سۈكۈتتىكى تىنىق
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
تاپالمىدىم تۇمانلار ئارا،
شۇنچەئىزلەپ ۋەسلىڭنى نىگار،
كۆزلىرىمدىن تۆكىلەر يامغۇر،
يۈرەكلىرىم سۈكۈتتە ياتار.
ھۆكۈم سۈردى تىنىچلىق بۇ دەم،
سېغىنىشلىق قەلىبلەر ئارا.
چوقۇم ئېسىيان كۆتىرەر سۆيگۈم،
تىلەكلىرىم بولغاندا ئادا.
بارسام دەيمەن ئۇچۇپ يېنىڭغا،
باغرىم بېسىپ سۆيسەم لىۋڭگە.
تۇيدۇرماستىن جىمى ئالەمگە،
تۈن نىسپىدە كىرسەم چۈشۈڭگە.
سېغىنىشلار دولقۇنلار بۇدەم،
قايسى چاغدا تاشقىنلار كۈتۈش.
ئىككى يۈرەك رىشتىسى ئارا،
ھۆكۈم سۈرەر ئازاپلىق ئۇنتۇش.
2007-يىلى 3-ئاپىرىل سەيشەنبە
ئالتاي ۋىلايىتى
مەيلى مىنى كۈتەلمىسەڭمۇ
سېغىنىمەن سىنى ھەر سەھەر،
جامالىڭنى كۆرەلمىسەممۇ.
تەلمۈرەرمەن يولۇڭغا ئۇزاق،
مىنى يوقلاپ كىلەلمىسەڭمۇ.
كۈلكىلەرگە كۆمدۈم قايغۇنى،
يار سىنىڭسىز كۈلەلمىسەممۇ.
ئۈمۈتۋار بوپ ياشايمەن ھامان،
گەرچە مىنى سۆيەلمىسەڭمۇ.
بىلىپ كەلدىم سىنى يارىم دەپ،
مىنىڭ بىلەن ئۆتەلمىسەڭمۇ.
مەن كۈتىمەن سىنى مەڭگۈگە،
مەيلى مىنى كۈتەلمىسەڭمۇ.
2008-يىلى 19-ئىيون پەيشەنبە
ئالتاي قابا ناھىيسى