查看完整版本: [-- ناچار دىمەڭ مىللەتنى(تەۋىسيە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ناچار دىمەڭ مىللەتنى(تەۋىسيە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

juxkun-28 2010-10-12 19:58
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار . مەن بۇ مۇنبەردىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ كۆپلىكى سەۋەپلىك ،مۇنبەرگە ئەسەر يوللىمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى ، بېرەر ئەسەرنى يوللاي دەيمەنۇ ،بېرەرسىڭلارنىڭ تىللاپ سېلىشىڭلاردىن قورقۇپ يوللايالمايتىم . بۆگۈن مۇنبەرگە كىرىپ كەڭساي ئەپەندىنىڭ "قىزلاردا نىمە گۇناھ" ناملىق تېمىسىنى ئۇقۇپ چىقتىم ، ئۇ تېمىدىكى مەزمۇن شۇنداق ياخشىكەن، ئەسلىدە تىمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىللىلەر ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا تىگىشلىك مەسىلىلەر بولسىمۇ ،  بىراق تىما ئاستىدىكى بىر قىسىم  ئىنكاسلارنى كۆرۈپ  كۆڭلۈم بىر ئاز يېرىم بولدى .
ئەمدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ،قالغىنىنى تۆۋەندىكى شېئىرىم ئارقىلىق سۆزلەي !بۇ قېتىم ھەر قانداق يامان گەپلەرگە تەييارلىقىم بار . يەنە قالاينىقان سۆزلەيدىغانلار بولسا تارتىنماي  سۆزلەۋېرىڭلار ! گەپلىرىم ئېغىر كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر !

(سەمىمى ئەسكەرتىش :مەن بۇ شېئىرنى مىللىتىمىزنىڭ بارلىق ئۇتۇقلىرىنى كۆرمەيۋاتقان ،كۆز ئالدىغا پەقەت ناچارلىقلارلا كېلىدىغان ، ئۆز مىللىتىنى ئۆزى«ناچار» دەيدىغانلارنىڭ سۆزىگە قارتا يازدىم ، مۇنبەردىكى يامان ئىللەتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قامچىلاۋاتقان قامچىكەش دوسلىرىمغا تېگىپ كەتمەسلىكىنى ئۆمىد قىلىمەن . ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىڭلارنى ،شۇنداقلا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىڭلارنى سورايمەن . )


ناچار دىمەڭ مىللەتنى

يۇقتۇرۋېلىپ يامان،ناچار ئىللەتنى ،
ھەمراھ قىلىپ قاملاشمىغان ئۈلپەتنى،
ئاڭقىرالماي شۇنچە ئېسىل خىسلەتنى ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

يىقىلسىڭىز ئۆزىڭىزدىن كۆرمەستىن ،
مىللەت ئۈچۈن ھىچ ھالال تەر تۆكمەستىن ،
ھىچبىر شەرەپ ،ھىچبىر تۆھپە بەرمەستىن ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

بىر كۈن دەيسىز «ئويغۇر دىگەن ھەسەتخور»،
بىر كۈن دەيسىز «ئويغۇر دىگەن غەيۋەتخور»،
نەدە يوقكەن بىر يا ئىككى پىتنىخور ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

سىز ياشىغان ئاشۇ ئەخلەت كوچىدا ،
ئۇچىرامتى سىز ئۈچۈن بىر جان پىدا ،
ياشاپ بېقىڭ سىزمۇ ئەل-يۇرىت ئىشقىدا ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

باشقا مىللەت بولسىمۇ گەر ھەيۋەتلىك ،
ئىلىم-پەندە بولسىمۇ گەر شۆھرەتلىك ،
ئويغۇرۇم سىز ئۇنتۇپ قالماڭ مىھنەتلىك ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

باشقا مىللەت ئىچىدىمۇ ئىللەت بار ،
بىزدىمۇ ھەم نۇرغۇن،تۈمەن خىسلەت بار ،
ئالەمشۇمۇل چاقنايدىغان نۇسىرەت بار ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

تۆت-بەش ناچار ۋەكىل ئەمەس مىللەتكە ،
ھىچكىم چېتىق ئەمەس ھەرگىز ئىللەتكە ،
مىللەت ئۈچۈن ئاتلانغايسىز مىھنەتكە ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

بىزدىمۇ بار تۈرلۈك-تۈمەن ئوغلانلار ،
ھەر ساھەدە ئەلگە تۇنۇش بولغانلار ،
بارغۇ يەنە ئەل ئىشقىدا يانغانلار ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مىللەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاياڭ ،
كەلگۈسىگە ئۆمىد بىلەن تىك قاراڭ ،
ئۆزنى تىللاپ ئاتالماڭ ھەم سىز«ساراڭ» ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مىللەت بولغاچ مەۋجۇت بولغان ئۆزىڭىز ،
مىللەت ئۈچۈن تامسۇن ھەسەل سۆزىڭىز ،
مىللەتنى دەپ بېسىڭ قەدەم ئىزىڭىز ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

ناچارلارنى كۆرسىڭىز گەر قامچىلاڭ ،
ئىللەت تېشى ئۇچىرسا گەر پارچىلاڭ ،
مىللەت ئۈچۈن بۇلاق كەبى تامچىلاڭ ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مەنبە: ئىجادى ئەسەر

irxad 2010-10-12 20:17
ئاھ سۈيۈملۇك مىللەت
سىەن ماڭا بىر نىئمەت
قىلىمەن ساڭا خىزمەت
قىلمايمەن ئاڭا مىننەت

kokbura 2010-10-12 23:44
       ئىسىل تىما راستىنلا ئىسىل تىما،كىلىڭلا جان قىرىنداشلىرىم يامان ئىللەتنى تۇزەشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ئۇيغۇر لىقىمىزدىن پۇتۇن دۇنيا ھەيران قالسۇن ھۇرررررررررا   

turkhon 2010-10-13 01:52
باشقا قاراپ پتقا قارماي يۈرەمدۇق
كۆتىمىزگە قارپ بىلمەي كۈلەمدۇق
كىبىر بىلەن پىھان تۇتساق كىسەلنى
ئەجەل يەتسە قۇرۇت كەبى ئۆلەمدۇ

xahadat 2010-10-13 11:06
ياشاپ كىتىڭ !ئۆزمىللىتىنى يامان دىسە ياخشى مىللەتلەر ئەزاسى بولسۇن...... 

adiham 2010-10-13 11:35
بۇ شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز .قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن.

orkax0998 2010-10-13 18:50
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ  . ئازساندىكى ئادەملارنى كۇرۇپ بىر مىللەتنى يامان دىسە ك ھەرگىزبولمايدۇ  

fatih204 2010-10-13 19:25
كىم توۋلىسا بۇ جەمىيەتنى بۇزۇلدى دەپ ،
بىلىپ قوي شۇ ئوزىدۇر بۇزۇق ئىنسان ،
تۇزىمەي ئوزنى يۇرمە ئەلنىڭ غىمىنى يەپ،
ئوزىڭنى تۇزە شۇندا قەۋمىڭ بولماس ۋەيران
.
كىمكى جەمىيەت بۇزۇلۇپتۇ دىسە ، شۇ كىشى ئوزى ۋەيران بوپتۇ،،،    سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا مۇشۇنداقراق مەزمۇندا بىر ھەدىس كورىۋىدىم   ،،،،،

zero903 2010-10-13 20:41
راسلا مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا

ئۇيغۇردىن ئەمەس ئۇيغۇردەك ياشىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىش كېرەك

tengriqut 2010-10-13 21:44
ئىنكاسقا ئىنكاسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسس

«راسلا مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا

ئۇيغۇردىن ئەمەس ئۇيغۇردەك ياشىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىش كېرەك»»»»»»»»»»»»»


بۇ گەپنى مەن خاتا چۈشنىۋالدىممۇ؟؟ ياكى ئىنكاسچى ئەپەندى خاتا يېزىپ قالدىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  ئۇيغۇردەك ياشىغانلىقىمىزدىن نۇمۇس قىلغىدەك  نېمە ئىش بوپتۇ؟؟؟؟؟؟  نۇمۇس قىلىش ئەمەس پەخىرلىنىش كىرەكقۇ دەيمەن؟؟؟!!!!  
  

amanxa 2010-10-13 23:20
راس دەيمەن نىمە گەپ بۇ ؟ ئۇيغۇرلار قانداق ياشاپتىكەن..سىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟      

tengriqut 2010-10-13 23:53
مەن ئۇيغۇر ..........
مەن دېمەكچى 8-قەۋەتتىكى قېرىندىشىمىز شۇنداق دەپتىكەن.....شۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلىدىم

ertvrk0997 2010-10-14 02:24
ئاللاھتائالاغا شۈكرى، كەڭساي مۇنبىرىگە 4- قېتىم ئەزا بولغنىمغا!!!!!!!!!!!!!!!! بىرنەچچە ئەزا بولۇپلا، بىر ئىككى كۈندىن كېيىن يوقلىپ كەتتىم، سەۋەبى نامەلۇم، يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تەگسىز خخياللارغا چۆمۈلدۈم، ئوي- پىكرىمنى تولۇق ئىپادە قىلاي دىسەم يەنە ويقۇلۇشتىن ئەندىشە قىلدىم.

rabiya 2010-10-14 10:56
ياخشى يېزىپسىز   ...................................

serguzexte 2010-10-14 11:52
مىللەتنى نادانلارچە ،قارىغۇلارچە سۆيۈش بىر ئاپەتتۇر ،خالاس!

kukbura 2010-10-14 12:49
   مەن مىللەت ھەققىدە  بىر پارچە شىئېرغا تەييارلىق قىلۋاتاتتىم، سىز مەندىن چاققان چىقىپسىز.

  مىنىڭمۇ تىمامنى كۆرگەندە ئىنكاس يىزىشنى ئۇنۇتماڭ،.

saba86 2010-10-14 14:04
ھەقىقەتەن ئېسىل ...................................................... ئىكەن.! .................. مىللىتىم .....

zero903 2010-10-14 15:58
ئىشلىتىش
引用第9楼tengriqut于2010-10-13 21:44发表的  :
ئىنكاسقا ئىنكاسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسس

«راسلا مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا

ئۇيغۇردىن ئەمەس ئۇيغۇردەك ياشىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىش كېرەك»»»»»»»»»»»»»
.......



كەچۈرۈڭ قېرىنسىشىم ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇردەك ياشىمىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىش كېرەك دىىمەكچىتتىم ئەسلى رەخمەت ئەسكەرتكىنىڭىز كە

juxkun-28 2010-10-14 18:49
ئىشلىتىش
引用第14楼serguzexte于2010-10-14 11:52发表的 :
مىللەتنى نادانلارچە ،قارىغۇلارچە سۆيۈش بىر ئاپەتتۇر ،خالاس!

مەن سەل دۆتىراق ،شوڭا بۇ ئىنكاسنى ئانچە چۈشەنمەي قالدىم . بولسا ئۇچۇقراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز . رەخمەت !

juxkun-28 2010-10-14 18:50
ئىشلىتىش
引用第15楼kukbura于2010-10-14 12:49发表的 :
   مەن مىللەت ھەققىدە  بىر پارچە شىئېرغا تەييارلىق قىلۋاتاتتىم، سىز مەندىن چاققان چىقىپسىز.

  مىنىڭمۇ تىمامنى كۆرگەندە ئىنكاس يىزىشنى ئۇنۇتماڭ،.

بولىدۇ قېرىندىشىم  .

era13 2010-10-14 19:57
كىسەلنڭمۇ ئۇلمىسىلا ساقىيدىغان ۋاقتى بولىدۇ !

bovay 2010-10-14 23:54
ھەر قانداق مىللەتتە ،ياخشى-يامانلار بولىدۇ .ناچارلىرى ئازسانلىقنى ئېگەللەيدۇ.
يېڭى تېمىدا شېىر يېزىپسىز ،ئەجرىڭىزگە كۆپ راخمەت !

sepnes 2010-10-15 15:05
قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قالغانلارمۇ خېلى جىق ئىكەن

alyar 2010-10-16 11:13
مەرھۇم ئاتاقلىق شائىرىمىز تىيىپجان ئېليوفنىڭ :

مېغىزى شاكىلى بار ھەر نەرسىنىڭ،
ئەي ئەقىل شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ.
بېيىيدۇ مىللتنىڭكى پەزىلىتى،
چۈشەنسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ...

دىگە مەزمۇندىكى بىر شىئىېرى ئېسىمگە كەلدى...

huxdil 2010-10-16 13:29
كۆڭلۇمدىكى گەپلەر ئىكەن ،رەخمەت.
بىز مۇشۇنداق خەق دەپ غاجىماي ،ناچارقىلىقلارنى تۈزەشكە تىرشايلى.

avam0507 2010-10-16 23:08
ئاھ !  نېمىدىگەن ئېسىل  تېما  بۇ،  مەن مۇشۇنداك تېمىنى كۆرۈشنى  ئۇزۇندىن  بۇيان  ئۈمىد   قىلىپ  كەلگەنىدىم .
مەن  مىللىتىمنى  سۆيىمەن  ، مىللىتىمدىن  پەخىرلىنىمەن !  بىزدىن  نى نى  ئالىملار ،  جاھاننى  تاڭ  قالدۇرغۇدەك ئىشلارمۇ  چىققان،  سىز  شېئىرىڭىزدا قەيىت  قىلغاندەك   بىر  ئىككى  چۈپرەندى  ، پەس ، ناچارلارنىڭ  مىللىتىمىزنى  ئۇچى  بۇچى  ، بىز  ئۇيغۇر  دېگەن  ئۇنداق خەق ، باشقىلار  بولسا  مۇنداق ، دەپ  جۆيىلىگىنى ھېچقانداق  ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك  قىلالمايدۇ ،خالاس!
شۇنداقلارغا دەيمەنكى  «بۆرە ئۆز  ئۇۋىسىغا  قاراپ  ھۇۋلىسا  قوتۇر  بۇلۇر»  _ ئۇيغۇر  خەلق ماقال  تەمسىلى
شىنجاڭ  مەدەنىيىتى  شۇرنىلى غا  ئەۋەتكەن بولسىڭىز  بولاركەن.  رەخمەت  سىزگە.

oglan 2010-10-17 01:00
مىللتىدىن تانغان ئەر ئەمەس!

yollugtikin 2010-10-17 22:23
ئوز مىللىتىنى <ناچار >دىگەن  كىشى ،ئوز قۇلى ياكى پۇتىدىكى بىر مەينەتنى كۇرۇپ قېلىپ ،ئادەم دىگەن مەينەت نەرسە دەپ ئادەمنى تىللايدىغان نادانلاردۇر خالاس......ياخشى يېزىپسىز ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

karawan 2010-10-17 22:36
ئىشلىتىش
引用第4楼xahadat于2010-10-13 11:06发表的 :
ياشاپ كىتىڭ !ئۆزمىللىتىنى يامان دىسە ياخشى مىللەتلەر ئەزاسى بولسۇن...... 

subat 2010-10-19 21:19
تورداش جۇشقۇن ~~ يولىغان تىمىلىرىڭىز  ھەقىقەتەن ئادەمنى  ئويغاسالىدۇ ~~~~
بولسا بىز دىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۇزۇتۇپ  ياخشى ئىللەتلەرنى  كىيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرايلى ~~~~
يارايسىز  مۇ شۇن داق تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز  ~~~

otukan 2010-10-28 00:17
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

abdul 2010-10-28 03:56
ھەي

arturkiy 2010-10-30 23:29
ياشاڭ.............................................................











ياشاڭ

salur 2010-11-01 14:29
سالام!ياخشى نىيەتلىك،ياخشى يولدا ماڭغۇچىلارغا!

alpacino 2010-11-08 00:55
ئېسىل  تېما...........................  

xirzat 2010-11-26 16:29
بۇ شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز .قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،     مەن  ئۇيفۇر   بۇلۇپ  تۇغۇلغانلىقىمدىن    بەك   رازىمەن .          مللىتىم   ئامان    بولسۇن .                              

nazukkiz 2010-11-26 16:37
بۇ شېئىر شۇنداق ياخشى يېزىلپتۇ.
قەلىمىڭىز بەك ئۆتكۈركەن.
ياخشى تېملارنى يوللىشڭىزغا تىلەكداشمەن.

tengriqut 2010-12-01 00:53
ئىشلىتىش
引用第8楼zero903于2010-10-13 20:41发表的  :
راسلا مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا

ئۇيغۇردىن ئەمەس ئۇيغۇردەك ياشىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىش كېرەك

ماگەپ سەل قاملاشمىدىمۇ يا مەن خاتا چۈشىنىۋالدۇممۇيا؟؟؟؟

tengriqut 2010-12-01 00:55
ئىشلىتىش
引用第31楼abdul于2010-10-28 03:56发表的  :
ھەي

ما ئاداش نەگىلا قارىسا « ھەي... » دەپلا  ئنكاس قايتۇرىدىكىنا ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ.................

huxpurak 2010-12-16 20:14
بۇ شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز .قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .

abdimijit 2010-12-20 17:44
بەك ياخشى يىزىپسىز مەنمۇ مۇشۇ تۇغۇرلۇق يازاي دىگەن  لىكىن  مەن يا شاېر  يا يازغۇچى ئەمەس ياخشى يازالماي  كۇلكىگە قالىمەن ھەقاچان ئۇزۇمۇزنى  ئۇزىمىز يامان دەپ يا بىزنى  خەنزۇلار  ياخشى دىسىنمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟مۇمكىن ئەمەس.................................ئاھ سۈيۈملۇك مىللەت
سىەن ماڭا بىر نىئمەت
قىلىمەن ساڭا خىزمەت
قىلمايمەن ئاڭا مىننەت

كۈرەش 2011-01-09 22:39
نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قىلىۋاتىمەن......مۇشۇ دەملەردە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ <ئەدەپ ئاچقۇچى> ناملىق كىتابىدىكى ھىكمەتلەر كاللامدىن قايتا بىر كەچتى.{مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەغدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر،مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەغدىردىمۇ سېخىيدۇر............} نىمىدىگەن چىرايلىق گەپلەر بۇ .......... قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن خۇدايىم......ئىھ سۆيۈملۈك خەلقىم ساڭا مەسئۇللىقىمىز بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدۇر...........................

123321 2011-02-09 17:10
تېمىڭىز بەك ياخشىكەن، دەل مەن دىمەكچى بولغان گەپلەرنى دەپسىز. ئەمما، ئەپسۇس...  سىز سۆيگەن ، دۇنيادا 20 مىليۇن نوپۇسى بار مىللىتىڭىزنىڭ نامىنى توغرا يېزىشنى بىلىۋىلىڭ. باشتا ئىملا خاتالىقىمىكىن دەپ ئويلىغان، كىيىن قارىسام، سىزنىڭ خاتالىقىڭىزكەن. بۇ سۈيۈملۈك مىللەتنىڭ نامى «ئۇيغۇر»، ھەرگىز«ئويغۇر»ئەمەس، بۇ بەك چوڭ خاتالىق.

كەچكى~شەپەق 2011-05-18 17:44
28-جۇشقۇن ،شېئىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم!كۆز قارىشىڭىزغىمۇ ھەم قوشۇلىمەن.تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىزنى كۈتىمەن.

ۋەتەن1 2011-06-13 05:09

dulbarqin310 2012-03-28 11:11
مىللىتىم ئۇيغۇر، ھەرگىز تانمايمەن...


查看完整版本: [-- ناچار دىمەڭ مىللەتنى(تەۋىسيە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059743 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us