باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13506 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بالىمىزغا جىنسى تەربىيەنى (ئىپپەت تەربىيەسى) قانداق قىلىمىز
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 2544 %
مۇنبەر پۇلى: 5778 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-15 11:26

بالىمىزغا جىنسى تەربىيەنى (ئىپپەت تەربىيەسى) قانداق قىلىمىز

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-16)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھازىر چوڭ شەھەرلەردە چەتئەلللەرنى دوراپ ئوتتۇرا مەكەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا توغرا بولغان جىنسى تەربىيە ۋە مۇھەببەت قارىشى دەرسى تەسىسى قىلىنىۋاتىدۇ .قارىماققا بۇ تەربىيىلەر شۇنداق سىلىق ۋە ئىجابىي كۆرىنىدۇ .لېكىن ئىتىقات نۇقتىسىدىن كۈزەتسەك ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەركىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشىغا قارىتا ئامالسىز قوللانغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز .ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىغان گاندون ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدىكەن ...
ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلاردا جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا مۇكەممەل جىنسى تەربىيە يەنى ئىپپەت تەربىيىسى بىرىدىغان ئەخلاقى سۆزلەر بىلەن پاساھەتلىك ئۇسوللار بىلەن يېزىلغان قابۇسنامە ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىپپەت تەربىيەسى بىرىدىغان كىتاپلىرىمىز ئەڭ موھىمى قۇرئان كەرىمىمىز بار .
((زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ، ئۇنداق قىلىش مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى)) [نۇر سۈرىسى 3- ئايەت] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىپ: ((ئۇنى ئالمىغىن)) دېگەن([23]).

چۈنكى ئاللاھ تائالا پەقەت مۆمىن ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىكىنى ۋە ئەھلى كىتابنىڭ ئىپپەتلىك ئاياللىرىنى ئېلىشقىلا رۇخسەت قىلغان، ھەمدە ئۇلارنى ئالىدىغان ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپەتلىك بولۇشىنى شەرت قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: 

((زىنادىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بولغان ھالدا)) [نىسا سۈرىسى 24- ئايەت]

شۇڭا كىمكى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلمىسا ھەمدە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا ئۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشكە پەقەتلا شۇنىڭغا ئوخشاش مۇشرىكلا رازى بولىدۇ. كىمكى بۇ ھۇكۈمگە ئىقرار قىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلسا، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆيلىنىشى ھارام بولغان كىشىگە ئۆيلەنسە بۇنداق ئەھۋالدا،  ئۇ زىناخور بولىدۇ.

بۇ ئايەت نۇر سۈرىسىدىكى دەررە ئۇرۇش ئايىتىدىن كېيىن كەلگەن: 

((زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار)) [نۇر سۈرىسى 2 - ئايەت]

بۇ بولسا جىسمانىي جازادۇر، ئەمما زىناخور بىلەن توي قىلىشنى چەكلەش بولسا، مەنىۋى جازادۇر. بۇ خۇددى ھازىرقى قانۇنلاردا گەرەجدانلىقتىن مەھرۇم قىلىشقا ياكى مەلۇم بىر ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىغا ئوخشايدۇ.


مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتا ئوبىكتىپ سەۋەپ شۇكى ھازىرقى مائارىپ سېستىمىسىدا ئۆسىۋاتقان بالىلرىمىزغا قانداق يوسۇندا ئىپپەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىمىز ؟ئەگەر بالىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرگەن بولساق ئۇلارغا ئىپپەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان قانداق ياخشى ئۇسوللار بار ؟(مائارىپنى سۆكۈدىغان مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدۇ )
بالىسىغا ئىپپەت تەربىيەسى قىلىپ مۇئاپىقىيەت قازانغان ئاتا ئانىلار بۇ مۇنازىرىگە قاتناشسا ..بۇ ھەقتە بىلىمى چوڭقۇرلار قوللىنىشچان  بىر چارە كۆرسەتسە دەيمەن .كۆرسەتكەن چارىڭىز ئامال بار ئۇيغۇر مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ۋە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ئايرىم ئايرىم قانداق ئېلىپ بارىمىز دىگەن سۇئالدا بولسۇن ..
قېنى كۆپچىلىك بىلگىنىمىزنى ئايىمايلى ..

مەنبە :مەن
[ agahتەرىپىدىن2010-12-16 13:34قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8217
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-19
ئاخىرقى: 2011-08-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 17:16

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2010-12-15 21:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭمۇ 10ياشقا كىرگەن بىر ئوغلۇم بار.  مەنمۇ يۇقارقى مەسىلىنى ئىزچىل ئويلىشىۋاتىمەن.
 مىنىڭچە بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى باللىلارغا ئۆلگە بولۇشىمىز كىرەك. باللىلار ئالدىدا ئۇنداق ئىشلارنى كۆككە كۆتىرىپ سۆزلىمەسلىگىمىز كىرەك. ئانىلار كىيىم -كىچەكلەردە دىققەت قىلىشىمىزكىرەك. بالىلارنىڭ بالدۇر يىتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يىمەك- ئىچمىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.
  مەن بالامغا  ھازىردىن باشلاپ ، تور ھەم تىلۋىزىيەدىكى ئايالارنىڭ يىرىم يالىڭاچ كىيىنىشى دىگەندەك كۆرنۈشلەرنى كۆرگۈزمەيمەن. ھەم ئۇنداق كىيىنىشنى مەدەنىيەتسىزلىك، ھاياسىزلىق دەپ كۆرسۈتىمەن. ھازىرچە ئۇنىڭدا ئۇنداق ئىشلاردىن يىرگىنىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى.
 مىنىڭچە جىنىس ئادەمنىڭ تەبىئى ئىقتىدارى . ئۇنى بىر ئادەمنىڭ ئۈگۈتۈپ قۇيۇشى ھاجەتسىز. توي قىلغۇچە ئۇ ئىشلارنى بىلمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەيدىز قاتارلىق داۋاسىز كىسەللەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ قويساق كىچىگىدىن ھارام زىناغا ئۆچ ئادەم بولىدۇ.
ئەمدىكى مەسىلە بۇ ھازىرقى خەنزۇچە ئوقىغان باللارغا قانداق قىلىپ ئىسلام شەرىئىتى يەتكۈزۈش بولىۋاتىدۇ. خەنزۇلارنىڭ ساغلاملىق كىتاپلىرىدا قالايمىقان زىنا قىلىشنى چەكلەيدىكەن. يەنە ئۆزمرى قىسقا بولىدۇ. بەدەن ئاجىزلاپ كىتىدۇ. (بىر كىتاپتا بۇرۇنقى پادىشاھلار خوتۇننى جىق ئالغاچقا ھەممىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈلمەي ئۆلۈپ كەتكەن دەپ يىزىپتۇ.) دىگەندەك چۈشەنچىلەر باركەن.
.......

بالىغا ئۇندا قوپال مۇئامىلىدە بولماماڭ