توردىن ئالغان پايدىلىرىم
مەن توردۇنياسىغا قەدەم تاشلىغىلى 7يىلدەك بۇپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مىنىڭ توردىن ئالغان پايدىلىرىممۇ كۈرنەرلىك بۇپتۇ. ئەلۋەتتە مىنىڭ ئالغان پايدىلىرىم بولغانىكەن زىينىمۇ بۇلىدۇ.ئەمما پايدا ئېلىش ئۈچۈن مەلۇم مىقدارتا زىيان تارتىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ زىيانلارنىڭ گىپىنى قىلىپ ئولتۇرمايمەن. تۈۋەندە ئالغان پايدىلىرىمنى سۆزلەپ ئۈتىمەن.
1. مەن ئەڭ ئاۋۋال مۇنبەرگە تىما يوللاشتىن باشلىدىم. بۇ 2008.يىدىن باشلاپ يىتىلگەن ئىش ئىدى.مەن دەسلەپ قاشتېشى مۇنبىرىگە كىردىم.ئۇ يەردىكى ‹ناخشىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى› دىگەن تىمام بەس مۇنازىرە قوزغىۋەتتى. ئەمما ئۇنىڭ پايدىسى بولغانلىقىنى بىر قانە تورداش ماڭا ئۇختۇردى. مەن شۇ مۇنبەرگە تىما يوللاۋەردىم. ئاردا تور تاقالدى. قايتا ئېچىلغاندىن كىيىن يەنە تىما يېزىشقا كىرىشتىم. تور قايتا ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن تىمىنى كۆپ يوللاشقا باشلىدىم.مۇشۇ جەرياندا مەندە يېزىقچىلىق قۇۋۋىتى ئاشىشقا باشلىدى.ئىسلام مۇنبەرلىرىگىمۇ تىما يوللاشقا باشلىدىم، مەن دەسلەپتە دىنىي تىمىلارنى يوللىغاندا پەقەتلا مەنبەنى يازمايتتىم، قۇرئان ئايىتىنى يازسام قايسى سۈرە ،قايسى ئايەت ئىكەنلىكىنى يازمايتتىم. مەن مۇشۇ ئىشىم تۇپەيلى خېلى تەنقىدكە ئۈچرىغانمۇ بولدۇم.ۋە دىنىي تىما يازسام مەنبەلەرنى تۇلۇق ئەسكەرتىدىغان بولدۇم. بۇ ماڭانىسبەتەن چوڭ پايدا ئىدى.مۇشۇ ئىش تۇپەيلى بەزى ساختا ھەدىسلەنىڭ كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم.قۇرئان ئايەتلىرىنى يازسام ئۈزۈم تەرجىمە قىلىپلا يازاتتىم. ھازىرقى ئۇيغۇرچە قۇرئان تەرجىمىسى بىلەن مەلۇم مىقداردا پەرقلىنىپ تۇراتتى.مەزمۇنى بىر ئەمما بەزى لەپزىلىرى ئۆزگىرىپ كىتەتتى. ھازىر ئۇنداق قىلمايدىغان بولدۇم.قۇرئان ئايىتىنى يازغاندا ئامال بار ئۇيغۇرچە قۇرئانغا سېلىشتۇرۇپ ئاندىن يازىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن يېزىلغان تىما يىڭىچە ئۇسلۇب بىلەن چىقتى. تىمىنى مۇشۇ بۇيىچە يازدىم. شۇنداقتىمۇ بەزى زەئىپ،مەۋزۇئ ھەدىسلەرمۇ قۇشۇلۇپ قالغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەرقانداق بىر تىما يازسام ئەڭ ئاۋۋال بۇخارىي ۋە مۇسلىمغا مۇراجىئەت قىلدىم.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچە سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدىن پايدىلاندىم. ھەدىسلەرنىڭ پەقەت سەھىھ بولغانلىرىنىلار يازىدىغان بولدۇم. ناھايتى ئاز ساندا ‹ھەسەن› دەرىجىلىك ھەدىسلەرمۇ قۇشۇلۇپ قالدى. مۇشۇنداق بۇلىشىمغا قېرىندىشىمىز قۇتلۇق سەۋەبچى بولغان بولدى. ئاللاھ ئۇ قېرىندىشىمىزغا ئەجىر ئاتا قىلسۇن.
2. بەزى مەسىلىلەردە مەن پەقەت ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپلار جاۋاب بىرەتتىم. مۇنبەردىكى بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ رەددىيەلىرى بىلەن مەسىلىلەردە ئىسلام دۇنياسىغا تۇنۇلغان ئالىملارنىڭ ، مۇجتەھىدلەرنىڭ مەن دەلىل قىلماقچى بولغان ئايەت ۋە ھەدىس توغۇرلۇق نىمە دىگەنلىكىنى بىلىپ بېقىپ شۇ بۇيىچە مەسلەھەت بىرىدىغان بولدۇم.
3. سۇغۇق قانلىقنى يىتۇشتۇردۇم، بۇرۇن بەكلا قېنىم قىززىق ئىدى. بىر ئىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى بىلسەم شۇ ئىشقا قاتتىق قارشى تۇراتتىم.بۇ تەرەققىي قىلالمايدىغان كىچىك بىدئەت بولسىمۇ شۇ ئىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇياتتىم. بۇ ئىشىمنىڭ مۇسۇلمانلار ئارسىدا پىتنىگە سەۋەبچى بۇلۇپ قېلىشى بىلەن كارىم يوقتى. كىيىن مەن ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان ئىشنىڭ مۇسۇلمانلار ئارسىدا قانچىلىق پايدا ئېلىپ كىلىدۇ،قانچىلىك زىيان ئېلىپ كىلىدۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلايدىغان بولدۇم.بەزى ئىشلاردا مەلۇم بىر ھەدىسكە زىت ئىشنى كۆرگەن بولساممۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى دەپ سۈكۈت قىلدىم.ئەمما تەرەققىي قىلىپ دىنغا بۇزغۇنچۇلۇق ئېلىپ كىلىدىغان بىدئەتنى كۆرسەم ئۇنى جەزمەن تۇسىمەن،ياكى بىلدۈرۈپ قۇيىمەن،ياكى قەلبىمدە نارازى بۇلىمەن.
4. بىلگەنلىرىمنى يەتكۈزدۇم. ۋە رەسۇلۇللەنىڭ ‹مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار› دىگەن ھەدىسىگە مۇشۇ تور ئارقىلىقمۇ ئەمەل قىلالىدىم.مۇشۇ ئارقىلىق بەزى قېرىنداشلارنىڭ مەلۇم بىرگۇناھنى ئۆتكۈزمەسلىكىگە سەۋەبچى بولغان بولدۇم.جەمىيتىىمىزدە جارى بۇلىۋاتقان بەزى گۇناھ ئىشلارنى ھەدىس ئارقىلىق كۆرسەتكەن بولدۇم.
5. مىنىڭ ئىزدىنىشىمگە سەۋەبچى بولدى.تىما يازسام سۇئال چىقىدىغانراق قىلىپ يازدىم. بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ قىسقىغىنە بىر ئىنكاسىمۇ مىنى نۇرغۇنلىغان ماترىياللارنى كۈرۈپ ئىزدىنىشكە،ئۇستازلاردىن مەسلەھەت ئېلىشقا،سەئۇدىيدىكى بەزى ئەھلى ئىلىملاردىن سۈراشقا سەۋەپ بولدى. شۇ ئىزدىنىش جەريانىدا مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگىمۇ ئىگە بولدۇم.مەن ئۇزەممۇ باشقىلارنىڭ خېلى ئىزدىنىشىگە سەۋەبچى بولدۇم.
6. بەزى قېرىنداشلارنىڭ قۇرئان ئۇقۇشنى ئۆگىنىشىگە سەۋەبچى بولدۇم. مەن ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ قۇرئان ئۇقۇشنى ئۆگىنىشى مەن ئۈچۈن مەن ئىرىشكەن بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
7. نەۋەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر پۇتۇن ئەقىدىلىرىنى چۈشەنگەن بولدۇم.توردا مەن كۈرۈشمىگەن خىرىستىيانلار(بۇلار قۇرغان ئۇيغۇرچە تور بىكەتلىرىنىمۇ ماڭا كۆرسىتىشتى)،ئىسلام داۋاسى قىلىدىغان قۇرئانچىلار،جەدىدچىلىكنى يامان كۈرۈدىغان تەرىقەتچىلەر،تەسەۋۋۇپچىلاريەنە ئۇنىڭدىن باشقا مەن شىنجاڭ دىيارىدا بۇلىشىنى ئويلاپ باقىمغان بەزى پىرقىلەرنىڭ ھىلھەممۇ بارلىقىنى بىلدىم. بۇئارقىلىق مەن بەزى قېرىنداشلىرىمنى ئۇلارنىڭ تەسرىگە ئۇچراپ كىتىشتىن ئىھتىيات قىلدۇردۇم. تور دۇنياسى ئاجايىپ دۇنيا ئىكەن.ئادەم ئويلىمىغان ئىشلا يۈز بىىدىكەن.
8. بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا پۇتۇنلەي كىرشىگە،ناماز ئۇقۇشىغا،ئىسلام ئەركانلىرىنى چۈشىنىشىگە سەۋەپچى بولدۇم. بۇ ماڭا قىيامەت كۇنى ئەڭ پايدا يەتكۈزىدىغان ئىش.
9. مىنىڭ تور ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان يازغان بارلىق تىمىلىرىم 300بەت كەلگۇدەك بۇپتۇ. بۇنى word شەكىللىك قىلىپ يىغىپ قويدۇم. كۈرەشنى خالايدىغانلارغا مەن ئەۋەتىپ برىمەن.
10. مەن ئىرىشكەن ماددىي مۇكاپات. كەڭ ساي ئەپەندىم بەرگەن يۈز يۈەن نەخ پۇل. مۇنبەر پۇلىسى 10000غا يەتسە يۈز يۇۋەن مۇكاپات بىرلىدۇ دىگەن ۋاخلارغا ئۈلگۈرۈپ مىنىڭ مۇنبەر پۇلۇم بەلگىلەنگەن سانغا يىتىپتىكەن. تېلپۇنۇمغا 100يۈەن جالاندى.
يۇقارقىلار بولسا مىنىڭ توردىن ئىرىشكەن پايدىلىرىم. مەن توردا ئۆتكۈزگەن ۋاختىمغا رازى. ئۇيۇن ئويناپ ۋاقىت ئۆتكەزمىدىم.
قېنى سىزنىڭكىنىمۇ بىر ئاڭلاپ باقايلى.
سىز قانچىلىك پايدىغا ئىرىشتىڭىز؟ ئەگەر سىز ئىرىشكەن پايدىڭىزنى دەپ بىرەلمىسىڭىز سىز تۇلىمۇ بېخىل ،پايدا –زىيان بىلەن ھىسابلاشمايدىغان،ئۇزىڭىزدىن ھىساب ئېلىپ تۇرۇشنى بىلمەيدىغان ئادەم بۇپ قالىسز.