يوللىغۇچى:kitabpurux يوللانغان ۋاقتى:مارت - 28 - 2011 1 ئىنكاسلىق

ھايات قىسمىتى
ئاپتورى: جالالىددىن بەھرام

شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشىرياتى
شىنجاڭ ئېلىكتىرون ئۈن-سىن نەشىرياتى

2009-يىلى12-ئاي 1-نەشىرى

2009-يىلى12-ئاي 2-بېسىلىشى

باھاسى: 78 يۈەن (ئىككى قىسىم)

تىراژى: 1-10000

ISBN: 9787546906027

يازغۇچى ھەم رەسسام جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ھۈنەرۋەن (تىككۈچى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . جالالىدىننىڭ ئاتىسى بەھرام ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى ئىدى . ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش پېئىللىق ۋە چاققاقلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بەھرام ئوغلى جالالىدىنغا خەلق چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى . شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ ، رەسساملىقنىڭ سېھرىي كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا جالالىدىن بەھرام :«مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات – سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ ، رەسساملىق ھەم ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن ….» دەيدۇ.

جالالىدىن بەھرام 1950-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە «ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپى» دە ئوقۇيدۇ. ئۇ ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە «رەسىم كۇرۇژۇكى»، «ئەدەبىيات كۇرۇژۇكى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ.

جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ 1958-يىلىغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇدى . 1958-يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ئۇ 1985-يىلدىن 1961-يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇدى.

جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ، 1961-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى . 1967-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلدى . 1981-يىلى دىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل سەنئەت بۆلۈمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىدى.

جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلى باشلانغان . ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرى يازغان . لېكىن 1966-يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ۋە بىر نەچچە يىل ئەمگەك سىڭدۈرۈپ يازغان «ئۇنتۇلغان قەلب» ، «كۈتمىگەن تەقدىر» ، «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتابلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە بۇ ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۈلگەن . «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا ئۈششۈك تەگكەن بۇ ياش مايسىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئۆمرى توختىتىلىپ ، بۇ ناھىيىدىكى «ئەلنامە» ، «يېڭىئېرىق سۇ ئامبىرى» ، «قوشكۆل» لەرگە ئىشلەشكەن سۈرگۈن قىلىندى.

دەرد – ئەلەم ، ئازاب ئوقۇبەتكە تولغان ئۈچ قېتىملىق سۈرگۈننى باشتىن كەچۈرگەن جالالىدىن بەھرام «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ، 1978-يىلى «نەشتەر» تەخەللۇسى بىلەن «خوتەن گېزىتى» دە «كوچىدا» ، «ئانىنىڭ ئامراقلىقى» ، «يولدا» ناملىق ساترىك ھېكايە، ئوچېراكلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ھېكايە ، ئوچېركلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ ، گېزىت يۈزىدە ئوبزور ، ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

جالالىدىن بەھرام 1979-يىلى «يېڭى قاشتېشى» ۋە «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۇلبۇل بوستاننى تاپتى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر قايسى نەشرىياتلاردا «ناتىۋانلار» ،«كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» ، «ھايات قىسمىتى» «تەكلىماكان ئوغلى» قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىندى ۋە نەشرگە سۇنۇلدى . بۇ رومانلار ئېلان قىلىنىش بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ئوقۇش دولقۇنى قوزغىۋەتتى . ئۇنىڭدىن باشقا «بۇلبۇل بوستاننى تاپتى» ، «ئايگۈزەل» ، «قامغاق» ، «قەبرە بېشىدىكى چۈش»، «قاچقۇن » ، «ئۆتنە ئالەم» ، «دانۇر تاغا» قاتارلىق 10 ھېكايە ۋە پوۋېست توپلاملىرى نەشر قىلىنىپ كەڭ ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

جالالىدىن بەھرام يازغان ، سېنارىيىلەشتۈرگەن «قۇملۇقتىكى ئاتەش» ، «قاباھەتلىك چۈش» ،«تىمساھنىڭ كۆز يېشى» ، «ئادىمىي ھايۋان» ، «ئۇ سېنىڭ داداڭ» ، «قوش جىنازا» قاتارلىق ئىككى قىسىمدىن 20 قىسىمغىچە بولغان 17 تېلېۋىزىيە فىلىمى ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى . ئۇنىڭدىن باشقا «ئەدەبىياتىمىزدىكى يارىماس ئىللەت» ، «جاپالىق ئەجىرنىڭ شېرىن مېۋىسى» ، «دراما سەھنىسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز» ، «رەسساملىق ۋە ئۇنىڭ نەشرىياتچىلىقتىكى رولى» قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزورلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.

جالالىدىن بەھرامنىڭ «جەرىمانە» ،«بەش يۈز يۈەنلىك چاقچاق» ، «قامغاق» ، «ئايگۈزەل» ، «ھارۋىكەش» ، «ئامەت ئىچىدىكى ئاپەت» قاتارلىق كۆپلىگەن پوۋېست ۋە ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە ، رېئاللىقى چىنلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ . تىلى گۈزەل ، يەڭگىل ، قۇرۇلمىسى پۇختا ، زىددىيەت توقۇنۇشلىرى كۈچلۈك ، ۋەقەلىكلىرى مۇرەككەپ ۋە رەڭمۇرەڭ ، پېرسوناژلىرى روشەن ئىندىۋېدۇئاللىققا ئىگە . ئۇنىڭ بەزى ھېكايە ، پوۋېست ، رومانلىرى ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ ، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان .

جالالىدىن بەھرام شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

خەتكۈچلەر:

بۇ يازمىغا ھازىرچە بىر تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. ئەخمەتجان مۇنداق يازغان:

    ئويلىمىغان يەردىن بۇ تور بېكىتىنى ۋە مەن ئىزدەۋاتقان ئەسەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم…………………………….
    جاپا چەكتىڭلار، ئاللاھ ئەجرىڭلارغا ھەسسىلەپ ئىنئام بەرگۈسى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!