ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز قېرىندىشىم! مەن بەك قوللايمەن. اللە ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي!
دانا ۋە ئاقىل كىشىلەر جەمئىيەت كىسەللىكلىرىگە نىسبەتەن خۇددى تەجرىبىلىك دوختۇرغا ئوخشايدۇ. چۇنكى تەجرىبىلىك دوختۇر كىسەلگە قاراپ دۇرا بېرىپ بىمارلارنى كىسەللىك ئازابىدىن خالاس قىلىدۇ ۋە ھەرخىل يۇقۇملىق كىسللەرنى ئۇنۇملىك تىزگىنلىيەلەيدۇ. مۇبادا ئۇلارنىڭ ئالدىغايۇرەك كىسىلى ۋە تەمرەتكە كىسلىگە گىرىپتار بولغان بىمار كەلسە، ئۇلار،-يۇرەك كېسلىنى ئەۋۋەل داۋالاشنىڭ زورۇرلىكنى،يۇرەك كېسلىگە قىلغان دۇرا بىلەن تەمرەتكە كېسلىنىڭ شىپا تېپىپ قېلىش ئىھتىمالى بارلىقنى، پەقەت بولمىغاندا يۇرەك كېسىلى كونتىرۇل قىلىنغاندىن تەمرەتكىگە ئايرىم دۇرا قىلسىمۇ تېخى ئۇلگۇرىدىغانلىقنى بىلىدۇ. ئەكىسچە ، يۇرەكنى قايرىپ قۇيۇپ تەمرەتكىگە سىقماق سۇكەپ يۇرسە، يۇرەك ھەرىكەتتىن توختاپ بىمارنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدىغانلىقنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
ئەسلىدە دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز ھەم تېرىشىپ ئەشۇنداق ئىقتىدارنى يىتىلدۇرشى كىرەك ئىدى. ھە-دىسىلا تەۋھىدنىڭ نىملىگىنىمۇ چۇشەنمەيدىغان كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇپ يۇرگىچە. مىنىڭچە ئۇلار ھەقىقىي دەۋەتچىلەر بولماستىن بەلكى ئوزلىرىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ۋە نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ چۇشەنمەيدىغان ،ئوزلىرىچە مەن ياخشى ئىش قىلىۋاتىمەنغۇ، دەپ يۇرىۋاتقان نادانلار بۇلىشى مۇمكىن.
ناۋادا سوزلىرىم خاتا بولسا تەنقىتنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن.
