ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ھىكايە ۋە چۆچەك كۆز ئەينەك ۋەقەسى 8 . قىسىم
كۆرۈش: 116|ئىنكاس: 15
go

كۆز ئەينەك ۋەقەسى 8 . قىسىم

hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 18:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش





ئەتىراپنى قاپلىغان ياپيېشىل ئوت - چۆپلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرە سىماسى سۆپسۈسۈك ئاسمان بوشلىقىدىكى ئاپئاق بۇلۇتلرغا بەكلا يېڭىچە تۈس بېرەتتى ، بىپايان تۈزدە چەكسىز كەتكەن تاغ قىيالىرى شۇنداقلا تاغ باغرىغا جايلاشقان تارقاق ئۆيلەر ، تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇق قاپلاپ ئايىقى ئوزۇنغىچە داۋاملىشىدىغان ۋەھىيمىلىك تونىل قانداقتۇر دىققىتىمنى تارتىپ دەرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەتىراپقا باقاتتىم ، مېڭىۋاتقان پويىزنىڭ رىتىملىق ئاۋازى ئىككى كۈندىن بىرى قۇلاقلىرىمىغا سىڭىپلا كەتتى .
- مۇھاممەت قورسىقىم ئاشتى تاماق يەمدۇق ! تۇيۇقسىز گۈلمىرە خىيالىمنى قايتۇردى .
- شۇنداق قىلايلى چۈشلۈك تاماق يەيدىغان چاغمۇ بولۇپ قاپتۇ ! سۆزلىرىمنى قىلغاچ يان تەرەپكە ئېلىپ قويغان سومكىغا قول ئۇزارتتىم ، ئىككەيلەن ئۆرۈمچىدىن يولغا چىققاندا ئېلىۋالغان تەييار چۆپلەر ھازىرچە بىزنىڭ چۈشلۈك تامىقىمىز ئىدى ، ئىككەيلەن قورساقنى ئانچە - مۇنچە غەملەپ داۋاملىق سەپىرىمىزنى قىلغاچ ئەتىراپنى تاماشا قىلدۇق ، پۈتۈن كائىنات كىشىگە خۇش چىراي بىلەن قارىغان بولسىمۇ يەنىلا خاتىرجەمسىزلىك كاللامدىن چىقمايتتى ، نەچچە سائەت يول يۈگەندىن كىيىن مەنزېلىمىز ۋۇ خەن شەھىرىگىمۇ كەلدۇق ، ۋوگىزال ئىچى بەكلا چوڭ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ خېلى ئوزۇن يول ماڭغاندىن كىيىن سىرتقا چىقالىدۇق ئەتىراپ قۇيۇق ئادەملەر بىلەن تولغان بولۇپ ئارىلاپ مېڭىشمۇ تەس ئىدى ، ئىككەيلەن پويىز ئىستانسىنىڭ كۈتىنىش زالىدا تۇرۇپ بىزنى يولغا سېلىپ قويغان ھېلىقى ئايالغا تېلىفۇن قىلدۇق ھەممە ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ھالەتتە بولۇپ ئالدىمىزغا ئادەم چىقماقچى بولدى ، بىز شۇ ئورنىمىزدا ساقلىغاچ ئەنۋەرجان ئاكاش بىلەنمۇ تېلىفۇندا كۆرۈشتۇق ئۇمۇ ياخشى گەپلەر بىلەن كۆڭلىمىزنى ئازىراق كۆتىرىپ قويدى ، ئوزۇن ئۆتمەي كۈتىنىش زالىغا ئىككى ئويغۇر بالا كىرىپ يىراقتىن بىر نىمىلەرنى كۆزىتىۋاتاتتى مەنمۇ دارھال ئورنۇمدىن تۇردۇم ، بەلكىم بىزنى ئالغىلى كەلگەنلەر بولۇشى مۇمكىن ! ئىختىيارسىز قولۇمنى كۆتىرىپ سالدىم ئۇلارمۇ بىزنى كۆرۈپلا يېنىمىزغا كەلدى .
- مۇھاممەت دىگەن سىزمۇ ؟ ئارىدىن بىرى مەندىن سورىدى .
- شۇنداق سىلەرچۇ ؟ قايتۇرۇپلا سورىدۇم .
- ھە ياخشى بولدى بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا چىققان ئەمدى ئاچامنى خەۋەرلەندۈرۈپ قوياي ! ئۇ بالا يىگىرمە سەككىز ياشلاردا بولۇپ بويى باكار ئازىراق بۇغداي ئۆڭ كۆرىنەتتى ، ئۇ ھېلىقى ئايالغا تېلىفۇن قىلىپ بىزنى ساق - سالامەت تاپالىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلىفۇننى ماڭا بەردى مەنمۇ ئۇ ئايال بىلەن قايتا بىر قېتىم كۆرىشىپ قويدۇم ، شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن ئۇلارغا ئەگىشىپ بىر كىرا ماشىنىسى بىلەن خېلە ئوزۇن يول يۈرگەندىن كىيىن ئۇلار تۇرغان سارايغا باردۇق ، كۈنمۇ ئوبدانلا كەچ بولۇپ قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى ئۇلار بىزنى چوڭ بىر دەرۋازا ئىچى بىلەن يول باشلاپ ئۈستىدىكى ھەشەمەتلىك بىر ئۆيگە باشلىدى ، ئۆي ئىچى جىمجىت بولۇپ بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى .
- قېنى تارتىنماي ئولتۇرۇڭلار باشقىلار رېستۇراندا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ئۇزۇنغا قالماي قايتىپ كىرىدۇ مەن سىلەرگە تاماق ئەكىرەي ! ھېلىقى بۇغداي ئۆڭلىك يىگىت بىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سىرتقا چىقىپ كەتتى ، ئىككەيلەن يەنە بىر بالا بىلەن پاراڭلاشقاچ ئويدە ئولتۇردۇق .
- سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار ؟ تۇيۇقسىز ئۇ بالا سوراپ قالدى .
- كۇچادىن كەلدۇق ! مەنمۇ ئازىراق تارتىنىش ئىچىدە جاۋاپ بىرىپ قويدۇم .
- شۇنداقمۇ مەن ئاتۇشتىن بولىمەن !
- ئىسمىڭىز نىمە ؟ ئىختىيارسىز ئۇنىڭدىن سورىدىم .
- ئىسمىم ئاتۇش ! ئۇ باشقا سۆز قىلمىدى مەنمۇ چۈشەنمىگەن بولساممۇ قايتا سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم ، ئۇ بالا بەكلا كەم سۆز ھەم ئېغىر بېسىق كۈرىنەتتى ئۈچەيلەن ئارىلاپ پاراڭلاشقاچ ئولتۇراتتۇق ھېلىقى تاماققا چىقىپ كەتكەن يىگىتمۇ قايتىپ كىردى .
- مانا تاماق كەلدى ئىسسىغىدا يەڭلار ! ئۇ قوللىرىدىكى تاماق قاچىللىرىنى ئېچىپ ئالدىمىزغا تىزىدى ، بولانغان سۇلىياۋ قاپلىق تاماق قاچىللىرىنىڭ ھەر - بىرىدە ھەرخىل تائاملار بولۇپ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يەرلىك تائاملىرى ئىدى ، نەچچە كۈندىن بىرى پويىزدا تۇزۇكرەك تاماقمۇ يېمىگەچكە ئىشتىھايىمىز ئوبدانلا ئوچۇق بولۇپ تاماقنىڭ ئىسسىغىدا يىيىشكە باشلىدۇق .
- تارتىنماي يەڭلار بۇ بىزنىڭ رېستۇراننىڭ تائاملىرى ! ئۇ يىگىت بەكلا ئوچۇق مۇئامىلە قىلىپ بىزنى تاماققا داۋاملىق زورلاپ تۇردى .
- ھە مۇنداق دەڭ بۇ يەردىمۇ بىزنىڭ يەرلىك تائاملىرىمىز باركەندە ! سۆزلىرىمنى قىلغاچ ئىشتىھا بىلەن تاماق يىيىشكە باشلىدىم ، بىز تامىقىمىزنى يەپ بولىشىمىزغا ئۈلگۈرۈپ ئۆي ئىچىگە يەنە بىرقانچە ئادەم كىردى ، ياندا ئولتۇرغان ئاتۇش بىلەن يەنە بىر يىگىت ئۇلارنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ ھاپىلا - شاپىلا قىلىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ، ئەسلى ئۇلارنىڭ بىرى مۇشۇ ئورۇننىڭ باشلىقى بولۇپ باشقىلار ئۇنىڭ قوغدىغۇچىللىرى ئىكەن .
- ھە كەلگىچە جاپا تارتقانسىلەن مەنمۇ ھېلى خەۋەر تاپتىم ! ئۇ كىشى ئوتتۇز ئالتە ياشلار چامىسىدا بولۇپ بويى ئېگىز كۆزلىرى چوڭ ئىدى .
- ياقەي ئانچە جاپا تارمىدۇق ! مەنمۇ تۆۋەنرەك ئاۋازدا ئىنكاس قىلىپ قويدۇم ، ياندا ئولتۇرغان يەنە بىر كىشى ئارىلاپ سۆزقېتىپ :
- بۇ كىشى ئەكرەمجان بولىدۇ مۇشۇ قورغاننىڭ ئاتامانى مەن قۇدرەت بۇ قورغاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مەسئۇل ! ئۇ كىشى تولىمۇ بەستلىك بولۇپ قىرىق ياشلار چامىسىدا كۆرىنەتتى ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئورۇننىڭ بەزى قائىيدىللىرىنى ئۇ كىشى بىر - بىرلەپ بىزگە تۇنۇشتۇرۇپ قويدى ، ئۇ سۆزلىرىنى تۈگىتىپ تۇرىشىغا ئەكرەمجان ئاكاش بىزنى كەچلىك ئارام ئېلىشقا بۇيرىدى .
- داۋۇت سەن بۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوي ئاتۇش سەن ئەمدى ئىشىڭنى قىل ! ئەكرەمجان ئاكاش سۆزلىرىنى قىلغاچ بىزدىنمۇ سۇئال سورىدى .
- سىلەر توي قىلغانمۇ ؟
- ياق بىز تېخى توي قىلمىدۇق ! قۇشۇپلا جاۋاپ بەردىم .
- ئۇنداقتا سىز مۇختەر بىلەن بىرگە تۇرۇڭ قىز دوستىڭىز قىزلارنىڭ ياتىقىدا تۇرسۇن ! ئۇ باشقا گەپ قىلمايلا ھېلىقى يىگىتكە ئىشلارنى تاپشۇردى ، ئۇ يىگىت بىزنى تۇرالغۇمىز بىلەن تونۇشتۇرۇپ ياتاققا باشلىدى ئەتىراپ قاراڭغۇ بولغاچقا قەيەردە مېڭىۋاتقىنىمىزنىمۇ بىلمەيتتۇق ، پەشتاق بىلەن ئۈستىگە چىقىپ مەلۇم بىر ياتاققا كىردۇق ياتاق ئىچى بەكلا چىرايلىق بولۇپ ئىككىلا كىرىسلو تۇراتتى .
- بۇ مۇختەركامنىڭ ياتىقى ئۇ يالغۇز تۇراتتى ئەمدى سىز بىرگە تۇرۇڭ ! ئۇ سۆزلىرىنى قىلغاچ يەنە بىر ياتاققا باشلىدى ، بۇ ياتاقمۇ شۇنچە چىرايلىق بولۇپ ئازىراق چوڭ ئىكەن ھەم كىرىسلونىڭ ئورنىغا تەكشى پول ياتقۇزۇپ كۆپ كىشىلىك ياتاق قىلغاندەك تۇراتتى .
- بۇ قىزلارنىڭ ياتىقى قىز دوستىڭىز تۇرسۇن ! ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ياتاقتا ئوپچە ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى .
- سىزنىڭ ئىسمىڭىز داۋۇتجانمۇ ؟ مەن ئارىلاپ سۇئال سوراشقا باشلىدىم .
- شۇنداق سىلەر قېشىغا بارماقچى بولغان ماھىرە خانىمنىڭ ئىنىسى بولىمەن ، ئۇ بالىنىڭ چوڭى ، ئابايقى ئەكرەمجان ئاكام بالىنىڭ ئىككىنجىسى ، مەن ئۈچىنجىسى ! ئۇ داۋاملىق بىز بىلمەيدىغان مەسىللەرنى تونۇشتۇرۇپ كۆڭلىمىزمۇ خېلە يېقىن بولۇپ قالدى .
- داۋۇتجان قىزلار دىگىنىڭىز كىملەر ئەمدى ؟ مەن سۆز ئارىلاپ بۇ ياتاقتا تۇرىدىغان باشقىلارنىمۇ سورىدىم .
- بۇ ياتاقتا يەنە بەش قىز ئارتىسلار بار ئۇلار ھازىر رېستۇراندا ئۇيۇن قۇيۇۋاتىدۇ ياخشى بالىلار ھەممىسى چىقىشىپ قالىسىلەن !
- شۇنداقمۇ رېستۇران بەكلا چوڭ ئوخشىمامدۇ ؟ مەن داۋاملىق سۇئال سورىدىم .
- شۇنداق ۋۇخەن شەھىرىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان رېستۇران بۇ ، ئەتە كۆرىسىلەن ! ئۇ سۆزلىرىنى تۈگىتىپ تۇرىشىغا ئىشىك ئېچىلدىدە شۇئان ئاجايىپلا كىيىنىۋالغان ئىككى قىز كىرىپ كەلدى .
- قانداق يېڭى مىھمانلار ئوخشىمامدۇ ؟ ئارىدىن بىر قىز قولىدىكى نەرسىلەرنى قويغاچ سۆزلىدى داۋۇتجانمۇ قايتۇرۇپلا :
- ھە بۈگۈن كەلدى بۇلار ، بۇ قىز سىلەر بىلەن بىرگە تۇرىدۇ چىقىشىپ ئۆتەرسىلەن !
- شۇنداقمۇ قارشى ئالىمىز قەيەردىن كەلدىڭلار ؟ يەنە بىر قىزمۇ ئارىلاپ سۆزلىگەچ گۈلمىرەنىڭ يېنىغا باردى .
- كۇچادىن كەلدۇق ! گۈلمىرەمۇ قايتۇرۇپلا جاۋاپ بەردى .
- شىنجاڭدىن چىقتىڭلارمۇ ۋاي خۇدايىم جاپا چەككەنسىلەن كەلگىچە ! شۇنداق قىلىپ ئۇ قىزلار بىر - بىرلەپ پاراڭ قىلغاچ گۈلمىرە بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدى ھەم باشقا قىزلارمۇ قايتىپ كىردى ، داۋۇتجان ئىككەيلەن مەن تۇرىدىغان ياتاققا كىرىپ پاراڭلاشقاچ ئولتۇراتتۇق تۇيۇقسىز بىر پارقىراق باش ئادەم يېنىمىزغا كىرىپ كەلدى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوزۇللۇرۇم مىنىڭ ياتىقىمغا كىرىپ قاپسىلەنغۇ ؟ ئۇ كىشىنىڭ بويى ئانچە ئېگىزمۇ ئەمەس ھەم سېمىزمۇ ئەمەس بىراق بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلاتتىم .
- بۇ مۇھاممەت بولىدۇ بۈگۈن شىنجاڭدىن كەلگەن ئاكام سىز بىلەن بىرگە تۇرۇشنى بۇيرىدى ! داۋۇتجان مىنى ئۇ كىشىگە تونۇشتۇرۇپ تۇرىشىغا ئىشىك ئېچىلىپ بىرەيلەن كىردىدە :
- مۇختەر! ئاكام سىنى تىزرەك كىرسۇن دەيدۇ ! ئۇ سۆزلىرىنى قىلىپ بولۇپلا چىقىپ كەتتى ، بۇ كىشىمۇ قولىدىكى باس گىتتارنى يانغا قويۇپلا :
- قارشى ئالىمەن قوزام قالدى گەپلەرنى ھېلى دىيىشەرمىز مەن چىقىپ كىرەي ! ئۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا چىقىپ كەتتى .
- بۇ كىشىنى ئەجەپ بىر يەردە كۆرگندەكلا قىلىمەنغۇ رېستۇراندا گىتتار چالامدۇ ؟ ئىختىيارسىز داۋۇتجاندىن سورىدىم .
- شۇنداق سىز كۆرگەن ، ئۇ شەيتان بىلەن ساقچى ناملىق كىنودىكى شاكىر شەيتان شۇ ، ھازىر بىزنىڭ رېستۇراندا داڭلىق مۇزىكانت ! داۋۇتجان ئۇ چولپاننى ئىسىمگە سالدى .
- شۇنداقمۇ قارىسام تونۇشلا ئەسلى شەيتانكەندە !
- شۇنداق ھازىر كەچلىك بەزمە بار ئۇ شۇ يەرگە ماڭدى جۇرىڭە سىزنىمۇ ئەپچىقاي ! مەن داۋۇتجاننىڭ تەكلىپى بىلەن كەچلىك بەزمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم شۇنداقلا ئىككەيلەن ئەسلى بىز كەلگەندە تۇنجى كىرگەن ئۆيگە كىردۇق ، ئۆي ئىچى پۈتۈنلەي ئىس - تۈتەككە توشقان بولۇپ بەكلا كۆپ ئادەم بار ئىدى .
- ھە كېلە ئۇكام بۇ يەردە ئولتۇر ! قۇدرەت ئاكاش كىرىشىمىزگىلا مىنى يېنىغا چىللاپ ئولتۇرۇشۇمغا تەكلىپ بەردى ، شۇئان ۋاراڭ - چۇرۇڭ كەيپىياتمۇ پەسلەپ ماڭا ئورۇن بوشتىلدى ، مەن ئورۇن ئالغاندىن كىيىن ئەكرەمجان ئاكاش سۆزلەپ :
- بۇياق بۈگۈن شىنجاڭدىن كەلدى رېستۇرانىمىزنىڭ ئارتىسى ئىسمى مۇھاممەت ئاراڭلارغا قۇشۇۋالارسىلەن ! ئۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ماڭا بەھوزۇر ئولتۇرشىمنى ئېيتتى ، ئەتىراپىمدا ئولتۇرغان ناتونۇش كىشىلەر بىر - بىرىدىن سىرلىق بولۇپ ماڭا چەكچىيىپ تۇراتتى ئۇلارنىڭ بەزىللىرى ئەللىك - ئاتمىش ياشلاردا بەزىللىرى يىگىرمە نەچچە ياشلار چامىسىدا كۆرىنەتتى ، شۇنچە چوڭ ئۆي بۇ ئادەملەر توپى بىلەن توشقان بولۇپ داستىرخانمۇ ئالاھىيدە ناززى - نىممەتلەر بىلەن بېزەلگەن سازەندىلەر تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئىكەن ، مەن ئەتىراپقا باققاش ئاستا - ئاستا بۇ بەزمىگە كۆنۈشكە باشلىدىم تۇسۇقسىز ئەكرەمجان ئاكاش - مەي ! دەپ توۋلاپ قويدى ، ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ بىرنىمىلەرنى قىلىۋاتقان سىمىز بىر ئادەم قولىدىكى نەرسىنى ئەكرەمجان ئاكاشقا سۇنۇپ - مەي ! دەپ توۋلاپ قويدى يان تەرەپتىن يەنە بىرىمۇ يوغان بىر قاپاققنى سۇندى ، ئەكرەمجان ئاكاش قولىدىكى قارامتۇل نەرسىنى قاپاقتىن ياسالغان چېلىمنىڭ ئۇچىغا قوندۇرۇپ تۇرىشىغا يېنىدىكى كىشى دەرھال تاماق يەيدىغان بىر جۇپ چۇكىغا ئوت ياقتى ، ئەكرەمجان ئاكاش چېلىمدىن تارت - تارت ئاۋاز چىقىرىپ تارتىشقا باشلىۋىدى يېنىدىكى خوشامەتچى ئادەممۇ ئوتنى شۇنچە سىپايىلىق بىلەن چېلىمگە يېقىن تۇتۇپ :
- ئىشقى !!!!!!!!!!! ئىشقى ! دەپ توۋلاپ قويدى ، تۆرىدە ئولتۇرغان سازەندىلەر سازلىرىنى چېلىشقا باشلاپ ھەممە ياق سۈكۈتكە چۆمدى ، تۈلكىنىڭ ئۆيىدەك ئىس - تۈتەك قاپلىغا بۇ ئۆيدە شۇنچە جاراڭلىق مۇڭلار ياڭراپ ھەركىمنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئۇرغۇتاتتى ئەمما ئولتۇرغان ھەر بىر كىشىنىڭ كۆزلىرى خۇددى يۇمۇلۇپ قالىدىغاندەك ئالىيىپ شۈكلەپلا كەتتى ، پۇتۇن ۋۇجۇدۇم ئوتتۇرىدا ئېلىكتورۇنلىق ساز چىلىۋاتقان شاكىر شەيتاننىڭ ھەركەتلىرى بولۇپ ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى شەيتانلىقىنى بەكمۇ ئەسلىتەتتى .

تاڭ سەھەردە قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى خۇددى ئانا دىيارىمغا قايتقاندەك تۇيغۇدا تەسىر بىرىپ چۆچۈپلا ئويغاندىم ، ياندىكى كىرىسلودا مۇختەركام تاتلىق ئۇيقۇدا بولۇپ ياتاق ئىچى جىمجىت ئىدى بىرئاز تۇرىۋېلىپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ئىشىكنى ئاچتىم ، ئەتىراپ بەكمۇ گۈزەل بولۇپ ياپيېشىل مەنزىرە ئىللىق قۇياش نۇرى ! خۇددى مەن باشقا بىر دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك ئەتىراپقا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ باقتىم ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قار دەسسەپ ماڭغان سوغۇق شىۋىرغان يوللار بۇ ئىسسىق ماكاندا ماڭا نىسبەتەن بەكلا غەيرىلىك بىلىنەتتى ، بۈگۈن ئېسىمدە قېلىشىچە ئون بىرىنجى ئايغا ئون توققۇز ئەمما بۇ ئايلاردىكى سوغۇق ھاۋا كىلىماتى ھازىرقى ئورنۇمدا زادىلا يوق ئىدى ، ئەتىراپنىڭ گۈزەل سىماسى مىنى ئۆزىگە تارتىپ ياتاق ئالدىدا تۇراتتىم بۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان قەلئەگە ئوخشاش ئايلانمىسى نەچچە يۈز مىتىر كېلىدىغان ئۈچ قەۋەتلىك يۇپيۇمىلاق مىللىچە ساراي بەكمۇ چىرايلىق ئىدى ، ساراينىڭ ئوتتۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تال - ئۈزۈم باراڭلىرى شۇنداقلا يېقېملىق قۇشلار ئاۋازى ھەقىقەتەن ئانا تۇپراقنى ئەسلىتەتتى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تۇيۇقسىز بىرى ماڭا سالام قىلدى ، مەنمۇ دەرھال ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىدىم ئۇ ئاتۇش ئىدى .
- ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئەتىگەنلىكىڭىز خەيىرلىك بولسۇن ! قايتۇرۇپ ئەدەب بىلەن سالام قىلدىم .
- بىرگە بولسۇن ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ ؟ شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن مىنىڭ ياتىقىمغا كىرىپ پاراڭلاشقاچ ئولتاردۇق ئوزۇن ئۆتمەي مۇختەركاممۇ ئويغۇنۇپ تۇرۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ ھەر - بىر سۆزلىرى بەكلا يۇمۇرلۇق ئاڭلىنىپ مەن بىلەنمۇ ئاسانلا چىقىشىپ قالدى ، ئىختىيارسىز بۇ چولپان بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىمدىن ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم ، ئۈچەيلەن سەھەردە گۈلمىرەنىمۇ ئېلىپ بۇ سارايغا ئانچە يىراق بولمىغان مەركىزى خەلىق مەيدانى ئالدىغا سېلىنغان يىپەك يۇلى رېستۇرانىغا كىردۇق ، بۇ ھەيۋەتلىك بىزەلگەن مىللىچە رېستۇران ئەسلىدە مۇشۇ قەلئەدىكىلەرنىڭ بولۇپ ئاتۇش پۇكەيدە تۇرۇپ ھىساپ باشقۇرىدىكەن ، بىزنىڭ يېڭىياچە قەدەملىرىمىزمۇ ئاستا - ئاستا كۆنۈشكە باشلىدى كۈنلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆتۈپ ھەپتىمۇ بولدى ، ئەمما كۈنلىرىمىز بىر خىل رىتىمدا داۋاملىشىپ ئەتتىگەندە تۇرۇپ تاماق يىيىش ، چۈشتە ئەنۋەرجان ئاكاشقا تېلىفۇن قىلىش ، كەچتە يەنىلا شۇ رېستۇراننىڭ ھەقسىز تائاملىرىدىن غىزالىنىپ ياتاقتا ئارام ئېلىش بولدى ، ھەر - قېتىم ئەنۋەرجان ئاكاشقا تېلىفۇن قىلغىنىمىزدا :
- خاتىرجەم يەنە نەچچە كۈن مىنى ساقلاپ ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار ! قېينى ئىنىم سىلەرگە ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ مەنمۇ تىزلا يېنىڭلارغا بارىمەن ! دىگەندەك سۆزلەر تەسەللى بولۇپ جىمجىتلا ياشاپ كەتتۇق ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ياتاقدېشىم مۇختەركامنىڭ ماڭا يېقىندىن غەمخورلۇق يەتكۈزىشى ئاستىدا بۇ ئاق ساراينىڭ سىرىنى ئوبدانلا چۈشىنىپ قالدىم ، سارايدا تۆت - بەش يۈز ئادەم ياشايدىغان بولۇپ ھەركىمنىڭ خىزمىتى ئايرىم ئەمما چوقۇنغۇچىسى بىر بولۇپ ئۆز ئالدىغا ئورنىتىۋالغان ئويغۇر قەلئەسى دىگەن نام بەكمۇ سىرلىق ئىدى ، ئۆزگىچە شەقسى قانۇنلىرى كىشىنى ئىلاجىسىز ھەر يوللارغا باشلاپ قوياتتى بۇنىڭدىن بىزلەرمۇ ساقىت ئەمەستەك قىلاتتۇق ، كۈنلەرنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن بۇ ئورۇننىڭ ئاتامانى ئەكرەمجان ئاكاش مەلۇم بىر كۈنى بىزنى چاقىرىپ بېكار يۇرگىچە كەچلىك ئويۇنغا ياردەم قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى ئىككەيلەن بۇ تەكلىپتىن ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايتتۇق ، بېشىمغا كەلگەن قىسمەتلەر بەلكىم مۇشۇنىڭ بىلەن باشلىنىشى مۇمكىن ! قات - قات مەسلىلەر بېشىمنى قوچۇپ نىمە قىلارىمنى زادىلا بىلمەيتتىم چۈنكى مەندە ئۇسۇلچىلاردىكى تالانت نىمە قىلسۇن كەسپىم رەسسام تۇرسا ! ئىككەيلەن شۇنىڭدىن باشلاپ رېستۇراندىكى ئارتىس بالىلارغا قۇشۇلۇپ كەتتۇق مۇختەركامنىڭ ياردىمى بىلەن سەھنە ئارقىسىدا سازەندە رولىنى ئالدىم ، گۈلمىرەنىڭ كەسپى ئۇسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن توپ ئۈسۈلچىلارغا ئاسانلا قوشۇلۇپ كەتتى ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەنۋەرجان ئاكاش بىلەن بولغان ئالاقىمۇ ئۈزۈلدى ھەرخىل سۆز - چۆچەكلەر بىزنى بەكلا ئەنسىرىتەتتى ، بەزىلەرنىڭ چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ :
- سىلەرنى ئەنۋەر ئاكاڭلار سېتىۋەتتى ئەمدى مۇشۇ جايدا ئىشلەيسىلەن ! دىگەندەك سۆزلىرى گەرچە چاقچاق بولسىمۇ بىزلەرنى بەكلا ئەنسىرىتەتتى ، دەككە - دۈككىدە بىر يېرىم ئاي ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى ئەمما ئەنۋەرجان ئاكاش زادىلا بىزنى ئالغىلى كەلمىدى ، مەنمۇ تىرىشىپ يۈرۈپ باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تاتارچە ئۇسۇلدىن بىرنى گۈلمىرە بىلەن ئىككى كىشىلىك قىلىپ تەييارلىدۇق ، گەرچە ھەركەتلىرىم ئاددى بولسىمۇ ئۇدار سىزىمىن بەكلا ياخشى ئىدى بەزى قىيىن ھەركەتلەرنى ياخشى مەشىق قىلىپ كىيىنچە ئوبدانلا ئوينايدىغان بولۇپ كەتتىم ، كۆرەرمەنلەر ئاساسەن خەنزۇ مىللىتى بولۇپ ئالقىشلار بەكلا يوقىرى ئىدى شۇڭىلاشقىمىكىن بىز ئوينايدىغان ئۇسۇلنىڭ مۇزىكىسى بەكلا ئۇرغۇلۇق بولۇپ بۇلار ئۈچۈن گەرچە چۈشەنمىسىمۇ بەكلا ئېسىل نۇمۇر ھىساپلىناتتى .

پايانسىز كەتكەن گۈزەل شەھەر مەنزىرلىرى ، خىلمۇ - خىل شەكىلدە سېلىنغان كۆز يەتكۈسىز ئېگىز ئىمارەتلەر ، قاتار - قاتار كىتىپ بارغان نەچچە قەۋەتلىك ساياھەت مىنبۇسلىرى كىشىنى بەكلا جەلىپ قىلاتتى ، چۈشتىن كىيىن گۈلمىرە ئىككەيلەن رېستۇراننىڭ ئالدىدىكى خەلىق مەيدانىدا كۆندۈرۈلگەن كەپتەرلەرنى تاماشا قىلغاچ ئايلىنىۋاتاتتۇق تۇيۇقسىز مۇختەركاممۇ بىزگە قۇشۇلدى .
- قوزام نەچچە كۈندىن كىيىن سىلەرنى سىرتتا ئايلاندۇرۇپ كېلىمەن بۇ شەھەر بەكلا چوڭ ! ئۇنىڭ تاتلىق سۆزلىرى غەمكىن قەلىبلەرگە دۇرا بولۇپ ھەركىم بەكلا ھۆرمەتلەيتتى مىجەزىمۇ شۇنچە ئوچۇق چاقچاقچى بولۇپ كىشىگە ھەرگىزمۇ يامانلىق قىلىشنى ئويلىمايتتى .
- مۇختەركا سىز نىمە ئۈچۈن توي قىلمىدىڭىز ؟ ئارىلاپ گۈلمىرە سۇئال سوراشقا باشلىدى .
- مىنىڭ بېشىمدا غەملەر بەكلا كۆپ ئامال يوق ! ئۇ باشقا سۆز قىلمىدى .
- ئۇنداقتا ھېلىقى تېلىۋىزىيە فىلىمىدىكى ئاشىقىڭىز دىلنارنى قانداق قىلدىڭىز ؟ ئۇ سۇئالىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى .
- تاتلىق سىڭلىم بۇ دىگەن بىر سىنارىيە خالاس ! مۇختەركام ھەر - بىر ھالقىلىق سۆزلەرنىمۇ بەكلا ئەستايىدىل سۆزلەپ بىزگە چۈشەندۈرەتتى ، كۈنلەرنىڭ تەكرار ئۆتىشى ئاستىدا بۇ شەھەردە مۇختەركام بىلەن ئاكا - ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدۇق ، ھەقسىز ياتاق ، ھەقسىز تاماق بارلىق كىشىگە ئوخشاش ئىدى ئەمما يانچۇقتا بىر تىيىنمۇ يوق ، بىز كەلگەندىن بىرى مۇشۇنداق قورساقنى تويغۇزۇپلا ياشاشقا مەجبۇر بولدۇق يېنىمىزدا پۇل قالماي كىيىم كېچەكلىرىمىزمۇ يىرتىلىشقا باشلىدى .

ئەتىراپنى تۇمان بېسىپ شەھەر ئاسمىنىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ، شىددەت بىلەن قۇيۇلۇۋاتقان يامغور ئاستىدا گۈلمىرە ئىككەيلەن شۇنچە ئالدىراش ياتاققا قايتىۋاتاتتۇق ، بۈگۈن بۇ شەھەرگە كەلگىنىمىزگە ئىككى ئاي بولغان ئىدى بەزى چاغلاردا ئۆزىمىز بىلگىدەك جايلارغا بېرىپ شەھەر مەنزىرلىرىنى تاماشا قىلاتتۇق شۇنداقلا بۈگۈنمۇ ئىككەيلەن ئاق سارايغا ئانچە يىراق بولمىغان بەزى سودا سارايلارنى ئايلاندۇق ، چۈشتىن كىيىن قاتتىق يامغور ياغقاشقا نەچچە مىڭ مىتىر يولنى پىيادە يۈرۈپ سارايغا قايتىپ كەلدۇق ، ئاق ساراي قۇۋۇقى تاقاق بولۇپ بەكلا چوڭ ھەم ئېگىز ئىدى مەن بار كۈچۈم بىلەن تاقاق ھالقىسىنى قېقىشقا باشلىدىم ، شىددەت بىلەن يېغىۋاتقان يامغورنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى تەسىرىدىنمۇ قانداق بىرەركىممۇ چىقمىدى ، پۇتۇمدىكى ئاياقنىڭ ئاستى تىشىلىپ كەتكەن بولۇپ يامغور سۈيى ئاياق ئىچىدە مىلىشلاپ پۇتۇتۇمنى بەكلا بىئارام قىلاتتى ، مەن داۋاملىق تاقاق ھالقىسىنى قېقىشقا باشلىدىم ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ بىرى چىقتى .
- نەگە باردىڭلار ؟ ئۇ دەرۋازا باققاۋۇلى بولۇپ ئاچچىقى بەكلا يامان ئىدى .
- سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرگەن ! مەنمۇ ئۇدۇللا جاۋاپ بەردىم .
- بۈگۈن ساراي ئىچى سەل قالايمىقان كىرىشە ! ئۇ خۇددى ئادەمنى يەيدىغاندەك بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا بىزگە ۋارقىرىدى ، بىزگە نىمە ئامال كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مېھمانلىق سالاھىيتىمىز ئاستا - ئاستا يوقاشقا باشلىغان بۇ رىئاللىق مۇشۇنداق يۇمشاق بويۇن قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويىدىكەن ، ئارتۇق سۆزلىمەيلا ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق ئەمما تال ئۈزۈم باراڭلىرىنىڭ ئارسىدا بىرى قانغا مىيلەنگەن ھالدا ئېسىقلىق تۇراتتى ، ئۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم جىغ قىلىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم .
- قوزام بۇياققا چىق ! ئۈستىدە مۇختەركام ياتاق ئالدىدا تۇرۇپ مىنى چاقىرىۋاتاتتى ، بىز ئۇ ئېسىقلىق تۇرغان بىچارىنىڭ نىمە بولغانلىقىنى زادىلا بىلمەيتتۇق توۋا دەپ ياقىنى چىشلەپ قۇيۇپ ئۈستىگە قاراپ قەدەم باستۇق ، ياتىقىمىز ئۈچىنجى قەۋەتتە بولۇپ شىددەت بىلەن تۈكۈلىۋاتقان يامغور دەشتىدە تولىمۇ تەستە ئۈستىگە چىقتۇق .
- نەگە باردىڭلار ئابايتىن بەكلا سۈرۈشتە قىلىش بولۇپ كەتتى ! مۇختەركام بىزدىن بەكلا ئەنسىرىگەنكەن .
- سىرتقا چىققان ئىدۇق ئاۋۇ كىم نىمە بۇپتۇ ؟ مەن جاۋاپ بەرگەچ باراڭ ئاستىغا ئېسىقلىق تۇرغان ئادەمنىڭ نىمە بولغىنىنى بىلمەكچى بولدۇم .
- ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى تالانتلىق ئارتېس ئىدى سىلەر كىلىشتىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەن بۈگۈن شىنجىندىن تۇتۇپ كەپتۇ ، بولدى قارىماڭلار ياتاققا كىرىپ كېتەيلى ! ئۇ سۆزلىرىنى قىلغاچ بىزنى ياتاققا ئېلىپ كىردى ، ئەسلى ئۇ ئېسىقلىق كىشى قەدىمقى يىللاردىكى نەسىرىدىن ئەپەندىمنىڭ خاس رولچىسى غالىپ ئىكەن ئۇ قانداق بولۇپ بۇنداق كۈنلەرگە قالدى چۈشەنمەك تەس ئىدى ، بىز ئۇ كىشى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىۋاتاتتۇق تۇيۇقسىز سىرتتا ۋار -جۇر ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى شۇئان بىزمۇ ياتاق ئالدىغا چىقتۇق باراڭ ئاستىغا ئېسىپ قۇيۇلغان غالىپ نەچچە كىشى تەرپىدىن يەنىلا قاتتىق تاياق يەۋاتاتتى ، ئۇنىڭ زار - زار توۋلاشلىرى پۈتۈن ساراي ئىچىنى ساراسىمگە سېلىپ ھەركىمنىڭ قەلبىگە چوڭ بىر يارا شەكىللەندۇرەتتى .
- ياراتقان ئاللا سەن قېنى !!!!!!!!!!! جېنىمنى ئالساڭ بولمامدۇ ! غالىپنىڭ ئاچچىق خىرقىراپ توۋلاشلىرى گۈلمىرەگە تەسىر قىلىپ تۇيۇقسىز يېنىمدىلا يىقىلىپ چۈشتى ، مۇختەركام ئىككەيلەن تىزلىكتە ئۇنى يولەپ ياتاققا ئېلىپ كىردۇق .
- گۈلمىرە ! گۈلمىرە ! سىزگە يەنە نىمە بولدى ! ئۇنى چاقىرىپ بار ئامالنى قىلدىم ئەمما ئۇنىڭدا تىنىقمۇ يوق ، قورقۇپ يۈرىكىم چىقىپ كېتەيلا دىدى .
- گۈلمىرە !!!!!!!!!! بار كۈچۈم بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ توۋلاشقا باشلىدىم ، مۇختەركام ئاغزىغا سوغۇق سۇ ئېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە پۈركۈشكە باشلىدى بىراق ئۇمۇ كار قىلماي خۇددى جېنى چىقىپ كەتكەندەكلا تىپتىنىچ تۇراتتى .
- ئاھ تەڭرىم نىمە قىسمەتلەر بۇ ! يىللار مۇشۇنداق رەھىمسىزمىدۇ ؟ ئىچى - ئىچىمدىن قېقىلىپ يىغلاۋاتاتتىم تۇيۇقسىز گۈلمىرە چوڭ بىر تىندى .
- خۇداغا شۈكرى جېنىم يەنە بىر نەپەس ئېلىڭە ! ئۇنىڭ تەرگە چۆمگەن يۈزلىرىنى سۈرتۇپ ئۇلۇغ ئاللادىن ئامان - ئىسەنلىك تىلەشكە باشلىدىم ، ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي گۈلمىرەمۇ ياخشىلىنىشقا باشلىدى ئەمما بەكلا ئۇيقۇسى كەلگەن بولۇپ ئۇيقۇغا كەتتى ، پۈتۈن كائىنات بىز ئۈچۈن سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك ئەسلى ھوشوم جايىدا ئەمەس قەلبىم بەكلا غەش مىسكىنلىقتا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتىم تۇيۇقسىز سىرتتىكى غاژ - غۇژ ئاۋازلار يەنە ئەۋجىشكە باشلىدى ، بۇ قېتىمقى زەربە يىگەنلەر غالىپ ئەمەس ئىدى ئۇزۇن ئۆتمەي مۇختەركام بەزى خەۋەرلەرنى ئېلىپ كىردى ، ئەسلى بۇ قورغاندا ھەسەن - ھۆسەن ئىسىملىك ئون ئىككى ياشلارردا ئىككى ئاكا - ئۇكا بولۇپ سارايدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارىمىش ، ئۇلار بۈگۈن بەزى يوللارنى خاتا دەسسەپ قۇيۇپ ئاتامانلار تەرپىدىن باشقىلارغا ئوخشاشلا جازا يەپتۇ ئىسىت ئۇ بىچارىلەرنىڭ زار - زار چىرقىراشلىرى ، ئىككىنجى قەۋەتتىن چىقىۋاتقان ئاچچىق زارلىنىش ، ئۆتۈنۈشلەر بىچارە نارسىدىلەرنىڭ دات - پەريادى قېنى ئاستىدا ئاستا - ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى ، ئىچىمدىكى ئەندىشە بۇ سىرلىق ماكان بىلەن زىتلاشقاچ ھاياتىمنىڭ كىيىنكى قەدەملىرىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم ، مۇختەركام بۇ ساراينىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرىنى ئانچە - مۇنچە چۈشەندۈرۈپ قويدى ، ئەسلى بۇ ئويغۇرلار توپلاشقان سىرلىق ماكان ئۈزۈن يىللاردىن بىرى تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن كونتىرول قىلىنغان بولۇپ مەن بىلمەيدىغان بۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە شەھەردە قۇشۇمچە بازىسى باركەن ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەڭ تەرەققى قىلىۋاتقان تىجارىتى قىزىق بازاردا يانچۇقچىلىق قىلىش بولۇپ قۇشۇمچە كاۋاپچىلىق قىلىش ۋە ماتاڭ سېتىش ئۇلارنىڭ ئارقا پەردە كۆرىنىشى قىلىنغان ، خالىغانچە ئادەم ئۇرۇش بولسا بۇ قەبىلىنىڭ شەقسى ئىشى ئىكەن ، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇلارغا تېپىپ بەرگۈدەك ئالاھىيدە ئىسپاتى بولمىغاچقا ئويغۇرلارنىڭ خوركى بەكلا چوڭ ئىكەن ، بازاردا ئوينايدىغان كىچىك بالىلار قاتتىق تاياق ئاستىدا مەشىق قىلغاچقا بىر - بىرىدىن ئۇستا يانچۇقچىلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىدىكەن ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى ئاستا - ئاستا بۇرمۇلۇنۇپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇشۇ ئورۇنغا ۋە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە كۆنۈپ قالىدىكەن ، توۋا ! بۇ سىرلىق جاي بەكلا چۈشىنىكسىز ئىدى .

ۋۇ خەن شەھىرى بىپايان كەتكەن چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى تەرپىگە جايلاشقان بولۇپ بىر قىرغاق ۋۇ چاڭ يەنە بىر قىرغاق خەنكۇ دەپ ئاتىلاتتى ، بىز تۇرىۋاتقان ئورۇن خەنكۇ شەھىرى بولۇپ ساياھەت مىنبۇسى ئارقىلىق چاڭجىياڭ دەرياسىنى كىسىپ ئۆتۈپ ۋۇ چاڭ شەھرىدىكى خەلىق باغچىسىدا ئايلىنىپ بىمالال ئەسلى قەبىلىمىزگە قايتىپ كېلەلەيدىغان بولدۇق ، زوراۋان يىللا ئاستا - ئاستا داۋاملىشىپ بىزنىمۇ كۆندۈرىۋەتتى ، بۇ جايغا كەلگىلى توپتوغرا ئۈچ ئاي بوپتۇ ئىزدېرەكسىز ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ كۆرمىگەننى كۆردۇق شۇنداقلا ئاياق - پۇشقاقلار يىرتىلىپ قورساقنىڭ تويغۇنىغا شۈكرى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق ، چۈشتە مۇختەركام ۋە غالىپلار بىزنى سىرتتا ئايلاندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى ئوبدانلا ئېچىپ قويدى ، غالىپ قېچىشتىن بۇرۇن مەن ياتقان كارۋاتنىڭ ئېگىسى بولغاچقا ھازىر ياتاقتا ئۈچەيلەن تۇراتتۇق ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆڭلى بەكلا ياخشى بولۇپ باشقىلارغا پەقەتلا يامانلىقى يوق ئېسىل ھەم تالانتلىق كىشى ئىكەن ، ئۈچەيلەن بىر ئاينىڭ ياغى ئوبدانلا كىلىشىپ قالدۇق غالىپنى تونۇشقاندىن بىرى غالىپكا دەپ ئاتايدىغان بولدۇم ئۇ دۇنيادا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئاۋازىنى ئېغىزى بىلەن ھىچقانچە كۈچىمەيلا ئۆز - ئەينەن دورىۋاتاتتى ، ئېيتقان ناخشىللىرى مىللىچە بولۇپ ئاساسەن خەنزۇ تىلىدا ئېيتىلاتتى ، ئۇنىڭ خەنزۇ تىلى ساۋادى ئالاھىيدە ياخشى بولۇپ ھەرقانداق چوڭ تىپتىكى سەھنە - ئوپىرالاردا ئۆزىنىڭ تۇغما قىزىقچى تالانتى بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىپ كۆپ شەھەرلەردە نامى باركەن ، بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئۇنىڭ ۋۇ چاڭ شەھرىدىكى بىر دوستىنىڭ يېنىغا چىقىپ مېھمان بولدۇق ، ساراي تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئورپ - ئادەتلىرى بۇيچە سېلىنغان دائىرىسى بەكلا كەڭرى شەقسى داچا بولۇپ ھەممە نەرسە تەل كۆرىنەتتى ، غالىپكامنىڭ دوستى ئوتتۇز توققۇز ياش بۇلۇپ ۋۇ چاڭ شەھەرلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەن ، ئۇ كىشى قارىماققا بەكلا ياش كۆرىنەتتى مىجەزىمۇ شۇنچە ياخشى بولۇپ غالىپكامنى تولىمۇ چوڭ بىلىدىكەن ھەم بىز ئويغۇرلارنىڭ سەنئىتىنى ئالاھىيدە قوللايدىكەن ، بۇ كىشى بىزنىڭ چىقىدىغانلىقىمىزنى ئەتتىگەندىلا بىلگەچكە تەييارلىقنى ئوبدانلا قىلىپتۇ مىللىچە دوراپ قورۇلغان توخۇ گۆشى قورۇمىسى ۋە مۇسۇلمانچە بېلىق گۆشى قاتارلىق تائاملار بەكلا كۆپ ئىدى ، بىز ناززى - نىممەتلەردىن قانغىچە ھوزۇرلىنىپ كىيىن بۇ كىشىنىڭ شەھەرلىك تىياتىرخانا ئالدىغا ئاچقان مۇزىكا ئەسۋاپلىرى دۇكىنىغا چىقتۇق ، دۇكان ئىچى بەكلا ھەيۋەت بولۇپ سازلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى ھەمدە تۇركىيە ، مىسىر ، شىنجاڭ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مىللى سازلىرىنىمۇ قاتار ئېسىپ قۇيۇپتۇ ، غالىپكام قولىغا چىققانلا سازدىن بىر مىسرا چېلىپ قوياتتى ئۇنىڭ ئەسلى كەسپى راۋاپ بولۇپ ھازىر ھەممىنى قىلىدىكەن ، شۇنداق قىلىپ نەچچە سائەت ۋاقىتنى بۇ ئەھمىيەتلىك ساياھەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ كۆڭلىمىزمۇ ئوبدانلا كۆتىرىلىپ قالدى ، قايتاشىمىزدا غالىپكام بۇ كىشى بىلەن بەزى ئىشلار توغرىسىدا توختاملاشتى ، ئەسلى بۇ قېتىملىق خەنزۇلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ئۆتكۈزىلىدىغان سەنئەت پائالىيتى بار بولۇپ شەھەرلىك ئۆمەك غالىپكام بىلەن ھەمكارلاشماقچى بۇپتۇ ، بىز كەچتە قايتىپ رېستۇرانغا يىغىلدۇق شۇنداقلا كەچلىك ئۇيۇننىڭ تەييارلىقىنى قىلدۇق ، تەييارلانغان نۇمۇرلار ئالاھىيدە مەشىق بىلەن بولغاچقا كۈندىلىك ئۇيۇنىمىزمۇ ھەرۋاقىت مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى بىلەن ئاخىرلىشاتتى ، كەچ بېيجىڭ ۋاقتى توققۇز يېرىمدا ئۇيۇنىمىز رەسمى باشلىنىپ رېستۇران ئىچى لىق مېھمانلار بىلەن تولغان ھەممە ياق جۇشقۇن كەيپىياتتا ئىدى ، بىرىنجى نۇمۇردىن كىيىنلا گۈلمىرەنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇلى بولۇپ ئۇ ئوتتۇرىدا ئويناۋاتاتتى مەن ئارقا سەھنىدە مۇزىكا چالغۇچى رولىنى ئالغاچقا ئۇنىڭغا بەكلا يېقىن ئىدىم ، تۇيۇقسىز ئۇسۇلنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە گۈلمىرە قوللىرىنى پۇللاڭلاتقانچە يىقىلىپ چۈشتى مەنمۇ دەرھال ئۇنى يۈدۈپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە ئېلىپ كىردىم ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاۋالقىدەكلا كەينىگە تارتىپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىشقا باشلىدى نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرىشىمغا بىرى كىرىپ ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىمىزنى ئېيتتى ، بىزدە ئۇنى دوختۇرغا كۆرسەتكۈدەك نەدىمۇ پۇلىمىز بولسۇن بېشىم قوچالماقتا ئىدى .
- تىز بولايلى ! ئاتۇش كىرىپلا ماڭا ياردەم قىلماقچى بولدى ، نەچچە كىشى گۈلمىرەنى ماشىنىغا سېلىپ ھازىرقى ئورنىمىزغا ئەڭ يېقىن بولغان بىر دوختۇرخانىغا باردۇق ھېلىھەم ئۇ بىھۇش ياتاتتى ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ بۇنداق بۇلۇپ قالغانلىقىنى تۆتىنجى قېتىم كۆرىشىم ئىدى ئەمما بىھۇش ۋاقتى ئەڭ ئوزۇن بولغىنى مۇشۇ قېتىم بولۇپ بەكلا قورقۇتىۋەتتى ، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ دوختۇرنىڭ قۇتقۇزىشى بىلەن ئاستا - ئاستا ئوڭشىلىشقا باشلىدى بىراق پۇت - قولىدا جان يوق نەچچە كۈن ئارام ئېلىشقا بۇيرۇلدى ، دوختۇر پۇلىنى ئاتۇش رېستۇراننىڭ مالىيەسىدىن تۆلەپ نەچچە كۈن گۈلمىرەگە ئوكۇل ئالدۇق .

خەلق تىياتىرخانا ئىچى ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ نەچچە مىڭ تاماشىبىن ۋە دۆلەت كادىرلىرى باھار بايرىمىنى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ئورۇنلىرىدا ئورۇن ئالغان ، سەھنە ئارقا دىكراتسىيە قىپقىزىل شەپەق نۇرى بىلەن بەش يۇلتۇزنىڭ سىماسى ئالاھىيدە ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى ، رېستۇراندىن كەلگەن مىللى ئارتىسلار ئالاھىيدە كۈتىنىش ئىمتىيازىغا ئېرىشىپ تەييارلىق باسقۇچىدا ئىدۇق ، ئۈچىنجى نۇمۇر بىزنىڭ بولۇپ چاتما ئۇسۇل ئىدى ھەش - پەش دىگۇچە ۋاقىتمۇ توشۇپ نۇمۇرلىرىمىزنى سەھنىدە نامايەن قىلىشقا باشلىدۇق غالىپكام رىياسەتچىلىك قىلىشتىن باشقا بىزنىڭ نۇمۇرىمىزدىمۇ ناخشا ئېيتاتتى ، مۇختەركام ئېلىكتۇرۇنلۇق سازغا مەسئۇل بولۇپ باشقا ئۇسۇلچى بالىلار نەچچە كۈندىن بىرى تەييارلىغان ئۇسۇلنى ئوينىدۇق ، بۇ مىنىڭ بۇنداق چوڭ سەھنىلەرگە چىقىشىم تۇنجى بولغاچقا بەكلا ھۇدۇقاتتىم چاتما ئۇسۇل ئارلىقىدا مىنىڭمۇ گۈلمىرە بىلەن بىرگە ئوينايدىغان بىر كوبلىت ئۇسۇلۇم بار بولۇپ ئىختىيارسىز جىددىيلىشىشكە باشلىدىم ، مۇختەركام مۇزىكا ئاھاڭىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن تەڭ غالىپكاممۇ ئۇلاپ ناخشىسىنى باشلىۋەتتى ، بۇ تېكىست بىزنىڭ بۇلۇپ ئىككەيلەن غۇلاچلىرىمىزنى چوڭ ئېچىپ ئۇسۇلچىلار توپىدىن ئوتتۇرىغا قەدەم باستۇق .

بىسمىللادىن ئىش باشلىدىمدىم سۇغا تاياق تاشلىدىم ،
دوستلىرىمنىڭ ھۆرمىتىگە ئاتلوشكامنى باشلادىم .

ئۇسۇلنىڭ ئەۋجىگە كەلگەندە تولىمۇ تىز ئالىدىغان ھەركەتلەر بولغاچقا ئىككەيلەن قولتۇقلىشىپ پىرقىراشقا باشلىدۇق ، قانداقتۇر ئېھتىياتسىزلىق تۇپەيلى سەھنە ئاستىغا سېلىنغان قىزىل پايانداز پۇتۇمغا ئىلىشىپ قېلىپ بەكمۇ سەت يىقىلىپ چۈشتۈم ، كىيىن قايسى ھەركەتلەرنى قىلغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن يىقىلغاننىمۇ مەلۇم ئۇسۇل ھەركىتى قىلىپ دەرھاللا تۇرۇپ كەتتىم ، نۇمۇرىمىزمۇ تىزلا ئاخىرلىشىپ سەھنىدىن چۈشتۇق ئەمما يۈزۈم باشقىلار ئالدىدا بەكلا چۈشتى بەدىنىمنى بىر نەرسە چېقىۋاتقاندەك بىئاراملىق ھىس قىلاتتىم ، قانداق بولغىنى بۇ غالىپكامغا نىمىمۇ دەرمەن ! بېشىم قېتىپ ئۇياق - بۇياقلارغا ماڭاتتىم ، نەچچە سائەت داۋاملاشقان باھار بايراملىق سەنئەت پائالىيتى ئاخىرى ئاياغلىشىپ ئەسلى قورغانىمىزغا قايتتۇق شۇنداقلا رېستۇراندىكى ئويۇننىمۇ ئاخرلاشتۇرۇپ ياتاققا قايتماقچى بولدۇق ، تۇيۇقسىز غالىپكام چاقىرىپ ئارتېس باللارغا يىغىن بارلىقىنى ئۇقتۇردى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چۇقۇم مىنى تەنقىتلەيدۇ دەپ ئويلۇدۇم .
- بالىلار بۈگۈنكى پائالىيتىمىز ناھايتى ياخشى بولدى شۇنداقلا بىزگە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە تىياتىرخانىدىن ئازىراق كۆڭلىنى سۇنۇپتۇ ! ئۇ سۆزلىرىنى قىلغاچ ھەربىرىمىزگە ئىككى يۈز يۈئەندىن پۇل تارقاتتى .
- سارايدىكى ئاتامانلىرىمىز بۇنى بىلسە قانداق بولار ؟ ئارىدىن داپچى نۇرقارىكام ئەندىشە ھىسياتىدا سۆزلەشكە باشلىدى .
- ئەنسىرىمە ئاكا ، ئەكرەم خۇجايىن بۇلارنى بىلىدۇ ھەم يول قويغان پۇللارنىمۇ سىلەرگە تارقىتىشىمنى ئېيتتى ! غالىپكام ھەممەيلەننى خاتىرجەم قىلىپ ئالدىمىزدا كىلىۋاتقان قۇربان ھېيىتنى ياخشى ئۆتكۈزىشىمىزگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .

ئەتىراپنىڭ شاۋقۇن سۆرەنلىرى ھەر - بىر شىنجاڭلىققا نىسبەتەن يات ئاڭلىنىپ جاھاننىڭ يەنە بىر تەرپىدە قالغان ئانا يۇرتىنىڭ ھىدىنى پۇراشقا بەكلا تەشنا ئىدى ، بۇ يەردە بەزى كىشىلەر تۇرۇۋاتقىلى ئون نەچچە يىل ھەتتا يىگىرمە نەچچە يىللارچە بولغان ئىكەن ، بۇلارنىڭ كۆپۈنجىسى يۇرتىدا تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان ياكى جان قەرزى بولغانلار بولۇپ بىر - بىرىدىن رەھىمسىز ئىدى ، كىچىك بالىلار بازاردا ئويناپ نەچچە كۈنگىچە بىرەر ئولجا ئالالمىسا ئارقىدىن چىققان قۇشلىرى بىلەن بىرگە قوشۇلۇپ تاياق يەيتتى ، رېستۇراندا ئۇسۇل ئويناۋاتقان ۋە باشقا سازەندىلەرمۇ بۇ جايغا قانداق بەنىت بولدى نامەلۇم بولۇپ تۇرۇۋاتقىلى ئالدى ئۈچ - تۆت يىل كەينى بىرەر يىلچە بولغان ئىكەن ، بەزى ئىچكى ئىشلارنى چۈشەنگىلى بولمايتتى چۈنكى ئارتىس بالىلارمۇ ئاساسەن بۇ ئورۇنغا گەدەنگە كەلگۈچە قەرز بولۇپ بىر تىيىنمۇ ئىش ھەققى ئالالماي قورساقنىڭ تويغىنى غەنىمەت بىلىپ كىيىنكى تەقدىرىدىن بىخەۋەر ياشايدىكەن ، كۈنلەر مانا مۇشۇنداق بىغۇبار ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ بەزى قىيىنچىلىقلار بىز ئۈچۈن بەكلا ئېغىر بولۇپ ئاتا - ئانا يۇرت - قېرىنداشلىرىمىز ھەر - بىر قەدەمدە غۇۋا كۆرۈنگەندەك تۇيۇلاتتى ، تۇرىۋاتقان ئورنىمىز بەكلا خەتەرلىك بولۇپ قايتىپ كىتىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى بۇ شەھەردىن باشقا يەنە نەچچە شەھەردە بۇ قۇشۇننىڭ ئايرىم تۇرۇشلۇق بازىللىرىنىڭ كۈندىلىك ئالاقىسى قۇيۇق بولۇپ قاچىمەن دىگەننىڭ جاجىسى ئۆلۈم بىلەن ئوخشاش ئىدى ، ئەسلى بۇ قوشۇننىڭ ئەڭ چوڭ كاتىبېشى تۇرسۇن ئىسىملىك ئوتتۇز سەككىز ياشلار چامىسىدىكى ئىگىز بوي كىشى بولۇپ مارالباغدىن ئىكەن ، بۇ كىشى تەرەققى قىلغان نەچچە شەھەردىكى ئويغۇرلار قوشۇنىنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقى بولۇپ كىشىلەر تۇرسۇن تارتۇق دىيىشىدىكەن ھەم بەكلا چۈچىيدىكەن ، ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمى كەلدى بايرام تەنتەنىسىدە كىشىلەر تۇرسۇن تارتۇق دىيىشىۋالغان ھېلىقى كىشى بۇ قەلئەنى تەكشۈرۈپ كەلگەچ بارلىك كىشىلەرگە ھېيىتلىق پۇل تارقاتتى ، بىزمۇ بۇ چوڭ ئاتاماننىڭ ئىلتىپاتى ۋە قايسى كۈنىدىكى پائالىيەتنىڭ پۇلى بىلەن يېنىمىزمۇ ئازىراق پۇللۇق بۇلۇپ قالدى ، مەن ئاۋال گۈلمىرەگە ئەرزان باھالىق كىيىملەردىن بىر قۇر ئېلىپ كەيگۈزۈپ ئۆزەمگە بىر جۇپ ئاياق ئالدىم چۈنكى ھازىرقى ۋاقىتتا پۇل بىز ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ئىدى ، يېنىمىزدا قالغان نەچچە يۈز يۈئەن پۇلنى پىششىق ساقلاپ مۇھىم يەرگە ئىشلىتىشكە ئېلىپ قويدۇق ، مۇختەركام ، غالىپكاملارنىڭ ياردىمى بىلەن بىلمىگەننى بىلىپ چۈشەنمىگەننى ئۆگىنىپ كىيىنچە بۇ جاينى ئوبدانلا بىلىپ قالدىم ، ساراينىڭ ئىچىدە مۇساپىر بالىلار كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن پارچە پۇللارنى تىكىشىپ قىمار ئوينايتتى مەنمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدۇم ، دەسلەپتە سارايدىكى بالىلار بىلەن ئويناپ قىمارغا ئوبدانلا ئۇستا بولۇپ قالدىم يانچۇقۇمدىمۇ يوق ئورنىدا بىر نەچچە يۈز يۈئەن پۇل غايىپتىن كىلىپ قالاتتى ، كېچىدىكى قىمارنىڭ شىرىن خۇمارى مىنى ئاستا - ئاستا ئۆزىگە تارتىپ قانداقتۇر يامان يولغا قەدەم بېسىشقا باشلىدىم ، قارت ئوينىغان چاغدىكى تاكتىكام تولىمۇ ياخشى بولۇپ قانداقلا چاغدا تاۋكاغا چۈشەي بەرىبىر رىقابەتچىللىرىم ئالدىمدا مەغلۇپ بولاتتى ، ھەر قېتىم ئۇتقان پۇللارنى مۇختەركام ، غالىپكام قاتارلىق نەچچىمىز سىرتقا چىقىپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتەتتۇق .
- قوزام بۈگۈن ئوبدانلا ئۇتتۇڭمۇ قانداق ؟ غالىپكام ياغاچ زىققا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋاپتىن نەچچىنى تارتىۋېتىپ سۆزلەشكە باشلىدى .
- ياقەي كۈندىكىگە ئوخشاش سۇرۇندا كۆپەرەك پۇل يوق شۇڭا ! مەنمۇ كاۋاپ يىگەچ ئازىراق ماختىنىپ قويدۇم ، مۇختەركام تۇيۇقسىز سۆزلىرىمىزگە خاتىمە بىرىپ :
- قوزام مەن ساڭا ئازىراق تەربىيە بىرىپ قوياي بولسا ماۋۇ قىمارنى ئوينىمىغىن ! مۇختەركامنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا غالىپكام سۆز قىستۇرۇشقا باشلىدى .
- مۇھاممەتنىمۇ ئۆزەڭگە ئوخشاش كۈندە قالمىسۇن دەپ ئويلاپسەندە ، خاتىرجەم بول بىز بار ھەرگىزمۇ ئۇ ئىبلىسلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرمەيمىز ! غالىپكامنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەيلا قالدىم .
- مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق باشلىغان كىيىن يىغاي دەپمۇ يىغىپ بولالمىدىم ئاخىرى مۇشۇ كۈندە قالدىم ، شۇڭلاشقا بۇنىڭغىمۇ ئىشنىڭ بېشىدا ئېيتىپ قوياي دەيمەن ! مۇختەركام سۆزلىرىنى قىلىپ بۇلىشىغا مەنمۇ سۇئال سوراشقا باشلىدىم .
- سىزمۇ بۇرۇن قىمار ئوينىغانمۇ ؟
- شۇنداق ئويناپمۇ بەكلا چوڭ ئوينىغانمەن قاراڭە ئاخىرى قولۇمدىن ئايرىلدىم ! دېمىسىمۇ مۇختەركامنىڭ سول قۇلىنىڭ بىر تال بارمىقى يوق تۇراتتى .
- ۋاي خۇدايىم مۇنداقمۇ ئىشلار بولغان دەڭە مەن ئەمدى دىققەت قىلسام بولغۇدەك ! شۇنداق قىلىپ بۇ سىرلىق ماكاندا ئارىدىن بەش ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى گۈلمىرەنىڭ سالامەتلىكىمۇ شۇ قېتىمقى ئايلىنىپ قېلىشتىن كىيىن خۇداغا شۈكرى قايتا قوزغالمىدى ، يامان يىرى مىنىڭ قىمارغا بولغان تەرەققى قىلىشىم بارغانچە كۈچىيىپ بالىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى ئاستىدا چوڭ قىمار سورۇنلىرىغىمۇ بارىدىغان بولدۇم .

كۆتىرەڭگۈ روھ ، چەبداس ھەركەت ، مۇڭلۇق كۈيلەر مۇجەسسەملەنگەن كەچلىك ئويۇنىمىز ئاخىرلىشىپ ياتاققا قايتتۇق ، غالىپكام ياتاققا كىرىشىم بىلەن مەندىن غەلىتە سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدى :
- قوزام مۇختەرنى ئەتىگەنتىن بىرى كۆردىڭمۇ ؟
- ياق كۆرمۈدۈم ! دېمىسىمۇ ئۇنى ئەتىگەنتىن پەقەتلا كۆرمىگەن ئىدىم .
- نەچچە كۈندىن بىرى ساڭا ئۇ قېچىش توغۇرلۇق بىرەر نىمە دىگەنمۇ ؟ ئۇ داۋملىق ئەنسىز سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدى .
- ياق ! مەن ھىچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ، غالىپكام ياتاق ئىچىدىن تاقاپ قۇيۇپ مۇختەركامنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئېيتقاچ كونا قائىيدىسى بۇيچە ئىسپىرىشلىرىنى تەييارلاپ بىلەكلىرىگە سانقىشقا باشلىدى ، مەن ھەر قېتىم بۇلارنىڭ مۇشۇنداق زەھەر چەككىنىدە ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالاتتى .
- ئۇف !! قوزام ماۋۇ بۇغقۇچنى بوشتىۋەتكىنە ! غالىپكام ئىسپىرىشنى بىلىكىگە سانجىپ بىر قانچە قېتىم قانلىرىنى قايتىلاپ تارتىپ ئۇرۇۋەتكەندىن كىيىن مەندىن ياردەم سورىدى ، مەنمۇ ئاستا ئۇنىڭ بىلىكىگە تېڭىپ قويغان رېزىنكىنى بوشاتقاچ سۇئال سورىدىم .
- غالىپكا مۇختەركام بۇنى چىكىۋاتقىلى قانچە ئۇزۇن بولدى ؟
- بىلمەيمەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن بىرى بىرگە چېكەتتۇق ، تۇنۇشقىلىمۇ ئۈچ يىلچە بولدى ! ئۇ سۆزلىرىنى بايان ئەتكەچ خۇش كەيىپ بىلەن ئۇيقۇغا كەتتى ، ئۇ ئەسلى مۇختەركان بىلەن ئۇزۇن يىللىق دوستلاردىن بولۇپ بىر - بىرىنى بەكلا چۈشىنىشىدىكەن ، مۇختەركامنىڭ پەقەت بىرلا ئارزوسى بار ئىدى كېچە كۈندۈز باس گىتتارنى قولىغا ئېلىۋېلىپ مەشىق قىلىشنى ئۆزىگە يار قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ قىيىن ئۇدارلارغا چالاتتى ، بەزىدە ئاق تاماكىنى راسا چىكىۋېلىپ مۇڭ كەيىپ بولغاندا سائەت - سائەتلەپ مەشىقىنى توختاتمايتتى .
- قوزام ھاياتىمدا ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى چوڭ سەھنىلەرگە بېرىپ مۇشۇ گىتتارىمنى ھازىرقىدەك بىرلا قېتىم چېلىۋالسام سەھنىدىن چۈشكىچە ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازى ئىدىم ! ئۇ دائىم كەيىپ بولغاندا مۇشۇ سۆزنى قىلاتتى ، تىمتاس ياتاق ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىنىپ قانداقتۇر ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن ، سەھەردە گۈلمىرە ياتاققا كىرىپ مىنى ئويغاتقاندىن كىيىن غالىپكامنىمۇ ئېلىپ ئەتىگەنلىك تاماققا چىقتۇق ، ناشتىدىن كىيىن ياتاققا كىرىپ يەنىلا ئارام ئالغاچ قارت ئوينىدۇق بىراق كېچىدىن مۇختەركام ياتاقتا يوق ئىدى ، چۈشتىن كىيىن باشلاپ ھەر يېرىم سائەتتە بىر ئادەم ياتاققا كىرىپ مۇختەركام توغۇرلۇق سۇئال - سوراق ئېلىشقا باشلىدى ، كەچلىك ئۇيۇننىڭ نۇرغۇن تەييارلىقلىرى مۇختەركام بىلەن باغلاشلىق بولۇپ تۆنۈگۈن كەچمۇ ياخشى نۇمۇرلانى ئورۇنلىيالمىدۇق ، بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا بىر قانچە ئاددىيلا نۇمۇرلارنى ئورۇنلاپ ياتاققا قايتتۇق گۈلمىرەنى ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن دەسلەپتىكى قائىيدەم بۇيچە كېچىلىك قىمارخانىغا تەييارلىق قىلدىم .
- بۈگۈن بارماي قويامسىزيە ، مۇختەركامنىڭ دەككە - دۈككىسى مىنى سەل بىئارام قىلىۋاتىدۇ ! گۈلمىرە بۈگۈنمۇ قىمارخانىغا بېرىشىمنى تازا خالاپ كەتمەيتتى .
- ئاخشاممۇ بارمىدىم بۈگۈن بېرىپ كېلەي سەھەردە تىزلا قايتىپ كېلىمەن ! مەن يەنىلا ئۆزەمنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ كېچىلىك قىمارخانىغا باردىم ، كېچىلىك قىمار شەھەر مەركىزىنىڭ مەلۇم بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارىيىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ھەر يەردىن كەلگەن پۇلدار قۇشلار ۋە جەزخورلا توپلىشاتتى ، قىمارنىڭ ئۆزگىچە قائىيدىسى بولۇپ كەچ سائەت ئون بىردىن ئەتىسى بيجىڭ ۋاقتى سائەت ئون ئىككى بولغىچە داۋاملىشاتتى پۇلسىزلار پۇلدارلاردىن جەز قىلىپ كېچىنى تاڭغا ئۇلايتتى ، قىمار قىزىپ كېچىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن تۇيۇقسىز تاۋكا ئۈستىدىكى بىرەيلەننىڭ تېلىفۇنى سايراشقا باشلىدى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ! ئۇكىشى تېلىفۇننى ئالدى .
- ئاكا بىر جەسەت تېپىۋالدۇق بىزنىڭ ئادەمكەن ! قارشى تەرەپتىن چىققان ئاۋاز بەكلا ئېنىق ئاڭلىناتتى .
- كىم ئىكەن ئۇ ؟ ئۇ كىشى سورىدى .
- قاچقۇن مۇختەر ئىكەن تاغ باغرىدىن تېپىۋالدۇق ! تېلىفۇندىن چىققان كىيىنكى ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈرىكىم جىغ قىلدىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .......


روماننىڭ 9 قىسمىنى داۋاملىق يىزىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-5 18:15

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى ئۇنۋان يىغىش سەۋەبى
manzil + 1 + 3
yalguz0997 + 10 + 5 + 1 نادىر تىما

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 11 كۇچاتەڭگىسى + 8 ئۇنۋان + 1 باھا خاتىرىسى

يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
kuk~bura * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
200  
ھالەت
يازما
1396 
تېما
164 
نادىر تېما
جۇغلانما
9124 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2010-7-28 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 19:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋوي بۇ.. قارىسام رومانىڭىزنىڭ ئاخىرى يەنە خېلى باردەك قىلامدۇ نىمە؟

تاللاش شاللاش بولمىغان جەمىيەتتە ئىلگىرلەش بولمايدۇ.

qimanzar * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
140 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
388 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-8-15 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-6 

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رۇمانىڭىزغا يىتىشەلمەيلا قىلۋاتىمەن دىسە بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىرىشىدا........ۋاقىت چىقىرىپ باشتىن بىر كۆرمىسەم يانا بولمىدى .
qimanzar * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
140 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
388 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-8-15 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-6 

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھە راس رۇمانىڭىز نەچچە قىسىملىق چىقا ...؟ توپلام قىلىپ چىققاندا بىراقلا كۆرەيمۇ يا ...... ئۇ چاغدا زىھنىمنى چاچماي بىرئولتۇرۇشۇمدا باشتىن كىرىپ رۇماننىڭ ئايىقىدىنلا چىقايمىكىن .
باھار * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
5  
ھالەت
يازما
123 
تېما
16 
نادىر تېما
جۇغلانما
440 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-12-6 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-7 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رومانىڭىزنىڭ بۇ قىسىمىنى ئوقۇۋېتىپ پۇتۇن ۋۇجۇدۇم تىكەنلىشىپ كەتتى. خۇددى بىرەر ئىشتىن ئەنسىرىگەندەكلا....
دۇنيادا مەڭگۈلۈك دوستلۇقمۇ،مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىكمۇ يوق.پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەتلا بار
yultuz * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
355  
ھالەت
يازما
723 
تېما
35 
نادىر تېما
جۇغلانما
5407 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا ، سىزنىڭ بېشىڭىزدىن مۇشۇنداق ئىشلارمۇ ئۆتكەنما ؟ نىمانداق سىرلىق ، مۇرەككەپ ، قورقۇنۇچلۇق ئىشلار بۇ ، بىر تۇرۇپ ئىشەنگىم كەلمەيدۇ ، راست بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلار ئىكەنلىكنى ئويلىسام ئىشەنمەي ئامال يوق ، ھېلىقى مۇختەر دىگەن شەيتان شۇما ؟ مەن بەك ياقتۇراتتىم ، ئۇنى ...بۇ ئەسرىڭىزنى ئۇقۇپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى .
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت !
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش yultuz نىڭ يازمىسى

مەنمۇ بەك ئامراق ئىدىم ئەپسۇس ئۇ بىھۇدە ئۆلۈپ كەتتى ، مىنىڭ روماننى چىن يىزىشىم خاتالىق ئەمەستۇ ھە ؟ روماننىڭ داۋامىغا كەلگەنچە ئاشۇنداق بىر خىل ھىسياتتا بولىمەن خۇددى خاتادەك چۈنكى بىھۇدە قەتلە قىلىنغان ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۆلگەنلەر بەكلا كۆپ ، ئاخىرىنى يازمايمۇ يا .............
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
yultuz * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
355  
ھالەت
يازما
723 
تېما
35 
نادىر تېما
جۇغلانما
5407 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
hanka يوللانغان ۋاقتى 2011-1-6 16:28
ئىنكاس قايتۇرۇش yultuz نىڭ يازمىسى

مەنمۇ بەك ئامراق ئىد ...

داۋاملىق يىزىۋىرىڭ ، ئەگەر يازغانلىرىڭىز راست بولسىلا ھەقىقى بولسىلا بولدى .
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت !
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش yultuz نىڭ يازمىسى

بۇ سۆزلەرگە كۈلەيمۇ يىغلايمۇ ئەمدى ...... ئەڭ ياخشىسى كۈلەي
مېۋيەدە جاننىڭ ئىشى با جۇما يۇلتۇزخون ، يالغان ئىشلار بولسا ئەنسىرەپ تۇرەمتىم ...............
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەممەت ھەي مۇھەممەت.......سىزنىڭ يېشىڭىزغا قارىغاندا كورگەن ئىشلىرىڭىز كوپكەن.....قارىسام بۇ روماننىڭ ئەڭ جىددى ،سىزنىمۇ بىزنىمۇ ئەنسىرتىدىغان يىرىگە كەپتۇ....قېنى داۋاملىق .....
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:30 , Processed in 0.165793 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.