باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 944 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 829
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە829دانە
ئۆسۈش: 2372 %
مۇنبەر پۇلى: 8321 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-18 22:17

ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟

ئىلىمگەر تەربىيەلەمدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەمدۇق؟

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى مائارىپ تۈزۈلمىسى ئالىي مەكتەپلەرگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ، ئوقۇش بېسىمىنى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر باشلانغۇچ مەكتەپكە، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يەسلىگە، يەسىلىلەر ھەتتا ھامىلە تەربىيىسىگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ. بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك.» 2011-يىلى 15-دېكابىر، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋاڭ زېچۇ ئۆلكىلىك ئارخىپخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەشھۇرلار مۇنبىرى»دە يۇقارقى سۆزنى قىلغان.
ئەينى يىللىرى گۇاڭجۇ لوشى كۆۋرۈكىنىڭ ھەق ئېلىشى ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بەش يىل كۈچىگەنگە ئوخشاش، ۋاڭ زېچۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خەلق تۇرمۇشى، بولۇپمۇ مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ : «ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەكىتلىگەنلىكتەك ئېغىر دەرىجىگە يەتتى» دېگەن.
بۇنداق بىر كونكىرىت مەسىلە پارتىيەنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ، مەسىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆرلەپ ئوقۇش، مۇسابىقە قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل بولماي كەلدى، مائارىپ ئىسلاھاتىمۇ ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇلمىدى. شۇجى ۋاڭ ياڭمۇ ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، مەكتەپلەر ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ھەر يىلى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى سانىنى ھېساپ قىلىشتى. بۇنداق كېتىۋەرسە، مائارىپ ئىسلاھاتىنى مەڭگۈ سىلجىتقىلى بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسى مەڭگۈ يېنىكلىمەيدۇ.
ۋاڭ زېچۇ يەنە: بىر قاتار بېسىمنى ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە چۈشۈرۈش ئىنتايىن بىمەنىلىك، نۆۋەتتە، پۈتكۈل مائارىپ فاڭجېنىدىكى مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى شۇ يەردىكى، بىز زادى ئىلىمگەر تەربىيەلەۋاتامدۇق ياكى غالچا تەربىيەلەۋاتامدۇق؟ دېگەن.


مەنبە: ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ 2011-يىل 16-دېكابىر سانى

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=477
تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن پاۋان.

پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-12-22
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-19 15:03

بۇنىڭغا نېمە دەيمىز ؟  
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىمىزنىڭ ئۆزىدىلا يوچۇق چوڭ. ھەممە ساھە ئۆز مەسئۇلىيىنىڭ كىچىكرەك بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قاچقىلى بولىدىغان جاي بولسىلا دۆڭگەپ قويۇپ قىچىپ قۇتۇلۇشنى ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ بىر ئەمەلى ئەھۋال. ھىچكىم ئۆزىنىڭ يۈكىنىڭ ئارتۇقچە بولۇشىنى خالىمايدۇ-دە.
ئەمدى ئىلىمگەر تەربىيلەمدۇق ياكى غالچىمۇ دەپ ماڭا تەرجىمە سۆزىدە باشقىچە ئىغىر ئىشلىتىۋەتكەندەك بىلىنىپ كەتتى.  غالچىمۇ باردۇ بەلكىم لېكىن كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئوتتۇرىدا.  
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.