باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 10433 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ناچار دىمەڭ مىللەتنى(تەۋىسيە)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 461
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 387 %
مۇنبەر پۇلى: 499 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-12 19:58

ناچار دىمەڭ مىللەتنى(تەۋىسيە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-12)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار . مەن بۇ مۇنبەردىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ كۆپلىكى سەۋەپلىك ،مۇنبەرگە ئەسەر يوللىمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى ، بېرەر ئەسەرنى يوللاي دەيمەنۇ ،بېرەرسىڭلارنىڭ تىللاپ سېلىشىڭلاردىن قورقۇپ يوللايالمايتىم . بۆگۈن مۇنبەرگە كىرىپ كەڭساي ئەپەندىنىڭ "قىزلاردا نىمە گۇناھ" ناملىق تېمىسىنى ئۇقۇپ چىقتىم ، ئۇ تېمىدىكى مەزمۇن شۇنداق ياخشىكەن، ئەسلىدە تىمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىللىلەر ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا تىگىشلىك مەسىلىلەر بولسىمۇ ،  بىراق تىما ئاستىدىكى بىر قىسىم  ئىنكاسلارنى كۆرۈپ  كۆڭلۈم بىر ئاز يېرىم بولدى .
ئەمدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ،قالغىنىنى تۆۋەندىكى شېئىرىم ئارقىلىق سۆزلەي !بۇ قېتىم ھەر قانداق يامان گەپلەرگە تەييارلىقىم بار . يەنە قالاينىقان سۆزلەيدىغانلار بولسا تارتىنماي  سۆزلەۋېرىڭلار ! گەپلىرىم ئېغىر كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر !

(سەمىمى ئەسكەرتىش :مەن بۇ شېئىرنى مىللىتىمىزنىڭ بارلىق ئۇتۇقلىرىنى كۆرمەيۋاتقان ،كۆز ئالدىغا پەقەت ناچارلىقلارلا كېلىدىغان ، ئۆز مىللىتىنى ئۆزى«ناچار» دەيدىغانلارنىڭ سۆزىگە قارتا يازدىم ، مۇنبەردىكى يامان ئىللەتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قامچىلاۋاتقان قامچىكەش دوسلىرىمغا تېگىپ كەتمەسلىكىنى ئۆمىد قىلىمەن . ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىڭلارنى ،شۇنداقلا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىڭلارنى سورايمەن . )


ناچار دىمەڭ مىللەتنى

يۇقتۇرۋېلىپ يامان،ناچار ئىللەتنى ،
ھەمراھ قىلىپ قاملاشمىغان ئۈلپەتنى،
ئاڭقىرالماي شۇنچە ئېسىل خىسلەتنى ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

يىقىلسىڭىز ئۆزىڭىزدىن كۆرمەستىن ،
مىللەت ئۈچۈن ھىچ ھالال تەر تۆكمەستىن ،
ھىچبىر شەرەپ ،ھىچبىر تۆھپە بەرمەستىن ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

بىر كۈن دەيسىز «ئويغۇر دىگەن ھەسەتخور»،
بىر كۈن دەيسىز «ئويغۇر دىگەن غەيۋەتخور»،
نەدە يوقكەن بىر يا ئىككى پىتنىخور ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

سىز ياشىغان ئاشۇ ئەخلەت كوچىدا ،
ئۇچىرامتى سىز ئۈچۈن بىر جان پىدا ،
ياشاپ بېقىڭ سىزمۇ ئەل-يۇرىت ئىشقىدا ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

باشقا مىللەت بولسىمۇ گەر ھەيۋەتلىك ،
ئىلىم-پەندە بولسىمۇ گەر شۆھرەتلىك ،
ئويغۇرۇم سىز ئۇنتۇپ قالماڭ مىھنەتلىك ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

باشقا مىللەت ئىچىدىمۇ ئىللەت بار ،
بىزدىمۇ ھەم نۇرغۇن،تۈمەن خىسلەت بار ،
ئالەمشۇمۇل چاقنايدىغان نۇسىرەت بار ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

تۆت-بەش ناچار ۋەكىل ئەمەس مىللەتكە ،
ھىچكىم چېتىق ئەمەس ھەرگىز ئىللەتكە ،
مىللەت ئۈچۈن ئاتلانغايسىز مىھنەتكە ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

بىزدىمۇ بار تۈرلۈك-تۈمەن ئوغلانلار ،
ھەر ساھەدە ئەلگە تۇنۇش بولغانلار ،
بارغۇ يەنە ئەل ئىشقىدا يانغانلار ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مىللەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاياڭ ،
كەلگۈسىگە ئۆمىد بىلەن تىك قاراڭ ،
ئۆزنى تىللاپ ئاتالماڭ ھەم سىز«ساراڭ» ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مىللەت بولغاچ مەۋجۇت بولغان ئۆزىڭىز ،
مىللەت ئۈچۈن تامسۇن ھەسەل سۆزىڭىز ،
مىللەتنى دەپ بېسىڭ قەدەم ئىزىڭىز ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

ناچارلارنى كۆرسىڭىز گەر قامچىلاڭ ،
ئىللەت تېشى ئۇچىرسا گەر پارچىلاڭ ،
مىللەت ئۈچۈن بۇلاق كەبى تامچىلاڭ ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مەنبە: ئىجادى ئەسەر
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2648
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 124
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 928 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-04
    ئاخىرقى: 2010-12-02
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-13 21:44

    ئىنكاسقا ئىنكاسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسس

    «راسلا مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا

    ئۇيغۇردىن ئەمەس ئۇيغۇردەك ياشىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىش كېرەك»»»»»»»»»»»»»


    بۇ گەپنى مەن خاتا چۈشنىۋالدىممۇ؟؟ ياكى ئىنكاسچى ئەپەندى خاتا يېزىپ قالدىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  ئۇيغۇردەك ياشىغانلىقىمىزدىن نۇمۇس قىلغىدەك  نېمە ئىش بوپتۇ؟؟؟؟؟؟  نۇمۇس قىلىش ئەمەس پەخىرلىنىش كىرەكقۇ دەيمەن؟؟؟!!!!  
      
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2648
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 124
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 928 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-04
    ئاخىرقى: 2010-12-02
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-13 23:53

    مەن ئۇيغۇر ..........
    مەن دېمەكچى 8-قەۋەتتىكى قېرىندىشىمىز شۇنداق دەپتىكەن.....شۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلىدىم
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2648
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 124
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 928 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-04
    ئاخىرقى: 2010-12-02
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-01 00:53

    ئىشلىتىش
    引用第8楼zero903于2010-10-13 20:41发表的  :
    راسلا مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا

    ئۇيغۇردىن ئەمەس ئۇيغۇردەك ياشىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىش كېرەك

    ماگەپ سەل قاملاشمىدىمۇ يا مەن خاتا چۈشىنىۋالدۇممۇيا؟؟؟؟
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2648
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 124
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 928 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-04
    ئاخىرقى: 2010-12-02
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-01 00:55

    ئىشلىتىش
    引用第31楼abdul于2010-10-28 03:56发表的  :
    ھەي

    ما ئاداش نەگىلا قارىسا « ھەي... » دەپلا  ئنكاس قايتۇرىدىكىنا ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ.................