بىرى دېھقانچىلىق ،يەنە بىرى تەنتەربىيە ساختىلىقنى قەتئى كۆتۇرەلمەيدىغان ساھالەردۇر .بىراق بىزدە بولسا بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن ئاللىبۇرۇن پۇلنى ئارلاشتۇرىۋالىدىغان رەزىللىكلەر كىرىپ بولدى . ئاڭلايدىغان بولساق ئىسىم دىگەن تۆت ئىشەك سۆرىگۇسىز دەرىجىدەبار ،<< جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى ....>> دىگەندەك . ئەمىليەتتە شۇنچىۋالا چوڭ بىر دۆلەتتىن 11 ئادەم چىقماپتۇ دىيىش ھەقىقەتەن بىر نومۇسلۇق ، كۆتۇرگىسىز ،ئاھانەتلىك ،ھاقارەتلىك ئاتالغۇدۇر .ھەر قېتىملىق مۇسابىقىلەردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى پۇتبولچىلىرىمىزدا پۇتبولغا نىسبەتەن قىزىقىش ،ئۈنى سۆيۇش تۇيغۇسى بەكلا كەم ،ناھايىتى تېزقىزىيدۇ ، شۇنداقلا تېز سوۋۇيدۇ .پۇتبول ساھەسىدە باش كۆتۇرىمىز دەيدىكەنمىز ،باشقا يۇرتلارنى ئەمەس ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپمۇ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلارنى تېپىش تامامەن مۇمكىن . بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىش كاتەكچىسىدىكى << مىللىتى >> ،<<يۇرتى >> << كېلىپ چىقىشى >> << تارىخى >> دىگەندەك ئادەمنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان كاتەكچىلەرنى بويىۋېتىپ تۇرۇپ ھەقىقى مەيداندىكى ماھارىتىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن پۇتبول ساھاسىدە كۆزگە كۆرۇنىشتىن چوقۇم ئۈمىد بار . ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ھەممىلا تەنھەركەتچى شۇنداق يوللاربىلەن كېلىپ قالغانلار دىمەكچى ئەمەسمەن ،بىراق ھەممىمىزگە ئايان پۇتبول ھەمكارلىق تەلەپ قىلىدىغان كوللىكتىپ ئويۇن ،مەلۇم بىر شەخىسنىڭ كۇچى بىلەن ھەرگىز چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ .ئۆتكەن يىلقى بىرازىلىيە ،ئارگىنتىنا دۆلەتلىرنىڭ مۇسابىقىلىرى بۇنۇقتىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بەرگۇسى .