引用第29楼sayram0998于2010-10-11 14:44发表的 :
ئەسسلالامۇ ئەلەيكۇم:ئەستەغفىرۇللا بۇرادەر قارىغاندا سىز تەۋزىھ نى ئوقۇغان ئوخشايسىز. قېنى بىز پىكىرلىشىپ باقايلى. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئۇسۇل فىقھى دەل نەھۋى قائىدىسىنى ئاساس قىلىدۇ.بولمىسا ھەرقانداق بىر ئايەت-ھەدىستىن ھۆكۈم ئېلىشتا زور قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن زاكات مەسرەپلىرىدە كەلگەن لىلمەساكىن سۆزىدىكى لامنى تەملىك ۋە تەخسىس ئۈچۈن دىگەن نەھۋى قائىدىسىنى ئۇسۇل فىقھىمۇ ئاساس قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. يەنە پائىل،مەپئۇل دىگەنلەرمۇ ،ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش قائىدىسىمۇ نەھۋى قائىدىىسى. ئۇسۇل فىقھى دەل مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ ھەم نەھۋى قائىدىسىنى بىلمىگەن ئادەم ئۇسۇل فىقھىنى بىلەلىشى ، توغرا ھۆكۈم چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس. سەلات سۆزىگە ئۇلۇنۇپ كەلگەن سۆزنىڭ سەلاتنىڭ قايسى مەنىسىنى ئۇقتۇرىدىغانلىقى مەسىلىسى يالغۇز نەھۋى قائىدىسىگىلا باغلىق ئەمەس. مەسىلەن،ئۇيغۇر تىلىدا «بېقىش» دىگەن سۆزنىڭ بىرنەچچە مەنىسى بار، بالا بېقىش بىلەن قىيا بېقىش ،تاماققا بېقىش دىگەن سۆزنى گىرامماتىكا بىلگەنگىلا پەرقلەندۈرگىلى بولامدۇ؟ بېقىش دىگەن سۆزگە غا،قا ،كە ،گە قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا قاراش ،نەزەر سېلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ،(تاماققا باقايلى دىگەندەك ) ئەگەر «نى» قوشۇمچىسى بىلەن كەلسە ئاسراش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.( بالىنى بېقىش دىگەندەك )گىرامماتىكا دىگەن جۈملىلەردە خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈگىنىدىغان پەن.ئۇنى بىلگەنگىلا يۇقارقى گەپنى بىلگىلى بولمايدۇ.
تىمىغا كەلسەك سىز دىگەندەك بولسا« سەللۇ ئەلەيھى ۋەسەللىمۇ تەسلىما »دىگەن ئايەتتىكى بۇيرۇقتىن « پەيغەمبەر ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭغا ئاتاپ ناماز ئوقۇڭلار» دەيدىغان خاتا مەزمۇن چىقمامدۇ؟ ئەمىسە تۆھپەتۇررەسۇل دەپ ئاتىلىدىغان بىدئەت ناماز پۈتكۈل ئۈممەتكە پەرز بوپقالمامدۇ؟ ياكى سىز شۇنامازنى ئوقۇمسىز؟ۋە ياكى سىز شۇنداق تەپسىر قىلغاننى كۆرگەنمۇ؟
يەنە نامازدىكى تەشەھھۇدتا «ئەللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن» دىگەن دۇرۇدنىمۇ «ئى اللە مۇھەممەدكە ئاتاپ ناماز ئوقۇغىن» دەپ تەرجىمە قىلامسىز؟
تەۋزىھ ۋە تەنقىھ تىكى گەپنى سىز توغرا چۈشىنەلمىگەن ئوخشايسىز.يەنە بىر گەپ پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانا ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىپقويۇشى ھەققىدە مەن ئىنكاسىمدا يازغان .بۇنى تەكرارلىمايمەن.