خەۋەر - ئۇچۇرلار

Xewer Uchurlar

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تېلېفۇن : 2063388-0903
كەپتەر تاپشۇرىۋېلىش نومۇرى : 17799049777
نازارەت قىلىش نومۇرى : 13899470111
ئادىرس :خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى
2018 ھەقسىز ماشىنا مۇسابىقىسى
ۋاقتى : 2018-06-18 19:51:00 / كۆرۈلىشى:
ھەقسىز ماشىنا مۇسابىقىسى
 
 
 
ئاممىۋى كەپتەرخانىمىزنىڭ بۇ يىللىق كەپتەر يىغىش خىزمىتى 3000 كەپتەرلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز تۆت يىلدىن بېرى ئاممىۋى كەپتەرخانىمىزنى قوللاپ كەلگەن مۇسابىقە كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىغا رەھمىتىنى ۋە سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئەسلىدىكى بىر دانە ھەقسىز تويوتا كوروللا ماشىنىسىنىڭ ئاساسىدا يېڭىدىن يەنە ئۈچ دانە تويوتا ۋىئوز ماشىنىسى كۆپەيتتى.
 
ھەقسىز ماشىنا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرتى:
تاپشۇرغان كەپتەر سانى 6گە توشقان بۇلىشى كېرەك. ھەر 6 كەپتەردىن 1 نى تاللاپ ھەقسىز ماشىنا مۇكاپاتىغا بېكىتسە بولىدۇ، 12 كەپتەر تاپشۇرغانلار 2 كەپتەر بېكىتسە بولىدۇ، 18 كەپتەر تاپشۇرغانلار 3 كەپتەر بېكىتسە بولىدۇ (كەپتەر سانى كۆپ بولسا مۇشۇ بويىچە داۋاملىشىدۇ، قانچە كۆپ تاپشۇرسىڭىز شۇنچە كۆپ كەپتەر بېكىتەلەيسىز،ھەقسىز  ماشىنىغا ئېرىشىش پۇرسىتىڭىزمۇ شۇنچى يۇقۇرى بولىدۇ) ،ھەقسىز كەپتەر بېكىتىدىغانلار 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن  1600 يۈەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرغان بولۇش كېرەك،1600يۈەن زاكالەت پۇلى، كەپتەر ئېنىقلاش ئاخىرلىشىپ ھەق يىغىش باشلانغاندا بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقە ھەققى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.  كەپتەر ئېنىقلىغاندا ئەگەر نامىڭىزدا بىرمۇ كەپتەر بولمىسا زاكالەت پۇلىڭىز تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
 
ھەقسىز ماشىنىغا ئېرىشىش قائىدىسى:
300كىلومېتىر مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، 500 كىلومېتىر مۇسابىقىگە كەپتەر ئېنىقلاشتىن بۇرۇن كەپتەر ئىگىسى ھەقسىز ماشىنىغا بېكىتمەكچى بولغان كەپتەر ھالقا نومۇرىنى ئۈندىدار، رەڭلىك ئۇچۇر ئارقىلىق كەپتەرخانىمىزغا ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ.  بېكىتىلگەندىن كىيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ھەقسىز ماشىنىغا بېكىتىلگەنلەر ئىچىدىكى بىرىنچى بولغىنىغا بىر دانە  تويوتا كوروللا ماشىنىسى مۇكاپات، ئىككىنچى  بولغىنىغا بىر دانە تويوتا ۋىئوز ماشىنىسى مۇكاپات، ئۈچۈنچى  بولغىنىغا بىر دانە تويوتا ۋىئوز ماشىنىسى مۇكاپات، تۆتىنچى  بولغىنىغا بىر دانە تويوتا ۋىئوز ماشىنىسى مۇكاپات.
 
 
2018 ھەقسىز ماشىنا مۇسابىقىسى
چىمپيۇن ئىككىنچى ئۈچۈنچى تۆتىنچى
تويوتا كوروللا تويوتا ۋىئوز تويوتا ۋىئوز تويوتا ۋىئوز
 
 
 
تويوتا كوروللا


 
تويوتا ۋىئوز


 


تويوتا ۋىئوز


 
 

تويوتا ۋىئوز


 
 

 
خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى

كەپتەرخانا ھەققىدە | يېڭىلىقلار | مۇسابىقە قائىدىسى | سۆرەتلەر | فىلىملەر | كەپتەرخانا قۇرغۇچىسى | ئالاقىلىشىڭ

يانفۇن نۇسخىسى

شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى

ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى :2063388-0903 يانفۇن : 13899470111

ئادرېسى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى