查看完整版本: [-- جوڭگو كوماندىسىنى زىيارەت قىلىش ...... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> جوڭگو كوماندىسىنى زىيارەت قىلىش ...... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kaysar_yurak 2011-01-31 16:04
جوڭگو كوماندىسىنى زىيارەت قىلىش ئۇيغۇرچە ...

amanxa 2011-02-09 14:31
نىمانداق قىززىقەي، كىم تەرجىمە قىلدى بۇنى،ھا ھا ھا
قىلمايدىغان ئىشى يوق جۇما....

samanyoli 2011-02-09 14:48
ھا.ھا....ھاھ...ئاجايىپ قىزىقارلىق چىقىپتۇ .....تېخى ئىچكىرى ئۆلكىدە بىر .....جۇڭگو پۇتبۇل كوماندىسى سېسىق ،،،دىگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر دۇكان ئېچىلىپتۇ ،،،،ئېچىلىپلا ۋىۋىسكا نامى تۈپەيلى سودىسى بەك ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ .....

kastiro 2011-02-09 20:42
تېما ئگسگە رەھمەت.

gunahkar 2011-02-10 00:07
بەك قىزىقارلىق چىقىپتىكەن ، لېكىن ئارىسىدىن بىر سى سەل قاملاشمىغان گەپنى قىلىپ قويۇپ بىر ئوبدان نەرسىنى پوخ قىپتۇ !
ئۇقۇشماي توپقا ئەۋەتىپ قويۇپتىكەنمەن ، ئوسال بولۇپ قالدىم ! بىر ئوبدان سۆزلەۋىتىپ نېمىشكە ئاغىزىنى يامان قىلىدۇ ئاۋۇ ..... ! بۇنى قانداقمۇ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلغىلى بولسۇن ، قانداقمۇ چوڭ كىچىك ئولاش چولاش كۆرگىلى بولسۇن ! 
جاپا تارتىپ ئىشلەپسىلەر ئاتا ئانا ،ئاكا ھەدە ....ھەممە بىر يەردە ئولتۇرۇپ كۆرگىدەك قىلساڭلار بولمامدۇ ! تېلىۋۇزنى قويسا ماز ئېلانلار بۇيەرگە كىرسە كۈلكىلىك قىلىپ ئارىدىن بىر ماز .................... ۋاي بولدىلا!

kaysar_yurak 2011-02-10 12:50
شۇنى دەڭە ، مەنمۇ شۇنداق قىزىقىپ ئاڭلاۋىتىپ ئۇ گەپنى ئاڭلاپ لەسسىدە بوپ قالدىم دىسە ....  بولمىسا ئۇيغۇر   توپ مەستانلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىپتىكەن  ....  

ساغۇن 2011-02-11 00:06
بىرى دېھقانچىلىق ،يەنە بىرى تەنتەربىيە ساختىلىقنى قەتئى كۆتۇرەلمەيدىغان ساھالەردۇر  .بىراق بىزدە بولسا بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن ئاللىبۇرۇن پۇلنى ئارلاشتۇرىۋالىدىغان رەزىللىكلەر كىرىپ بولدى . ئاڭلايدىغان بولساق ئىسىم دىگەن تۆت ئىشەك سۆرىگۇسىز دەرىجىدەبار ،<<  جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى ....>> دىگەندەك . ئەمىليەتتە شۇنچىۋالا چوڭ بىر دۆلەتتىن 11 ئادەم  چىقماپتۇ دىيىش ھەقىقەتەن بىر نومۇسلۇق ، كۆتۇرگىسىز ،ئاھانەتلىك ،ھاقارەتلىك ئاتالغۇدۇر .ھەر قېتىملىق  مۇسابىقىلەردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى پۇتبولچىلىرىمىزدا پۇتبولغا نىسبەتەن قىزىقىش ،ئۈنى سۆيۇش تۇيغۇسى بەكلا كەم  ،ناھايىتى تېزقىزىيدۇ ، شۇنداقلا تېز سوۋۇيدۇ .پۇتبول ساھەسىدە باش كۆتۇرىمىز دەيدىكەنمىز ،باشقا يۇرتلارنى ئەمەس ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپمۇ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلارنى تېپىش تامامەن مۇمكىن . بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىش كاتەكچىسىدىكى  << مىللىتى >> ،<<يۇرتى >> << كېلىپ چىقىشى >> << تارىخى >> دىگەندەك ئادەمنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان كاتەكچىلەرنى بويىۋېتىپ تۇرۇپ ھەقىقى مەيداندىكى ماھارىتىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن پۇتبول ساھاسىدە كۆزگە كۆرۇنىشتىن چوقۇم ئۈمىد بار . ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ھەممىلا تەنھەركەتچى شۇنداق يوللاربىلەن كېلىپ قالغانلار دىمەكچى ئەمەسمەن ،بىراق ھەممىمىزگە ئايان پۇتبول ھەمكارلىق تەلەپ قىلىدىغان كوللىكتىپ ئويۇن ،مەلۇم بىر شەخىسنىڭ كۇچى بىلەن ھەرگىز چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ .ئۆتكەن يىلقى بىرازىلىيە ،ئارگىنتىنا دۆلەتلىرنىڭ مۇسابىقىلىرى بۇنۇقتىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بەرگۇسى  .  

buradar 2011-02-11 02:43
ناھايىتى قىزىق ئىكەن.رەخمەت

kaysar_yurak 2011-02-14 17:32
رەسىملەر

fatih204 2011-02-14 18:53
بۇلارغا مىسسىنى ئەكەپ بەرسىمۇ بولارى شۇ !!!!! ئىسىت شۇلارغا كىتىپ بارغان راسخوت ،،،،،


查看完整版本: [-- جوڭگو كوماندىسىنى زىيارەت قىلىش ...... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048596 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us