باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 942 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 829
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە829دانە
ئۆسۈش: 2372 %
مۇنبەر پۇلى: 8321 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-18 22:17

ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟

ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى مائارىپ تۈزۈلمىسى ئالىي مەكتەپلەرگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ، ئوقۇش بېسىمىنى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر باشلانغۇچ مەكتەپكە، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يەسلىگە، يەسىلىلەر ھەتتا ھامىلە تەربىيىسىگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ. بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك.» 2011-يىلى 15-دېكابىر، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋاڭ زېچۇ ئۆلكىلىك ئارخىپخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەشھۇرلار مۇنبىرى»دە يۇقارقى سۆزنى قىلغان.
ئەينى يىللىرى گۇاڭجۇ لوشى كۆۋرۈكىنىڭ ھەق ئېلىشى ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بەش يىل كۈچىگەنگە ئوخشاش، ۋاڭ زېچۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خەلق تۇرمۇشى، بولۇپمۇ مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ : «ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەكىتلىگەنلىكتەك ئېغىر دەرىجىگە يەتتى» دېگەن.
بۇنداق بىر كونكىرىت مەسىلە پارتىيەنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ، مەسىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆرلەپ ئوقۇش، مۇسابىقە قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل بولماي كەلدى، مائارىپ ئىسلاھاتىمۇ ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇلمىدى. شۇجى ۋاڭ ياڭمۇ ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، مەكتەپلەر ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ھەر يىلى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى سانىنى ھېساپ قىلىشتى. بۇنداق كېتىۋەرسە، مائارىپ ئىسلاھاتىنى مەڭگۈ سىلجىتقىلى بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسى مەڭگۈ يېنىكلىمەيدۇ.
ۋاڭ زېچۇ يەنە: بىر قاتار بېسىمنى ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە چۈشۈرۈش ئىنتايىن بىمەنىلىك، نۆۋەتتە، پۈتكۈل مائارىپ فاڭجېنىدىكى مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى شۇ يەردىكى، بىز زادى ئىلىمگەر تەربىيەلەۋاتامدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەۋاتامدۇق؟ دېگەن.


مەنبە: ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ 2011-يىل 16-دېكابىر سانى

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=477
تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن پاۋان.

پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
دوستلىشىش
بىگان
جاننى كىم بەردى؟قانداق قايتۇرىمىز؟!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3874 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-01-04
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-18 23:23

غالچا قىلىپ تەربىيلىگەن ياخشى،ئىلىمنى ئەرزان باھادا ساتقىلى بولىدىغان بوپ كەتتى،ئىلىمگەرنىڭ سودىسى كاسات.مەكتەپتە بىكارغا ئوقۇۋاتمايدۇ خەق،پۈتتۈرۈپ ئىش تاپارمىكى،بىرەر زاۋۇت-كارخانىغا،شىركەتكە غالچىلىق ياكى گوڭۋۇيەن ئىمتىھان بىرىپ خەلىق ئۈچۈن غالچا بولايمىكىن دەپ ئوقۇيدۇ.جوڭگو مائارىپى دەل شۇنداق غالچىلارنى يىتىشتۈرۈشكە،كومۇستىك پارتىيىمىز شۇنداق ئاكتىپ غالچىلارغا ئىھتىياجلىق.بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت!
جوڭگو ئەنە شۇنداق غالچىلار بولغاچقا خەلقئارادا پۇت تىرەپ تۇرىۋاتىدۇ.جوڭگو مارىپى مۇشۇ بويىچە كىتۋەرسە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىيەت ۋە ئادىمىيلىك،ئىنسانىيلىقنى يوقىتشتا ئىندىيانلارنىمۇ بىسىپ چۈشىشى مۇمكىن.يىقىن ۋە كەلگۈسىدە كىلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك مەسللەر جوڭگو مائارىپ گۈلىستانىدا يىتىلىپ چىققان غالچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.پارىخور،نەپسىانىيەتچى ئەمەلدارلارنى،ئۆلۈۋاتسا ياندا  داۋالىنىش ھەققى ھىساپلاپ بىمار بىلەن كارى بولمايدىغان ئىسىل غالچىلارنى جوڭگو مائارىپى شانلىق ۋە سىھرىي كۈچكە باي ئىسىل مەدەنىيەت بىلەن تەربىيلەپ چىققان.
جوڭگو خەلقى شۇلارغا،جوڭگو تەرەققىياتى شۇلارغا بەك مۇھتاج.
بولسا بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ چىقىۋاتىدۇ كۆپلەپ،بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال.ئۆگىنىشكە،كۈچەپ تەشۋىقات قىلشىقا تولىمۇ موھتاج.
بۇ ئىنكاسنى ئوقۇۋاتقانلار ئارىسدا يۇقارقىدەك خەلىق غالچىسى بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ ئۆزىڭىزنى ئاشكارلاڭ،سىزلەرگە ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز  بار،ھەتتا يۇقىرغا ئىش-ئىزلىرىڭىزنى ماختاپ ماقالە يىزىپ پۈتۈن جوڭگوغا تونۇلىشڭىز ئۈچۈن بىر كۈچلۈك تۆھپىمىزنى قوشالىساق خۇرسەن بولاتتۇق.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(omer) نەق گەپ، ھەق ..
  • <ئىلىپ>نى بىلىپ،<بەر>نى ئۇنۇتماڭلار!ھاياتنى كىم بەرگەن؟قانداق قايتۇرىمىز؟