ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى sebire نىڭ 2011-12-19 15:03 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
......
ئەمدى ئىلىمگەر تەربىيلەمدۇق ياكى غالچىمۇ دەپ ماڭا تەرجىمە سۆزىدە باشقىچە ئىغىر ئىشلىتىۋەتكەندەك بىلىنىپ كەتتى. غالچىمۇ باردۇ بەلكىم لېكىن كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئوتتۇرىدا.

بۇ خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى ئەسلى مەنبەدە مۇنداقكەن:
是培养人才还是奴才?
奴才 نى خەنزۇچە لۇغەتلەردە مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ:
奴才 núcai
(1) [minion;slave]∶奴仆;家奴
(2) [lackey]∶指甘心供人驱使、帮凶作恶的人
一脸奴才相
(3) [I]∶明清两代太监和清代满人、武官等对皇帝的自称
奴仆 ۋە家奴
نى مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ:
奴仆 núpú
(1) [servant]∶旧指在主人家做杂役的人
(2) [minion]∶指甘心受人驱使的人
家奴 jiānú
[slave;domestic servant] 封建主家里的奴隶
ئەمدى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى:
奴才
(1) ئۆي قۇلى (2) مالاي، غالچا
ئەمدى «غالچا» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلىشىگە قاراپ باقايلى:
غالچا : باشقىلارغا (بايلار ياكى ئەمەلدارلارغا) خىزمەت قىلىدىغان كىشى؛ مالاي، چاكار، يالاقچى. («ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 726- بەت)
قارىغاندا ، «تەرجىمە سۆزىدە باشقىچە ئېغىر ئىشلىتىۋەتكەندەك بىلىنىپ كەتكەن» بولسىمۇ، تەرجىمىدە دەلمۇ-دەل، ئەينەن تەرجىمە قىلىنغاندەك تۇرىدۇ.