-
2010-06-14
我的文档 نى باشقا دىسكىغا يۆتكەش - [كومپىيوتېر]
我的文档 كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ،بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى ئىشلىتىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى،ھەتتا توردىن دىتال چۈشۈرسىڭىزمۇ،توردىكى رەسىملەرنى ساقلىسىڭىزمۇ مۇشۇ ھۆججەت قىسقۇچقا چۈشۈرىدۇ،كۆپىنچە ۋاقىتلاردا word ۋە باشقا دىتاللاردا ئىشلىگەن ھۆججەتلەرنى ساقلىغان ۋاقتىڭىزدىمۇ مۇشۇ ھۆججەت قىسقۇچقا كىرىدۇ.دىمەك بۇ ھۆججەت قىسقۇچ سىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
دائىم سېستىما قاچىلىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا 我的文档 يۇيۇلۇپ كىتىلىش سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىپ،ئەسلىگە قايتۇرالماي جىلە بولغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بارمۇ،ئەمدىغۇ ئۇنداق قىلماي ئالدىنى ئالارسىز،ئەمىسە تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە 我的文档 نى باشقا دىسكا رايونىغا يۆتكىۋېتىڭ.
ئۈستەل يۈزىدىكى 我的文档 نى تاللاپ،ئوڭ كۇنۇپكىنى بېسىپ،خاسلىقىغا كىرىڭ،属性 كىرگەندىن كىيىن چىققان كۆزنەكتىن 移动 نى تاللاپ،我的文档 ئورنىنى باشقا دىسكا رايونىغا كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.مەسىلەن d:/我的文档