يوللىغۇچى:kitabpurux يوللانغان ۋاقتى:مارت - 28 - 2011 1 ئىنكاسلىق
تەكلىماكان ئوغلى

تەكلىماكان ئوغلى

ئاپتورى: جالالىددىن بەھرام

شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشىرياتى
شىنجاڭ ئېلىكتىرون ئۈن-سىن نەشىرياتى

2009-يىلى12-ئاي 1-نەشىرى

2009-يىلى12-ئاي 2-بېسىلىشى

باھاسى: 95 يۈەن (ئىككى قىسىم)

تىراژى: 1-10000

ISBN: 9787546906034
جالالىدىن بەھرامنىڭ مەزكۇر رومانغا يازغان بېغىشلىمىسى:

ئاز كەم يېرىم ئەسىر ئۆتۈپتۇ! ئەمما بىپايان دەشتى قۇملۇق باغرىدا يېشىل زۇمرەتتەك چاقناپ تۇرغان ئاشۇ يېزا كەنتلەر، قىپقىزىل يۇلغۇنلار، ياۋا قومۇش قاپلىغان قۇم بارخانلىرى، نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي توغراقلار…… ۋادىكلىك دېھقان ئۆيلىرى، ئەتراپى چىتلانغان قاراڭغۇ باغلار، شاخ-شۇمبىلار جىجىپ تارغاقتەك بولۇپ كەتكەن سوقما تاملار، قۇملۇقتىكى ئەگرى-بۈگرى غېرىبانە يوللار….. چوڭقۇر ئېرىقلىرىدا تۈگىمەس سىرلىرىنى پىچىرلىشىپ ئاقىدىغان مۇلايىم سۇلار….. ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ!

مەن بۇ رومانىمنى تەكلىماكان باغرىدا ياشاۋاتقان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قۇم-بورانلار بىلەن ئېلىشىپ، ئۆز ماكانىنى قوغداۋاتقان دىلكەش دېھقانلارغا بېغىشلايمەن.

ـــــــ جالالىدىن بەھرام

مەزكۇر روماننىڭ ئاپتور تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان بېغىشلىمىسىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، مېنىڭچە(مەن تېخى بۇ روماننى ئوقۇشقا باشلىمىدىم) بۇ رومان تەكلىماكان باغرىدا ياشاۋاتقان ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى قۇلى گۈزەل، دىلى پاك، جاپاكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇپ بېرىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەزكۇر رومان ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا سېلىنىپ بۇلۇپتۇ، كەڭ دوستلارنىڭ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ــــــ پەنگىياردىن

بىرىنچى قىسىم كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

ئىككىنچى قىسىم كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

قېنى ئەمىسە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى مەزكۇر روماننىڭ مۇندەرىجىسىدە بولسۇن:

مۇندەرىجە:

بىرىنچى قىسىم: قۇملۇقتىكى ئاتەش

مۇقەددىمە

بىرىنچى باب: قۇملۇقتىكى ئۇزۇن يوللار

ئىككىنچى باب: ئاق كۆڭۈل بالا

ئۈچىنچى باب: قۇمتاملىقنىڭ ئۈمىدى

تۆتىنچى باب: پاتقاققا مىلەنگەن مارجان

بەشىنچى باب: يېتىم قىزنىڭ دەردى

ئالتىنچى باب: زەپ ئەپچىل پىلان

يەتتىنچى باب: ئەنسىزلىك ئىچىدىكى سۆيگۈ

سەككىزىنچى باب: سىرلىق خەۋەر

توققۇزىنچى باب: «خەتەرلىك ئادەم»

ئونىنچى باب: دەسلەپكى ئۈششۈك

ئون بىرىنچى باب: ئېغىر ۋەزىپە

ئون ئىككىنچى باب: ئۈمىدلەر چېچەكلىگەندە

ئون ئۈچىنچى باب: ئەنسىز ئۆتكەن بىر كېچە

ئون تۆتىنچى باب: تەشۋىشلىك مۇھەببەت

ئون بەشىنچى باب: قۇملۇقتەك بىپايان كۆڭۈل

ئون ئالتىنچى باب: تۈندىكى سىرلىق ھۇۋقۇشلار

ئون يەتتىنچى باب: لەيلىنىڭ كۈشەندىلىرى

ئىككىنچى قىسىم: چاياننىڭ ئاخىرقى ئىشى

ئون سەككىزىنچى باب: دۈشمەننىڭ قارارى

ئون توققۇزىنچى باب: يەكتا پالۋان

يىگىرمىنچى باب: ئاچچىقتىن چىققان ئويۇن

يىگىرمە بىرىنچى باب: قۇترىغان دۈشمەن

يىگىرمە ئىككىنچى باب: چاۋار چاياننىڭ ھەسرىتى

يىگىرمە ئۈچىنچى باب: كۈلۈپ قارىمىغان بەخت

يىگىرمە تۆتىنچى باب: بورانلىق كېچە

يىگىرمە بەشىنچى باب: چاياننىڭ قىسمىتى

يىگىرمە ئالتىنچى باب: شادلىق يار بولغان كۈنلەردە

يىگىرمە يەتتىنچى باب: چاياننىڭ ئاخىرقى ئىشى

يىگىرمە سەككىزىنچى باب: ئالدىراش ئۆتكەن بىر كۈن

يىگىرمە توققۇزىنچى باب: قانغا تويمىغان جاللات

ئوتتۇزىنچى باب: ئىبلىسنىڭ زەھەرلىك ئويۇنى

ئوتتۇز بىرىنچى باب: كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر

ئوتتۇز ئىككىنچى باب: تەكلىماكان ئوغلى

ئوتتۇز ئۈچىنچى باب: قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلىگەن بۆرە

ئوتتۇز تۆتىنچى باب: قۇمتامنىڭ كۈلكىسى

خاتىمە

2010-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن
بەزى مەزمۇنلار ئىلقۇت-ئۆز تىل بىلوگىدىن ئېلىندى.
http://ilqut.blogbus.com/logs/62455967.html

خەتكۈچلەر:

بۇ يازمىغا ھازىرچە بىر تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. رۇزىموللام مۇنداق يازغان:

    بىر ئوقايچۇ !~~~