشۇرماقچى بولدۇق . ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئائىلىسى دېھقاچىلىق بىلەن شوغۇنلىنىدىغان بولغاچقا ، ئاتا -ئانىمىز ئۇقۇش پۇلىمىزنىڭ يېرىمىنى ئارانلا جايلاپ بەرگەن ئىدى . پۇللارنىڭ كام قىسىمىنى بىز دۆلەت بايرىمىدا ئۆيگە بارغىچە پاختىلارنى سېتىپ تەييارلاپ قويماقچى بولغان ، ئەمما ئىشلار ئويلىغىنىمىزدەك بولماي قالدى . بەنجۈرىنىمىز ئوقۇش پۇلىنى توپلا ئالىمەن دەپ گىپىدە چىڭ تۇرىۋېلىپ بىزنى قايتۇرۋەتتى . ئىككەيلەن ياتاققا چىقىپ مۇزاكىرە قىلىشىپ يېنىمىزدىكى پۇللارنى بايرامغىچە بانكىدا ساقلىماقچى بولدۇق . مەكتەپ ئالدىدىلا سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ شۆبە تۇرۇشلۇق بانكىسى بار بولۇپ ئىككەيلەن شۇ جايغا چىقتۇق . بانكىغا كىرگەندىن كىيىن بەزى ئىشلارنى بانكا خادىملىرىغا تەپسىيلى چۈشەندۈرۈپ تىزلا ئىشلىرىمىزنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتۇق . ئۇ چاغلاردا مەخپى نومۇرلۇق كارتىلار نىمە ئىش ، قەپەت قىزىل تامغىسى بار قەغەز چەكلا بېجىرلەتتى . ئىككەيلەن پۇللارنى ئۆز نامىمىزدا بانكىغا سالغاندىن كىيىن چەكنى پۇختا ساقلىدۇق . ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي مەكتەپ رەھبەرلىكى ، ئومۇمىيۈزلۈك ئوقۇغۇچىلارنى ئاقسۇ شەھىرىگە تولىمۇ يىراق بولغان ، ئون بىرىنجى تۈۋەن دېھقانچىلىق رايۇنىغا ، پاختا تىيىش ئەمگىكىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى . ئون بەش كۈنلۈك جاپالىق ئەمگەك ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھەممەيلەن بىرلىكتە يەنە مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق . ئەتىسى سەھەردە ھەممە ئوقۇغۇچىلار بايراملىق ئۆيگە ماڭىدىغان بولغاچقا ، نەچچە ساۋاقداش بىرلىكتە مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ كەتتۇق . ئايگۈلمۇ بايراملىق ئارام ئالغانلىقى ئۈچۈن شۇ تاپتا يېنىمدا ئىدى . نەچچەيلەن ھاۋاسى ساپ شەھەر مەنزىرلىرىنى تاماشا قىلغاچ مەلۇم بىر ئارامگاھتا تاماق يىيىشتۇق . ئوغۇللار ئانچە - مۇنچە ئىچىشىپمۇ قويدۇق . سورۇنىمىزنىڭ كەيپىياتى بەكلا ياخشى بولۇپ سائەتنىڭ ئون بىر بولغىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمىز . بەزىلەرنىڭ كاللىسى مەستلىكتىن گاراخ بولۇپ كېچىدە مېڭىش بەكلا تەس ئىدى . ئارىدىن نەچچىمىز كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ مەكتەپكە قايتتۇق . مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىلا يېڭى كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياتىغى بار بولۇپ ، ئۇلار ئاللى بۇرۇن ئۆيلىرىگە كىتىپ بولغان ئىكەن . نەچچىمىز بىلىندۇرمەي شۇ ياتاقلارنىڭ مەلۇم بىرىگە كىرىۋالدۇق . ئايگۇل بۇ كېچە يېنىمدا بولۇپ بەكلا خوشال ئىدىم . كۆڭلۈمدىكى يىغىلىپ قالغان سۆزلەرنى دىيىش پۇرسىتى بەلكىم بۈگۈن بولىشى مۇمكىن . ئۇنى پىششىق قاماللاپ ، باغرىمغا بېسىپ نىمىلەرنى دىيىشنى ئويلىنىشقا باشلىدىم . بەلكىم ھېلى ئىچكەن مەينىڭ كۈچى بولسا كېرەك ئوبدانلا شاش ئىدىم . دەسلەپتە سۆزلىرىمنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم . ياتاق ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ پەقەت ئۇنىڭ ھىدىنىلا پۇرىيالايتتىم . ياتاقنىڭ يەنە بىر بولۇڭىدا بىرگە كىرگەن ناچچەيلەننىڭ پىچچىرلىغان ئاۋازى يەر ئاستىدىن بوش ئاڭلىنىپ تۇراتتى . شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ مەڭزى يۇزۇمگە سىلىق تىگىپ قانداقتۇر ئۆزەمنى يوقۇتۇپلا قويدۇم . باش قىسىمىم ئاستا - ئاستا ھەركەتلىنىپ ئۇنىڭ ئىسسىق لەۋلىرىگە ، لەۋلىرىم يېقىنلىشىشقا باشلىدى . شۇنچە كۆيۈپ ، ئىشقىدا چۇچۇل بولغان چىن سۆيگۈلەر بۇ ئەھۋالدا قانداقمۇ چىدىسۇن ، ئاللىبۇرۇن لەۋلەر يەملىشىپ ئىرماش - چىرماش بولۇپ كەتتى . شىرىن تەملەرنىڭ لەززىتىدە شالاپ - شۇلۇپ ئاۋازلار ھېلىھەم ياتاق ئىچىدە ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى . چەكسىز مۇھاببەتكە تولغان گۈزەل كېچە شۇنچە تىز ئۈتۈپ كەتتى . شىرىن سۆيگۈلەر ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنىمۇ سەزدۈرمەپتۇ . تاڭنىڭ سۈزلىشى بىلەن ياتاقتىكى نەچچىمىز بىر - بىرلەپ سىرتقا چىقىپ كەتتۇق ، شۇنداقلا مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ ناشتا قىلغاچ ئۆيگە مېڭىش مەسلىھەتىنى قىلىشتۇق . شۇ ئەسنادا بىر ساۋاقداش مەكتەپ ئالدىغا ماشىنا كىلىپ ، كۇچا ، توقسۇ ، شايارغا ماڭىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنى ئوپچە ئېلىپ ماڭماقچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى . ھازىر بەكلا ئەتىگەن بولۇپ ، بانكا خادىملىرىنىڭ ئىشقا چۈشىشىگىمۇ خېلە ئوزۇن ۋاقىت بار ئدى . مەندە پەقەت تاماق يىگىدەكلا دەسمىي بار بولۇپ قالدىسىنى ھېلىغىچە غەملىمەكچى بولغان . ئايگۇل بىلەنمۇ تېخى ئەمدىلا يېقىن بولغان تۇرسام ، ئۇنىڭغا سائەت سەككىزدىن كىيىن ماڭىلى دەپ ، قانداقمۇ ئېيتالاي . شۇ تاپتا بۇ خەۋەر بېشىمنى قوچۇپ نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم . دوستۇم ياسىندىمۇ پۇل قالمىغان ئىدى . ئەسلى ئىككەيلەن ماڭىدىغان چاغدا بانكىدىن ئازراق پۇل ئېلىپ ئاندىن ماڭماقچى بولغان ئىدۇق ، بىراق ئىشلا تۇرۇپلا ئۆزگىرىپ كەتتى . تاماقنى يەپ بولۇپ ئايگۈل ياتاققا نەرسىللىرىنى ئالغىلى كىرىپ كەتتى . شۇ تاپتا نىمە قىلارىمنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدىم . قانداق بولغىنى ئەمدى ؟ بىر يىگىت تۇرۇپ كىراغا چۇشلۇقمۇ پۇل تاپالماسمەنمۇ ؟ قات - قات مەسلىلەر ئۈستىدە ئىزلىنىشكە باشلىدىم . ياسىننىڭمۇ ئىچى بەكلا سىقىلاتتى . تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئوي كىلىپ قالدىدە ؛
- ئاغىينە بىزدە نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنىڭ چېكى بار ئەمەسمۇ ، مۇشۇ چەكنى ئىشەنچىلىك بىرەرسىگە رەنىگە قويۇپ ئازراق پۇل ئالمامدۇق .
- قانداق بولار ؟ ياسىن سەل ئەنسىرەپ قالدى .
- بولۇپمۇ قالار ئاداش ، ماۋۇ ئاشخانا خۇجايىنى بىلەن كۆڭلىمىز خېلە يېقىنغۇ ، ئېيتىپ باقمامدۇق .
- ئۇنداقتا سەن دىگىنە ، گەپكىمۇ ئۇستا ئۆزۈڭ . ياسىن يەنىلا ماڭا قويۇپ بەردى . ئاستا
ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ، ياندىكى ئاشخانا خۇجايىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بەزى ئىشلارنى تەپسىيلى چۈشەندۈردۈم . تەلىيىمىزگە يارىشا خۇجايىن تەلىپىمىزگە قوشۇلۇپ ، قولۇمدىكى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز يۈەننىڭ چېكىگە ئىككى يۈز يۈەن نەق پۇل ئالماشتۇرۇپ بەردى .
- رەخمەت ئاكا ، ئۆيدىن قايتىپ كىلىپلا پۇلۇڭنى قايتۇرىمەن ، شۇنداق بىر ئەسقاتتىڭ ياخشىلىقىڭنى چوقۇم ئۇنۇتمايمەن ، رەخمەت ساڭا . ئۇنىڭغا ئارقا - ئارقىدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرۈشكە باشلىدىم .
- ھىچقىسى يوق ، كىچىك ئىش بۇ ، ھې ھې ھې !
خۇجايىن كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ ، مېيقىدا كۈلۈپ قويدى . شۇنداق قىلىپ ئىشلارمۇ ئاسانلا توغىرلىنىپ كەتتى . خۇجايىن بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن مەكتەپ ئىچىگە كىردۇق ، شۇ ئەسنادا ئايگۈلمۇ چىقىپ بولغان ئىدى . ئوزۇن ئۆتمەيلا چوڭ ئىككى ئاپتۇبۇس مەكتەپ ئالدىغا تارتىلىپ ، بىرگە ماڭىدىغانلار بىر - بىرلەپ ئورۇنلاشتۇق . كۇچا ، توقسۇغا ماڭىدىغان ئاپتوبۇس بىر بولۇپ ئوزۇن تۇرمايلا قوزغۇلۇپ كەتتۇق . يول بۇيى پەرىشتەم يېنىمدا بولغاچ زادىلا زېرىكىش ھىس قىلمىدىم . ئاپتوبۇس ئىچىدىن چىقىۋاتقان كۈلكە - چاقچاقلار ساداسى ئۇرغۇپ تىزلا توقسۇ ناھىيەسىگە كىلىپ قالدۇق . شۇ تاپتا ئايگۈل چۈشۈپ قالاتتى ئەمما ئايرىلىش بەكلا تەس بولدى . كۈندە بىرگە يۈرۈپ كۆنگەن ئاشىقلار قەلبى ، بۇ قىسقىغىنە ئايرىلىشقا چىدىمايدىغاندەك قىلاتتى . ئەمما نىمە ئامال . ئاپتوبۇس توقسۇ ناھىيەسىگە كەلگەندە بېكەت ئىچىگە كىرىپ توختىدى شۇنداقلا بىر قىسىم بالىلار چۈشۈپ قالدى . ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەڭ مەنمۇ پەسكە چۈشتۈم . ئۇنىڭ چېھرىدە ئەكىس ئىتىپ تۇرغان گۈزەل سۆيگۈسى قانداقتۇر يۆرىكىمنى لەختە قىلىپ ، ئايرىلىشنىڭ نەقەدەر تەس بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلاتتىم . ئىككەيلەن ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا تەرپىگە ئۆتۈپ نەچچە مىنۇتلا بىرگە تۇرالىدۇق . تاتلىق تەلپۇنۇشلەرگە تولغان جۇپ كۆزلەر شۇ تاپتا بىر - بىرگە قادىلىپ سۈكۈتتە تۇراتتى ، تۇيۇقسىز ماشىنا سىگىنال بەردى .
- خوش تاتلىقىم ، بېرىپلا تېلىفۇن قىلىۋېتىمەن . ئامالسىز ئاپتوبۇسقا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم .
- خوش قەدىرلىكىم . ئۇمۇ تەڭ بوينۇمغا ئېسىلغانچە مەڭزىمگە بىرنى سۆيدى . شۇ قىسقىغىنە ھاياجانلىنىش ئىچىدە يۈزلىرىم قىزىرىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم . ئۇنىڭدىن شۇنچە تەستە ئايرىلىپ ئاپتوبۇسقا چىقىشىمغىلا كىيىنكى مەنزېلگە يۈرۈپ كەتتۇق . دەرىزە يېنىدا ئولتۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر تاشلىغانچە ئونىڭ بىلەن بىرگە قالغان قەلبىمگە توختىماي تەسەللى بېرەتتىم . خىيالنىڭ ئىچىدە خىياللار ئەكىس ئىتىپ يۇرتقىمۇ تىزلا كەپ قالدۇق .
بۈگۈن پەيشەنبە ، خانقىتام بازىرى بەكلا ئاۋات بولۇپ ، قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن سەھرا يوللىرىدا ماڭماق تولىمۇ تەس ئىدى . ھەرخىل رەڭلىك يايما - لەمپىلەرنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ قىزغىن چاقىرىق ئاۋازلىرى بازار شاۋقۇنىنى يەنە بىر پەللە يوقىرى كۆتىرەتتى . ئىككەيلەن ئارىلاپ مېڭىپ يۈرۈپ ئوزۇن ئۆتمەيلا ئايرىلدۇق . ياسىننىڭ ئۆيى بازار ئىچىدە بولغاچقا چوڭ كوچا ئېغىزىدىلا خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتتى . بازار ئىچىدە ئادەملەر بەكلا كۆپ بولغاچقا خېلە ئوزۇن ئارىلاپ يۈرۈپ تەستە ئائىيلەمدىكىلەرنى ئۇچىراتتىم . بۈگۈن يېزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بازار كۈنى بولۇپ ، ئەسلى ئائىيلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بازارلىق قىلىش ئۈچۈن چىققان ئىكەن .
- ۋاي ئاپئاق بالام . ئاپام بوينۇمغا ئېسىلغانچە شۇ سۆزنى ئارانلا دىيەلىدى ، تۆكۈلۈپلا كەتتى . ۋۇجۇدۇمغا تولغان سېغىنىش ئىستەكلىرى ئاپامىنڭ يىغىسىنى كۆرۈپ تەڭلا پارتلاپ كەتتى . ئۆيدىن ئايرىلغىلى بىر ئايمۇ بولمىغان تۇرۇپ بۇ سېغىنىشلىق كۆرۈشۈش شۇنچە ئاچچىق ئىدى . ئائىيلىدە مەن بىرلا ئوغۇل بولغاچقا ئاپام زادىلا چىدىمايتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ يىغىسى ھىچ پەسلەيدىغاندەك ئەمەس .
- بولدى ، تۆكىۋېرىدىكەنسەن ، قالدىسىنى ئۆيدە . ئاتام تولىمۇ قىزىقچى بولۇپ بىردەمدىلا ھەممىمىزنى كۈلدۈرىۋەتتى . شۇنداق قىلىپ بىر - جەم ئائىيلە ئوزۇن تۇرمايلا ئۆيگە قايتتۇق . كەچلىكى نەچچە كۈنلۈك مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرىمنى بىرمۇ - بىر ئائىيلەمدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردىم . ئاپام ئەتكەن مەزىلىك تائاملارنىڭ ھىدى ئۆي ئىچىنى قاپلاپ ، ئىسسىق ماكاننىڭ نەقەدەر جەننەتتەك نۇر چېچىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇراتتى . كېچە - كۈندۈزگە ئۇلۇشۇپ نەچچە كۈنلۈك ۋاقىتمۇ تىزلا ئۆتۈپ كەتتى . بايراملىق ئارام ئېلىش ئون كۈنلۈك بولغاچقا نەچچە كۈندىن بىرى ئۆينىڭ ئىشلىرىغىمۇ خېلە كۆپ ياردەملىشالىدىم . پاختىلارنى سېتىشىپ ئوقۇش پۇلۇمنىڭ قالدۇقىنىمۇ غەملەپ قويدۇم . ئەتە كۈندە بىز مەكتەپكە ماڭىدىغان بولغاچقا بارلىق تەييارلىقلىرىمنى قىلىپ ئائىيلەمدە بولدۇم . ئۆي ئىچى قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈپ يېقىن ئورۇق - تۇققانلىرىمنىڭ ھەممىسى بار ئىدى . چۈشتىن كىيىن ئائىيلىدىكى ئوپچە غىزارلىنىش بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ ، يىراق - يېقىندىن كەلگەنلەر بىلەن چىرايلىق خوشلاشتىم . ئورۇق - تۇققانلىرىم ئاز بولسىمۇ ھەر تەرەپتىن كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ يوللۇق تۇتىشاتتى .

سەھەر ئەلچىسى چىللاپ پۈتۈن كائىنات يورۇشقا باشلىدى . ئەتىگەنلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەييارلىقىمنى قىلىشقا باشلىدىم . شۇ قىسقىغىنە نەچچە كۈنلۈك ئارام ئېلىش جەريانىدا جاناننى تولىمۇ سېغان ئىدىم ، شۇڭلاشقىمىكىن سەپەرگە بەكلا ئالدىرايتتىم . بارچە تەييارلىقلىرىمنى پۇختا قىلىپ ئوزۇن ئۆتمەيلا يۈرۈپ كەتتىم . ئائىيلەمدىكىلەر يېزا بازىرىغىچە بىرگە چىقىپ ئوزۇتۇپ قويۇشتى . ياسىن ئىككەيلەن ناھىيە بازىرىغا بارغاندىن كىيىن ، توقسۇ ناھىيەسىگە يۈرۈپ كەتتۇق ، چۈنكى ئايگۈل بىلەن ئۆيگە ماڭىدىغان چاغدىلا كىلىشىپ قويغان ئىدۇق . ئىشلار ئەسلىدىكى پىلان بۇيىچە بولۇپ توقسۇ ناھىيەسىگىمۇ كەلدۇق ، شۇنداقلا ئاشىقىم بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ ئاقسۇ شەھىرىگىمۇ خاتىرجەم يۈرۈپ كەتتۇق . ئۇنىڭ بىلەن ئورنىمىز بىرگە بولۇپ يول بۇيى قىزغىن پاراڭلار بىلەن مۇڭدىشاتتۇق . ئاشىقلىقىنىڭ تېۋىدە جۇلالىنىپ تۇرغان چىن سۆيگۈلەر ، بىر - بىرىگە بېقىپ مەنزېلگىمۇ تىزلا يەتتۇق . مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ياتاقلىرىمىزغا كىرىپ نەرسە - كېرەكلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇردۇق . قەدت كۆتىرىپ تۇرغان مەكتەپ بىناسى ئالدىدا ، ھەر يەردىن كەلگەن ساۋاقداشلار يىغىلۋېلىپ بەس - مۇنازىرىگە چۈشەتتى . بىلىم ماكانىنىڭ ئىللىقلىقى تىزلا ئەسلىمگە قايتۇرۇپ سېغىنغان شەيئىلەرگە ئىچكىرلەپ نەزەر سالاتتىم . ئارىدىن ئانچە ئوزۇن ئۆتمەيلا ئايگۈلنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئۇنى چاقىرىپ چىقتىم ، شۇنداقلا ياسىن قاتارلىق نەچچەيلەن تاماق يىيىش ئۈچۈن مەكتەپ سىرتىغا چىقتۇق . شۇ تاپتا مەكتەپ ئالدىدىكى ھېلىقى تاماقخانا تاقاق تۇراتتى . بەلكىم نەچچە كۈندىن بىرى ئوقۇغۇچىلار بولمىغاچقا ئاچمىغان بولىشى مومكىن ، ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى ئويلاپ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم . يەنە ئازىراقلا ماڭساق قەشقەرلىك ئۇستام ئاچقان كىچىك بىر تاماقخانا بار ئىدى ، ھەممەيلەن شۇ جايغا كىردۇق . يول بويى سەپەر ئاتلاپ ئېچىرقاپ كەتكەنلەر ، ھەر تەرەپتىن ھەرخىل تاماقلارنى بويرۇتۇپ تىزلا غىزالاندۇق ، شۇنداقلا مەكتەپ ئىچىگە قايتىپ كىرىپ كەتتۇق . رەسىم سېزىش ئۆيىمىز گەرچە قالايمىقان بولسىمۇ ، مۇھاببەتلىشىشكە تولىمۇ ئەپلىك ئىدى . كەچلىكى ئايگۈل بىلەن خېلى ئوزۇن شۇ جايدا سىردىشىپ ، ئېچىرقاپ كەتكەن دىللارنىمۇ سۇغاردۇق . ئىسسىق گەۋدىلە بىر - بىرىگە چاپلىشىپ ، ۋۇجۇدىمىزدىكى ۋالقۇنجاپ كۆيىۋاتقان ئوتلار يەنىمۇ شىددەت بىلەن داۋالغۇيتتى . ئۇنسىز كۆيگەن ئاشىقلارنىڭ چېچىكى تولىمۇ خۇش پۇراق بولۇپ ، جانانغا باققانچە باقاتتىم . ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ بولدى . ئىككەيلەن قولتۇقلۇشۇپ پەسكە چۈشتۇقدە خوشلىشىپ ياتاقلىرىمىزغا قايتتۇق ، شۇنداقلا ساپ سۆيگۈنىڭ ھارارىتىدە تاتلىق ئويقۇغا كەتتۇق . ئەتىسى سەھەردە ياسىن ئىككەيلەن يەنىلا سىرتتىن تاماق يىيىش ئۈچۈن ، مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپى بىلەن سىرتقا چىقتۇق . مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ تۈزۈمى چىڭ بولغاچقا ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار سەۋەپسىز سىرتقا چىقالمايتتى . ئەتىگەنلا ھېلىقى تاماقخانا خۇجايىنىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ، رەنىگە قويغان پۇل چىكىمنى قايتۇرىۋېلىشىنى ئويلىشىپ مۇشۇنداق ئارقىدىن مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق . ئىككەيلەن خېلى ئوزۇن ماڭغاندىن كىيىن ئۇ تاماقخانا ئالدىغىمۇ كەلدۇق ، بىراق تاماقخانا يەنىلا تاقاق ئىدى . نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي بىر ھازا تۇرۇپ كەتتۇق . يان تەرەپتە چۆپ تەرگە مىيلەنگە ناۋاي ئۇستام ، رېتىم بىلەن تونۇرغا قوللىرىنى تىقىپ نان يېقىۋاتاتتى ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا باردۇق .
- نان ئالامسىلەر ؟ ناۋاي ئۇستام قوللىرىنى ھىمىرگەچ بىزگە قارىدى .
- ھازىر نان ئالمايمىز ئاكا ، ماۋۇ ئاشخانىنى نىمىشقا ئاچمىدى ؟ ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەچ سورىدىم . ناۋاي ئۇستامنىڭ دىيىشىچە ، ئاشخانا خۇجايىنى قىمار ئويناپ باشقىلارغا بەكلا كۆپ قەرىز ئىكەن ، شۇنداقلا مۇشۇ يەتتە - سەككىز كۈندىن بىرى تۇيۇقسىزلا غايىپ بولۇپتىمىش . بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم . ۋاي ئىسىت ، ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ ئىچى - ئىچىمدىن بىئارام بولاتتىم . شۇ ئەسنادا دەرھال بانكا ئىسىمگە كەچتىدە ، يۇگەرگەنچە دەسلەپتە پۇلنى ئامانەتكە قويغان سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق . بانكا خادىملىرىمۇ ئەمدىلا ئىشقا چۈشكەن بولۇپ كىرىشىمىزگىلا ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى . ئىككىنجى ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ياش ئويغۇر ئايال بانكىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈردۇق . ئۇ مىھرىبان ھەدە سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ بەكلا ئىچ ئاغرىتتى ، شۇنداقلا تەكشۈرۈپ بەرمەكچى بولدى . بىر ئازدىن كىيىن بارلىق ئىشلار ئېنىقلىنىپ بېشىمنى تېخىممۇ ئېلەشتۈرىۋەتتى . شۇ تاپتا چەكتىكى پۇللار يوق بولۇپ ، بىز بايراملىق ئۆيگە ماڭغان كۈنىلا ھىساپ قىلىنغان ئىكەن . بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ دەمانلىققا قوبۇل قىلالماي قالدىم . دەۋىرىمگە بولغان ئىشەنچىمنى تۇمانلار قاپلاپ ، كۆزلىرىمدە ياش ئەگىشكە باشلىدى . دوستۇم ياسىن ھەر تەرەپتىن تەسەللى بىرىپ بار كۈچى بىلەن كۆڭلىمنى ئۇتۇشقا تىرىشاتتى . مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئىككەيلەن سالپىيشىپ مەكتەپ ئىچىگە كىردۇق ، شۇنداقلا سىنىپ مەسئولىمىزنى ئىزدەپ ئىشخانىسىغا باردۇق .
- قانداق باللىرىم كىرىپ قالدىڭلارغۇ ؟ قېنى ئولتۇرۇڭلار . سىنىپ مەسئۇلىمىز كىرىشىمىزگىلا ئەدەپ بىلەن تەكلىپ بەردى . كۆڭلۈم پەرىشان بولغاچقا سۆزلەشمۇ قىيىن ئىدى . ياسىن بارلىق ئىشلانى چۈشەندۈرۈپ بىرمۇ - بىر ئوتتۇرغا قويدى ، ئەمما سىنىپ مەسئولىمىز بۇ ئىشلارغا ئانچە قىزىقماي قالدى .
- ئۇنداقتا شۇ كىشى پەيدا بولغاندا كۆرۈشۈپ باقاي . ئۇ باشقا سۆزلىمەيلا دەرسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى . ئىككەيلەن سىنىپ مەسئولىمىزنىڭ نا مۇۋاپىق جاۋابىدىن رازى بولماي بىر ھازا سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ كەتتۇق . شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن يىگەن تاماقلىرىممۇ سىڭمەي ، ئولتۇرسام - قوپسام شۇ نائەھلى خۇجايىننىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم . بېكار بولۇپ قالغان چاغلاردا داۋاملىق ئۇ قۇيمىچىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلدىم ، ئەمما ئازراقمۇ ئۈمۈد بولمىدى . كۈنلەر كەينى - كەينىدىن داۋاملىشىپ ئۆتىۋەردى ، بىراق سىنىپ مەسئولىمىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ بۇ ئىشلارنى نەچچە قېتىم ئېيتقان بولساقمۇ زادىلا پايدىسى بولمىدى . بىلىپ بىلمەي خاتا دەسسىۋالغان قەدەمنىڭ بېشىمغا چوڭ دەرتنى ئېلىپ كىلىشى خىيالىمغىمۇ كىرمىگەن ئىدى . كۈندىن - كۈنگە غەملىرىم كۆپىيىپ ، قويغان - تۇتقانلىرىمنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ قالدىم . ئۆيدىن ئېلىپ كەلگەن كىيىنكى پۇللارنىمۇ يەنىلا شۇ بانكىغا سېلىپ ساقلىدىم . ئايگۈل بەزى ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولۇپ ، بىلىپ قېلىشىنىمۇ زادىلا خالىمايتتىم . ئۆزەم تاپقان بالانى ، ئۆزەم يىغىشىم كېرەك ئىدى ، شۇڭلاشقا ئۆيدىكىلەرگىمۇ ئېيتالمىدىم . ئەنسىز كۈنلەر داۋاملىشىپ ئۆتىۋەردى ، ئەمما سىنىپ مەسئولىمىز ئۇقۇش پۇلىنى بىرەر قېتىممۇ سۈيلەپ قويمىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزى قايغۇلارنى ئانچە بەك ئويلاپمۇ كەتمەيدىغان بولدۇم .

ھاياتقا بولغان تەلپۇنۇشلەر كۈنسىرى كۈچىيىپ ، غايىۋى ھەۋەسلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئاشىقلىق نىداسى پەللىمۇ - پەللە يوقىرىغا يامىشاتتى . سۆيگۈمگە ئاتىۋېتىلگەن بارلىقىم ، ھايات مۇساپەمنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى بولۇپ ، قايغۇلارنىمۇ ئاستا - ئاستا ئونتۇشقا باشلىدىم . شۇ يىللارى كىشلەر چاقىرغۇ ئىشلىتىشنى مودا قىلىۋالغان بولۇپ ، مىنىڭمۇ بىرنى ئىشلەتكۈم كىلىپ قالدى . كونىلارنىڭ ماقال تەمسىلىدە ، ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس ، دىيىلگەندەك ، بەزى بالىلارنىڭ ھاككاۋۇرلۇقىغا قاراپ تۇرغىلى بولمايتتى . ئوقۇش پۇلۇمنىڭ قالغان قىسىمىنى بانكىدا ساقلاۋاتقىنىمغا خېلە ئوزۇن بولغان بولسىمۇ زادىلا بۇزۇپ - چېچىۋەتمىگەن ئىدىم . ئۆتمۈشۈم داۋاملىشىپ ئەتىراپتىكى سېسىق مۇھىيتلارنىڭ تەسىرىدە بۇ پۇللارغىمۇ كۆز قىزارتىشقا باشلىدىم . نادانلىق ئەقىلغا سىغماي خاتا قەدەملەر يەنىلا داۋاملىشىپ بەزى قايغۇلاردىن بانكىدىكى پۇللارمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئىدى . بۈگۈن كۈنگە جۈمە بولۇپ تاڭ ئاتسىلا شىكەر شەنبە - يەكشەنبە كېلەتتى . قاياقتىندۇر شەيتان جىلۋىسى يول باشلاپ ئىككىلەنمەيلا بانكىغا چىقتىمدە ، نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى ئورنىدىن قومىرىۋەتتىم . ئىدىيەمدىكى تەۋەككۈلچىلىك ئېڭى كۈچىيىپ ، ئوقۇش پۇلۇمنىڭ ئورنىنى قايسى يوللار بىلەن تولدۇرۇشنى زادىلا ئويلاشمىدىم . نۆۋىتى كەلگەندە بولار بىر ئىش دەپ ، يانچۇقۇمغا پۇلنى سالدىمدە ئودۇل شەھەر مەركىزىگە باردىم . قاتار سېلىنغان ھەيۋەتلىك سودا - سارايلار بىر - بىرىدىن قېلىشقۇسىز بولۇپ قايسى بىرىنى تاللاش تولىمۇ قىيىن ئىدى . بەزى ئىشلارغا قىزىقىپ يالغۇزلا كەلگەچكە ئانچە ئايلىنىپمۇ كەتمىدىم ، شۇنداقلا ئودۇلۇمدىكى سودا - سارايغا كىرىپ باھامۇ تالاشماي بىر دانە چاقىرغۇنى سېتىۋالدىم . ئېزىتقۇ ھەۋەسنىڭ دەشتىدە بورۇختۇم بولۇپ ، شەيتىنىم قايسى يوللاردا ئېلىپ كىتىۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمەيتتىم . بۇرمىلىنىپ كەتكەن ئىدىيەم قاياقلارغا باشلاپ يېنىمدا ئېشىپ قالغان ئازغىنە پۇللارنىمۇ بوش قۇيىۋەتمىدىم . شۇ خوشاللىقىمدا خەلقئارالىق كىيىم كېچەكلەر بازىرىغا بېرىپ بىر نەچچە يۈرۈش كىيىم - كېچەكمۇ سېتىۋالدىم . شۇنداق قىلىپ ئامانەتتە ساقلىنىۋاتقان پۇللار ئاز - ئازدىن ئىشلىتىلنىشكە باشلىدى . پۇلنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ھەر قانداق كىشى بىلىدۇ ، ئەمما جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالالايدىغانلىقىنى سەزمەي قاپتىمەن . نائىنساپنىڭ بورىنىدا قالغان پۇللار ، شۇنداقلا يېنىمغا ئېسىۋالغان چاقىرغۇ ئىدىيەمنى ئۆزگەرتىپ كۈندىن - كۈنگە ياۋۇزلىشىشقا باشلىدىم . جەمىيەتتىنمۇ نەچچە بالىلار بىلەر مۇناسىۋەت باغلاپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدىم . دەسلەپكى سىرت بىلەن بولغان ئالاقەم ياخشى بولۇپ ، دەم ئېلىش كۈنلىرى بەزى ئۇرۇنلارنىڭ ئېلان - تاختا ، تەشۋىقات شۇئارلىرىنى ئىشلەپ پۇل تېپىپ خەجلىيەلەيدىغان بولدۇم . ئايگۈل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئالاھىيدە ياخشى بولۇپ ھەركىم ھەۋەس قىلىشاتتى . ۋۇجۇدۇمدىكى شىرىن تۇيغۇلار رەت - رەت تىزىلىپ يىگىتلەرگە خاس جەسۇرلۇقۇممۇ كۈنسىرى ئېچىلىشقا باشلىدى . قەلىبلەر سۆيگۈنىڭ تېۋىدە جۇلالىنىپ كۈندىن - كۈنگە تەرەققى قىلىشقا باشلىدۇق . بىر - بىرىمىزگە بولغان مېھرىمىز تولىمۇ چۇڭقۇر بولۇپ ھال - مۇڭداشساق سۆزلىرىمىز زادىلا تۈگىمەيتتى . بەزى چاغلاردا ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىسا ئۇ چاندۇرماي ياتىقىدا قوندۇرۋالاتتى ، شۇ ئەسنادا باشقا ساۋاقداشلارمۇ تەڭ ماسلىشىپ ياتاق باشقۇرغۇچىللىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بېرەتتى . ئىختىيارسىز داۋاملىشىۋاتقان خوشاللىق قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ مەنىلىك ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىمدىن بەكلا رازى ئىدىم .

سىرتتىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇڭلۇق كۈيلەرنىڭ ھىدى كىشىنى مەس قىلىپ شىرىن خىياللارغا زورلايتتى . تەپەككۈرۈمدىكى تۇيغۇلار ئالھام بولۇپ قانداقتۇر بىر ئىشنى ئويلاپ رەسىم سېزىش ئۆيىدە ئولتۇراتتىم ، تۇيۇقسىز ساۋاقدېشىم يۈسۈپ كىردىدە ، مەسخىرە ھىسياتىدا ؛
- ئوھھوي باشلىق قارى ! ئىجادىيەتكە تۇتۇش قىلىۋېتىپتىمىزدە ، ئۈلگىرەمۇ ؟ ۋاقتىڭلا قىس بولۇپ كەتتى مۇشۇ كۈنلەدە ، ھې ھې ھې ! بۇ مەسخىرە سۆزلەرنى ئاڭلاپ سەپىرايىم قىرىق گەز ئۆرلىدىدە بار كۈچۈم بىلەن ؛
- يۈتە كۆزۈمدىن . كەينىمگىمۇ قارىماي بىرنى ۋارقىرىۋەتتىم . ئادەتتە باشقىلارغىمۇ مۇشۇنداق قوپال گەپ قىلىدىغان مىجەزىمنى ھەممە ساۋاقداشلار بىلەتتى ، شۇنداقلا جايىل خارەكتىرىمگە كۆنۈك ئىدى . سىنىپتىكى بالىلارنىمۇ مۇشۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇراتتىم ، بەزىدە ئۇرۇپمۇ ئالاتتىم . مىجەزىمنىڭ ئوساللىقىنى بىلگەن ساۋاقداشلىرىم كۈنسىرى يۇۋاشلاپ ئالدىمغا ئۆتىشتىنمۇ قورقاتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن يۈسۈپ زۇۋانمۇ سۈرمەي تۇرۇپ قالدى . ئالدىنقى ئايدا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بارلىق گۈزەل - سەنئەت كەسپىدە تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى ئاي ئىختىيارى ۋاقىت ئاجرىتىپ ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە ئالاھىدە ئۈچ پارچىدىن ئىجادى ئەسەر ئىشلەشكە تاپشۇرۇق بەرگەن . مۆھلەت توشىدىغانغىمۇ ئۈچ كۈنلا قالغان بولۇپ ھازىرچە ئازىراقمۇ تەييارلىقىم يوق ئىدى . مۇشۇ كۈنلەردە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئىشقى پىراقتا ھۇشۇمنىمۇ بىلمەي ئويناپ يۈردۈم . باشقا ساۋاقداشلار بولسا ئاللىمبۇرۇن ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ بولغان ئىدى . ساۋاقداش يۈسۈپ ئارىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ يۇۋىچى بولغاچقا تاپشۇرىقىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئىشلەپ بولغان . ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بۇ ئۈچ كۈن ۋاقىت شۇ تاپتا مەن ئۈچۈن بەكلا قىسقا ئىدى . كەسىپتە باشقىلارنى ئۆزەمگە ھەرگىزمۇ تەڭ قىلمايتتىم بىراق بۇ قېتىم يۈزۈمنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئېنىقلا ئىدى . ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى ئويلاپ بېشىمنى ئاستا لىڭشىتقىنىمچە چوڭ بىرنى تىنىپ قويۇپ تاماكامدىن بىر تالغا ئوت ياقتىم .
- خوتۇن - قىزنىڭ دەردى يامان ئاغىينە ، ئاستاراق تارتقىن ئۆپكەڭگە تىگىپ كەتمىسۇن يەنە . يۈسۈپ يەنە چالۋاقاشقا باشلىدى .
- تىلىڭنى تارت پەسەندى . يەنىلا ئاۋالقىدەك ۋارقىراپ شاققىدە ئارقامغا بۇرۇلدۇم . يۈسۈپنىڭ كۈزىدە سېرىق رەڭلىك چاڭچىللارنىڭ كۆز ئەينىكى بار بۇلۇپ ، ھازىرقى بۇ تۇرقى كۈزۈمگە زادىلا سىغمىدى .
-ئالە كۆزۈڭدىكى ئاۋۇ ھېجىقىزنىڭ نەرسىسىنى . قولۇمنى شۇنداقلا ئۇزارتىپ ئۇ تاقىۋالغان كۆز ئەينىكىنى ئېلىۋالدىم . يۈسۈپنىڭ ساددىلىقىنى بىلگەچكە بىردەم ئاخماق قىلماقچى بولدۇمدە قولۇمدىكى كۆز ئەينەكنى كۆزۈمگە تاقىۋالدىم .
- قانداق ياراشتىمۇ ؟ سۆزلىگەچ ئەتىراپىمدىكى بالىلارغا قاراپ قويدۇم .
- ۋاي ۋۇي ! ئالامەت ياراشتى ئاداش ، ئەسلى يۈسۈپ سىلىگىلا بويرۇتۇپ ئەكەپتىكەن ئەمەسمۇ . ياندا رەسىم سىزىۋاتقان ئابلىمىت راسا كۆپتۈرۈشكە باشلىدى . يۈسۈپمۇ ساددىلىقىدىن چاقچاق قىلغاننى بىلمەي تىركىشىپلا قالدى .
- قايتۇرۇپ بەرگىن ئاداش ، ئۇ باشقىلارنىڭ نەرسىسى .
- كىمنىڭ نەرسىسى ئىدى ، ھازىرلا ماڭا بەرگەن ئىدىڭغۇ ؟ يەنىلا توختىماي ئۇنىڭ بىلەن چېقىشتىم .
- ئۇ گۈلمىرەنىڭ . يۈسۈپ خۇددى يىغلايدىغاندەكلا سۆزلەيتتى .
- گۈلمىرە دەمسەن ، كىم ئۇ ؟ چاقىرىپ كىر ئۈزى ئېلىۋالسۇن . كۆزۈمدىكى كۆز ئەينەكنى زادىلا بەرمىدىم . يۈسۈپ بىردەم جېدەللەشكەندىن كىيىن پايدا ئالالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ غوتۇلدىغىنىچە سىرتقا ماڭدى .
- ئاچاڭنى چاقىرغىلى ماڭدىڭمۇ ؟ ئارىدىن ياسىن سۆز قوشىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن قاتتىق كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ئارىدىن ئوزۇن ئۆيمەي يۈسۈپ يەنە قايتىپ كىردى .
- ئاداش ئۇقىزنىڭ ئاچچىقى بەكلا يامان ئىكەن قايتۇرۇپ بىرىڭلار . يۈسۈپ يىلىنىشكە باشلىدى ،
- ياق - ياق ، ئۆزى كىرىپ ئېلىۋالسۇن بولمىسا بۇ ئىككى يۈەنلىك كۆز ئەينەكنى دەسسەپلا چېقىۋىتىمەن . كانىيىمنى يوغان قىلىپ يەنە قارشىلىشىشقا باشلىدىم . ئۇ بىر ھازا سۈكۈتتە تۇرىۋېتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى . يۈسۈپنىڭ قىلىقلىرى خۇددى كىچىپ بالىلاردەك بولۇپ شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ قىزىق نوقتىسى بولۇپ قالدى . نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئۇ يەنە قايتىپ كىرىپ ساراڭدەك سۆزلەشكە باشلىدى . كىملا گەپ قىلسا ۋارقىرايتتى . شۇئان چاقچاقنى تېخىممۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە قۇلۇمدىكى كۆز ئەينەكنى دەسسەپلا چېقىۋەتتىم . بۇ قىلمىشلاردىن غەزەپلەنگەن يۈسۈپ ۋارقىنىغىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى . رەسىم سىزىش ئۆيىدىن چىقىۋاتقان كۈلكە - سادالار تېخىممۇ ئەۋجىپ ، قىزغىن چاقچاقلارغا كۆمۈلۈپلا كەتكەن ئىدۇق . ھەر بىر ساۋاقداشنىڭ چېھرىدە چەكسىز كۈلكە - چاقچاقلار يايراپ بەكلا قىزغىن ئولتۇراتتۇق ، يۈسۈپ يەنە كىردى . ئۇ بۇ قېتىم ئىككى قىزنى باشلاپ كىرگەندەك قىلاتتى .
- قايسى ئۇ ؟ ئارىدىن بىر قىز ئەتىراپقا قارىغاچ يۈسۈپتىن سورىدى . بەلكىم گۈلمىرە دىگىنى شۇ بۇلىشى مۇمكىن . ئىچىمدە ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلىپ بولدۇم .
- ئاۋۇ بىزگە قاراپ تۇرغان بالا شۇ . يۈسۈپ دەرھال مىنى كۆرسەتتى . ئۇ قىز قاپاقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ شىددەت بىلەن ئالدىمغا كەلدىدە ، ئېغىزىنى بۇزۇپ سۆزلەپلا كەتتى . ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر تولىمۇ سەت ئىدى . ئۇنىڭ قاملاشمىغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھىچنىمە دىيەلمەي قاراپلا قالدىم . مۇشتۇمدەك قىز بالا تۇرسا قانداقمۇ تەڭ بولغۇلۇق ، سېسىق تىل ئاھانىتىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ھىچنىمە قىلالمىدىم . ئۇ جىنتەك تازا سۆزلەپ پۇخادىن چىققاندىن كىيىن ، چېقىلىپ كەتكەن كۆز ئەينەكنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە قايتۇرۇشۇمنى تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . شۇ تاپتا بەكلا تىرىككەن ئىدىم . كىچىككىنە بىر ماڭقىدىن تىل - ئاھانەت ئاڭلاپ قورساقلىرىم كۆپۈشكە باشلىدى . بالىلارمۇ تەرەپ - تەرەپتىن چېقىشىپ ، ئەمدى مىنى تېرىكتۇرۇشكە باشلىدى . تىزلا چېچىلىپ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىممۇ كاللامدىن قەيەرلەرگە كەتكەن ئىدى .
- سۆزلەۋىرىشمىگىنە بولدى ، كەيپىياتىمنى بۇزدى ئۇ نىمە ، قايسىڭنىڭ تاينى بار ئىچىمىز . شاققىدە ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ئاچچىق ھىسياتتا سۆزلەشكە باشلىدىم . بىرىنچى بولۇپ ساۋاقداش ئابلىمىت ئاۋاز قوشتى .
- مەنمۇ ئىچىمەن . ئارىدىن ياسىنمۇ ئاۋاز قوشىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ئەگىشىپ ئاۋاز قۇشۇشقا باشلىدى . سىنىپتىكى يەتتە ئوغۇل ساۋاقداشلار مەكتەپنىڭ ئارقا تەرپى بىلەن سىرتقا چىقماقچى بولۇپ بىر - بىرلەپ مېڭىشقا باشلىدۇق . مەكتەپنىڭ ئارقا تەرپى قۇمۇشلۇق بىلەن قاغا جىگدىلىك قاپلىغان شور يەر بولۇپ ماڭماقمۇ تەس ئىدى . سىرتقا چىقىپ كىتىۋېتىپ ھېلىقى قاغا جىگدىلەر تۇيۇقسىز دىققىتىمنى تارتىپ ، قانداقتۇر بىر نىمىلەر كۆڭلۈمگە پۈكتۈم . شۇنداق قىلىپ ساۋاقداشلار يىغىلىشىپ مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغان مەلۇم بىر ئارامگاھتا راسا چىلاشقۇدەك ئىچىشتۇق . ئىچىپ مەس بولغانچە ئىجادىيەت ئىشلىرى كاللامغا كىرىۋالاتتى . ئىدىيەمدىكى مەس بولغاندا قوزغۇلىدىغان ئىلھام تۇيغۇسى ، ھەر - بىر قەدەھ مەينى گېلىمغا ئاتقاندا ئىچىمدىن ئورغۇپ چىقاتتى . شۇ ئەسنادا ئىختىيارسىز ئاباي كۆرگەن قاغا جىگدىلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ ، ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى مول تەسەۋۋۇرۇم بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا باشلىدىم . كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىۋاتقان شەيئىلەر ھەر تەرەپتىن تەپەككۇرۇمنى يورۇتۇپ ، سورۇندىكى كەيپىياتىممۇ شۇنچە سەگەك ئىدى .
- ئەمدى قايتتۇق بۇرادەرلەر ، بولدى قىلايلى . مەستلىكتە كۆزلىرى ئالىيىپ ، ئورنىدا ئاران ئولتۇرىۋاتقان بەزى ساۋاقداشلىرىمغا سۆزلىرىم خوش ياقتىمۇ قانداق ، تەلىۋىمگە تىزلا قوشۇلدى . نەچچەيلەن ئىككى كىرا ماشىنىسىدا بۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتتۇق ، شۇنداقلا ئاۋالقىدەك ئارقا تەرەپتىن كىرىپ كەتمەكچى بولدۇق . مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كىتىۋېتىپ ھېلىقى قاغا جىگدە قوۋزاقلىرىدىن نەچچە پارچىنى ئويۇپ ئالدىمدە ئۇدۇل رەسىم سېزىش ئۆيىگە كىردىم . شۇ تاپتا كاللامدا ئاجايىپ بىر پىلان بار بولۇپ ، قىلماقچى بولغانلىرىمغا بەكلا ئالدىرايتتىم . كۈنمۇ ئوبدانلا كەچ بولدى ، شۇنداقتىمۇ قاراڭغۇ چۈشكىچە لازىم بولىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئاساسەن تەييارلىۋالدىم . ئىلھامىم چىكىدىن ئېشىپ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى شۇ كېچىدىلا پۈتتۈرۋېتىشنى ئويلاشتىم . ئارىدىن ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ ئاشىقىم ئايگۈلنىمۇ كېچىدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇپ ، يەنىلا رەسىم سىزىش ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم . تەپەككۇرۇمدا ئورغۇۋاتقان ھىسلىرىم ۋۇجۇدۇمدا ئۆركەشلەپ ئىجادىيەت ئىشلىرىغا چۆكۈپلا كەتتىم . بىر ئازدىن كىيىن دوستۇم ياسىنمۇ يالغۇز ئىكەنلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ ھەمراھ بولغىلى چىقىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن بىرلىكتە يېڭى ئىجادىيەت ئىشلىرىنى باشلىۋەتتۇق . ھەر ۋاقىت تەسەۋۋۇرۇمدا ئۇچىراپ تۇرىدىغان غەيرى شەيئىلەر سىماسى ، كەسپ قىزغىنلىقىم بىلەن يوغۇرلۇپ ، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كاللىسىغا كىچىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ قوياتتىم . بۇ قېتىم قىلماقچى بولغان ئىجادىيتىممۇ ئەنە شۇنداق بولۇپ ، ئاۋال ھېلىقى قۇۋزاقلارنى پەم بىلەن كەستىمدە ، ناھايتى قاغجىراپ كەتكەن توغراق شەكلىگە ئەكەلدىم . چوڭ بر تاختاي ئۈستىگە ئۇلارنى چاپلاپ ، كومپېزىتسىيە ۋە يىراق يېقىندا كۈرۈنىدىغان رەڭلەرنى قاتتىق تەھلىل قىلدىم . رەسساملار ئىجادىيىتىدە ئەزەلدىن شەيئىلەرنى پەقەت قولىدىكى ئاساسلىق رەڭلەر بىلەنلا ئىپادىلەپ بېرەتتى . ئەمما مەندىكى تەسەۋۋۇر شۇ شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئىپادىلىمەكچى بولغان رەڭلەرنى ئەمەلى نەرسىلەر بىلەن روشەن گەۋدىلەندۈرۈش بولۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن تەپەككۇر قىلاتتىم . سۈزۈك يىرىك قۇم ، سېرىق توپا ، تۆمۈر كۆكى رەڭلىك ئۇششاق شېخىل تاش ، ھەرخىل رەڭدىكى ئىنچىكە ئۆسۈملۈك يىلتىزى ۋە ئاپئاق تامنىڭ قىرىندىللىرى قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاختاي ئۈستىگە رېتى بويىچە تەپسىيلى چاپلاپ ، بەزى شەيئىلەرنىڭ كۆرىنىشىنى ئويلىغىنىمدىنمۇ ئالاھىيدە قىلىۋەتتىم . ئىپادىلمەكچى بولغان ئاساسلىق موھىت تەسۋىرىگە ئانچە - مۇنچە رەڭ بەرگەچ تاڭنىڭمۇ ئاتقۇزىۋەتتۇق . ئەتىگەن سائەت بەش يېرىملاردا ئىشلەۋاتقان ئىجادىيتىمىز غەلبىلىك ئاياغلىشىپ ھارغىن قەلبىمنى لەرزىگە سالدى . گەرچە ئەسىرىم بىرلا پارچە بولغىنى بىلەن قىلغان ئەجىرىمگە چۇشلۇق ئۆزگىچە ئىجادىيەت بولدى . ئىككەيلەن تاڭنىڭ سۈزىلىشىنى كۈتۈپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئالدىمىزدىكى ئەسەردىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇردۇق . قۇياش كۆتۈرۈلۈپ پۈتۈن كائىنات يورۇشقا باشلىدى . جىمجىت كېچىدىن كىيىنكى شاۋقۇن سۆرەنلەر بارغانچە ئۇلغۇيۇپ مەكتەپ ئىچى ئاۋاتلىشىشقا باشلايتتى .
- ئەمدى تاماق يەپ كىرەمدۇق ؟ ياسىن كۆزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاستا ماڭا قارىدى .
- ماۋۇ ئەسەرنى ئۆگزىگە قۇيۇپ قويايلى قۇرىغاچ تۇرسۇن ، ئاندىن چىقىپ تاماق يەيلى . ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەچ ئالدىمدىكى ئەسەرنى ئالدىمدە ئاستا مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆزىسىگە چىقتىم . قۇياشنىڭ تەپتى دىگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ ئوچۇقراق جايغا ئەسەرنى قويۇپ قويۇپ قايتىپ چۈشتۈم . شۇنداق قىلىپ بۇ بىر پارچە ئەسەرمۇ تىزلا پۈتۈپ كەتتى . كەچكە يېقىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بارلىق ئەسەرلەرنى يىغىۋېلىپ ، ئۆگۈنلۈككە ئېچىلىدىغان كۆرگەزمىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇردى .

شات - خوراملىققا تولغان ئەھمىيەتلىك كۈن يىتىپ كىلىپ ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ نۆۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل - سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك خەلىق كۆرگەزمىخانىسىغا يىغىلدۇق . ئەسىرىمنىڭ نامى « كونا توغراق » بولۇپ بۇ قېتىمقى ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە بىرىنجى بولۇپ باھالىنىپ ، ئەسەر مۇكاپاتى بىلەن تەغدىرلەندىم . شۇ پائالىيەتتىن كىيىن بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىم تەسەۋۋۇرۇمدىكى بايقاشلارغا ئالاھىيدە قاراپ ، ھۆرمىتىممۇ چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كەسىپ قىزغىنلىقىم كۈنسىرى ئېشىپ ، تەپەككۇر ئىقتىدارىمنى ھەرۋاقىت نامايەن قىلىشقا تىرىشاتتىم . قايناق ھىسيات ئىچىدە سۆيگۈ شاتلىقى يۇغۇرۇلۇپ داۋاملىشىۋاتقان شىرىن كۈنلەرنىڭ مەلۇم چاغلىرىدا ، ياسىن ئىككەيلەن چۈشلۈك تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانا تەرەپكە كىتىپ باراتتۇق ، تۇيۇقسىزلا بىراۋنىڭ يىراقتىن چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىمدە دەرھال ئارقامغا قارىدىم . ئىسمىمنى چاقىرىۋاتقان ساۋاقداش ھېلىقى كۆز ئەينەكنىڭ ئېگىسى گۈلمىرە بولۇپ تىزلا يېنىمىزغا كەلدى .
- ھوي قارام يىگىت كۆز ئەينىكىمنى قاچان تۆلەپ بىرىسىز ؟ ئۇ ئەدەپ بىلەن سۆزلىگەندەك قىلغىنى بىلەن ، سۆزلىرىنىڭ بىر يەرلىرىدىن كىشىنى چېقىۋالغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى .
- ماقۇل قىزچاق تۆلەپ بىرەي . ئۇنىڭ سۆزلىرىگە غادىيىپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىپ قويدۇم .
- ھە تىزرەك بولۇڭ ھېلىمۇ نەچچە ھەپتە بولدى . ئۇ نەچچە ئېغىز چالۋاقىغانچە چوڭ بىرنى ئالىيىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى . سەۋەنلىك مەندە بولغاچقا ئۇنىڭغا ئارتۇق سۆزلىيەلمەي ، ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى ئويلاپ خەپ دىدىمدە يولۇمغا ماڭدىم . ئوقۇغۇچىلار تاماقخانىسى بەكلا چوڭ بولۇپ تاماق يەۋاتقان ساۋاقداشلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى . ياسىن ئىككەيلەن بوش بىر ئۈستەلگە كىلىپ تاماق بۇيرۇتقاچ ئاشىقىمنى ساقلىدۇق . تاماقخانا ئىچىدە بەزى ساۋاقداشلارنىڭ ئىدىيەسى ساغلام بولمىغانلىقتىن تاماقلىرىنى ئۇياق - بۇياققا ئېتىپ يىيىشسە ، بەزى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق ناننى چايغا چىلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگىلى بولاتتى . بىر ئازدىن كىيىن ئايگۈلمۇ نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن تاماقخانىغا كىردىدە يېنىمىزغا كەلدى . نەچچەيلەن قىزغىن پاراڭلار بىلەن بىرگە تاماق يىگەندىن كىيىن ياتاقلىرىمىزغا قايتتۇق . تەتىل توشۇپ مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى بىرەر قېتىم ئۆيگىمۇ بارالمىدىم . ئاتا - ئانا ، يۇرت - قېرىنداشلىرىم شۇ تاپتا كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپلا كەتتى . ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ شەنبە - يەكشەنبىلىك ئارام ئېلىشتىن پايدىلىنىپ ئۆيگە باردىم . سەھرا ھىدى يەنىلا ئاۋالقىدەك جۇلالىنىپ ، ئۆي ئىچىمۇ شۇنچە ئىللىق ئىدى . ئۆيدە تۇرغان بىر يېرىم كۈن جەريانىدا ئائىيلە مېھرىگە ئانچىكى قېنىۋېلىپ يەنىلا مەكتەپكە قايتماقچى بولدۇم . يەكشەنبە كۈنى چۈشكە يېقىن ئاپامنىڭ كۆز يېشى ئاستىدا تەستە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ناھىيە بازىرىغا كەلدىم . ماڭىدىغان ۋاقىتتا بېكەت ئىچىدە ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز يان تەرەپتە كۆز ئەينەك سېتىۋاتقان خەنزۇ قېرىنداش دىققىتىمنى تارتىپ ، دەرھال ھېلىقى گۈلمىرە ئېسىمگە كەچتى . ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى ئويلاپ ئاستا ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا باردىمدە تاللاپ تۇرۇپ يوغان ئەرەنچە كۆز ئەينەكتىن بىرنى بەش يۈەنگە سېتىۋالدىم . شۇنداق قىلىپ كەچكە يېقىن مەكتەپكىمۇ كەلدىم بىراق گۈلمىرەنى زادىلا ئۇچرىتالمىدىم . ئىچىمدە ۋەھشى پىلاندىن بىرنى تۈزۈپ ئۇنىمۇ قاتتىق تىرىكتۈرىۋېلىش مەقسىتىدە سېتىۋالغان كۆز ئەينەكنى يېنىمدىلا ساقلىدىم . كەچلىكى قىسقىغىنە ۋاقىت چىقىرىپ ئاشىقىم بىلەن دىدارلاشقاچ ، چاڭقاق دىللارغا گۈلخان ياقتۇق . ئۇنىڭ ئىللىق مېھرىدە تاۋلانغان چىن سۆيگۈم ئاشىقلىقنىڭ دەشتىدە تېخىممۇ ۋالقۇنجاپ ، بىرگە بولغان چاغلار تولىمۇ شىرىن ئىدى . ئىككەيلەن قاراڭغۇ سىنىپتا مەلۇم ۋاقىت بىرگە تۇرغاندىن كىيىن ياتاقلىرىمىزغا قايتىپ ئارام ئالدۇق . ئەتىسى سەھەردە دوستۇم ياسىن ئىككەيلەن تامىقىمىزنى يەپ بولۇپلا رەسىم سېزىش ئۆيىگە كىتىپ باراتتۇق تۇيۇقسىز گۈلمىرە ئۇچىراپ قالدى . ئەمما ئۇ قىز بىزنى كۆرمىگەچكە قەستەن يېنىغا كىلىپ يېقىن ماڭدىم .
- ۋاي ۋۇي يىگىت ، سىزنى ئىزدەپ يۈرەتتىم يېنىمغىلا كىلىپ قالدىڭىزغۇ . ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتتۈمدە ؛
- شۇنداقمۇ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟ سۇس كۈلۈمسىرەپ سۆزلىرىگە جاۋاپ بىرىپ قويدۇم .
- مال ئېگىسىدىن ئوغىرى كۈچلۈك كېلەمدۇ قانداق ، قېنى كۆز ئەينىكىم . ئۇ يەنىلا ھۈرپەيگەنچە سۆزلەشكە باشلىدى .
- مانا كۆز ئەينىكىڭىز ئابايلا دىسىڭىز بولماسمىدى . يانچۇقۇمدىكى كۆز ئەينەكنى شاققىدە ئالدىمدە ئۇنىڭغا بەردىم . ئۇ بىلىپ بىلمەي قولىغا ئېلىپ قالغان كۆز ئەينەكنى كۆردىدە قۇيۇق چاشلىرى تىك بولۇپ بەكلا خاپىلاپ كەتتى .
- ھوي خېنىم مەن بۇ كۆز ئەينەكنى ئاتايىن كۇچادىن ئېلىپ كەلدىم جۇمۇ ، رەخمەت دەپ ئالسىڭىز بولارمىكىن . يەنىلا ئۇنى تېرىكتۈرۈشكە باشلىدىم .
- ساراڭ بىر نىمە ئىكەنسەن ، داداڭغا ئاپىرىپ بەر تاقىۋالسۇن . ئۇ شۇنچە ئاچچىق بىلەن سۆزلەپ قولىدىكى كۆز ئەينەكنى مەن تەرەپكە ئېتىۋېتىپلا يۇلىغا ماڭدى . ئۇنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ يەردىكى كۆز ئەينەكنى ئالدىمدە غاچچىدە قايرىپ سۇندۇرىۋەتتىم . ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولۇپ دەرھال ئۇ قىزنىڭ ئالدىنى توستۇمدە ؛
- بۇنى تۆلەپ بەر ، تېخى تۈنۈگۈنلا ئالغان ئىدىم يەرگە ئېتىپ چېقىۋەتتىڭ . سۆزلىرىمنى قىلغاچ قاپاقلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ نەشتەردەك كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قادالدىم . ئىككەيلەن بەزى قاملاشمىغان مەسىللەر ئۈستىدە خېلە ئوزۇن تالاش تارتىش قىلغاندىن كىيىن يوللىرىمىزغا مېڭىشتۇق .






ئەسەرنىڭ 2 . قىسىمىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ .
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D3
3 . قىسىم ...
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D3

4 . قىسىم ...
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D3

5 . قىسىم ...
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D3

6 . قىسىم ...
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D3

7 . قىسىم ...
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D3

8 . قىسىم ...
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D3

9 . قىسىم ...
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D1

10 . قىسىم ...
http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... &extra=page%3D1
11-قىسمىبۇ يەردىن كۇرۇڭ


يىللار زوراۋان ، ھايات ، ئىنتايىن شەپقەتسىز .
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 6282 (2)
جۇغلانما: 62070 نومۇر
2255
51124
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 02:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كەلگەن قەدىمىزگە مەرھابا....مۇنبەرگە قەدەم بېسىپلا ئوزڭىزنىڭ كەچۇرمىشى تەسۋىرلەنگەن بۇ روماننى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپسىز رەھمەت سىزگە...داۋامىنى تىزراق يوللىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن...مۇنبىرىمزىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپسىز....سزگە كوپ تەشەككۇر...
ئەسىرىڭىزدە بەزى سوزلەرنى ئانا تىل بۇيىچە ئاتىماپسىز،تەرجىمە قىلسا چۇشۇنشكە ئاسان سوزلەر ئىكەن،(بەنجۇرىن) دىگەندەك...بولسا داۋامىنى يوللىغاندا بۇ تەرەپلەرگە ئەھىميەت بەرسڭىز بولارمۇ؟

تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
vmvtjan * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1188
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 288 (0)
جۇغلانما: 1085 نومۇر
41
687
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-2-6
ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 03:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەرھابا قەدىمىزگە ! داۋامىنى داۋاملىق ساقلايمىز....

vmvtjan * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1188
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 288 (0)
جۇغلانما: 1085 نومۇر
41
687
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-2-6
ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 12:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا vmvtjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-10-31 12:30

ئەسىرىڭىزنڭ تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم ، كۆپ ئەجىر قىپسىز...ئەسەرمۇ چىنلىق دەرجىسى يوقۇرى (مەجبۇرى ،ياسالما ۋەقەلەردىن خالى) قايىل قىلارلىق يىزىلىىپتۇ...
ئالىي مەكتەپ ھاياتى نىمەدىگەن كۆڭۈللۈك-ھە ؟ قاراڭ،دەسلەپتە ئادەمگە نىمىلا قىلسا يارىشىدىغاندەك تۇرىدىكەن ،لىكىن كىيىن ۋاقىتنىڭ تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن ئىشلارنى تېخى قىلالمىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلىدىكەنسىز......
ئەسىرىڭىزنىڭ باش قىسمىغا يەنە ئازراق ئىشلىگەن بولسىڭىز بۇلاركەن ..ئاخىرىغا بارغانچە تېخىمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ، داۋامىنى ساقلايمىز . ھارمىغايسىز.

yultuz * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 34
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 2986 (6)
جۇغلانما: 27199 نومۇر
48
24042
0


تىزىم ۋاقتى: 2008-8-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-24
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 17:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا yultuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-1 15:12

تىل ئىشلىتىشڭىز ناھايىتى تەبئئ بوپتۇ ، ئەمما مەنزىلكام دىگەندەك (بەنجۇرېن ، بەنجاڭ ، مىما ، لاۋ سېڭ ، شىن سېڭ )دىگەندەك گەپلەرنى ئويغۇرچە يازسىڭىز بوپتىكەن ، ھېلقى ئايگۈل دىگەن قىز بىلەن توي قىلالدىڭىزمۇ ؟ ھېلىقى قىممارۋاز ئاشخانا خوجايىندىنچۇ پۇلڭىزنى ئالالدىڭىزمۇ ؟ ئۇقۇش پۇلنى قانداق تۆلدىڭىز ئاندىن ؟

باۋما ھەيدىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى بايۋەتچە بولىشى ناتايىن بەلكىم بايۋەتچىنىڭ شوپۇرىدۇر ،ئاق ئات مىنىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى شاھزادە بولىشى ناتايىن بەلىكىم تاڭسىڭدۇ
wali0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1268
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 101 (0)
جۇغلانما: 330 نومۇر
0
229
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-31
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-22
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 20:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاقتىم يىتىشمىدى ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ ئۇقۇغۇم بار ئىدى ، داۋاملىق ئىزدەپ تۇرىمەن ..........

zomgar0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 20
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1057 (0)
جۇغلانما: 11343 نومۇر
909
8413
370


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-12
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-25
ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر قىززىقچىسى ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 22:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مۇنبەردە ھىكايە رومان پوۋست يازدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى...يازسىمۇ بەك ئاز يېزلاتتى.....ھىكايىڭىزنى ئۇقۇپلا سىزنىڭ قەلەم قابليتىڭىزنىڭ تۇۋەن ئەمەسلىكنى سىزدە بۇ جەھەتتە قابليەت بالرغنى ھېس قىلدىم.......داۋامنى يەنە ئۇقۇشقا تەشنامەن.............

ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم،ئسلامنىڭ دىنىم،مۇھەممەت سەللاھى ئەلەيسالامنىڭ پەيغەمبىرىم،قۇرئاننىڭ يولباشچىم بولغىندىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن،،،،
kusankizi * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1178
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 289 (2)
جۇغلانما: 3733 نومۇر
17
3383
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-24
يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 17:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھىكايىىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ تەقەززا بولدۇق جۇمۇ! خىزمىتىڭىزنىڭ ئالدىراشلىقى راست، لىكىن يەنىلا ۋاقىت ئاجىرتىپ داۋامىنى تىزرەك يوللىۋىتەرسىز، بولمىسا بېشىدىكى ۋەقەلىك ئىسىمىزدىن كۆتۈرلۈك كەتمىسۇن يەنە!

كۆز يېشى بىلەن يۇيۇلغان كۆز تېخىمۇ روشەن كۆرەلەيدۇ
ئوماق * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 693
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 3095 (7)
جۇغلانما: 25560 نومۇر
240
21747
0


تىزىم ۋاقتى: 2008-5-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-19
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 17:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
مۇنبەرگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
`` كۆز ئەينەك ۋەقەسى`` ناملىق تېمىڭىز تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ئىكەن. سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىڭىزنى بارلىق مۇنبەرداشلار نامىدىن قىزغىن قارشى ئالىمەن. تېتىملىق تېمىلىرىڭىز بىلەن مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!



بىلگىنكى دىلىڭ پاك،قەلبىڭ سەمىمىي،ئەقىدەڭ چىن،ئېتىقادىڭ ساپ،يۈرىكىڭ سادىق بولسىلا جەننەت ساڭا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ!
zubaida0997 * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 410
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 2750 (2)
جۇغلانما: 23936 نومۇر
2
21172
0


تىزىم ۋاقتى: 2009-1-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-21
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 18:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يىزىڭ يىزىڭ لېكىن ئااۋۇ خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى قەتئىي ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغىلى بولماسمۇ

1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 17:42 , Processed in 0.157349 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.