خەۋەر - ئۇچۇرلار

Xewer Uchurlar

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تېلېفۇن : 2063388-0903
كەپتەر تاپشۇرىۋېلىش نومۇرى : 17799049777
نازارەت قىلىش نومۇرى : 13899470111
ئادىرس :خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى
كەپتەرنىڭ يۇقۇملۇق ئېغىز-بۇرۇن ياللۇغى
ۋاقتى : 2015-03-11 16:57:56 / كۆرۈلىشى:
بۇكېسەللىك ئۆي قۇشلىرىدا دائىم كۆرۇلىدىغان بۇرۇن بۇشلۇقى ، ئېغىز بۇشلۇقى ، كاناي ، قىزىلئۆڭگەچ ۋە پوكان شىللىق پەردىلىرىدە ئاق رەڭلىك يالغان پەردە ۋە يارا پەيدا قىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ .
كېسەللىك ئالامىتى : كېسەل كەپتەرنىڭ روھىي جەھەتتە چۈشكۈنلىشىدۇ ، تۈكلىرى قالايمىقانلىشىدۇ . يەمدىن قالىدۇ ، كېسەل كەپتەرنىڭ ئىچى سۈرىدۇ ، دەسلەپكى ۋاقىتتا ئېغىز بوشلۇقى ۋە كېكىردەك قىسمىدا ئاق چېكىت پەيدا بۇلىدۇ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشپ كېڭىيىدۇ ، ئېغىز پۇرايدۇ ۋە يېرىلىدۇ ، ئېغىزىدىن سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ ، ئېغىز ۋە كېكىردەكلەردە ئاق سېرىق رەڭدىكى يالغان پەردە پەيدا بۇلىدۇ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشىپ بۇ جايلاردا يارا شەكىللىنىدۇ ھەمدە قىزىلئۆڭگەچ ، پوكان ۋە بەزلىك ئاشقازانغىچە كېڭىيىدۇ .
ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش :
كەپتەرخانىلارنى يورۇق ، قۇرۇق ، پاكىز تۇتۇش ، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش ، دان-خەشەك ۋە سۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . كەپتەرگە 0.05پىرسەنتلىك مىس سۇلغات(كۆك تاش) ئېرىتمىسىنى تەييارلاپ 2~3كۈن ئىچۈرگەندە ئېغىز ، كېكىردەك قاتارلىق جايلاردىكى يالغان پەردە ۋە يارىلارنى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ . جوڭيى ئۆسۈملۇك دورىلىرىدىن 100گرام شاتۇت ، 100گرام شاپتۇل قېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىر كىلوگرام قايناق سۇغا چىلاپ ، سوۋۇتۇلغان سۈينى كەپتەرگە ئۇدا 4~5كۈن ئىچۈرگەندە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكلى بولىدۇ . ئېغز بوشلۇقى قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولغان يالغان پەردىلەرنى قىسقۇچ بىلەن ئېلىۋېتىپ ، يودلۇق گلىتسېرىن سۈرتۈپ قويغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكلى بولىدۇ .

كەپتەر ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى
http://www.kstori.com/news_detail.asp?id=67

كەپتەرخانا ھەققىدە | يېڭىلىقلار | مۇسابىقە قائىدىسى | سۆرەتلەر | فىلىملەر | كەپتەرخانا قۇرغۇچىسى | ئالاقىلىشىڭ

يانفۇن نۇسخىسى

شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى

ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى :2063388-0903 يانفۇن : 13899470111

ئادرېسى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى