بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2010-12-15 21:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭمۇ 10ياشقا كىرگەن بىر ئوغلۇم بار. مەنمۇ يۇقارقى مەسىلىنى ئىزچىل ئويلىشىۋاتىمەن.
مىنىڭچە بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى باللىلارغا ئۆلگە بولۇشىمىز كىرەك. باللىلار ئالدىدا ئۇنداق ئىشلارنى كۆككە كۆتىرىپ سۆزلىمەسلىگىمىز كىرەك. ئانىلار كىيىم -كىچەكلەردە دىققەت قىلىشىمىزكىرەك. بالىلارنىڭ بالدۇر يىتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يىمەك- ئىچمىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.
مەن بالامغا ھازىردىن باشلاپ ، تور ھەم تىلۋىزىيەدىكى ئايالارنىڭ يىرىم يالىڭاچ كىيىنىشى دىگەندەك كۆرنۈشلەرنى كۆرگۈزمەيمەن. ھەم ئۇنداق كىيىنىشنى مەدەنىيەتسىزلىك، ھاياسىزلىق دەپ كۆرسۈتىمەن. ھازىرچە ئۇنىڭدا ئۇنداق ئىشلاردىن يىرگىنىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى.
مىنىڭچە جىنىس ئادەمنىڭ تەبىئى ئىقتىدارى . ئۇنى بىر ئادەمنىڭ ئۈگۈتۈپ قۇيۇشى ھاجەتسىز. توي قىلغۇچە ئۇ ئىشلارنى بىلمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەيدىز قاتارلىق داۋاسىز كىسەللەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ قويساق كىچىگىدىن ھارام زىناغا ئۆچ ئادەم بولىدۇ.
ئەمدىكى مەسىلە بۇ ھازىرقى خەنزۇچە ئوقىغان باللارغا قانداق قىلىپ ئىسلام شەرىئىتى يەتكۈزۈش بولىۋاتىدۇ. خەنزۇلارنىڭ ساغلاملىق كىتاپلىرىدا قالايمىقان زىنا قىلىشنى چەكلەيدىكەن. يەنە ئۆزمرى قىسقا بولىدۇ. بەدەن ئاجىزلاپ كىتىدۇ. (بىر كىتاپتا بۇرۇنقى پادىشاھلار خوتۇننى جىق ئالغاچقا ھەممىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈلمەي ئۆلۈپ كەتكەن دەپ يىزىپتۇ.) دىگەندەك چۈشەنچىلەر باركەن.
.......