باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3832 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جىنازە نامىزىنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-28 15:58

جىنازە نامىزىنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)

                                                         
 

جىنازە نامىزى بولسا مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۇستىدىكى ھەققىدۇر. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ. مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماندا بەش ھەققى بار. 1.سالام قىلسا جاۋاپ سالام قايتۇرۇش2.ئاغىرىپ قالسا كىسىلىنى كۈرۈش.3.ئۈلۈپ كەتسە جىنازىسىغا ئەگىشىش.4.مىھماندارچىلىققا چاقىرسا چاقىرقىنى قۇبۇل قىلىش.5.چۇشكۈرۈپ الحمد للە(ئەلھەمدۇلىللاھ) دىسە يرحمك اللە(يەرھەمۇكەللاھ) دىيىش بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ئىسلام ئالىملىرى جىنازە نامىزىغا بېرىش پەرز كۇپايە دەپ قارايدۇ. پەرز كۇپايە دىگەن بىر مەھەللىدە بىر توپ جامائەت بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىگە جىنازە نامىزىغا بېرىش پەرز. شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرى جىنازە نامىزىغا قاتناشسا ھەممىسىدىن ئادا تاپىدۇ. ئەگەر ھېچقايسىسى جىنازە نامىزىغا بارمىسا شۇ مەھەللىدىكى ھەممە كىشىلەر گۇناھكار بۇلىدۇ.
جىنازە نامىزىغا ئەگىشىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۇستىدىكى ھەققىدۇر. بۇ ھەقلەرنى يەتكۇزدىڭىزمۇ يەتكۇزمىدىڭىزمۇ قىيامەت كۇنى بۇنىڭدىن سۈرلىسىز.
جىنازە نامىزىغا ئەگىشىش مۇسۇلماننىڭ ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەت بۇلۇپلا قالماستىن يەنە جىنازە نامىزىغا بارغانلىقى ئۇچۇن كاتتا ئەجىرگە ئىرشىدۇ.
 بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى.
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ. كىمكى جىنازە نامىزىغا قاتناشسا ئۇنىڭغا بىر قىيرات ئەجىر بۇلىدۇ. جىنازە نامىزىنى ئۇقۇپ دەفنە قىلىشىغىمۇ قاتناشسا ئۇ كىشىگە ئىككى قىيرات ئەجىر بۇلىدۇ. ساھابىلار: نىمە ئۇ ئككى قىيرات دىگەن دىگەندە. رەسۇلۇللە؛ئىككى قىيرات چوڭ ئىككى تاغنىڭ ئوخشىشى دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ ئۈزىمىز ئويلاپمۇ باقمىغان دەرىجىدە كاتتا ئەجىرلەرگە ئىرشىمىز. جىنازە نامىزىغا تۇرغاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە مىيىت ئۇچۇن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش،مىيىتنىڭ مۇنكىر-نەكىرنىڭ يېنىدا ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى تىلەپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ئاسانلىقنى تىلەش. ئۇن قۇيۇپ،قۇشاق قېتىپ ياقا يىرتىپ يىغلىماسلىق. ئۇمەر ئىبنى خەتتاپتىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن مىيىت ئۈن قۇيۇپ يىغلىغانلىق سەۋەبىدىن ئازابلىنىدۇ. بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ئۇن قۇيۇپ يىغلاش ياقا يىرتىپ قۇشاق قېتىپ يىغلاش ئاساسەن ئاياللاردىن كۆپرەك يۈز بىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرگەندە يىغلۇغۇچىنى تۇسۇش كىرەك.ئۇنىڭغا سەبىرنى تەۋسىيە قىلىش كىرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى جەئىفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ مۇئىتە ئۇرشىدا شەھىد بۇلۇپ كەتكەن. بۇ خەۋەرنى جەئفەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاڭلاپ قاتتىق يىغلىشىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ يىغلاشقانلىقى رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلىنغان. رەسۇلۇللە ئۇنى يىغلاشتىن تۇسۇشقا بۇيرىغان. ئۇ كىشى  يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يىغلاشتىن توختىمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. رەسۇلۇللە يەنە ئۇنى يىغلاشتىن تۇسۇشقا بۇيرىغان. ئۇكىشى يەنە جەئفەرنىڭ ئايالىنى يىغلاشتىن توختىتالامي رەسۇلۇللەنىڭ يېنىغا كەلگەن رەسۇلۇللە ئۇنى يىغلاشتىن توسقىن يەنە ئۇنىمىسا ئاغزىغا تۇپا چاچ دەپ ئۇنىڭ يىغلاشتىن جەزمەن توختىشى كىرەكلىكىنى بىلدۇرگەن.
جىنازا نامىزىغا قاتنىشىشنىڭ كاتتا ئەجىرگە ئىرىشتۇردىغانلىقىنى بىلدىڭىز. سىزنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ ئۇستىڭىزدىكى قېرىندىشىڭىزنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغۇڭىز،ھەم مۇشۇ ئەملىڭىز ئارقىلىق چوڭ ئىككى تاغدەك كاتتا ئەجىرگە ئىرشىشنى ئويلىدىڭىز. ئەمما جىنازا نامىزىنى قانداق ئۇقۇشنى بىلمەي كۆڭلىڭىز يېرىم بۇلىۋاتامدۇ؟ غەم قىلماڭ.
ئەمدى جىنازا نامىزىنىڭ قانداق ئۇقۇلىشى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىمىز.
                                            
                                                      جىنازا نامىزىنىڭ ئۇقۇلىشى.
جىنازا نامىزى ئەزانسىز،تەكبىرسىز،رۇكۇ ،سەجىدەسىز، تەشەھھۇدسىز ئۇقىلىدۇ. جىنازا نامىزى ئۇقۇيدىغان كىشى جەزمەن تاھارەت ئالغان بۇلىشى كىرەك. جىنازا نامىزىغا تۇرغاندا باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشلا سەپنى راۋۇس رۇسلاش كىرەك.
جىنازا نامىزى ھەم باشقا نامازلارنى ئېغىزدا نىيەت قىلىش ھاجەتسىز. بەلكى بۇ بىدئەت ھىسابلىنىدۇ. سىز ئېغىزىڭىزدا نىيەت قىلمىسىڭىزمۇ ئاللاھ سىزنىڭ قانداق ناماز ئۇقۇيدىغانلىقىڭىزنى كۆڭلىڭىزدە نىمە ئويلايدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. سەھىھ ھەدىسلەردە رەسۇلۇللەنىڭ نامىزى تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر) بىلەن باشلىناتتى. يەنە تەكبىر بىلەن ئاخىرلىشاتتى دەپ زىكىر قىلىنغان. نىيەتنى پەقەتلا كۆڭلىمىزدە قىلساقلا كۇپايە.
جىنازا نامىزى تۆت تەكبىر بىلەن ئۇقىلىدۇ.
جىنازا نامىزى ئۇقۇش ئۇچۇن ئىمام ئالدىغا چىقىدۇ. ۋە جىنازىنىڭ ئۇدۇلىسىدا تۇرۇپ بىرىنچى تەكبىرنى باشلايدۇ.
بۇ نامازغا كىرىش تەكبىرى ھىسابلىنىدۇ. يەنى ئىمام ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەندە سىز ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ قۇلاق قاقىسىز .ئاندىن سانا ۋە سۈرە پاتىھەنى  ئۇقۇيسىز.
سانا دۇئاسىنىڭ ئۇقۇلىشى: سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە،ۋەتەبەراكەسمۇكە،ۋەتەئەلا جەددۇكە،ۋەلائىلاھە غەيرۇكە، ئاندىن سۈرە پاتىھە نى ئۇقۇيسىز . بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يازمىساممۇ بۇلىدۇغۇ دەيمە.
ئەمما بەزى كىشىلەر سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇمايدۇ. تەلھە ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئەۋف : مەن ئابدۇللا ئبنى ئابباسنىڭ كەينىدە جىنازە نامىزى ئۇقۇدۇم. ئۇ سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇدى. ۋە كىشىلەر بىلىۋالسۇن. جەزمەن جىنازا نامىزىدا سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇش سۇننەتتۇر دىدى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
بۇلار ئۇقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمام 2. تەكبىرنى ئۇقۇيدۇ.(يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ) . ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىمۇ ئوخشاشلا ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ. . ئاندىن رەسۇلۇللەقا دۇرت ئۇقۇيدۇ.

دۇرۇت نىڭ ئۇقۇلىشى؛ ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد. ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممدىن كەما بەراكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد.
بۇ دۇئا ئۇقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمام 3.تەكبىرنى ئۇقۇيدۇ. ئىقتىدا قىلغۇچىمۇ ئىچىدە ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ. . ۋە بۇ تەكبىردىن كىيىن تۇۋەندىكى دۇئا ئۇقىلىدۇ،
 


ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى. ئاللاھۇممەئەغفىر لىھەييىتىنا،ۋە مەييىتىنا،ۋەسەغىيرىنا،ۋەكەبىيرىنا،ۋەزەكەرىنا،ۋەئۇنسانا،ۋە شەھىدىنا،ۋەغائىبىنا،ئاللاھۇممە مەن ئەھيەيتەھۇ مىننا فەئەھيىھى ئەلەلئىيمان. ۋەمەن تەۋەففەيتەھۇ مىننا فەتەۋەففەھۇ ئەلەلئىسلام.ئاللاھۇممە لا تەھرىمنا ئەجرەھۇ.ۋەلا تۇزىللەنا بەئىدەھۇ.
ئەگەر مىيىت كىچىك بالا بولسا تۇۋەندىكى دۇئا ئۇقىلىدۇ.
ئاۋۋال سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇيمىز ئاندىن ئاللاھۇممە ئەجئەلھۇ لەنا فەرەتەن. ۋەسەلەفەن،ۋە ئەجران.
بۇ دۇئانى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن 4.قېتىملىق تەكبىرنى ئۇقۇيمىز . 4.تەكبىرنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئىككى تەرەپكە سالام بىرىمىز . يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ئوڭ،سول تەرەپكە سالام بىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن مىيىن نامىزى ئۇقۇلۇپ بولغان بۇلىدۇ.
جىنازا نامىزىنىڭ ئۇقۇلۇش ئەھۋالى يۇقارقىدەك . ئەگەر بىلمىگەن چۇشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق ياكى چ چ ئارقىلىق سورساڭلار بۇلىدۇ.
خاتا جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ قۇيشۇڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن.
ئاللاھقا سېغىنىپ ئېزىپ كىتىشىمدىن،ئازدۇرۇپ كىتىشىمدىن، ئازدۇرلۇپ كىتىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن.

ئاپتۇرى - ھەمزە. كۈچۈرۈپ تارقىتىش پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
[ ھەمزەتەرىپىدىن2010-12-17 14:11قايتا تەھرىرلەندى ]
پۇشايمان قىلمايمەن تەۋبە قىلىمەن.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1587
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 2424 سوم
تۆھپىسى: 42 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-06
ئاخىرقى: 2011-01-29
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-29 00:26

ھەمزە بۇرادەر  ئەمدى يوكاپ كەتمەي  ياخشى تىمىلىرىڭىز نى ئۈزۇپ قويماڭ.