引用第11楼hurxidi于2010-10-01 23:57发表的 :
ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب، پۈتكۈل كائىناتتىكى جىسىملار مۇسبەت ۋە مەنپىي زەرەتتىن تۈزۈلگەن. بۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بارلىق جىسىملاردا ئالەملىك تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت. بۇ كۈچ ئۆزگەرمەيدۇ شۇڭا بىر دەقىقىمۇ خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر خىزمەت قىلىش جەريانىدا كونىراپ، ھېرىپ، قېرىپ، ئاخىرى ئۆلىدۇ. چۈنكى ئادەم ھايات بولغانىكەن، ھۈجەيرىلەر خىزمەتتىن توختىيالمايدۇ، بۇ ئۆلۈشنىڭ سەۋەبى.
ھامىلىنىڭ سېسىپ كەتمەسلىكىدىكى سەۋەب، ھامىلىدە جان بار. جان بولغان مەخلۇقنىڭ ئىسسىقتىن سېسىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ھايات مەخلۇق ھەرىكەت داۋامىدا توختىماستىن ئىسسىقلىق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. يەنە بىرسى، سىز بىرەر ھايات ئادەمنىڭ قاتتىق ئىسسىقتىن سېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەتىگەندىن-كەچكىچە تۇنۇرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ نان ياقىدىغان ناۋايلارمۇ سېسىپ كەتمەيدۇغۇ؟
