• 2010-06-13

    NOD32 ۋىروسخورى يەنە يېڭى رىكورت ياراتتى - [كومپىيوتېر]

    Virus Bulletin  داڭلىق ۋىروسخورلارنى تەكشۈرۈش،باھالاش ئاپاراتى بولۇپ،بۇ ئاپارات 1998-يىلىدىن باشلاپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،ھەر خىل ۋىروسخورلارنى باھالايدىغان،خەلقئارادىكى ئىتىراپ قىلىش كۈچى ئەڭ داڭلىق بولغان VB100 ئىسپاتنامىسى ئارقىلىق ھەر يىلى ۋىروسخورلارنى ئادىل باھالاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان.بۇ ئىسپاتنامىنىڭ داڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇسابقىگە قاتناشقانلاردىن ھىچقانداق ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ.تېخنىكا جەھەتتىكى ھىچقانداق سەۋەنلىكلەرنىڭ بولۇشىغىمۇ يول قۇيۇلمايدۇ.

    بۇ يىلقى مۇسابىقىدە 60 نەچچە ۋىروسخورلار قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ ئاخىرىدا ESET NOD32 ۋىروسخور ئائىلىسىدىكى دىتاللار 61 خىل سىناقتىن ئۆتۈپ،VB100 دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ۋىروسخور شەرىپىگە ئىرىشكەن بولۇپ،ESET NOD32  ۋىروسخورىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بۇ ۋىروسخورنى خەلقئارادىكى بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئەڭ ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشكەن ۋىروسخورلار قاتارىغا ئېلىپ كىردى.

     

    分享到: