查看完整版本: [-- سۈكۈتتىكى تىنىق(تۈن لىرىكىسى) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> سۈكۈتتىكى تىنىق(تۈن لىرىكىسى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tvnlirikisi 2010-06-02 12:06
سۈكۈتتىكى تىنىق
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
تاپالمىدىم تۇمانلار ئارا،
شۇنچەئىزلەپ ۋەسلىڭنى نىگار،
كۆزلىرىمدىن تۆكىلەر يامغۇر،
يۈرەكلىرىم سۈكۈتتە ياتار.
ھۆكۈم سۈردى تىنىچلىق بۇ دەم،
سېغىنىشلىق قەلىبلەر ئارا.
چوقۇم ئېسىيان كۆتىرەر سۆيگۈم،
تىلەكلىرىم بولغاندا ئادا.
بارسام دەيمەن ئۇچۇپ يېنىڭغا،
باغرىم بېسىپ سۆيسەم لىۋڭگە.
تۇيدۇرماستىن جىمى ئالەمگە،
تۈن نىسپىدە كىرسەم چۈشۈڭگە.
سېغىنىشلار دولقۇنلار بۇدەم،
قايسى چاغدا تاشقىنلار كۈتۈش.
ئىككى يۈرەك رىشتىسى ئارا،
ھۆكۈم سۈرەر ئازاپلىق ئۇنتۇش.
2007-يىلى 3-ئاپىرىل سەيشەنبە
ئالتاي ۋىلايىتى
مەيلى مىنى كۈتەلمىسەڭمۇ
سېغىنىمەن سىنى ھەر سەھەر،
جامالىڭنى كۆرەلمىسەممۇ.
تەلمۈرەرمەن يولۇڭغا ئۇزاق،
مىنى يوقلاپ كىلەلمىسەڭمۇ.
كۈلكىلەرگە كۆمدۈم قايغۇنى،
يار سىنىڭسىز كۈلەلمىسەممۇ.
ئۈمۈتۋار بوپ ياشايمەن ھامان،
گەرچە مىنى سۆيەلمىسەڭمۇ.
بىلىپ كەلدىم سىنى يارىم دەپ،
مىنىڭ بىلەن ئۆتەلمىسەڭمۇ.
مەن كۈتىمەن سىنى مەڭگۈگە،
مەيلى مىنى كۈتەلمىسەڭمۇ.
2008-يىلى 19-ئىيون پەيشەنبە
ئالتاي قابا ناھىيسى

tuman 2010-06-02 15:14
ھارمىغايسىز ،تېخىمو ياخشى تىمىلارنى يوللارسىز!!!! 

kaxkun 2010-06-02 19:25
پاھ ...! بەك ياخشى يېزىپسىز.   2007-يىلى يازغان بولسىڭىز  17ياش ۋاقتىڭىزكەندە. مەن ئارخىپىڭىزدىن تۇغۇلغان يىلىڭىزنى كۆرگەن.               

kaxkun 2010-06-02 19:27
قاملاشمىسىمۇ سوراپ باقاي. سىز شېئىر يېزىشنى قانچە يېشىڭىزدىن باشلىغان؟

tvnlirikisi 2010-06-02 19:35
قاشقۇن  ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرغانلىقىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.   مەن شېئىر يېزىشىنى 14 يېشىمدىن باشلىغان.
15 ياش ۋاقتىمدا غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن <<بىلال نازىمنىڭ >>تۇغۇلغانلىقىنىڭ 180 يىللىقىنى تەبىرىكلەش خاتىرە پائالىيتىدە، غۇلجىدىكى  بارىلىق شائىر يازغۇچىلار يەنى مۇھەممەتجان راشىدىن، مۇھەممەت روزى، جالالىدىن بەھرام قاتارلىق داڭلىق ئەرباپلار يىغىلغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا مۇھەممەتجان راشىدىنغا ئاتاپ شېئىر ئوقۇپ شائىر يازغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدىم.  

kaxkun 2010-06-02 19:38
كىچىك چېغىڭىزدىلا خېلى نام چىقارغان ئىكەنسىزدە؟ ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. ئەگەر قوشۇلسىڭىز شۇ چاغدا مۇھەممەتجان راشىدىنغا ئاتاپ ئوقىغان شېئىرىڭىزنى يوللىسىڭىز ئوقۇپ باقساق بوپتىكەن.  

tvnlirikisi 2010-06-02 19:57
ھى...ھى...ھى...   نام چىقارغان دىگۈچىلىكى يوق.  ئەگەر ئوقۇپ بېقىشنى خالىسىڭىز يوللاپ بېرەي.

ئەسسالام يۇرتۇمنىڭ <<دېھقان شائىرى>>،
دېھقاننىڭ قەلبى سەن، نىمجاننىڭ جىنى،
ئاجىزنىڭ قاياشى، ئەيىبكە ئەينەك،
يامانغا كۈشەنسەن، قانسىزنىڭ قېنى.

يېتىمغا قاياشسەن، ئاتىغا يۆلەك،
ئانىلار سەن بىلەن كۆتۈرمەس چىلەك.
ۋاپاسىز ئوغۇلغا لەنەت ئوقۇدۇڭ،
ماختايمەن كىملەرنى سىنىڭدىن بۆلەك.

ۋىجدانىڭ كۆتۈرمەس ھايا ساتقاننى،
مەس بولۇپ كوچىدا ئوڭدا ياتقاننى.
مىراس دەپ تۇققاندىن، يۇرتتىن ئايرىلىپ،
پۇلنى دەپ پاتقاققا چوڭقۇر پاتقاننى.

ئۇيغۇرنىڭ پەخرى سەن،ئىلى ھۆرمىتى،
دىھقاننىڭ، ئاۋامنىڭ يۇرتنىڭ شۆھرىتى.
يۈرەكلەر تىتىرەيدۇ <<مۇھەممەت >>دېسە،
چۈنكى سەن ئىنساننىڭ ۋىجدان كۆۋرىكى.

2005-يىلى 16 -دىكابىر جۈمە

kaxkun 2010-06-02 19:58
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز.  كىچىكىڭىزدىن تارتىپلا سۆزگە ۋە ھېسىياتقا باي ئىكەنسىز ئەمەسمۇ!
دوست بولۇپ قالساق قانداق دەيسىز؟ چچ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭە. مەن كىرگۈزۋالاي.

tvnlirikisi 2010-06-02 20:02
ماختىغىنىڭزغا رەھمەت! دوست بولۇپ قالساق ئەلۋەتتە بولىدۇ. مىنىڭ چچ رىم 840488759

oglan 2010-06-02 20:49
دەششەت يىزىۋېتىپ يەنە بارمۇ ؟ رەھمەت ھارمىغايسىز

hayyar 2010-06-03 00:00
كىچىك مۇھەممەتجان راشىدىن دېسەك بولغۇدەككەن سىزنى!  غەيرەت قىلىڭ جۇمۇ!

tulpar 2010-06-03 17:47
تالانت...تالانىت!  ھەقىقەتەن قايىلمەن.. سىزدەكلەر كەم ئۇچىرايدۇ جۇمۇ!

tvnlirikisi 2010-06-03 17:56
ئىشلىتىش
引用第11楼tulpar于2010-06-03 17:47发表的 :
تالانت...تالانىت!  ھەقىقەتەن قايىلمەن.. سىزدەكلەر كەم ئۇچىرايدۇ جۇمۇ!

رەھمەت... رەھمەت!  ئاشۇرۋەتتىڭىز!  ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت!

ahmah 2010-06-03 18:02
راستىنلا تالانت ئېگىسىكەنسىز! بەك ياخشى يېزىپسىز.
كۆپىرەك يوللاپ تۇرارسىز.

aykut 2010-06-13 19:56
ئىشلىتىش
引用第6楼tvnlirikisi于2010-06-02 19:57发表的 :
ھى...ھى...ھى...   نام چىقارغان دىگۈچىلىكى يوق.  ئەگەر ئوقۇپ بېقىشنى خالىسىڭىز يوللاپ بېرەي.

ئەسسالام يۇرتۇمنىڭ <<دېھقان شائىرى>>،
دېھقاننىڭ قەلبى سەن، نىمجاننىڭ جىنى،
ئاجىزنىڭ قاياشى، ئەيىبكە ئەينەك،
.......



بەك ياخشى چىقىپتۇ ........ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ئىنىم............

dilbirim 2011-03-13 00:36
قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ياخشىكەن جۇمۇ  تىرىشىڭ دوستۇم

تاش 2011-03-13 09:48
راستىنلا بەك ياخشى يازىدىكەنسىز!!!!!!!!!!!!!!!رەھمەت!!!!!!!!!!!!!!


查看完整版本: [-- سۈكۈتتىكى تىنىق(تۈن لىرىكىسى) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046851 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us