查看完整版本: [-- دەۋەتچى قېرىنداشلىمىزغا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> دەۋەتچى قېرىنداشلىمىزغا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

ilim 2010-12-22 15:12
                                            ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بارلىق مۇسۇلمانلارغا

يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدە ئىسلامىي تىمىلارنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ،بەزى ئىنسانلار ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان تىمىلارمۇ بارلىققا كىلۋاتىدۇ. ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھيتىنى چۇشەندۇرىدىغان تىمىلار ئاز، شاخچە مەسىلىلەردىكى تالاش – تارتىش كۆپىيۋاتىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن پايدىسىز بولغان بىر ئىش. بۇلۇپمۇ بەزىبىر ‹بىدئەت› ئاتالغۇلىرىنى بەكمۇ تەرەققىيلاشتۇرۋاتىمىز. چوڭ بىدئەت بىلەن كارىمىز يوق كىچىك بىدئەتلەرنى نىشانغا ئېلۋاتىمىز. بەزىلىرىڭلار بىدئەتنىڭ چوڭ كىچىكى يوق دىيشىڭلار مۇمكىن. خۇددى گۇناھلارنىڭمۇ چوڭ كىچىكى بولغىنىغا ئوخشاش بىدئەتنىڭ چوڭ كىچىكى بۇلىدۇ. بەزى بىدئەتلەر تەرەققىي قىلىپ شىرىككە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەتلەر. بۇ بىدئەتلەر جەزمەن تازلىنىشقا تىگىشلىك بىدئەت. يەنە بەزى بىدئەتلەر باركى تەرەققىي قىلالمايدىغان بىر ئىزدىلا داۋام ئىتىدىغان بىدئەت. بۇ بىدئەتكە ئېسلىۋالمىساقمۇ بۇلىدۇ. بۇنداق بىدئەت ئىتقاد تۈزلەنسە،ئىمان-ئىسلامنىڭ ھەقىقىيتى ياخشى چۈشەندۇرۇلسە ئۆزلىگىدىن يۇقايدۇ. ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا كىرگىلى مىڭ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئىسلام دىنى يۇقمايۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇيۇ مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئەمەللىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.مۇسۇلمانچىلىقنى پەقەتلا ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن،ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن،يىلدا بىرە ئاي رۈزا تۇتۇپ ئىككى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ناماز ئۇقۇغانلىقى ئۇچۇنلا ئۆزىنى ‹مەن مۇسۇلمان›دەپ دەۋا قىلىدۇ. بۇ قۇرۇق خىيال. شەھىد سەييىد قۇتۇپ ئۆزىنىڭ رىسالىلىرىدە ‹سىنىڭ ئەرەپ تىلىدا سۆزلىگەنلىكىڭ،ئاتا-ئاناڭنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭنى بىلدۇرمەيدۇ› دىگەن. بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ‹مۇسۇلمان› تەخەللۇسىنى قوللىنىۋالغانلار بىلەن كارىمىز يوق.ئۇلار نىمە قىلسا ئۇنى توسمايمىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن سادىر بولغان ‹بىدئەت›كە چىڭ ئېسلىۋالىمىز.بەزى قېرىنداشلىرمىزنىڭ چىركاۋلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۋاتىمىزيۇ ئۇنى توسمايمىز. مەسچىتكە كىرگەنلەرگە ئارلىشىۋېلىپ‹ئىشتىنىڭنى ئۇزۇن كەيدىڭ،يالاڭباش مەسچىتكە كىردىڭ› دەپ ئۇلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۋاتىمىز.كىشىلەر پەرزۋە ۋاجىپ ئىشلارنى تەرك ئېتپ يېقىن كەلمەيۋاتسا ئۇلارغا مۇستەھەپ،سۇننەت ئىشلارنى تېڭىپ ئۇلارنى قاچۇرۋېتىش ئەخمىقانىلىك بىر ئىش.

قېرىنداشلار:كۈچنى پەرزگە مەركەزلەشتۈرۈڭلار،ۋاجىبنى ئاساس قىلىڭلار.سۈننەت ۋە مۇستەھەپكە كۆپ كۈچەپ كەتمەي ئىسلام ئەقىدىسىگە بەكرەك ئېسلىڭلار.

كىشىلەر پەرزنى تۇلۇق چۇشۇنۇپ بولغاندا ئاندىن سۇننەتنى چۇشەندۇرسەكمۇ كىچىكىپ قالمايمىز. زىيالىيلارغا زىيالىي ئەقىل بىلەن خىتاب قىلىڭلار.ئىسلامنى چىرايلىق كۆرسىتىڭلار،ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەدىنىيتى توغرىسىدا كۆپرەك توختۇلۇڭلار. ئۈزۈڭلارنىڭ ئەخلاقىنى باشقىلارغا نەمۇنە بولغۇدەك دەرىجىدە تۇزىۋېلىڭلار. مۇلايىم سىلىق سىپايە بۇلۇڭلار.گەپ-سۆزلىرىڭلاردىن ،ئىش-ھەركەتلىرىڭلاردىن ئىسلامنىڭ گۈزەل خىسلىتى نامايەن بولسۇن.بەزى خاتالىقلارنى قىلىپ سالغانلارغا كۈيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئىسلام سېپىگە قايتۇرۇپ كىلىڭلار. دۇختۇر كىسەلگە قانداق مۇئامىلە قىلسا سىلەرمۇ خاتالاشقۇچىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. ھەر ۋاقىت رەسۇلۇللەنىڭ مۇنۇسۆزىنى ئەستىن چىقارمايلى. {ئاسانلاشتۇرۇڭلار،تەسلەشتۇرمەڭلار.خۇش بىشارەت بىرىڭلار،ھۈركىتىۋەتمەڭلار ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بۇلۇڭلار}.

قېرىنداشلار سىلەرگە دۇكتۇر يۇسۇف قەرداۋىينىڭ ‹فىقھۇلئەۋلەۋىيات› دىگەن كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۇۋەندە يۇسۇپ قەرداۋىينىڭ دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان خىتابىنى يەتكۈزىمەن.

1.مۇسۇلمانلارنىڭ دوسلۇقى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنى ئۇچۇنلا بۇلىشى: مىللەت،سىياسى تۈزۈم،ۋەتەن،پارتىيە ۋە شەخسلەرگە بولغان مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىگە،دىنغا يىراق يېقىنلىقىغا قاراپ بۇلىشى لازىم

2.ھەرقانداق مەسىلىدە ئاللاھنىڭ كىتابىنى،پەيغەمبەرنىڭ سەھىھ سۇننتىنى،ئىسلامنىڭ روھىنى جانلىق چۈشىنگەن،ئىسلامدىن ئەسىرلەر بۇيى بىدئەتلەرنى ،باتىل قاراشلار ۋە نادانلارنىڭ تەئۋىللىرىدىن تازلىغان بۇ ئۇممەتنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ تۇتقان يۇلىنى ئۆزلىرىنىڭ مىتودى قىلىش لازىم.

3.دەۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ ھەرۋاقىت رەسۇلۇللەنىڭ مۇئاز بىلەن ئەبۇ مۇسا نى يەمەنگە ئەۋەتكەن چاغدا قىلغان مۇنۇ نەسھىتىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم

مەن سىلەرگە بۇ نەسھەتنى تەۋسىيە قىلىمەن‹ئاسانلاشتۇرۇڭلار،قىيىنلاشتۇرماڭلار.كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بىرىڭلار،قاچۇرۋەتمەڭلار....› دەۋرىمىزدىكى ئالىم ،دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز بۇ نەسھەتكە نەقەدەر مۇھتاج ھە.........

بۇنداق دىگەنلىك دەۋەتچىلەرنڭ شۇئارى زوراۋانلىق ئەمەس مۇلايىملىق. رادكاللىق ئەمەس ،ئەپۇچان بۇلۇش لازىم.ئاللاھ مۇئامىلىدىكى يۇمشاقلىقنى سۈيىدۇ. مىنىڭ ئەپۇچانلىقنى كۆزدە تۇتقىنىم،پەرئى(شاخچە مەسىلىلەر)بۇلۇپ ،ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇسۇل ۋە غايىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ. كىشىلەر بىلەن مانا بۇ قائىدە ئىچىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.

4.پەرزلەرنى ئادا قىلىپ گۇناھى كەبىرلەدىن يىراق بولغانلارنى بىزنىڭ دوستىمىز دەپ سانىشىمىز،بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۇرۇپ قۇيشىمىز لازىم.گەرچە ئۇلاردا ئۆزلۇكسىز داۋاملاشمايدىغان بىر قىسىم مەكرۇھ ئىشلار،كىچىك گۇناھلار بولسىمۇ ئۇلارنى دوست ساناپ ياخشى ۋەز نەسھەت قىلىپ پكىرلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توغرا يۇلنىشتە بۇلىشىمىز لازىم.

5.ئىتىپاق كەلگەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىپ ،ئىختىلاپلىشىپ قالغان جايلاردا بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىمىز لازىم.دەۋەتچى ئالىم ئۇلىما قېرىنداشلىرىمىز ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئالاقىلىشىپ تۇرشىمىز لازىم.ئىسلام ئۇلىمالىرى قوللۇغۇچىلىرى بار،تەسرى كۇچى بار كىشىلەر بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق رايۇن ياكى بىر جايدا بىرلىشىشى،ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۇنتايىن زور كۇچنى شەكىللەندۇرىدۇ.

مانا يۇقارقى 5جۇملە سۆز پۇتۇن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ رەئىسى دۇكتۇر يۈسۈف قەرداۋىينىڭ روشەن چاقىرقى.

تىمام ئۇزراپ كەتتى. مۇنبەرگە ئىسلامىي تىما يازىدىغان  قېرىنداشلىرىمىز پەقەتلا ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۇچۇنلا دىنىمزنىڭ ئۇستتۇنلىكى ئۇچۇنلا تىرشىۋاتىمىز ئاللاھ خالىسا... شۇنداق بولغانىكەن شاخچە مەسىلىلەرگە ئېسلىۋالماي ئەقىدە،تەۋھىد ۋە ھازىرقى جەمىيىتىمىزنىڭ قانداق ئىلىمگە بەكراق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قېرىنداشلىرىمىزغا بىلدۇرەيلى. مانا مۇشۇنداق قىلغاندا بىدئەتلەر ئۆزلىگىدىن تۈگەيدۇ.

ئۇنداق بولماي ‹دۇئانى قول كۇتۇرۇپ قىلساڭ بىدئەت،ئۆيگە كىرگەندە دۇئا قىلساڭ بىدئەت..› دەپ يىڭىدىن دىننى چۇشىنىشكە باشلىغان قېرىنداشلىرىمزىنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. دىنىمىزدا بۇنىڭدىن كاتتىراق بىدئەت بولمىسا كىرەك.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يول ئۇستىدە قىلسۇن. ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك قىلۋەتسۇن.ئامىن



fatih204 2010-12-22 16:09
بىرىنجى بوپ قوللايمەن  ،،  

hamiwang 2010-12-22 16:14
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىنداش،

adiham 2010-12-22 16:14
ياخشى . مەنمۇ قوللايمەن
بىراق راست گەپنى قىلسام بەزىلەردىن بىكاردىن بىكارغىلا تىل ئاڭلاپ كۆڭلۈمنى رەنجىتىۋىلىشتىن قورقىدىغان بوپ قالدىم.

ibrayim 2010-12-22 16:14
مەنمۇ قوللايمەن

safiya 2010-12-22 16:24
ئلىم قېرىندىشىمىز بەك ئورۇنلوق سۆز قىىپتۇ .ئاللا  رەخمەت قىلسۇن ھەم مەغفىرەت قىلسۇن.

pigan 2010-12-22 16:30
مەن قوللايمەن
ئۇبىد ئەت بۇبىدئەت دەپ دىنىمىزنى يۇڭدىغان توخۆغائوخشىتىپ قويمايلى
خۇددى ئابدىخالىق ئۇيغۇرى  نىڭ
ئۇئۇزۇن بۇ قىسقادەپ ھاۋشىپ يۇرىدۇ بەزىلە
ئويدە ئوغرى تەگسەمالغا ئىزتىپىشنى ئىستىمەس

دىگىنىدەك  ئىش بولىۋاتىدۇ

sawapkar 2010-12-22 16:33
ناھايتى ئورۇنلۇق گەپ قىلىپسىز مەنمۇ قوللايمەن ، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى مەنمەنلىكنى ،بۆلگۇنچىلىكنى ،قۇبۇل قىلمايدۇ .

kalkan786 2010-12-22 16:45
ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن. مەنمۇ قەرداۋي نىڭ << بۇرۇنقى ئىسلام مىراسلرىمىزۋەمەزھەپ ۋە ئىختىلاپلارغا قانداق مۇئامىلە
قىلمىز>> ناملىق ئەسىرنى كەڭسايدىكى ئەھلى ئىلىم بۇرادەر لىرىمگە تەۋسىيەقىلمەن.

muhammat7 2010-12-22 16:52
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام مەنمۇ قوللايمەن ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن! قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىز گۇناھلىرىڭىزغا كەفارات بولسۇن! (ئامىن)

rayhan 2010-12-22 16:53
مەن ئەگەشتىم ..مۇنبەردە ئىختىلاپ قىلماسلىق تۇغرۇلۇق ماقالە خېلى كوپ بولدى ،،مۇشۇنداق ھەمىسى قوللايدۇ ،لېكىن بەزىسىنىڭ ئاچچىقى  بەك يامان ئازراق ھاياجانلانسا ،ئادەم كوپ سۇرۇن دىمەي «اللە رىزاسى ئۇچۇن »دەپ تۇرۇپ  بىر بىرىگە تىل تەككۇزىدۇ، مۇشۇ مۇنبەردە كىچىك يەردە ئۇستۇنلۇك تالىشىپ ئوزىنىڭكىنىلا راسىت دەيدۇ ...بۇ ماقالىنى ياخشى يولاپسىز قېرىندىشىم ،ياخىشى ئىشلارنىڭ ئەجرىنى اللە بەرگۇچى ،مۇشۇنداق تىرىشىشلار نەتىجىسىدە اللە ھەمىمىزنى  مەخپىرات قىلغاي ،دىلىمىزنى بىر قىلغاي ....

ilim 2010-12-22 16:58
قېرىنداشلار تىلىمىز بىلەن ئەمەلىيتىمىزنى بىر قىلايلى. ئاسان ھاياجانمايلى. بۇ مۇنبەردە ھاياجانلىنىدىغان قېرىنداشلار خېلىلا بار

katil731 2010-12-22 18:15
نىمىشقا ئەھلى ئىلىملەر تور ئالاقىسىدىن ئۇنۇملۇك پايدىلانمايسىلەر؟  مەسلە كەپ چىققاندىلا ئاندىن ئوتتۇرغا چىقىسىلەر؟
بىر تالاي تالاش- تارتىش، كۇڭۇل ئاغرىقى، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، ئەھلى -ئىلىملەرنىڭ تور ئالاقىسىغا سەل قارغانلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن،

oghuzhan 2010-12-22 18:23
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
ئىسمى - جىسمىڭىزغا مۇناسىپ ئىلىم ئەھلى ئىكەنسىز ، ئىلمىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولغاي ، ئىلمىڭىزنى ئايىمىغايسىز !

fatih204 2010-12-22 18:26
731بۇرادەر كوڭلۇمدىكىنى دىدى ،،   بولسا بىر ياققىدىن باش چىقارساڭلار دەيمەن

katil731 2010-12-22 19:23
تىما ئىگىسىنىڭ قۇتلۇق ئەپەندى بىلەن شۇ تىمىدا مۇنازىرلىشىپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،

unsu 2010-12-22 20:54
ئىشلىتىش
引用第10楼rayhan于2010-12-22 16:53发表的 :
مەن ئەگەشتىم ..مۇنبەردە ئىختىلاپ قىلماسلىق تۇغرۇلۇق ماقالە خېلى كوپ بولدى ،،مۇشۇنداق ھەمىسى قوللايدۇ ،لېكىن بەزىسىنىڭ ئاچچىقى  بەك يامان ئازراق ھاياجانلانسا ،ئادەم كوپ سۇرۇن دىمەي «اللە رىزاسى ئۇچۇن »دەپ تۇرۇپ  بىر بىرىگە تىل تەككۇزىدۇ، مۇشۇ مۇنبەردە كىچىك يەردە ئۇستۇنلۇك تالىشىپ ئوزىنىڭكىنىلا راسىت دەيدۇ ...بۇ ماقالىنى ياخشى يولاپسىز قېرىندىشىم ،ياخىشى ئىشلارنىڭ ئەجرىنى اللە بەرگۇچى ،مۇشۇنداق تىرىشىشلار نەتىجىسىدە اللە ھەمىمىزنى  مەخپىرات قىلغاي ،دىلىمىزنى بىر قىلغاي ....

قوشۇلىمەن

xarifa 2010-12-22 21:56
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەخمەتۇللاھ.
دىگىنڭىز توغرا ئىماننىڭ ھەقىىقىي مەنىسىنى چۇشەنسە باشقا ئىشلار ئىنشا ئاللاھ ئۇزلىكدىن ھەل بۇلىدۇ.
يىلتىزى ياخشى بولمىغان دەرەخنىڭ شاخچىلىرى ھامان قۇرۇپ قالىدۇ،يىلتىزى ساغلام بولسا شاخچىلىرى تېخمۇ ياخشى كۇكلەيدۇ.

kokbura 2010-12-22 23:11
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،ئەڭ مۇھىمى ئىتپاقلىق

tukay 2010-12-22 23:13
ئاللا  رەخمەت قىلسۇن ھەم مەغفىرەت قىلسۇن

kanway 2010-12-22 23:39
سالام ئىلىم ئەپەندى! ئاللا سىزنى ئامان قىلسۇن! ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!
  قۇرئان ۋە ھەدىسلەر ئاساسىدا ياخشى تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!


ئاللا چوڭچىلىقنى مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلدىم دىگەن.

مۇھەممەت ئەلەيھىساللام:مەن گۇزەل ئەخلاقنى يەتكۇزگىلى كەلدىم دىگەن.

ئاللا :بىر-بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن ئاتىماڭلار،بىر-بىرىڭلارنى ئەيىپلىمەڭلەر دىگەن

ئالىملاردا پەيغەمبەرلەرنىڭ سايىسى بولىدۇ،شۇڭا بىلىملىك كىشىلەرنىڭ دوستانە ، كىتاپ ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىقىنىڭ يۇققۇرىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،شۇنداقلا خەلقنىڭ توغرا يولنى تونۇۋېلىشىغا پايدىسى كۆپ بولىدۇ.

كىمكى  مەنمەنچىلىك قىلىدىكەن ئۇنىڭ ئىمانىدا مەسىلە بار .

sad~da 2010-12-23 03:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەقىل ئاتا قىلسۇن .
دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمغا بىر تەكلىۋىم بار
ئۇنۋىسال مۇنبەرلەرگە ئىلىم قېرىندىشىم دىگەندەك ئىسلامنىڭ ئاساسلىق تۈۋرىكىنى مۇھەپىزەت قىلىپ تۇرۇپ تىما يوللىساق كىچىك نازۇك بولغان مەسلىلەرنى مەخسۇس ئىسلامى مۇنبەرگە يوللاپ پىكىر ئالماشتۇرساق دەيمەن .

ھەمزە 2010-12-23 12:29
ھەقىقەتەن مەنىلىك مۇنازىرە بۇپتۇ

emamyasin 2010-12-23 15:53
مەنمۇ قوللايمەن

abdunasir 2010-12-23 19:54
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  قىرىنداش،بۇ ئىنتايىن ياخشى تەكلىپ بۇلۇپتۇ، ھازىر جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن <مۇسۇلمان>لىرىمىز تېخى ئوزىنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى بىلەلمەيۋاتقاندا ئىختىلاپ تېمىسىدىكى مەزمۇنلارنى كورسە ئۇلارنىڭ سۇس ئىمانى تېخىمۇ يۇقاپ كىتىدۇ

arkaturuk 2010-12-23 20:04
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ،  سۆزلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق بوپتۇ سىزنى قوللايمەن  

$~bihlan~$ 2010-12-23 22:25
مانا بۇ كىشىگە ياققىدەك گەپ بولاپتۇ.

yawakaptar 2010-12-23 23:14
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ..... ئاۋال ئۇلۇغ ئاللاھدىن قېرىندىشىم << ئىلىم >> نىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ، بىلىمىنىڭ تېخىمۇ بېيىشىنى ، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن ......
تازا كۆڭۈلگە ياققۇدەك گەپ قىلىپسىز قېرىندىشىم  ، بولسا مۇنبەردىكى ۋە جەمئىيەتتىكى دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ نۇقتىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىسا ، مۇشۇ مۇراجەت بويىچە دەۋەت قىلىشسا ، ئىشىنىمەنكى بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى زور بولىدۇ ....

yamghur 2010-12-24 16:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تېمىڭىز مىنى بەكمۇ خوش قىلىۋەتتى، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بۇرادەر.

oguzhan 2010-12-24 16:46
مەنمۇ قوللايمەن  ئا لم لار. شىرىكمۇ دىمىگەن ھاراممۇ دىمىگەن .مەكرۇمۇ دىمىگەن  بىدئەت ئىشلار مەسىلەن[  رەسۇلۇللاھ ۋاختىدىن كىيىن يىڭىى پەيدا بولغان ئشلا ] ئۆيگە كىرگەندە دۇئاقىلىش دىگەندەك  كىچىك ئىشلارغا ئسلىۋالماسلىقىمىز لازىم بىدئەت دەپ ھازىرقى سوپىلارنىڭ نامان گەن ناخشىلىرىنى ئىبادەت دەپ ئوقۇپ ئارقىسىدىن ئىبادەت قىلدۇق دەپ رەقسى ساما قىلىپ ھوم ھوم دەپ سەكلەشتەك مۇشىنىڭغا ئوخشاش ئىشلانى ھەقىقى بىدئەت دىسەك بولىدۇ بۇنى ھەممىز قوللايمىز  
مەن رەسۇلۇللادىن كىيىن پەيدا بولغان كىيىنكى ئالىملار توغرا دەپ قارغان بەز  دىنى چوڭ ئىشلانى.  نامازدىكى 15 خاتالىق دىگەن تىمىنىڭ 39 قەۋەتىكە مىسال كەلتۇرۇپ قويدۇم مۇ شۇ مەسىلىنىمۇ  ھىچكىم بىدئەت دىمەيدۇ .... بىز دىنىمىزغا زىيانلىق ھەقىقى بىدئەتنى قەتئى تازىلىۋىتىشىمىز لازىم

xiho 2010-12-24 21:37
مەن كەڭسايدا كۆرگەن نادىر تېما . مانا مۇشۇنداق تېمىلار كۆپرەك يوللانسا !
«ئۈزۈڭلارنىڭ ئەخلاقىنى باشقىلارغا نەمۇنە بولغۇدەك دەرىجىدە تۇزىۋېلىڭلار. مۇلايىم سىلىق سىپايە بۇلۇڭلار.گەپ-سۆزلىرىڭلاردىن ،ئىش-ھەركەتلىرىڭلاردىن ئىسلامنىڭ گۈزەل خىسلىتى نامايەن بولسۇن.»

rabiya 2010-12-25 11:59
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم   بەك ياخشى  تېما بوپتۇ  . ئاللا  ئەجرڭىزنى زىيادە قىلسۇن....

sawer-takat 2010-12-25 20:52
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.............................
مانا مۇشۇنداق ئىسىل تېمىللىرىڭىزنىڭ يۇلىغا قارايمەن .......................تەپەككۇر توختاپ قالمىغاي ..!

xukri 2010-12-26 20:13
!~!~!~!     

نۇرې 2010-12-27 15:09
نىمىنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتالىقىنى بىلگىلى بولماي قالدىغۇ ھازىر

nazarhan 2010-12-28 22:25
ناھايتى ئورۇنلۇق گەپ قىلىپسىز مەنمۇ قوللايمەن ، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى مەنمەنلىكنى ،بۆلگۇنچىلىكنى ،قۇبۇل قىلمايدۇ

tanhayigt 2010-12-28 23:38
مەنمۇ شۇنداق قارايمەن دوستۇم،بىزدە تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالمايلى

afrayin 2010-12-31 12:25
ئىختىلاپلار نىمانچە كۆپتۇر، بىر سى ئۇنداق دىگەن بىرسى مۇنداق دىگەن، تۈنۈگۈنكى نامىزىم بىلەن  بۈگۈنكى نامىزىم ئوخشىمايدۇ،كۈندە بىر ئۆزگەرتىمەن، ئاڭلىسا  ھەممىسىنىڭ ئاساسى باردەك...

akdinislam 2010-12-31 16:54
بەك ياخشى يىزىپسز ھەمىمىز مۇشۇنداق قىلىشىمىز كىرەك؟

altigin 2011-01-01 20:26
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام   ..................خاتانى قىلماق   ئاسان     .........................تۇغرىنى قىلماق   تەس بۇپكەتتىغۇ   .....  ۋاي بۇلدىلا   گەپقڭلماي    ................ئاللاھ سىزدىن رازى بۇلسۇن قېرىندىشىم !!!!!!!!!!!!!!!!!!!

kastiro 2011-01-04 23:26
بىر قىسىم ناماز ئۇقۇۋاتىقان قېرنداشلىرىمزنىڭ ئىديسى ،سىزدەك كوز -قاراشىتا بولغان بولسا ھە،.........

kukbura 2011-01-05 13:50
ئىشلىتىش
引用第30楼xiho于2010-12-24 21:37发表的 :
مەن كەڭسايدا كۆرگەن نادىر تېما . مانا مۇشۇنداق تېمىلار كۆپرەك يوللانسا !
«ئۈزۈڭلارنىڭ ئەخلاقىنى باشقىلارغا نەمۇنە بولغۇدەك دەرىجىدە تۇزىۋېلىڭلار. مۇلايىم سىلىق سىپايە بۇلۇڭلار.گەپ-سۆزلىرىڭلاردىن ،ئىش-ھەركەتلىرىڭلاردىن ئىسلامنىڭ گۈزەل خىسلىتى نامايەن بولسۇن.»


  بۇ ئىنكاسقا ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز بىرىمەن!  مەنمۇ مۇشۇنداق دىمەكچى ئىدىم!

muslima32 2011-01-07 00:06
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.

human 2011-01-07 12:44
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يول ئۇستىدە قىلسۇن. ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك قىلۋەتسۇن.ئامىن!

مەنمۇ قوللايمەن !

كۈرەش 2011-01-11 10:04
ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.. مۇنبەردە ئىلىم ساھەسىدىكى<ئاۋۋاللىق نەزىريىسى>ھەققىدە خىلى كۆپچىلىكىمىزنىڭ ئىدىيە ئورتاقلىقى باركەن.بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولدۇم،بولسا بۇگۇنكى ئىسلام چاقىرىقى بولغان،جۇملىدىن دوكتۇر يۈسۈپ قەرەداۋى ئالاھىدە توختالغان<فىقھۇل ئەۋلەۋىيات>-ئەمەللەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى چۈشۈنۈش- ناملىق ئەسىرىدىكى ئىدىيىلەرنى بەكەرەك ئىلگىرى سۈرگەن بولساق،ئىتىپاقلىقىمىز،ھەمكارلىقىمىز ،ئۇچۇن زور ياردىمى بولغان بولاتتى.مەن بۇكىتاپنى بەك ياختۇرىمەن.كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى مەنمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.

orhun520 2011-01-22 23:00
مۇنداق تىمىلارنى مەن دەششەت قوللايمەن !

mazlum038 2011-02-10 15:29
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز . اللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

qutluq 2011-02-16 02:15
ئىسلام قانداقتۇر بىر تۈركۈم ئىنسانلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قارار ماقۇللىنىپ مەيدانغا چىققان ئەپسانىۋى باتىل دىن بولماستىن، بەلكى ئۇلۇغ ئەللاھ تەرىپىدىن قارار قىلىنغان، ھېچ قانداق ئىنساننىڭ قوشۇلماسلىققا ھەددى بولمىغان ئىلاھى دىندۇر. مەيلى دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋىنىڭ فىقھۇلئەۋلەۋىيات بولسۇن ياكى باشقا نامى چىققان دىنىي ئالىم قارالغان بىرەرىنىڭ بولسۇن، ئىسلام بىلەن ئۇچراشقىلى 1300 يىل بولغان ئۇيغۇردەك بىر مىللەتكە بىدئەتنى بىر مەھەل قويۇپ تۇرۇپ، باشقا دىنىي ئەھكاملارنى دەيلى، دېگەن پەتىۋاسى يوق. ئەگەر كۆرگەنلەر بار بولسا ئوتتۇرغا قويسۇن، كۆرۈپ باقاي.
ئەرەبچىدىن ئازراق خەۋىرى بارلارغا مەلۇمكى، بىسمىللاھ بىلەن باشلانغان دىنىي كىتاب، دېيىلىدىغانلارنىڭ 70% تىن كۆپرەكى دىن ئوغرىلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە توقۇۋېلىنغان يەنى  قۇرئان ، ھەدىستە دېيىلمىگەن، ئۇلارنىڭچە، چالا قالغان مەزمۇنلار بولۇپ،ئىسلامغا مەجبۇرىي قوشۇپ قويۇلغان ساختا دىنىي كىتابلاردىن ئىبارەت. ئاددىيسى 4 مەزھەب كىتابىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ھەربىرىنىڭ پىقھى كىتابى، دېيىلىدىغانلىرىدىن كەم بولغاندا 50 چىقىدۇ. ھەممىسىنىڭ ماۋزۇسى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش. مەزمۇنى خىلمۇخىل. ....
ئەسلىدە، مۇسۇلماننىڭ بىر ئاساسلىق كىتابى قۇرئان، قوشۇمچە ئىزاھاتى سەھىھ ھەدىستىن ئىبارەت بىر كىتاب، جەمئىي 2 كىتابى بولسىلا ھىدايەتكە يېتەرلىك! ئەمما، قارايدىغان بولساق، نېمە كۆپ؟ ئاتالمىش دىنىي كىتا ب كۆپ. ھەممىگە ئەمەل قىلمىسا يامان بولغان! شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلماننىڭ بوينىغا سېلىنغان بۇ بويۇنتۇرۇق ئۇلارنى مەڭگۈ رۇناق تاپالمايدىغان قىلىۋەتكەن. ماركىسنىڭ: دىن خەلقنى زەھەرلەيدىغان ئەپسۇن، دېگىنى دەل مۇشۇ قۇرئان، ھەدىسكە قوشۇپ قويۇلغان، مۇسۇلمانلارنى زەھەرلەۋاتقان قوشۇلما بىدئەت كىتابلارغا قارىتىلغان، دېسە، خاتا بولمايدۇ.
ئەسلىدە مۇسۇلمانلار بىدئەتتىن يىراق تۇرۇپ، قۇرئان، ھەدىستىن ئىبارەت ئىككى كىتابقىلا ئەمەل قىلسا ئەللاھنىڭ رەھمىتىگە چوقۇم ئېرىشەلەيتتى. ئەپسۇس، شەيتان بىدئەتچىلەرگە بىدئەتنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئازدۇرۇۋاتىدۇ.....
شۇڭا، ئىسلامنى نامى بار، ئەمەلدە يوق، قۇرئاننىڭ بىر ھەرپىنىمۇ ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىدىغان بىدئەتنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇشقا دىنىي ئاساس يوق. بار، دەيدىغانلارغا تەكرار سۆز شۇكى، پاكىتنى كەلتۈرسۇن!

fatih204 2011-02-16 11:24
بولدىلا ،،،،،،،،،،،

شابان 2011-02-28 16:30
دېليار كەلسە   ھەمزە  كۆرەش   قۇتلۇق،گوكايلار  باشلايدۇ   بۇ مۇنبەردە تالاش تارتىشنى،  بىر چەتتە قاراپ ئولتۇرىمىز بىز


查看完整版本: [-- دەۋەتچى قېرىنداشلىمىزغا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.084998 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us