باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4386 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جىنازە نامىزىنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-28 15:58

جىنازە نامىزىنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)

                                                         
 

جىنازە نامىزى بولسا مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۇستىدىكى ھەققىدۇر. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ. مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماندا بەش ھەققى بار. 1.سالام قىلسا جاۋاپ سالام قايتۇرۇش2.ئاغىرىپ قالسا كىسىلىنى كۈرۈش.3.ئۈلۈپ كەتسە جىنازىسىغا ئەگىشىش.4.مىھماندارچىلىققا چاقىرسا چاقىرقىنى قۇبۇل قىلىش.5.چۇشكۈرۈپ الحمد للە(ئەلھەمدۇلىللاھ) دىسە يرحمك اللە(يەرھەمۇكەللاھ) دىيىش بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ئىسلام ئالىملىرى جىنازە نامىزىغا بېرىش پەرز كۇپايە دەپ قارايدۇ. پەرز كۇپايە دىگەن بىر مەھەللىدە بىر توپ جامائەت بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىگە جىنازە نامىزىغا بېرىش پەرز. شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرى جىنازە نامىزىغا قاتناشسا ھەممىسىدىن ئادا تاپىدۇ. ئەگەر ھېچقايسىسى جىنازە نامىزىغا بارمىسا شۇ مەھەللىدىكى ھەممە كىشىلەر گۇناھكار بۇلىدۇ.
جىنازە نامىزىغا ئەگىشىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۇستىدىكى ھەققىدۇر. بۇ ھەقلەرنى يەتكۇزدىڭىزمۇ يەتكۇزمىدىڭىزمۇ قىيامەت كۇنى بۇنىڭدىن سۈرلىسىز.
جىنازە نامىزىغا ئەگىشىش مۇسۇلماننىڭ ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەت بۇلۇپلا قالماستىن يەنە جىنازە نامىزىغا بارغانلىقى ئۇچۇن كاتتا ئەجىرگە ئىرشىدۇ.
 بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى.
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ. كىمكى جىنازە نامىزىغا قاتناشسا ئۇنىڭغا بىر قىيرات ئەجىر بۇلىدۇ. جىنازە نامىزىنى ئۇقۇپ دەفنە قىلىشىغىمۇ قاتناشسا ئۇ كىشىگە ئىككى قىيرات ئەجىر بۇلىدۇ. ساھابىلار: نىمە ئۇ ئككى قىيرات دىگەن دىگەندە. رەسۇلۇللە؛ئىككى قىيرات چوڭ ئىككى تاغنىڭ ئوخشىشى دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ ئۈزىمىز ئويلاپمۇ باقمىغان دەرىجىدە كاتتا ئەجىرلەرگە ئىرشىمىز. جىنازە نامىزىغا تۇرغاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە مىيىت ئۇچۇن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش،مىيىتنىڭ مۇنكىر-نەكىرنىڭ يېنىدا ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى تىلەپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ئاسانلىقنى تىلەش. ئۇن قۇيۇپ،قۇشاق قېتىپ ياقا يىرتىپ يىغلىماسلىق. ئۇمەر ئىبنى خەتتاپتىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن مىيىت ئۈن قۇيۇپ يىغلىغانلىق سەۋەبىدىن ئازابلىنىدۇ. بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ئۇن قۇيۇپ يىغلاش ياقا يىرتىپ قۇشاق قېتىپ يىغلاش ئاساسەن ئاياللاردىن كۆپرەك يۈز بىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرگەندە يىغلۇغۇچىنى تۇسۇش كىرەك.ئۇنىڭغا سەبىرنى تەۋسىيە قىلىش كىرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى جەئىفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ مۇئىتە ئۇرشىدا شەھىد بۇلۇپ كەتكەن. بۇ خەۋەرنى جەئفەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاڭلاپ قاتتىق يىغلىشىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ يىغلاشقانلىقى رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلىنغان. رەسۇلۇللە ئۇنى يىغلاشتىن تۇسۇشقا بۇيرىغان. ئۇ كىشى  يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يىغلاشتىن توختىمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. رەسۇلۇللە يەنە ئۇنى يىغلاشتىن تۇسۇشقا بۇيرىغان. ئۇكىشى يەنە جەئفەرنىڭ ئايالىنى يىغلاشتىن توختىتالامي رەسۇلۇللەنىڭ يېنىغا كەلگەن رەسۇلۇللە ئۇنى يىغلاشتىن توسقىن يەنە ئۇنىمىسا ئاغزىغا تۇپا چاچ دەپ ئۇنىڭ يىغلاشتىن جەزمەن توختىشى كىرەكلىكىنى بىلدۇرگەن.
جىنازا نامىزىغا قاتنىشىشنىڭ كاتتا ئەجىرگە ئىرىشتۇردىغانلىقىنى بىلدىڭىز. سىزنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ ئۇستىڭىزدىكى قېرىندىشىڭىزنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغۇڭىز،ھەم مۇشۇ ئەملىڭىز ئارقىلىق چوڭ ئىككى تاغدەك كاتتا ئەجىرگە ئىرشىشنى ئويلىدىڭىز. ئەمما جىنازا نامىزىنى قانداق ئۇقۇشنى بىلمەي كۆڭلىڭىز يېرىم بۇلىۋاتامدۇ؟ غەم قىلماڭ.
ئەمدى جىنازا نامىزىنىڭ قانداق ئۇقۇلىشى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىمىز.
                                            
                                                      جىنازا نامىزىنىڭ ئۇقۇلىشى.
جىنازا نامىزى ئەزانسىز،تەكبىرسىز،رۇكۇ ،سەجىدەسىز، تەشەھھۇدسىز ئۇقىلىدۇ. جىنازا نامىزى ئۇقۇيدىغان كىشى جەزمەن تاھارەت ئالغان بۇلىشى كىرەك. جىنازا نامىزىغا تۇرغاندا باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشلا سەپنى راۋۇس رۇسلاش كىرەك.
جىنازا نامىزى ھەم باشقا نامازلارنى ئېغىزدا نىيەت قىلىش ھاجەتسىز. بەلكى بۇ بىدئەت ھىسابلىنىدۇ. سىز ئېغىزىڭىزدا نىيەت قىلمىسىڭىزمۇ ئاللاھ سىزنىڭ قانداق ناماز ئۇقۇيدىغانلىقىڭىزنى كۆڭلىڭىزدە نىمە ئويلايدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. سەھىھ ھەدىسلەردە رەسۇلۇللەنىڭ نامىزى تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر) بىلەن باشلىناتتى. يەنە تەكبىر بىلەن ئاخىرلىشاتتى دەپ زىكىر قىلىنغان. نىيەتنى پەقەتلا كۆڭلىمىزدە قىلساقلا كۇپايە.
جىنازا نامىزى تۆت تەكبىر بىلەن ئۇقىلىدۇ.
جىنازا نامىزى ئۇقۇش ئۇچۇن ئىمام ئالدىغا چىقىدۇ. ۋە جىنازىنىڭ ئۇدۇلىسىدا تۇرۇپ بىرىنچى تەكبىرنى باشلايدۇ.
بۇ نامازغا كىرىش تەكبىرى ھىسابلىنىدۇ. يەنى ئىمام ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەندە سىز ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ قۇلاق قاقىسىز .ئاندىن سانا ۋە سۈرە پاتىھەنى  ئۇقۇيسىز.
سانا دۇئاسىنىڭ ئۇقۇلىشى: سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە،ۋەتەبەراكەسمۇكە،ۋەتەئەلا جەددۇكە،ۋەلائىلاھە غەيرۇكە، ئاندىن سۈرە پاتىھە نى ئۇقۇيسىز . بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يازمىساممۇ بۇلىدۇغۇ دەيمە.
ئەمما بەزى كىشىلەر سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇمايدۇ. تەلھە ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئەۋف : مەن ئابدۇللا ئبنى ئابباسنىڭ كەينىدە جىنازە نامىزى ئۇقۇدۇم. ئۇ سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇدى. ۋە كىشىلەر بىلىۋالسۇن. جەزمەن جىنازا نامىزىدا سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇش سۇننەتتۇر دىدى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
بۇلار ئۇقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمام 2. تەكبىرنى ئۇقۇيدۇ.(يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ) . ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىمۇ ئوخشاشلا ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ. . ئاندىن رەسۇلۇللەقا دۇرت ئۇقۇيدۇ.

دۇرۇت نىڭ ئۇقۇلىشى؛ ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد. ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممدىن كەما بەراكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد.
بۇ دۇئا ئۇقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمام 3.تەكبىرنى ئۇقۇيدۇ. ئىقتىدا قىلغۇچىمۇ ئىچىدە ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ. . ۋە بۇ تەكبىردىن كىيىن تۇۋەندىكى دۇئا ئۇقىلىدۇ،
 


ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى. ئاللاھۇممەئەغفىر لىھەييىتىنا،ۋە مەييىتىنا،ۋەسەغىيرىنا،ۋەكەبىيرىنا،ۋەزەكەرىنا،ۋەئۇنسانا،ۋە شەھىدىنا،ۋەغائىبىنا،ئاللاھۇممە مەن ئەھيەيتەھۇ مىننا فەئەھيىھى ئەلەلئىيمان. ۋەمەن تەۋەففەيتەھۇ مىننا فەتەۋەففەھۇ ئەلەلئىسلام.ئاللاھۇممە لا تەھرىمنا ئەجرەھۇ.ۋەلا تۇزىللەنا بەئىدەھۇ.
ئەگەر مىيىت كىچىك بالا بولسا تۇۋەندىكى دۇئا ئۇقىلىدۇ.
ئاۋۋال سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇيمىز ئاندىن ئاللاھۇممە ئەجئەلھۇ لەنا فەرەتەن. ۋەسەلەفەن،ۋە ئەجران.
بۇ دۇئانى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن 4.قېتىملىق تەكبىرنى ئۇقۇيمىز . 4.تەكبىرنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئىككى تەرەپكە سالام بىرىمىز . يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ئوڭ،سول تەرەپكە سالام بىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن مىيىن نامىزى ئۇقۇلۇپ بولغان بۇلىدۇ.
جىنازا نامىزىنىڭ ئۇقۇلۇش ئەھۋالى يۇقارقىدەك . ئەگەر بىلمىگەن چۇشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق ياكى چ چ ئارقىلىق سورساڭلار بۇلىدۇ.
خاتا جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ قۇيشۇڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن.
ئاللاھقا سېغىنىپ ئېزىپ كىتىشىمدىن،ئازدۇرۇپ كىتىشىمدىن، ئازدۇرلۇپ كىتىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن.

ئاپتۇرى - ھەمزە. كۈچۈرۈپ تارقىتىش پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
[ ھەمزەتەرىپىدىن2010-12-17 14:11قايتا تەھرىرلەندى ]
ئۈزىڭىزگە ئىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىزمۇ قىلالايسىز!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 514
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە514دانە
ئۆسۈش: 4070 %
مۇنبەر پۇلى: 4753 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 2478 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-08-26

رەخمەت سىزگە ...ئۇگىنىۋالدىم ....ئاللاھ  ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن......
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3247
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 190
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە190دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2012-09-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-28 18:32

ئىستىخارە نامىزى ۋەدۇئاسى ئىككى ھېيىت نامىزىنىمۇ قۇشۇپ يېزىۋەتكەن بۇلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، ئىنكاس شەكلىدە تۇلۇقلاپ قويساڭلار،
ئى ئاللاھ !
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1282
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1282دانە
ئۆسۈش: 3060 %
مۇنبەر پۇلى: 15279 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-09-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-28 21:16

ئاسمانغا قارىۋالدىغانلار بارغۇ ،بۇ قانداق ئىش ئەمدى
ناخشا-ئۇسۇل بىزنى سېگانلار ئېگە بولالمىغان‹‹شە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 561
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 253
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە253دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2795 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-07
ئاخىرقى: 2012-06-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-28 21:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىندىشىم !...........  بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن !
 قېىرندىشىم بىلمىگەن ۋە بىلىشكە تېگىشلىك بولغان يەرلىرىنى سورىۋالاي !سىز ئېغىزدا نىيەت قىلىشنى بىدئەت دەپسىز ،مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق دەپ قارىغان ھازىرغىچە ئېغىزىمدا نىيەت قىلماي ئوقۇيمەن .لېكىن بىدئەت دەپ قارىمايمەن ! چۈنكى مەن بۇندىن نەچچە يىل ئىلگىرى جۈمە خۇتبىسىدا ئاخۇنۇمنىڭ ئېغىزدا نىيەت قىلىش ئەبزەل قىلمىسا گۇناھ ئەمەس دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم (خاتالاشمىغان بولسام ) !  ئۇندىن باشقا  مىيىت نامىزىدا تەگبىر ئېيتىلغاندا بېشىنى كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن ! ئەھلى ئىلىملارنىڭ كۆتۈرمىگىنىگە قاراپ بىدئەتمىكىن دەپ بىلەتتىم ! بۇ توغۇرلۇق ئېنىقراق مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز !  مەنمۇ ئەتىگىچە ئەھلى ئىلىملاردىن سوراپ باقاي!
[ gunahkarتەرىپىدىن2010-11-28 21:29قايتا تەھرىرلەندى ]
ئاۋال ئەمەل قىل ئاندىن نەسىھەت قىل!
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 876
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە876دانە
ئۆسۈش: 1670 %
مۇنبەر پۇلى: 10634 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-09-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-28 21:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئەجرىڭىزنى كەرىمىلىك ئاللاھ بەرسۇن، بىزنىڭ يۇرۇتتا مېىيت نامىزى ئۇقۇغاندا ئاساسەن سۇرە فاتىھە ئۇقۇمايدۇ، ھەم شۇنداقلا ئۇستازلىرىمىزمۇ شۇنداق ئۇگەتكەن ،مەنمۇ بۇرۇن سۇرە فاتىھە ئۇقۇلمىغان ناماز ناماز ھىساپلانمايدۇ دىگەن قاراشتا بولۇپ مۇنازىرەلەشكەن ،شۇ جەرياندا ئۇستازلىرىمىز مېىيت نامىزى ئۇقۇغانداتەكبىر ، قىرائەت ،رۇكۇ ، سەجىدە، تەشەھھۇد قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ قىلىنمايدىغانلىقىنى دەلىل قىلغانىدى ،مەن سىز نەقىل كەلتۇرگەن ھەدىسنى بۇگۇن تۇنجى قېتىم كۆرۇشۇم ،ئەگەر مۇمكىن بولسا مىيىت نامىزىغا ئالاقىدار ئايەت ،ھەدىسلەر  بولسا بىزنى خەۋەردار قىلسىڭىز!؟
كىم بىلەر يۈرەكتە ئويۇغان قاننى،
كىم بىلەر قانىتى سۇنغان ئىمكاننى.
ھور باسقان ئەينەكتىن كۆرگەن
كۆز نۇرۇم كەينىدە قاتقان توماننى..
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1569
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1569دانە
ئۆسۈش: 1840 %
مۇنبەر پۇلى: 17344 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 300 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-06-20
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-28 21:55

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 893
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە893دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-03
ئاخىرقى: 2012-08-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-29 00:02

رەخمەت      سېزگە        ھەمزېكا           قېلغان             ئەجرېڭېزگە        بېلۋالدۇق
پۇشايمان قىلمايمەن تەۋبە قىلىمەن.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1587
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 205
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە205دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 2424 سوم
تۆھپىسى: 43 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-06
ئاخىرقى: 2011-01-29
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-29 00:26

ھەمزە بۇرادەر  ئەمدى يوكاپ كەتمەي  ياخشى تىمىلىرىڭىز نى ئۈزۇپ قويماڭ.
كامىل يوۋاش
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3222
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1012
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1012دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 5561 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2011-02-28
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-29 11:14

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن