查看完整版本: [-- بالىمىزغا جىنسى تەربىيەنى (ئىپپەت تەربىيەسى) قانداق قىلىمىز --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> بالىمىزغا جىنسى تەربىيەنى (ئىپپەت تەربىيەسى) قانداق قىلىمىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

agah 2010-12-15 11:26
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھازىر چوڭ شەھەرلەردە چەتئەلللەرنى دوراپ ئوتتۇرا مەكەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا توغرا بولغان جىنسى تەربىيە ۋە مۇھەببەت قارىشى دەرسى تەسىسى قىلىنىۋاتىدۇ .قارىماققا بۇ تەربىيىلەر شۇنداق سىلىق ۋە ئىجابىي كۆرىنىدۇ .لېكىن ئىتىقات نۇقتىسىدىن كۈزەتسەك ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەركىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشىغا قارىتا ئامالسىز قوللانغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز .ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىغان گاندون ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدىكەن ...
ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلاردا جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا مۇكەممەل جىنسى تەربىيە يەنى ئىپپەت تەربىيىسى بىرىدىغان ئەخلاقى سۆزلەر بىلەن پاساھەتلىك ئۇسوللار بىلەن يېزىلغان قابۇسنامە ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىپپەت تەربىيەسى بىرىدىغان كىتاپلىرىمىز ئەڭ موھىمى قۇرئان كەرىمىمىز بار .
((زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ، ئۇنداق قىلىش مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى)) [نۇر سۈرىسى 3- ئايەت] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىپ: ((ئۇنى ئالمىغىن)) دېگەن([23]).

چۈنكى ئاللاھ تائالا پەقەت مۆمىن ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىكىنى ۋە ئەھلى كىتابنىڭ ئىپپەتلىك ئاياللىرىنى ئېلىشقىلا رۇخسەت قىلغان، ھەمدە ئۇلارنى ئالىدىغان ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپەتلىك بولۇشىنى شەرت قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: 

((زىنادىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بولغان ھالدا)) [نىسا سۈرىسى 24- ئايەت]

شۇڭا كىمكى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلمىسا ھەمدە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا ئۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشكە پەقەتلا شۇنىڭغا ئوخشاش مۇشرىكلا رازى بولىدۇ. كىمكى بۇ ھۇكۈمگە ئىقرار قىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلسا، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆيلىنىشى ھارام بولغان كىشىگە ئۆيلەنسە بۇنداق ئەھۋالدا،  ئۇ زىناخور بولىدۇ.

بۇ ئايەت نۇر سۈرىسىدىكى دەررە ئۇرۇش ئايىتىدىن كېيىن كەلگەن: 

((زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار)) [نۇر سۈرىسى 2 - ئايەت]

بۇ بولسا جىسمانىي جازادۇر، ئەمما زىناخور بىلەن توي قىلىشنى چەكلەش بولسا، مەنىۋى جازادۇر. بۇ خۇددى ھازىرقى قانۇنلاردا گەرەجدانلىقتىن مەھرۇم قىلىشقا ياكى مەلۇم بىر ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىغا ئوخشايدۇ.


مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتا ئوبىكتىپ سەۋەپ شۇكى ھازىرقى مائارىپ سېستىمىسىدا ئۆسىۋاتقان بالىلرىمىزغا قانداق يوسۇندا ئىپپەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىمىز ؟ئەگەر بالىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرگەن بولساق ئۇلارغا ئىپپەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان قانداق ياخشى ئۇسوللار بار ؟(مائارىپنى سۆكۈدىغان مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدۇ )
بالىسىغا ئىپپەت تەربىيەسى قىلىپ مۇئاپىقىيەت قازانغان ئاتا ئانىلار بۇ مۇنازىرىگە قاتناشسا ..بۇ ھەقتە بىلىمى چوڭقۇرلار قوللىنىشچان  بىر چارە كۆرسەتسە دەيمەن .كۆرسەتكەن چارىڭىز ئامال بار ئۇيغۇر مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ۋە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ئايرىم ئايرىم قانداق ئېلىپ بارىمىز دىگەن سۇئالدا بولسۇن ..
قېنى كۆپچىلىك بىلگىنىمىزنى ئايىمايلى ..

مەنبە :مەن

ئەلى 2010-12-15 12:33
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام~~~
ھەقىقەتەنمۇ  مۇھىم  مەسىلە ئىكەن.ئەمسە  ئايىماي  تەكلىپ  بېرىڭلار،مەن  ئىنكاس بىلەن  ساقلىۋالاي  تېمىنى،
كېيىن  لازىم  بوپ  قالار~~~

anatil 2010-12-15 13:08
غەربچە ئىپپەت تەربىيسى بالىلارنى تېخمۇ شۇ ئىشقا قىززىقتۇرۇش رۇلى بار ... بەك ئەپسۇس ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىمىز بۇيچە تەربىيلەشكە ئامالىمىز يۇق ھازىر ..

agah 2010-12-15 13:19
ئامالىمىز بار ....گەپ قانداق تەربىيە قىلىشتا ..

muhabat 2010-12-15 14:45
ئارىمىزدا ئالۋاستىلار بار ئۇلار بۇرۇن ئىپىتىنى بۇزغانلار ئۇلارنڭ روھى دۇنياسى قان-يىرڭ بىلەن تولغان
دەل شۇ بۇزۇقلار ھەمىمىزنى بۇلغاۋاتىدۇ ئادەم تېرىسىگە ئورۇنۋالغان يىرىتقۇشلار

katil731 2010-12-15 16:40
پەرزەنىت تەربىيسىگە سەل قاراش ئېغىر، مەسلە كەپ چىققاندىلا ئاندىن ۋايسايمىز،

sawirqan 2010-12-15 21:30
مىنىڭمۇ 10ياشقا كىرگەن بىر ئوغلۇم بار.  مەنمۇ يۇقارقى مەسىلىنى ئىزچىل ئويلىشىۋاتىمەن.
 مىنىڭچە بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى باللىلارغا ئۆلگە بولۇشىمىز كىرەك. باللىلار ئالدىدا ئۇنداق ئىشلارنى كۆككە كۆتىرىپ سۆزلىمەسلىگىمىز كىرەك. ئانىلار كىيىم -كىچەكلەردە دىققەت قىلىشىمىزكىرەك. بالىلارنىڭ بالدۇر يىتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يىمەك- ئىچمىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.
  مەن بالامغا  ھازىردىن باشلاپ ، تور ھەم تىلۋىزىيەدىكى ئايالارنىڭ يىرىم يالىڭاچ كىيىنىشى دىگەندەك كۆرنۈشلەرنى كۆرگۈزمەيمەن. ھەم ئۇنداق كىيىنىشنى مەدەنىيەتسىزلىك، ھاياسىزلىق دەپ كۆرسۈتىمەن. ھازىرچە ئۇنىڭدا ئۇنداق ئىشلاردىن يىرگىنىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى.
 مىنىڭچە جىنىس ئادەمنىڭ تەبىئى ئىقتىدارى . ئۇنى بىر ئادەمنىڭ ئۈگۈتۈپ قۇيۇشى ھاجەتسىز. توي قىلغۇچە ئۇ ئىشلارنى بىلمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەيدىز قاتارلىق داۋاسىز كىسەللەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ قويساق كىچىگىدىن ھارام زىناغا ئۆچ ئادەم بولىدۇ.
ئەمدىكى مەسىلە بۇ ھازىرقى خەنزۇچە ئوقىغان باللارغا قانداق قىلىپ ئىسلام شەرىئىتى يەتكۈزۈش بولىۋاتىدۇ. خەنزۇلارنىڭ ساغلاملىق كىتاپلىرىدا قالايمىقان زىنا قىلىشنى چەكلەيدىكەن. يەنە ئۆزمرى قىسقا بولىدۇ. بەدەن ئاجىزلاپ كىتىدۇ. (بىر كىتاپتا بۇرۇنقى پادىشاھلار خوتۇننى جىق ئالغاچقا ھەممىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈلمەي ئۆلۈپ كەتكەن دەپ يىزىپتۇ.) دىگەندەك چۈشەنچىلەر باركەن.
مەيلى كۆت -كۆت دىسىمۇ ئىشقىلىپ كۈندە نەچچە قىتىم <سەن دىگەن مۇسۇلمان، مۇسۇلمان دىگەن مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەن توي قىلمايدۇ. >دەپ تۇرۇمەن. بىر قىتىم دوختۇرخانىغا بىرىپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بالا ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئوچىرەت ساقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلۇم بىر قىسما بولۇپ كەتتى. قايتىپ كىلىپ بالامغا <سەنمۇ شۇنداق باشقا مىللەت قىزلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرسەڭ سىنى پالتا بىلەن چاناپلا ئۆلتۈرۋىتىمەن >دىسەم كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارايدۇ. ئىشقىلىپ ھەر كۈنى نامىزىمدا ئاللادىن ئۇنىڭ ئىنساۋىنى تىلەۋاتىمەن.

faeza 2010-12-16 11:00
   بۇ ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ . بىز ئۇيغۇرلار ئاتا ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر مۇشۇنداق تىمىلارنى ئاسان دىيىشمەيمىز . چۇنكى بىزدە شەرمى ھايا بار . بىۋاستە دىيىشتىن ئىزا تارتىمىز . مەكتەپلەردىمۇ بۇ مەسىلىنى ئۇچۇق ئاشكارە ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقمىدىغۇ دەيمەن . ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ مەكتەپتە قىزلارنى يىغىپ يىغىن ئاچقاندا ئاياللار مۇدىرى مۇشۇ ھەقتە سۆزلىگەن ئىدى . لېكىن يېپىق ھالەتتە سۆزلىدى . بۇنى ئوقۇغۇچىلار چۈشىنەلىدىمۇ يوق ، بىلەلمىدۇق . ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغىغۇ ئاشكارە دىيەلمىدۇق . ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بەك ئاشكارىلاپ دىيەلمىدۇق . زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟ئاڭلىشىمچە بالا 3 ،4 ياشقا كىرگەندىلا باشلاش كېرەك دەيدىكەن . يەنى بالىنى يۇيۇندۇرغاندا بىللە يۇيۇنۇش ، يەنى قىز بالىنى ئانا كىشى بىلەن ، ئوغۇل بالىنى دادا بىلەن بىللە يۇيۇنۇش كېرەك دىدى . يەنى بالىغا ئۆز جىنسىدىكى ئادەملەر بىلەن بىللە تۇرسىمۇ تۇنجى جىنسى تەربىيە قىلغان ھىسابلىنىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن يات جىنسلارغا قىزىقىدىغان ئىشلارغا خاتىمە بەرگىلى بۇلىدىكەن .
     يۇقارقى 6- قەۋەتتىكى دوستىمىز دىگەندەك ئوغۇللارغا ئاشۇنداق تەربىيە قىلساق ، قىزلارغا ئوغۇللار بىلەن بىللە كۇچىلاردا يۈرسە ئەدەبسىزلىك بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسەك بۇلارمىكىن دەيمەن . مىنىڭ 5 ياشلىق قىزىم بار . مەن ھازىردىن باشلاپ قىزىم بىلەن دوستلاردەك مۇڭدىشىمەن . ئىچىڭىزدىكى ھەممە گەپنى دەڭ دەپ تۇرىمەن . كۈندە دىگۈدەك يەسلىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلىتىمەن ، ئوغۇللار بىلەن بىللە ئويناۋەرسە ئەدەبسىز بۇلۇپ قالىدۇ دەپ تۇرىمەن . شۇنىڭ بىلەن قىزىم كۇچىلاردا قىز ئوغۇل بىللە مېڭىۋاتقانلارنى كۆرسىمۇ «ئىزا تارتمايدىكەن . توي قىلىدىغانلار قىز ئوغۇل بىللە يۈرسە بۇلىدۇ ، بۇنداقلار ئەدەپسىزكەن» دەيدىغان بولدى . دىمەك ، ئەڭ مۇھىمى ۋاقىت چىقىرىپ بالا بىلەن مۇڭدىشىش .
   باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق تىمىلارنى باشتىكى نادىر تىمىلار ، تەۋسىيە تىمىلار قاتارىغا تىزىپ قۇيۇڭلار ! بۇ بەلكىم توردىكى ئاتا ئانىلارنىڭ ياخشى ئوقۇشلۇقى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن . ھەممىمىز بۇ تىمىنى ئوقۇپ قۇيۇپلا بولدى قىلماي ئازراق بولسىمۇ تەجرىبىلىرىمىزنى سۆزلەپ قۇيايلى ! سىزنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ قويغان ئىنكاسىڭىز بەلكىم بەزى ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇيۇشى ، ياخشى يولغا باشلىيالىشى مۇمكىن .
   جىق سۆزلەپ كەتتىم ، قېنى دوستلار ئىنكاس يازايلى !

fatih204 2010-12-16 11:11
ئاتا ئانا ئولگە بۇلىشى بەك مۇھىم بۇ ئىشتا ،، بالا ئەقلىنى تاپقىچە ئاساسەن ئوز ئاتا ئانىسىنى ھەممىنى بىلىدۇ ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم دەپ ئويلايدۇ ،، سىز شۇ كۇيۇنۇش بىلەن بىرگە يۇرۇش تۇرۇش گەپ سوز تەرەپلەردە ھەم ھەقىقىي ئولگە بولالىغىنىڭىزدا
پەرزەنتىڭىز سىزنىڭ ئولچىمىڭىز بويىچە جەمىيەتكە باھا بىرىدۇ ،، يەنى تاماكا چەكمىسىڭىز ، كەيىپ قىلمىسىڭىز ، بالىلار ئالدىدا سەت گەپ قىلىسىڭىز ، بەك چاكىنا يۇرمىسىڭىز ئەلبەتتە ،ئاللاھ يولىدا ئىبادەتلەرگە كوپرەك بىرىلسىڭىز ئوسمۇرلۇك چىغىدىن باشلاپ  بالىڭىزغا نىسبەتەن يوقارقى ئىشلار ياخشى تۇيىلىشى مۇمكىن ،، ھەم يوقارقى ناچار خائىشلاردىن ئوزىنى تارتىپ ئالالمىغانلار سەبىي بالا قەلبىدە ياخشى ئادەم ئەمەس دىگەن ھىس تۇيغۇ بولىشى مۇمكىن ،،،   ھەممىدىن مۇھىمى ئاللاھدىن چىن قەلبىڭىزدىن پەرزەنتىلىرىڭىزگە ئىنساب تەۋپىق تىلەڭ ، ھەم ئوزىڭىز شۇ تەۋپىق تاپقانلارنىڭ يولىدا مىڭىشقا تىرىشىڭ ،،ئىسىڭىزدە بولسۇن ھەرقانداق ئىشلاردا سەۋەب بىزدىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ئاللاھدىن،،،،،،

zero903 2010-12-16 20:17
ناھايىتتى ياخشى تېما بۇپتۇ...

unsu 2010-12-16 22:24
ئىشلىتىش
引用第8楼fatih204于2010-12-16 11:11发表的 :
ئاتا ئانا ئولگە بۇلىشى بەك مۇھىم بۇ ئىشتا ،، بالا ئەقلىنى تاپقىچە ئاساسەن ئوز ئاتا ئانىسىنى ھەممىنى بىلىدۇ ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم دەپ ئويلايدۇ ،، سىز شۇ كۇيۇنۇش بىلەن بىرگە يۇرۇش تۇرۇش گەپ سوز تەرەپلەردە ھەم ھەقىقىي ئولگە بولالىغىنىڭىزدا
پەرزەنتىڭىز سىزنىڭ ئولچىمىڭىز بويىچە جەمىيەتكە باھا بىرىدۇ ،، يەنى تاماكا چەكمىسىڭىز ، كەيىپ قىلمىسىڭىز ، بالىلار ئالدىدا سەت گەپ قىلىسىڭىز ، بەك چاكىنا يۇرمىسىڭىز ئەلبەتتە ،ئاللاھ يولىدا ئىبادەتلەرگە كوپرەك بىرىلسىڭىز ئوسمۇرلۇك چىغىدىن باشلاپ  بالىڭىزغا نىسبەتەن يوقارقى ئىشلار ياخشى تۇيىلىشى مۇمكىن ،، ھەم يوقارقى ناچار خائىشلاردىن ئوزىنى تارتىپ ئالالمىغانلار سەبىي بالا قەلبىدە ياخشى ئادەم ئەمەس دىگەن ھىس تۇيغۇ بولىشى مۇمكىن ،،،   ھەممىدىن مۇھىمى ئاللاھدىن چىن قەلبىڭىزدىن پەرزەنتىلىرىڭىزگە ئىنساب تەۋپىق تىلەڭ ، ھەم ئوزىڭىز شۇ تەۋپىق تاپقانلارنىڭ يولىدا مىڭىشقا تىرىشىڭ ،،ئىسىڭىزدە بولسۇن ھەرقانداق ئىشلاردا سەۋەب بىزدىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ئاللاھدىن،،،،،،

قوشۇلىمەن

parhat003 2010-12-16 22:25
شۇنداق  ھازىرقى بۇ  جەمئىيەتتە بالىلارغا جىنسى تەربىيە نىسبەتەن كەمچىل ،بالىلارغا جىنسى تەربىيىنى مۇكەممەل ئىشلەش  ئۈچۈن ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى يەنىلا ئاتا -ئانىلار.بولسا بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزى بىلەن دوسلاردەك ئۆتۈشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.

xiraili 2010-12-17 11:06
مىنىڭمۇ 4 ياشقا كىرگەن بالام بار،مەنمۇ داۋاملىق تىلىۋىزوردىكى قالايمىقان كۆرۇنۇشلەرنى كۆرگۇزمەيمەن،ھازىردىن باشلاپ تەربىيە قىلمىساق كېيىن باشقۇرۇش تەس دەپ ئويلايمەن،مۇنبەرداشلارنىڭ كۆپرەك پىكىر يېزىشىنى ئۇمىت قىلىمەن،بۇ پىكىر بەك ياخشى بوپتۇ.

abdimamat 2010-12-20 18:49

wulkan 2010-12-21 19:26
مىنڭغۇ بالام يوق ، لىكىن بۇھامان دۇچ كىلىدىغان مەسىلە، مىنىڭچە كىچىكىدىن باشلاپلا بىزنىڭ تارىخ، ئۆرۈپ ئادەتلىمىز سۆلەنگەن كىتاپلارنى ۋە دىننى كىتاپلارنى ئوقۇتۇپ چوڭ قىلساق ، شۇنداقلا  سورىغان مەسىللىرىگە ئېرىنمەي تۇتۇپ ئىجابىي ۋە سەلبىي  تەسىرىنى چۈشەندۈرسەك ئۈنىمى ياخشى بۇلامدىكىن دەيمەن .
يەنە بىر ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يازغان « ئىسلامدىكى تاللانغان مەسىللەر( جەۋاھىرىل مەسائىل) » دىگەن كىتاۋىدا  بۇھەقتە تەپسىلىي سۆزلەنگەن.  بولسا ئىزدەپ تېپىپ كۈرۈب بېقىڭلار، بۇنى ئىسلامىي نۇقتىدىن تۇرۇپ چۈشەندۈرۈلگەن.

xapkat0999 2010-12-24 12:38
بۇلدى ، مەن  كۆپ  سۆزلىمەي  ئۆزەمنىڭ بالىسىنى  ياخشى  تەربىيلەي  ،  بىر  ئادەمگە پايدا  قىلغان   دۇرا  باشقىلارغا پايدا قىلىشى ناتايىن،

nuruzkara... 2011-01-11 16:03
گەپ ئاتا _ ئانىغا باغلىق   يەرگە نىمە تېىرىسا شۇ ئۈنىدۇ.

agah 2011-01-18 19:28
بەزى ئىنكاسلار خېلى ياخشى چىقىۋاتىدۇ .ئىتقاتلىق قېرىندشلار ئىزدىنىپ باقساق قابۇسنامىدىن
باشقا يەنە ئىپپەت تەربىيەسى قىلغىلى بولىدىغان ئوقۇشلۇق بارمۇ ؟

adil2052103 2011-01-18 19:50
مىنىڭ غۇبالام يوق لىكىن بۇئىشچوقۇم ئاللاھ خالىسابۇلىدۇ
مىنىڭ كۇزقارىشىم ئويدىكى دىلبۇزۇر نىيوقاتساقمىكىندەيمەن  بولسا ئەخلىنىئاچىدىغان ئۇيۇنچۇقلانى ئېلىپبەرسەك  ياخشىمىكىندەيمەن
بۇمىنىڭ شەخسىكۆشقارىشىم

muslima32 2011-01-19 00:40
بۇ تىمنى ناھايتى ياخشى ئوتتۇرغا قويۇپسىزقېرىندىشىم،  مىنىڭ دەيدىغىنىم سىز  يوقۇردا ئېيتقاندەك بالىلارنى ئاللاھ چۇشۇرۇپ بەرگەن ئۇللۇغ كىتابىمىزقۇر ئان كەرىم  بويچە تەربىيلىسەك ئەڭ توغرا دەپ قارايمەن.
بۇ ئېنىقلا تۇرمامدۇ ئىسلام دۆلەتلىردە ئوغۇل بالىلار بىلەن قىز بالىلارنى ئايرىم سىنىپلار ھەتتا ئايرىم
مەكتەپلەردە ئايرىپ ئوقىتىدىكەن شۇللارغا ئاللاھ ئەجىبا ئەيدىس دىگەندەك ناچار كىسەللەرنى سالمايدىكەن. بىزمۇ ۋە باللىرمىزمۇ توغرا يولدا ماڭساقلا  ئۇنداق ناچار كىسەللەرنى يۇختۇرۋالمايمىز .
ئىي ئۇللۇغ ئاللاھ بىزنى ھەر ئىككىلا ئالەمدە نىجاتلىققا ئىرشتۈرگەيلا ئامىن....................

ilnur 2011-01-19 12:50
ئالدى بىلەن ئاللاھدىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزىنىڭ ئىنسابىنى تىلەيلى ،ئاتا ئانىلار ھەققىقى ئىسلام ئەھكاملىرى بىلەن پەرزەنت تەربىيلىسەك ،پەرزەنتلىرىمىز ئاللانى تۇنىيدىغان ،ئاللادىن قۇرقىدىغان ،ھەقىقى مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقسا ،بۇ مەسىللەر ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ .ئاتا ئانا بولغۇچىلار قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمسىنى ئوقۇڭلار ھەم پەرزەنتىڭلارگە ئوقۇپ بىرىڭلار،ھەدىسلەرنى ئۇقۇپ بىرىڭلار ھەمدە پەرزەنتىڭلارنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىڭلار .

bir111 2011-01-19 23:25
  بۇ تېمىنى يازغان دوستىمىزغا ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلسۇن!
  پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت تېمىلار مېنى بەك قىزىقتۇرىدۇ. چۈنكى بىزدە كارىل، سىتاتالارنىڭ كىتابلېرى بار. تېخى بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز بالىسىنى قانداق تەربىيلەپ ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيلەش جەريانىدا يازغان بىرەر پارچە كىتابىنى كۆرۈپ باقمىدىم، پەقەتلا ئۇنداق قىلىڭ، مۇنداق قىلىڭ، ئۇنى قىلماڭ، بۇنى قىلماڭ دېگەندەك مەزمونلار سۆزلەنگەن كىتابلار. كونكىرت جەريانچۇ؟ مۇشۇ دەۋر، ھېچبولمىغاندا 80-، 90-يىللاردىكى بالا تەربىيلەش جەريانىدا يېزىلغان، ئەمەلي ئىشلار سۆزلەنگەن كىتابلار قېنى؟

bir111 2011-01-19 23:37
   مەن بىر نەچچە يىل بۇرۇن تېلۋىزىيىدىن زىيالىمىز يالقۇن روزى ئاكىمىزنىڭ بالىسى توغرىسىدا توختالغان قىسقىلا بىر كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قالدىم. بەك قىسقا بولسىمۇ ئۇنىڭ بالىسىنى ياخشى تەربىيلىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە شۇ ۋاقىتتىلا ئويلىدىم: مۇشۇ ئاكاش بولسىمۇ بىرەر پارچە كىتاب يېزىپ باققان بولسا، بىزدەك سولتەكلەر بالىمىزنى تەربىيلىگۈچە ئاز-تولا تەجرىبىلىك بولاتتۇقمىكىن دەپ. كىيىن ئەسئەت سۇلايمان ئاكىمىزنىڭ (ئۆزلۈك ۋە كىملىك)دېگەن كتابىدىن قىزى توغرىسىدا يازغانلېرىنى كۆردۈم، لېكىن پەقەتلا قانمىدىم. تۇرۇپلا ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنى ئەسلەپ، ئوغلى توغرىسىدا يېزىپ باقسىمامدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. لېكىن ھەممىسى يازمىدى. ئەل ئاغىنىلېرىمنىڭ بالا تەربىيلىكەنلىكىنى كۆرگەنمۇ بولدۇم، لېكىن بۇ ئارزويۇم شۇ پېتىچە قېلىۋەردى.  

bir111 2011-01-19 23:56
   كىيىن ئۇنى- بۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى)نى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ كىتاب ماڭا خېلى تەسىر قىلدى، چاڭقىغان يەرلەرگە تەگدى. خاتا كەتكۈزۈپ قويغانلېرىمنى ئويلىغىنىمدا ئىنتايىن ئازابلاندىم، توغرا قىلىغان ۋە قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرگىنىمدە شاتلاندىم، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. بۇ كىتابتا كالامۇللاھ ۋە ھەدىس شەرىپلەردىكى تەربىيە جۇغلانمىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ماڭا ھەقىقەتەن كۆپ ياردىمى بولدى. بۇ كىتابتىن خاتىرە قالدۇرغانمۇ بولدۇم. بىر ئائىلىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك دىيىلسە مۇشۇ كىتابىنى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تەۋسىيە قىلىمەن. ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب، ماڭا ياققان كىتاب. دوستلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
   (بۇ تېمىدا داۋاملىق توختىلىمىز)

berlyant 2011-01-26 16:38
ئەسسالامۇ   ئەلەيكۈم؟   بۇ   تېمىنى  يوللىغان   قېرىندىشىمىزغا   كۆپ   رەخمەت  .ھەقىقەتەن  ئەھمىيەتلىك   تېما   بولۇپتۇ،   مېنىڭمۇ   كۆپچىلىكنىڭ   قاتارىدا  ئىنكاس   يازغىم  كەلدى.  مېنىڭ  ئىككى  ئوغلۇم   بار   چوڭى14ياش،كىچىگى  8ياش  ھەرھالدا   بالىلىرىمغا   تەربىيىرىم  ياخشى   بولسىمۇ   بۇ  مەسىلىگە   مەنمۇ   باش   قاتۇرۇپ  يۈرىۋاتىمەن،  يەنىلا    ئاتا-ئانىلار  
ئۈلگە  بولۇش  بىلەن  بىرگە،   دىنىي   تەلىمنى   كۈچەيتىش  ۋە   بالىلارغا   مەسىلىنىڭ   پايدا   زىيىنىنى   ئوچۇق   دەپ  چۈشەندۈرۈش   كېرەك. بالىلارنى  داۋاملىق  كۈزۈتۈپ   ئۇلارنىڭ   ئىھتىياجى ، ئىنتىلىشى   نىمە؟   بۇلارنى   ئگەللەپ توغرا   يېتەكلەپ  ماڭالىساقلا  ھەل  بولمايدىغان  ئىش  يوق.

wijdanim 2011-02-11 12:15
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

kompas 2011-02-20 23:08
مەنمۇ  بۇ تىمىنى  كۆرۇپ  بەك خوشال  بولدۇم،، چۇنكى ئىپپەت تەربىيەسى   بىر ئادەمنىڭ  بەخىتلىك ۋە  
بەخىتسىز  ،،ئالدىنىش  ئالداشلاراشلارغا   سەۋەپ  بولۇپ  قالىدۇ ،،
شۇنىڭ ئۇچۇن بىز  ئالدى  بىلەن بالىلىرىمىزغا  {ئىمان }دىن ئىبارەت بۇ  مۇھىم نۇختىنى چۇشەندۇرىشىمىز
ھەم  پاك قەلبىگە  سىڭدۇرىشىمىز   كىرەك،، .بىزگە  كىرەك  بولغان ئاشۇ ئىپپەت تەربىيەسى ھەممىسى
شۇنىڭ  ئىچىدە...

izdan 2011-02-21 08:12
اللە  رەھمەت قىلسۇن  قېرىندىشىم،

نازىگۈل 2011-03-01 16:31
مىنىڭچە بالىلىرىمىز بىلەن ئۇچۇق - يۇرۇق سوزلىشىشىمىز كېرەك ، بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن « ئىبادىتىمنى ئۆگىنىمەن » دىگەن كىتاپتىمۇ  دادىسى  ئوغلى بىلەن ناھايىتى ئۇچۇق پاراڭلاشقان ، مەنمۇ 10 ياشلىق قىزىم بىلەن بالىنىڭ قانداق تۇغۇلىدىغىنىنى ، تۇنجى ھەيىز  قاتارلىق مەزمۇنلاردا سوزلىشىمەن ، ئۇغۇللاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئەكسىچە تېخىمۇ قىزىقىشنى كۈچەيتىپ ناچار ئۈنۇم بېرىشى مۇمكىن ، مۇۋاپىق تەربىيە ھەممىدىن مۇھىم .

ئوتياق007 2011-03-05 14:46
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم دوسلار مىنىڭمۇ ئىككى قىزىم بار چوڭى سەككىز ياشتا ،كىچىگى ئىككى ئايلىق بولدى .
چوڭ قىزىم تۇغۇلغاندا قىز تۇغۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش تامغان ئىدى.
بۇ ئەلۋەتتە قىز تۇغۇلغانىقى ئۈچۈن ئەمەس . . . . . .
شۇ كۈندىن باشلاپ قىزىمنى قانداق تەربىيلىسەم بولا ،چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولار  دىگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالدى.
چۇنكى بىر ئوغۇلنى تەربىلەش بىر بالىنى تەربىلىگەنلىك بولسا، بىر قىزنى تەربىلىگەنلىك بىر مىللەتنى تەربىلىگەنلىك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .
قىزىم ئادەتتە ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ  ،خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن ھەپتىدە بىر قىتىم ئۇيگە قايتىمەن .
بىر كۇنى ئۆيگە كەلسەم ئاپىسى قىزىمىزنىڭ يەسلىدە خاتىرجەم  تەرەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئوغۇللارنىڭ بەك كەپسىز ئىكەنلىكىنى دىمەسمۇ  مىڭڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ئاپىسىغا بىر مۇنچە كايىدىم ،بالىلار مەكتەپتىن قايىتمىغان ۋاقىت بولغاچقا دەرھال يەسلىگە بىرىپ ،بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدىم ھەم ئۇلارغىمۇ  بىر مۇنچە كايىدىم ،ئۇلار بۇ ئىشلارغا يەسلىنىڭ
ناھايتى كۈڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ،لىكىن يەنىلا يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى ،مىنىڭ  خاتىرجەم بولىشىمنى، بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ  دېققەت  قىلىدغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا سالدى .بىزمۇ  شۇنىڭدىن باشلاپ تىخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدۇق.  

123456789 2011-03-13 01:40
      اتا - انا  بولغوچى  ،  بالىنى   توغوپ   ساق  -  سالامەت  بىقىش  ۋە   قورسىقىنى   تويغوزوش   ەمەس  ،   بەلكى  
چەمىيەتتىكنى   ورنى ،  كەلكۈسىدىكى  ياراملىق   پەرزەنىت  ،  ياقشى   پوقرا  ،  ەقلاقلىق  ،  ەدەپلىك  ،  ىنساپلىق ،
دىيانەتلىك   ،  شەرمى   ھايالىق   اتا -  انا   بولوپ   يىتلىشى  ۈچۈن  ،  بىز   ھازىر قى  زامان   اتا - انالار   ىىچل  ىىناق  ۈتۈپ  ،  وغوللىرىمىزغا   اتا   بولغوچى  ،   قىزلىرىمىزغا   انا   بولغوچى   ،   ايرىم   -  ايرىم   ھالدا   دىمىمىزدا    قوران   كەرىملەردە   ھەدىسلەردە   سۈزلەنكەندەك   زىنانىڭ   ىىغىر   چىنايەت   ىكەنلىكىنى  ،  اللاھنىڭمو   كەچۈرمەيدىغىنىنى  ،  پانى  الەمدە  ۋە   ياكى   باقى   الەمدە   بولسون   وقشاشلا   ازاپقا  دوچار   بولىدىغانلىقىنى   وچوق  اشكارا   دىيىش  كىرەك  .
بالىلارنى ەپسانە  تىل بىلەن   تىللاشقا  ،  وروپ  قورقىتىشا   ،  ۈيىرىڭنى  - بويىرىڭنى  كىسىمەن  چانايمەن  دىيىشكە  بول
مايدو  ،   اللاھ   قرىنداش   ياكى   موسولمان   مىللەتلارنىڭ   پرزەنىتلىرى   بولسون  ،   نۈل   ياشتىن   يەتتە   ياشقىچە  موسولمان   قىلقپ  ياراتقان  ىكەن  ،  [  اللاھ  ]  نىڭ  سۈزى ،  يارىتىشنى   مەن  ياراتتىم  ،   يارالمىشىڭ   ۈزۈڭدىن  ...
      كونا  ۋە   ياقشى  ەمەللەرنى   وچوق  اشكارا   دىيىشنى  ،  نوموس  بىلسىڭىز    كىلەنچەكنىڭ  ياراتقوچىلىرى  اتا - انىسى
بولغان   پەرزەنىتلىرىمىز   ،  قونوكلىقتا  ،  قاراڭغولوقتا  ،  كوناھلارغا   پىتىپ  ياشايدو  ...
                                            اتا  -  انىلار   پەرزەنىتلارنىڭ   ەڭ  يىقىن   دوستى  ...
                                            ھايا - نوموستا  ياشىغان   كىشى  اللاھنىڭ   دوستى   ...
                                            بىلىم  بولىقى  بىلەن  تولغان  كىشى  دۈۋلەتنىڭ  دوستى ...
                                            كوناكار  شەرمى  -  ھاياسىز   كىش   شەيتاننىڭ   دوستى ...
                                                

تاش 2011-03-13 10:01
بۇ مەسىلىدە بەلكىم مېنىڭ سۆزلەش ھوقۇقۇم يوقتۇ؟چۈنكى مەن بىر  ئالىي مەكتەپ  ئوقۇغۇچىسى،ئەمما  شۇنداق دىگۈم  بار:ئاتا-ئانىلار  بىزنىڭ "يامان بولىدۇ"لىرىمىزغا سەل قارىمىسا،چۈنكى بىز  ئاشۇنداق تەربىيەنى بەك تېز قۇبۇل قىلىمىز.بۇنىڭ سەۋەبى  ھەممىگە ئايان.بەزى ئاتا-ئانىلار  "يامان بولىدۇ"لارنى باللىرىغا  خۇراپىيلىق دەپ ئۆگىتىدىكەن.بىر نەچچە يىل ئىلگىرى "جوڭگۇ مىللەتلىرى"ژۇرنىلىغا مۇشۇ ھەقتە ماقالىلەر  بەك كۆپ بېرىلگەن.

سەبۇر 2011-03-26 15:45
ئائىلىدە ئاتا -ئانىنىڭ تەسىرى ئەڭ مۇھىم،يەنى ئەمىلى ھەركەت.مەن سىرىتقا چىققاندا ياغلىق چىگىمەن، ئائىلىدە كەڭ -كۇشادە يۈرگەن چىغىمدا ئىشىكنى بىرەر كىم چىكىپ قالسا تۆت ياشلىق قىزىممۇ مەن ياغلىق چىگۋالمىغۇچە ئىشىكنى ئاچمايدۇ.ياكى دەرھال ماڭا ياغلىق ئىزدەيدۇ.ئائىلىدىكى قايتا-قايتا تەكرارلىنىشلارنى بالىلار ئاڭسىز قوبۇل قىلىپ ھەركىتىگە ئايلاندۇردۇ.شۇڭا بىز كۆپ تەكىتلەشتىن زىرىكمەسلىكىمىز كىرەك. جىنسىيەت تەربىيىسىدە ھالال بىلەن ھارامنى كۆپرەك چۈشەندۈرۈپ پەرىقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارنى يىتۈلدۈرشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن.

izdan 2011-03-27 02:33
باشقا  گەپلەر پايدا قىلىشى ناتايىن  بولسىمۇ ،  قۇرئان ئايەتلىرى سىزگە جەزمەن پايدا قىلىدۇ،  خۇددى   سەيد ئەبۇل ئەلا   مەۋدۇدى   دىگەندەك،،،   قۇرئان    پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە  پايدا  قىلىدىغان رىتسىپ  .............................................

102401 2011-03-27 12:33
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى ilnur نىڭ 2011-01-19 12:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئالدى بىلەن ئاللاھدىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزىنىڭ ئىنسابىنى تىلەيلى ،ئاتا ئانىلار ھەققىقى ئىسلام ئەھكاملىرى بىلەن پەرزەنت تەربىيلىسەك ،پەرزەنتلىرىمىز ئاللانى تۇنىيدىغان ،ئاللادىن قۇرقىدىغان ،ھەقىقى مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقسا ،بۇ مەسىللەر ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ .ئاتا ئانا بولغۇچىلار قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمسىنى ئوقۇڭلار ھەم پەرزەنتىڭلارگە ئوقۇپ بىرىڭلار،ھەدىسلەرنى ئۇقۇپ بىرىڭلار ھەمدە پەرزەنتىڭلارنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىڭلار .

بۇنىڭ جاۋابى نەق مانا

موتو 2011-03-27 13:11
تەلىم-تەربىيىنى كۇچەيتەيلى ،بولۇپمۇ ئسلامى تەلىم -تەربىيەنى .  ئاندىن پەرزەنىتلىرىمىزنڭ توغرا يولدا  چوڭ بولشىنى ئاللاھ تىن تىلەيلى

66669999 2011-06-16 15:02
مىنىڭچە    ئائىلە   تەربىيىسى    1-ئوروندا    تۇرىدۇ    .قىز   بالا  بولسا   ئانا   ،ئوغول  بالا   بولسا   دادا   تەربىيە   قىلىش    كىرەك.    ئۆزىنىڭ  مۇسۇلمان  ،ئۇيغۇر   ئىكەنلىگىنى   ھەر  ۋاقىت   سەمىگە   سېلىپ    تۇرىشىمىز   كىرەك  .

batur 2011-06-18 19:06
بەك كۆپ بولۇپ كېتېپتۇ  ئوقۇپ بولالمېدېم.                               

قاشتىشى 2011-06-19 23:19
ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆزىنى ئاللانىڭ قۇلى مەن دىگەن نىيەتتە، ئاللاغا قۇلچىلىق قىلغان بولسا، شۇ ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنىتلىرى ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى ئەدەپ-ئەخلاقىنى چوقوم ئۆزلەشتۈرىدۇ دەپ قارايمەن.  (شەخسىي قارىشىم )

بىھۇدە جىنسىي تەربىينى  بالىلارغا تىڭىشنى راۋا كۆرمەيمەن، مەن ئوقوغان يىلىمۇ ، بىزگە گىگىنا كىتابنى تارقاتقان، لىكىن دەرىس ئۆتۆلمىگەن. ھىچقانداق بىر كىشى جىنسىي تەربىيە بەرمىگەن، ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ، تەبىئىي ھالدا چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ دەپ قارايمەن.

قارگۇلى 2011-07-20 11:44
بۇ بىر مۇھىم مەسىلە، مەن خوشنامنىڭ تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتا ئۇقۇيدىغان قىزىنىڭ بىئولوگىيە كىتاۋىدىن بالىنىڭ پەيدا بولىشى، ئۇنىڭ يېتىلىشى، تۇغۇلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرۇپ ھەيران قالدىم، شۇنچە ئاشكارە، ئەمدىلا 12-13 ياشقا كىرگەن بالىلارغا مۇشۇلارنى  چۇشەندۇرسە...... مېنىڭ بالام بۇ يىل 4-سىنىپقا چىقتى، ھازىرغىچە ئۇ بالىنى كىندىكتىن تۇغىدۇ دەپ ئۇيلايدۇ،،،،، قانداق قىلارمەن،،،،،،، ئوغلۇم تۇنۇگۇن تۇيۇقسىز ئۇلۇنۇش باش بېتىدىكى بىر خەۋەرنى ئوقۇۋېتىپ ئاشنا دېگەن نىمە دېگەن گەپ دەپ سورىغانتى ،نىمە دەپ چۇشەندۇرۇشنى بىلەلمەيلا قالدىم....ئائىلىدە تېلۋىزورنى پەقەلا كۆرمەيمىز، تەربىيەنىمۇ خېلى قىلىمىز .... ئەمما ئۇلارغا تەربىيەنى ھەر قانچە قىلغان بىلەنمۇ  ،،،،، بالىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ  پىكىرمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ،شۇڭا  ئاتا-ئانىلار بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر ئۇيلۇنۇش كېرەك دەپ ئۇيلانمەن، بەك سىرلىقلاشتۇرىۋەتسە تېخى، بەڭ ئوچۇق ئاشكارىلىۋاتسە تىخى       

yawuz2 2011-07-20 12:28
بارغانچە قېرىپ ،سېسىپ كەتكەن پور سۆگەتكە ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز ، ئاھ ! خۇدا بىزنى قۇتقۇزۋالغىن  

نۇردىل 2011-07-22 17:16
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2010-12-15 21:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭمۇ 10ياشقا كىرگەن بىر ئوغلۇم بار.  مەنمۇ يۇقارقى مەسىلىنى ئىزچىل ئويلىشىۋاتىمەن.
 مىنىڭچە بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى باللىلارغا ئۆلگە بولۇشىمىز كىرەك. باللىلار ئالدىدا ئۇنداق ئىشلارنى كۆككە كۆتىرىپ سۆزلىمەسلىگىمىز كىرەك. ئانىلار كىيىم -كىچەكلەردە دىققەت قىلىشىمىزكىرەك. بالىلارنىڭ بالدۇر يىتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يىمەك- ئىچمىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.
  مەن بالامغا  ھازىردىن باشلاپ ، تور ھەم تىلۋىزىيەدىكى ئايالارنىڭ يىرىم يالىڭاچ كىيىنىشى دىگەندەك كۆرنۈشلەرنى كۆرگۈزمەيمەن. ھەم ئۇنداق كىيىنىشنى مەدەنىيەتسىزلىك، ھاياسىزلىق دەپ كۆرسۈتىمەن. ھازىرچە ئۇنىڭدا ئۇنداق ئىشلاردىن يىرگىنىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى.
 مىنىڭچە جىنىس ئادەمنىڭ تەبىئى ئىقتىدارى . ئۇنى بىر ئادەمنىڭ ئۈگۈتۈپ قۇيۇشى ھاجەتسىز. توي قىلغۇچە ئۇ ئىشلارنى بىلمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەيدىز قاتارلىق داۋاسىز كىسەللەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ قويساق كىچىگىدىن ھارام زىناغا ئۆچ ئادەم بولىدۇ.
ئەمدىكى مەسىلە بۇ ھازىرقى خەنزۇچە ئوقىغان باللارغا قانداق قىلىپ ئىسلام شەرىئىتى يەتكۈزۈش بولىۋاتىدۇ. خەنزۇلارنىڭ ساغلاملىق كىتاپلىرىدا قالايمىقان زىنا قىلىشنى چەكلەيدىكەن. يەنە ئۆزمرى قىسقا بولىدۇ. بەدەن ئاجىزلاپ كىتىدۇ. (بىر كىتاپتا بۇرۇنقى پادىشاھلار خوتۇننى جىق ئالغاچقا ھەممىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈلمەي ئۆلۈپ كەتكەن دەپ يىزىپتۇ.) دىگەندەك چۈشەنچىلەر باركەن.
.......

بالىغا ئۇندا قوپال مۇئامىلىدە بولماماڭ

大力士 2011-07-22 18:52
ئەسسالام ئەلەيكۇم .ئامال بار .باھانە تاپمايلى قېرىنداشلار.يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق باھانە كۆرسىتىمىز.شۇ باھانلە ربىز نى مۇشۇ كۈنگە قويدى

yaprak007 2011-08-17 11:53
مۇشۇ تېمىدا بىر گەپ با بۇ سەبى ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەنلارگە گاندون دىگەن نەرسىنى گۇڭگاۋ قىلىۋاتقىنى
باشقۇرغۇچى بۇ تېمىنى ئۆچۈرۋېتىڭ ماڭمۇ يېڭى بىر كىبىر قونغادەك بولدى

ئىزدەن 2011-11-05 18:02
  

eltabir9 2011-11-06 00:10
بۇرۇنلادا ئاتا- ئانىلار ،ئەدەپ-ئەخلاق،شەرمى -ھايا،ھارام-ھالال،ياخشى-يامان،شەرەپ-نۇمۇس،مىھىر-ۋاپا دىگەن لەنى ئۈگىتىش ئۈچۈن باللىرىنى مەشرەپكە بىرەتىكە،ھازىر بۇلانى ئۈگۈتۈش ھەجەپ باش قاتۇردا   

مەرفۇئە 2011-11-06 00:43
    بارلىق  ئىنكاس  يازغان  ۋە تېما   يۇللىغان   قىرىنداشلىرىمغا  ئاللاھ  نىڭ  رەھمىتى  ۋە  ھىدايىتى   بۇلسۇن.    مەن  يەنىلا  گەپنى  قىسقا  قىلاي،   ئاللاھ نىڭ  كۈرسەتكەن  يۇلى  ،    پەيغەمبىرىمىزنىڭ   ماڭغان  يۇلىنى  ئۈزىمىزگە  تۇتقى  قىلساق   ھەرگىزمۇ  ئىزىپ  قالمايمىز  ئىنشائاللاھ....

فىردەۋىس1 2011-11-06 12:37
تىمىڭىزغا رەھمەت .  تەربىيەمۇ قىلىمىز .باشقۇرىمىز .  قالغىننى ئاللادىن تىلەيمىز.شۇنداقمۇ ؟

199421 2011-11-24 16:40
           ئاللاھ  ھەقنى سوزلەشتىن ھايا قىلمايدۇ،

xahrizad 2011-11-24 17:04
مىنىڭ 9 ياشلىق قىزىم بار  باشلانغۇچنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇيدۇ    مەن قىزىمنىڭ تەربىيسىدە  ئەڭ كۇڭۇل بۇلىدىغىنىم  ئەخلاق  ،مەن قىزىمدىن  كاتتا ئەرباب بۇلۇشنى تەلەپ قىلمايمەن  تەلەپ قىلىدىغىنىم  ئەدەپ ئەخلاقلىق  شەرمى ھايالىق   ئىشچان  چېچەن  بولسىلا بولدى   ،


查看完整版本: [-- بالىمىزغا جىنسى تەربىيەنى (ئىپپەت تەربىيەسى) قانداق قىلىمىز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.101823 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us