خەۋەر - ئۇچۇرلار

Xewer Uchurlar

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تېلېفۇن : 2063388-0903
كەپتەر تاپشۇرىۋېلىش نومۇرى : 17799049777
نازارەت قىلىش نومۇرى : 13899470111
ئادىرس :خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى
كەپتەر ئاسكارىد كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاش
ۋاقتى : 2015-03-11 16:51:12 / كۆرۈلىشى:

كەپتەر ئاسكارىد قۇرتى كېسىلى بىلەن يۇقۇملانسا، كۆپىنچە قەۋزىيەت بىلەن ئىچ سۈرۈش ئالمىشىپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە مايىقى قان ئارىلاش ياكى شىلىمشىق كېلىدۇ. روھسىزلىنىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، بەزىدە پېيى تارتىشىش ۋە بوينى مايماق بولۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە ئاسكارىد قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىمكانقەدەر كەپتەرخانىدا كەپتەرلەرنى يەردىن ئايرىپ بېقىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئاسكارىد قۇرتى بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتى ئازايتىلىدۇ. يەنە كەپتەرنى بېقىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، ۋاقتىدا قۇرتسىزلاندۇرۇش كېرەك.
قۇرتسىزلاندۇرۇش دورىسىنى كەپتەرلەر ئاچ قۇرساق ياكى يېرىم ئاچ قۇرساق چاغدا ۋە ياكى چۈشتىن كېيىن بېرىلىدىغان يەمنىڭ يېرىمىغا ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. چۈچۇڭلىڭ (灵虫驱) ياكى پىپېرازىن فوسفات (لىنسۈەن پەيبىچىن 嗪哔哌酸磷) نى كەپتەرنىڭ ھەر kg ئېغىرلىقىغا 200mg - 250mg توغرىلاپ بىر قېتىمدا ئاچ قورساققا بەرسە ياكى ئاز مىقداردىكى يەمگە ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
2. ئالبېندازول (唑咪硫ۋ) نى كەپتەرنىڭ ھەر kg ئېغىرلىقىغا 200mg - 250mg توغرىلاپ بىر قېتىمدا ئاچ قورساققا بەرسە ياكى ئاز مىقداردىكى يەمگە ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
3. لېۋۇ ئېمىدازول (زۇشۈەنمىزو 唑咪旋左) نى كەپتەرنىڭ ھەر kg ئېغىرلىقىغا 2ml دىن توغرىلاپ بىر قېتىم بەرسە بولىدۇ. يەنە قۇرتسىزلاندۇرغاندا كەپتەرخانىنى پاكىز تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ، پارازىت قۇرت تۇخۇملىرىنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. ئادەتتە قۇرتسىزلاندۇرۇش ھەر 50 كۈن ئەتراپىدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى

كەپتەر ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى
http://www.kstori.com/news_detail.asp?id=60

كەپتەرخانا ھەققىدە | يېڭىلىقلار | مۇسابىقە قائىدىسى | سۆرەتلەر | فىلىملەر | كەپتەرخانا قۇرغۇچىسى | ئالاقىلىشىڭ

يانفۇن نۇسخىسى

شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى

ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى :2063388-0903 يانفۇن : 13899470111

ئادرېسى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى