查看完整版本: [-- قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

oylinish 2010-10-01 22:35
مۇنازىرىلىشىپ باقايلى

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  كەڭرى زىمىندا قىسىلىپ ياشاۋاتقان كەڭ ساي ئەھلى!
       گەرچە بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمى << مۇنازىرە مۇنبىرى >> بولسىمۇ، ئەمما مۇنبەرگە  قاراپ باقسام، ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان ھەقىقىي مۇنازىرە خارەكتىرىدىكى تىمىلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. شۇڭا سىلەر بىلەن مۇنداق بىر زۆرۈر ھەم ئالاھىدە تىما ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەكچىمەن:
       مەن ئويلايمەنكى، بۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقان ھەممىمىز مۇسۇلمان. شۇنداق بولغانىكەن، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىز ئېنىق. ئەمما بۇ ئىشىنىشنىڭ دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ. بەزىلىرىمىز بۇنى دىلىمىزدا ھەم تىلىمىزدا تەستىق قىلىپ، ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىلىدىكى ئىشەنچىسى تازا كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، ئېغزىدا ئېيتىقىنىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشمايۋاتىدۇ. 
       مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىمانىڭىز  كۈچلۈك بولسۇن ياكى ئاجىز بولسۇن، سىزنىڭ بىر ئىمانلىق ئادەم بولغانلىقىڭىز سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىڭىز. سىزنىڭ بىر ئېغىز ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتقانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا، پۈتۈن زىمىندەك كېلىدىغان ئالتۇن كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك.شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن بەخىتلىك ۋە باي دەپ بىلىڭ. شۇ سەۋەپتىن،  بىزنى مۇشۇ كەلىمىنى ئېيتىيالايدىغان كىشلەردىن قىلىپ، ئاشۇنداق زور بايلىققا ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا چەكسىز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
     يۇقىرىكىدەك زور بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يەنە نەچچە ھەسسە كۆپ بايلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟  ئەگەر ئارزۇ قىلسىڭىز بۇنىڭ بىردىنبىر يولى __ ئىمانىڭىزنى مۇستەھكەملەش.  ئىماننى مۇستەھكەملەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ياراتقۇچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇش. ياراتقۇچىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنۇشنىڭ مۇھىم بىر يولى __ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىكى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش.
   مانا مەن بۇ يەردە دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەر بىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە تەپەككۇر يۈرگۈزمەكچىمەن. شۇڭا، ھەر بىرىڭلارنىڭ، مېنىڭ بۇ ئىشىمنى قوللاپ بېرىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش دەرىجىسىنى سىناپ بېقىشىڭلارنى، بۇ ئارقىلىق چۈشەنچەڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىشىڭلارنى، ئەگەر چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولساڭلار چۈشەنچىسى كەمچىل كىشلەرنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن پىكرىڭلارنى تارتىنماستىن بايان قىلىپ بېقىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
      
      سوئال:بىز ياشاۋاتقان بۇ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى زات بارمۇ؟
       ئەگەر بار بولسا، ئۇ زات كىم؟ 
       ئۇ زات بىرمۇ ياكى بىردىن ئارتۇقمۇ؟

         تەپەككۇرىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز قېنى مۇنازىرىگە مەرھەمەت:

     ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ مۇنازىرىدە باشتىن ئاخىر ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. يەنى، قۇرئاندىن ياكى باشقا كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرمەستىن، ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىدا بار بولغان چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، تەپەككۇرىمىزنى بايان قىلىمىز.
    تارماق ئەسكەرتىش: بۇ مۇنازىرە داۋامىدا، مەن باشتىن -  ئاخىر بىر دىنسىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن.  بۇ ئارقىلىق چۈشەنچىمىزنى بارا-بارا چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئەمما مەن دىنسىز ئەمەس!

ئەلى 2010-10-01 22:50
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسەلام
1.بار
2.ئۇ  زات  پۈتۈن  كائىناتنىڭ  ئىگىسى  ئاللاھ~~
3.ئۇ  بار  ۋە  بىردۇر.
ھەر قانداق  بىر  ئەقلى ھوشى  جايىدا  ئىنسان  بۇنى  ئېتراپ  قىلىدۇ.
قالغان  پىكىرىمنى باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا  قارىتا  يازاي~~~

forever 2010-10-01 23:05
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسلام
بىرنچى سۇئالىڭلارغا ئسلامدىن باشقا دىندىكلەر مۇ خۇدا بار دەيدۇ (دىنسىزدىن ئادەمدىن سىرت)
ئىككىنچى: سۇئالىڭلارغا ئۇزات اللەھ  لىكىن بەزىلەر اللەھنىڭ بارلىقىنى يۈزەكىلە بىلىدۇ قەلبى بىلەن ھەققىي ھىس قىلدىغانلار ئاز
ئۈچۈنچى:سۇئالىڭلارغا ھەققىي مۇسۇلمانلاردىن باشقىسى شىرىك كەلتۈرىدۇ مەسلەن:ناسارالار ئۈچ خۇدا باردەيدۇ مۇشرىكلەر بۇتلارنى اللەھ غا شىرىك قىلدۇ بەزەن مۇسۇلمانلارمۇ بىلپ بىلمەي اللەھ غا شىرىك كەلتۈرۈپ قۇيىدۇ!!

zero903 2010-10-01 23:07
1بار ئۇ پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ دۇر
2ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقى مۇتلەقدۇر

ئالەمنىڭ مۇشۇنداق نۇقسانسىز يارىتىلىشى  ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى پولاتتەك ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ

ئەگە بىز تەپەككۇر قىلساق مۆجىزە تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ

karawan 2010-10-01 23:07
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسەلام ۋەرەھمۇتۇلۇللاھى ۋەبەركاتھى
1.بار
2.ئۇ  زات  پۈتۈن  كائىناتنىڭ  ئىگىسى  ئاللاھ~~
3.ئۇ  بار  ۋە  بىردۇر.

oylinish 2010-10-01 23:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  ئەلى، forever، zero903،  karawan  سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ جاۋابىڭلار توغرا چىقىپ قالدى، بۇ جاۋابنىڭ ھەقىقىي دىلىڭلاردىن چىققانلىقىنى ياكى مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ جاۋابنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلار كېرەك. چۈنكى، بۇنداق جاۋاپ ھىچكىمنى قايىل قىلالمايدۇ، نىمىشقا دىگەندە، بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشتىكى قايىل قىلارلىق ئاساس يوق. ئەگەر ئاساسىڭلار توغرا بولسا، ئاندىن قۇبۇل قىلساق بولىدۇ.  ئاساسسىز گەپ قۇبۇل قىلىشقا يارىمايدۇ.

ئەلى 2010-10-01 23:18
ناسارالار  ئۈچ  خۇدا  بار  دەپ  قارىمايدۇ،بەلكى  ئۇلار  ئۆزلىرىنىڭ  بۇتلىرىغا چوقىنىدۇ،بۇ قانداقتۇر ئۇلارنى
ئىلاھ دېگەنلىك  ئەمەس،بەلكى ئاللاھ  بىزنىڭ  ئىباتىمىزنى  قوبۇل قىلمايدۇ،بىز  پەقەت مۇشۇ  بۇتلار  ئارقىلىلا
ئاللاھ بىلەن ئالاقە باغلىيالايمىز،ئۇلار  ئارقىلىق  ئاللاھ  بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزنى  قوبۇل  قىلىدۇ،دەپ  قارايدۇ.
شۇ  بۇتلىرىنى ئۆزلىرى  بىلەن  ئاللاھ  ئارىسىدا  ۋاستە  قىلىدۇ .

bilim 2010-10-01 23:18
1-بار
2-ئاللاھ
3-بىر
مۇسۇلمان بولغان  كىشى شۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
ئەمدى .دۇنيادىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇنداق جاۋاپ بىرلىككە كەلمەيدۇ.

qirchin 2010-10-01 23:19
ئىخلاس مەڭگۈدۇر،تائەت بىر تامچە.
ۋاقىت مەڭگۈدۇر،سائەت بىر تامچە.

zero903 2010-10-01 23:32
ئىشلىتىش
引用第5楼hurxidi于2010-10-01 23:14发表的  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  ئەلى، forever، zero903،  karawan  سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ جاۋابىڭلار توغرا چىقىپ قالدى، بۇ جاۋابنىڭ ھەقىقىي دىلىڭلاردىن چىققانلىقىنى ياكى مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ جاۋابنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلار كېرەك. چۈنكى، بۇنداق جاۋاپ ھىچكىمنى قايىل قىلالمايدۇ، نىمىشقا دىگەندە، بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشتىكى قايىل قىلارلىق ئاساس يوق. ئەگەر ئاساسىڭلار توغرا بولسا، ئاندىن قۇبۇل قىلساق بولىدۇ.  ئاساسسىز گەپ قۇبۇل قىلىشقا يارىمايدۇ. [


ئاسماندا نۇرغۇن ئاسمان جىسىملىرى بىرخىل يۆنىلىشتە ھەرۋاقىت ئايلىنىپ تۇرىدۇ،ئەگەر بىر پىلانېتا بىر دەقىقە خاتالىق پەرقىدە ئايلىنىپ قالسا بىر -بىرىكە سۇقۇلۇپ كېتىدۇ
ئەجەبا بۇنى بىر قۇدىرەتلىك ئىلاھ كۇنتۇرۇل قىلىپ تۇرمامدا،

نىمە ئۈچۈن ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ ،  ئىلىم پەن ئاتۇمدىن زەرە تاپتى لېكىن ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتىلالىدىما

لەختە گۆش ئانىنىڭ قۇرسىقىدا  30نەچچە كۈن 35-36گىردۇستا تۇرۇپ سىىسىماي بىر ھامىلىگە ئايلىنىدۇ ،بىر پارچە گۆشنى بىز 39گىرادۇسقا 1كۈن قۇيۇپ قۇيساق سىسىپ كېتىدۇ ،بۇ نىمە ئۈچۈن

دەلىللە ناھاييتى كۆپ  مەن شەكسىز ئىمان كەلتۈرىمە

ئەلى 2010-10-01 23:45
ئۇنداقتا مەن  تەپسىلىي  توختىلاي~~~
يۇقىرىقى  جاۋابلارنىڭ  ئاساسى:
1.بىز  بىر  يېمەكلىك زاۋۇتى  بار  دەپ پەرەز قىلايلى،بىراق  ئۇنىڭدا  مال  ئىشلەپچىقارغۇچى يوق،
مال توشۇغۇچى يوق،رەھبەرلىك  قىلغۇچى  ھەم يوق.بىراق  ماللار  ئۆزلىكىدىن ياسىلىپ،توشۇلۇپ،ھەرقايسى دۇكانلارغا سېلىنىدۇ،مۇشۇنداق  بىر  زاۋۇت  بار  دېسە  سىز  ئىشىنەمسىز؟ئەقلى  بار  كىشى  ئىشىنەمدۇ؟جاۋابى ياق. دۇنيادا ھېچقانداق
  بىر نەرسە ئۆزلىكىدىن  پەيدا  بولۇپ  قالمايدۇ،شۇنداق  بولغانىكەن،شۇنداق چوڭ پىلانىتلار  قانداقمۇ  ئۆزلىكىدىن  پەيدا  بولۇپ  قالسۇن.دېمەك  بۇ  يەردە  بىر  ياراتقۇچى بار.
ئۇ ياراتقۇچى  دەل بارلىق  كائىناتنى  ياراتقۇچىدۇر.ھەممىمىزگە  مەلۇم ئالەم  بوشلىقىدا  شۇنداق  كۆپپىلانت  ۋە  سەييارىلەر  يۇلتۇزلار  بىرلىكتە ھەرىكەت  قىلىدۇ،لېكىن قايسى  بىرى ئۆز  ئوربىتىسىدىن  چىقىپ كونتىروللىقىنى  يوقىتىپ  باققان.ئۆسۈملۈك،ھايۋانات ۋە  باشقا  جانلىقلارنى  ئۆز  ئالدىغا
 ئۆسۈش قانۇنىيىتى بار،بۇ قانۇنىيەت  ھەم ھەممىمىزگە  ئايان.بۇلاردىن  ھەم  چاتاق  چىقىپ،ئىنسان كالا  تۇغىدىغان،قوي ئادەم  تۇغىدىغان  ئىشلار  كۆرۈلمىگەن.ھەممىسى  بىر  خىل  قانۇنىيەت  ئىچىدە تەرەقىقىي قىلغان.
دەل  مۇشۇنداق تەرتىپلىك ئايلىنىش  پەقەت ۋە پەقەت  بىرلا  باشقۇرغۇچى  بولۇشنى  كەسكىن تەلەپ قىلىدۇ.ئۇنىڭ  
ئۈستىگە بۇ  باشقۇرغۇچى  چوقۇمكى ھەممە  شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى  بىلىدىغان  زات  بولۇشى كېرەك،شۇندىلا  شۇ 
 شەيئىنى  كونتىرول قىلالايدۇ.دېمەك  بۇ باشقۇرغۇچى  ئېنىقكى  شۇ نەرسىلەرنىڭ  ياراتقۇچىسىدۇر.
2.ئەقلى  نورمال  ئىنسان  ئاللاھنى ئېتراپ  قىلىدۇ.بۇ  ئىنساننىڭ  تەبئىي خۇسۇسىيىتى.مەسىلەن بىر كىشى قاتتىق كېسەل بولدى،دوختۇر  ھەم  داۋالىيالمىدى،ئۆلۈم  گىردابىغا  بېرىپ  قالدى،دەل شۇ  ئەل  ئامالسىز  قالغاندا ئىختىيارسىز ئاھ  خۇدا  دەيدۇ،يا  خۇدادىن  زارلىنىدۇ،ئىشقىلىپ  بۇ  دۇنيادا  تۈرلۈك  سەۋەپلەر  بىلەن خۇدانى ئىنكار  قىلغان  بىلەن،
ئىنسان  قەلبى يەنىلا  خۇدانىڭ  بارلىقىنى ئىنكار  قىلمايدۇ.
3.قەدىمدىن  تارتىپ  نۇرغۇن  پەيغەمبەرلەر  كەلگەن،بۇ پۈتۈن  دۇنيا ئەھلىگە  ئايان.ئەنە  شۇلار  ئاللاھنىڭ دىنىنى  ئېلىپ  كەلگەن،ئىنساندا  بولمىغان  مۆجىزىلەنى  ئوتتۇرىغا  چىقارغان.مۇشۇنچىلىك  يازاي،قالغىنىنى 
 كېيىنكى  ئىنكاسا  قارىتا يازىمەن،،،،

oylinish 2010-10-01 23:57
ئىشلىتىش
引用第9楼zero903于2010-10-01 23:32发表的 :


ئاسماندا نۇرغۇن ئاسمان جىسىملىرى بىرخىل يۆنىلىشتە ھەرۋاقىت ئايلىنىپ تۇرىدۇ،ئەگەر بىر پىلانېتا بىر دەقىقە خاتالىق پەرقىدە ئايلىنىپ قالسا بىر -بىرىكە سۇقۇلۇپ كېتىدۇ
ئەجەبا بۇنى بىر قۇدىرەتلىك ئىلاھ كۇنتۇرۇل قىلىپ تۇرمامدا،

.......

     ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب، پۈتكۈل كائىناتتىكى جىسىملار مۇسبەت ۋە مەنپىي زەرەتتىن تۈزۈلگەن. بۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بارلىق جىسىملاردا ئالەملىك تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت. بۇ كۈچ ئۆزگەرمەيدۇ شۇڭا بىر دەقىقىمۇ خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ. 
   ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر خىزمەت قىلىش جەريانىدا كونىراپ، ھېرىپ، قېرىپ، ئاخىرى ئۆلىدۇ. چۈنكى ئادەم ھايات بولغانىكەن، ھۈجەيرىلەر خىزمەتتىن توختىيالمايدۇ، بۇ ئۆلۈشنىڭ سەۋەبى.
   ھامىلىنىڭ سېسىپ كەتمەسلىكىدىكى سەۋەب، ھامىلىدە جان بار. جان بولغان مەخلۇقنىڭ ئىسسىقتىن سېسىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ھايات مەخلۇق ھەرىكەت داۋامىدا توختىماستىن ئىسسىقلىق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. يەنە بىرسى، سىز بىرەر ھايات ئادەمنىڭ قاتتىق ئىسسىقتىن سېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەتىگەندىن-كەچكىچە تۇنۇرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ نان ياقىدىغان ناۋايلارمۇ سېسىپ كەتمەيدۇغۇ؟

ئەلى 2010-10-02 00:11
ئۇنداقتا  سىز  جاۋاب  بېرىڭ خۇرشىدى  ئەپەندى:
1.كۈچ  جىسىمنىڭ  جىسىمغا  بولغان  تەسىرىدۇر،دېمەك  كۈچنىڭ  مەنبەسى  دەل  جىسىم.ئۇنداقتا
ئاشۇ  غايەت زور  جىسىملار  نەدىن  پەيدا بولغان؟
2.ھامىلە  مەسىلىسى ،ئالىملار  يېقىنىقى يىللار مابەينىدە بۇنى ئېنىقلىدى.بىزگە بۇنىڭدىن1400 
 نەچچە  يىل ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  قۇرئان كەرىم ئارقىلىق  يەتكۈزۈپ  بولغان.
ئۇنىڭدا  يەنە ھامىلىنىڭ ھەرقايسى  باسقۇچلىرىدىكى ئاتىلىش  ناملىرى  ھەم
تەپسىلىي  ئېنىق  ئوتتۇرىغا  قويۇلغان،ھازىرقى  دۇنيا  تىببىي  پەن  ئالىملىرى  بۇنىڭغا  ئىقرار.
يەنە  شۇنىسى  ئېنىقكى پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامنىڭ ساۋاتسىز  كىشى  ئىكەنلىكى  پۈتۈن  دۇنيا 
 ئەھلىگە  ھەم ئايان،شۇنداق  تۇرۇپ ئاشۇنداق  مۆجىزىلەرگە  تولغان  قۇرئان  كەرىمنى  بىر  ساۋاتسىز كىشىنىڭ  بارلىققا  كەلتۈرىشى  مۇمكىنمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە  شۇ  دەۋردىكى تېخنىكا  بىلەن  بۇنى  بارلىققا  كەلتۈرۈش  تېخىمۇ  مۇمكىن  ئەمەس،شۇنداق بولغانكەن
قانداق كىشى  بۇنى  قوبۇل  قىلالايدۇ؟

zero903 2010-10-02 00:20
ئىشلىتىش
引用第11楼hurxidi于2010-10-01 23:57发表的  :

     ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب، پۈتكۈل كائىناتتىكى جىسىملار مۇسبەت ۋە مەنپىي زەرەتتىن تۈزۈلگەن. بۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بارلىق جىسىملاردا ئالەملىك تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت. بۇ كۈچ ئۆزگەرمەيدۇ شۇڭا بىر دەقىقىمۇ خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ. 
   ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر خىزمەت قىلىش جەريانىدا كونىراپ، ھېرىپ، قېرىپ، ئاخىرى ئۆلىدۇ. چۈنكى ئادەم ھايات بولغانىكەن، ھۈجەيرىلەر خىزمەتتىن توختىيالمايدۇ، بۇ ئۆلۈشنىڭ سەۋەبى.
   ھامىلىنىڭ سېسىپ كەتمەسلىكىدىكى سەۋەب، ھامىلىدە جان بار. جان بولغان مەخلۇقنىڭ ئىسسىقتىن سېسىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ھايات مەخلۇق ھەرىكەت داۋامىدا توختىماستىن ئىسسىقلىق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. يەنە بىرسى، سىز بىرەر ھايات ئادەمنىڭ قاتتىق ئىسسىقتىن سېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەتىگەندىن-كەچكىچە تۇنۇرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ نان ياقىدىغان ناۋايلارمۇ سېسىپ كەتمەيدۇغۇ؟


تارتىش كۈچى نەدىن كەلگەن ،مەنپى مۇسبەت زەرەت ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغانمۇ ،

شۇ جانسىز مەنئى قانداق ئىش تۈپەلى بىر جانلىق مەۋجۇداتقان ئايلانغان ،

بۇ ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ

oylinish 2010-10-02 00:21
ئىشلىتىش
引用第10楼ئەلى于2010-10-01 23:45发表的 :
ئۇنداقتا مەن  تەپسىلىي  توختىلاي~~~
يۇقىرىقى  جاۋابلارنىڭ  ئاساسى:
1.بىز  بىر  يېمەكلىك زاۋۇتى  بار  دەپ پەرەز قىلايلى،بىراق  ئۇنىڭدا  مال  ئىشلەپچىقارغۇچى يوق،مال توشۇغۇچى
يوق،رەھبەرلىك  قىلغۇچى  ھەم يوق.بىراق  ماللار  ئۆزلىكىدىن ياسىلىپ،توشۇلۇپ،ھەرقايسى دۇكانلارغا
سېلىنىدۇ،مۇشۇنداق  بىر  زاۋۇت  بار  دېسە  سىز  ئىشىنەمسىز؟ئەقلى  بار  كىشى  ئىشىنەمدۇ؟جاۋابى ياق.
.......

1. پىلانىتىلار ئۆزىچىلا پەيدا بولۇپ قالمىغان.بەلكى بۇ ئالەم ئەزەلدىن بار ئىدى، ئالەمدىكى شەيئىلەر ئۆزلىرىدىكى ئىچكى كۈچ سەۋەبىدىن، توختىماستىن بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈچ تەسىرىدىن خىلمۇ-خىل ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ. يەنە بىرسى، پىلانىتلارنى تۈزگۈچى ماددىلار بىر بىرىنى ئۆزىگە تارتىغانلىقتىن ئاشۇنداق شارسىمان ھالەت شەكىللەنگەن. ھەم ئاشۇ شارسىمان پىلانىتىلار بىر بىرىگە كۈچ ھاسىل قىلغانلىقتىن شۇ ھالەتتە تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ھالىتى يەنە ئۆزگىرىدۇ، ھازىرمۇ ئىنتايىن ئاستا ئۆزگىرىۋاتىدۇ.چۈنكى ئۆز ئارا تەسىر مەۋجۇت.
2. بۇ ئىدىيىنىڭ خاتالىقى ماركىسنىڭ دىنغا بەرگەن ئېنىقلىمىسىدا ئېنىق ئېيتىلغان:<<بارلىق دىنلار  كۈندىلىك تۇرمۇشىتا ئۇچراۋاتقان تاشقى كۈچلەرنىڭ كىشلەر مېڭىسىدىكى بۇرمىلانغان ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى. >>
3. بۇرۇنقى زاماندا بەزى كىشلەر ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسىتپ، پەيغەمبەر دەۋالغان ھەم بەزى سىھرىگەرلىك ئۇسۇللىرى بىلەن كىشلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان.

oylinish 2010-10-02 00:30
ئاشۇ غايەت زور جىسىملارنىڭ مەنبەسى ئەزەلىي مەۋجۇت بولغان <<ماددا>>. ماددىلار ئاشۇنداق ھەرۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ماددا يوقالمايدۇ، يوقتىن پەيدا بولمايدۇ، پەقەت بىر خىل شەكىلدىن ئىككىنچى بىر شەكىلگە ئۆزگىرەيدۇ، بەزىدە گاز ھالىتىدە بولىدۇ، بەزىدە ئاشۇنداق غايەت جىسىملارغا ئايلىنىدۇ. ئېنىقكى، بۇ يوقتىن بار بوپقالغان ئەمەس، پەقەت ئۆزگىرىشنىڭ  نەتىجىسى.
كىينكى قۇرئان توغرىسىدا دىگەن گىپىڭىزگە كەلسەك، دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار بىر بىرىگە ماس كېلىپ قالىدۇ، بۇلار پۈتۈنلەي تاساددىبىيلىق، ھامىلىنىڭ ئىشى مۇنداقلا توغرا كىلىپ قالغان، ياكى، ئىلگىرىكى مەلۇم بىر دەۋىردىمۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتى بىر قېتىملىق تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنىڭ نەتىجىلىرى كىيىنكى دەۋىرگە قېپقالغان.
  يەنە بىرسى، سىزنىڭ بۇ ھامىلە توغرىسىدىكى سۆزلىرىڭىزگە جاۋاپ بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، چۈنكى سىز بۇ يەردە مۇنازىرە قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدىڭىز. <<ئالاھىدە ئەسكەرتىش >> تە قۇرئاندىن نەقىل كەلتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

ibrayim 2010-10-02 00:33
ئاللاھنى ھەقىقى تونىغان كىشى ئۈچۈن ئۇنى ئىسپاتلايدىغان سۆزلەر مىسلىسىز دۇر،مىسلىسىز سۆز ئبارىلەرئاللاھنى ھەقىقى تونىغۇچىنى ھەرگىزمۇقانائەتلەندۈرەلمەيدۇ،

zero903 2010-10-02 00:58
ئىنجىلدا ،پەرۋەردىگار بىز دۇنيانى 6كۈندە نۇقسانسىز كەمكۈتىسىز قىلىپ ياراتتۇدەپ قەيت قىلسا

بىر فىزىكا ئالىمى يارتقىنىنى كىم كۈرۈپتۇ دەپ سوئال قۇيۇپتىكە سىزمۇ ئاشۇنداق سوئال قۇيۋاتىسز جۇمۇ
لېكىن رەنجىشكىمۇ بولمايدۇ ،  

zero903 2010-10-02 01:05
ئىشلىتىش
引用第15楼hurxidi于2010-10-02 00:30发表的 12(ئەلى)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس :
ئاشۇ غايەت زور جىسىملارنىڭ مەنبەسى ئەزەلىي مەۋجۇت بولغان <<ماددا>>. ماددىلار ئاشۇنداق ھەرۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ماددا يوقالمايدۇ، يوقتىن پەيدا بولمايدۇ، پەقەت بىر خىل شەكىلدىن ئىككىنچى بىر شەكىلگە ئۆزگىرەيدۇ، بەزىدە گاز ھالىتىدە بولىدۇ، بەزىدە ئاشۇنداق غايەت جىسىملارغا ئايلىنىدۇ. ئېنىقكى، بۇ يوقتىن بار بوپقالغان ئەمەس، پەقەت ئۆزگىرىشنىڭ  نەتىجىسى.
كىينكى قۇرئان توغرىسىدا دىگەن گىپىڭىزگە كەلسەك، دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار بىر بىرىگە ماس كېلىپ قالىدۇ، بۇلار پۈتۈنلەي تاساددىبىيلىق، ھامىلىنىڭ ئىشى مۇنداقلا توغرا كىلىپ قالغان، ياكى، ئىلگىرىكى مەلۇم بىر دەۋىردىمۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتى بىر قېتىملىق تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنىڭ نەتىجىلىرى كىيىنكى دەۋىرگە قېپقالغان. []


ئېنىر كىيە يوقالمايدۇ ،يۇقلۇقدىن بارلىققا كەلمايدۇ ،پەقەت بىرخىل شەكىلدىن بىرخىل شەكىلكە ئۆزكۈرىدۇ سىز مۇشۇنى دەلىل قىلۋالدىڭىز ما<

بۇغداينى تېرىپ ھۇسۇل ئالدۇ نىمە ئۈچۈن زاۋۇت كارخانىلاردا ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ ،

6مىليارد ئادەمدە 6مىليارا چىراي شەكىلى بار، نىمە ئۈچۈن نەچچە مىليارد چۈمۈلىدە بىرلا خىل چىراي شەكىلى بار ،بىز ئوخشاش بىر مەخلۇق تۇرساق

سەيياررىلەر ھەرخىل شەكىلكە ئۆزگىرىدىغان ماددا باردېسەك نىمە ئۈچۈن پەقەت يەرشارىدا ھاياتلىق بار

ibrayim 2010-10-02 01:27
خۇرشىد ئەپەندى باشتا ئېيتىپ ئۆتكەن،ئۇ مۇنازىرىدە قۇرئاننى پاكىت قىلمايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا بىرىلگەن جاۋاپلار مىنىمۇ قايىل قىلالمايدۇ،.ئەمما مەن بۇسۇئاللارغا شۇنداق جاۋاپ بىرىمەنكى:مەن تونىغان خۇدا <<ئەزىلى مەۋجۇت بولغان ماددا>>نى مەۋجۇت قىلغان خۇدا ؛ئاندىن ئۇنى (<<پارتلىتىپ>>بىگباڭ نەزىريىسىنى دىمەكچى)كائىناتنى بەرپا قىلغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنى كېڭەيتىپ مىليارت گالاكسىيەلەرگە بۆلگەن خۇدا. ئاندىن ئۇنىڭدىن سامان يولى سېستىمىسىنى تاللىغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنىڭدىن ئاجىز ئىنسان غا لايىق قۇياش سېستىمىسىنى تاللىغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنىڭدىن ھەرۋاقىت بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئانىغا ئوخشاش بىزنى بېقىۋاتقان،ئىنسان ئۈچۈن ھەممەنەرسىسى تۇلۇق بولغان يەرشارىنى پەقەت بىز ئىنسانلار ئۈچۈن بەرپا قىلغان خۇدا؛
....ياراتقۇچىنى تونۇش ئۈچۈن كائىناتنى تەمسىل قىلىش مىليۇن پاكىتلارنىڭ بىرى خالاس.!!!
بەزىلەر<< تەدرىجى تەرەققىيات>>دەپ بىر گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشىدۇ ئەمما مەن دەيمەنكى :مەن ئىتىقاد قىلىشقالايىق خۇدا ،ماددىلارنى ئاشۇنداق تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرغان خۇدا؛ئىنساننىڭ ئاشۇ ياراتقۇچىنى مىڭلارچە پاكىت توپلاپ ئىنكار قىلماقچى بولغان <<ئۆتكۈر>>مىڭىسىنى بەرپا قىلغان خۇدا؛
   ئاندىن مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇم قۇدرىتىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان خۇدا؛
ئاندىن مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ،ئېي ياراتقۇچىم ئاللاھ.......دەپ تونىغان ئاللاھ.

ibrayim 2010-10-02 01:35
ھەراست .خۇرشىدى. يوللىغان تىمىڭىزدىن ناھايتى خۇسەن بولدۇم رەھمەت.!

ansari 2010-10-02 03:06
1-بار . ئۇنىڭ ئەقىلى دە لىلى مەسلەن بىر تال تۇخۇنىڭ تۈكىنى 100 يىل . ھەتتا نەچچە 1000 . يىل بىر يەردە قويسىڭىز ئۇ ئىچكى ۋە تاشقى كۈشنىڭ تەسىرسىز ئۆز ئورىندىن بىر سانتى مىتىرمۇ يۆتكىلىپ قالمايدو . مانا بۇ ھازىرقى تەرەققى يات نىڭ پىشۋالىرى ئىتراپ قىلغان قانۇنيەت ، ئەجبا ئاشۇ ئاسمانلاردىكى ئاجايىپ ھەركەتلە ، ۋە زىمىندىكى ھەرخىل ئۆزەىرىشلەر ئۆزلىكىدىن بوپقالارمو ؟ ئەقىلنى جايدا ئىشلەتكەن ئادەم ھەرگىز ئۇنداق قارمايدۇ ، ئادەم راستنلا ئۆزەگىرىشچان مەخلۇق بولدىغان بولسا ماۋۇ سۈرتىمىز دىن باشقا بىر شەكىلگە كىرىپ قالغان بۇلاتتۇق .  بۇ كۆز قاراش خاتا، ئادەم نىڭ تۇپراقتىن يارالغانلىقىغا ئەڭ ئاددى بىر دەلىل تۇپراق تىن چىققان نەرسىلەرنى يەيمىز ۋە تۇپراققا ئايلىنىمىز ، يەنە بىز نىڭ ئەڭ چوڭ ئاسا سىمىز  قۇلمىزدا  قۇرئان ۋەھەدىس بار ، مانا بۇ پۈتۈن ھەممىنىڭ چىر تىيوسى ، قېنى سىز  دىگەن ئاشۇ جانسىز تەبىئەت بۇنىڭ ئوخشىدىن بىرەر سوزنى مەيدانغا ئېچىقىپ باقسون ؟
2- ئۇ ، ئاللاھ ،  ئەمسە ئۇ قېنى دەمسىز  .  ئۇنى بۇ ئاددى كۆزبىلەن كۆرەگىلى بولمايدو چۈنكى بىز يارال غۇچى
ئاۋۋال سىز ئۈزڭىزدىكى ، جاننى ، ئەقىلنى ، ۋە ھاۋەنى ، بىزگە كۆرسىتىڭ ئاندىن بىز سىز گە ئاللا نى كۆرسىتىپ بىر مىز،
3- ئۇزات بىر دۇر  ، بولمىغان بولسا ، كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەركىتى قالايىمقان لىشىپ كەتكەن بۇلاتتې ،  
بۇ  جاۋاپنى ناھايتىمۇ قىسقار تىپ يازدىم  كەڭ دائىردە چۈشنىۋېلشىڭ لارنى ئۈمىت قىلمەن

ansari 2010-10-02 03:16
كەچۈ رىڭ قېرىندىشىم مەن سالام قىلىشنى ئۇتۇلۇپ قاپتىمەن ،  ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام

ئەلى 2010-10-02 09:52
مەن يۇقىرىدا  ھامىلە  توغرىسىدا  سۆزلىسەم  سىز  توغرا  كېلىپ  قېلىش  دېدىڭىز~~~
ئەمىسە  مەن  يەنە  بىر  قانچە  مىساللارنى  كەلتۈرەي بۇنىمۇ توغرا  كېلىش  دەپ  قارامسىزكىن......
1.پروفېسسور ،گىئولوگىيە  ۋە  ئاستىرونومىيە  ئالىمى  ئالفەرد كرونېر ھە دېسىلا پۇرسەت  ئىزدەپ قۇرئاندىكى
ھەقىقەتنى  بۇرمىلايتى.بىر  قېتىملىق  سۆھبەتتە ئۇنىڭدىن ئىسلام  ئالىملىرى  ئۇنىڭغا ئالەمنىڭ يارىتىلىشى
توغرىسىدىكى ئايەتلەرنى  بايان قىلدى. ئەلۋەتتە  ئۇ كافىر  بولسىمۇ،ئىلىم-پەنگە  كۆز يۇممايدىغان ئالىم.
پاكىت  ئالدىدا  شۇنداق  دېدۇكى:مېنىڭ  قارىشىمچە،1400 يىل بۇرۇن ئاتوم فىزىكىسىنى بىلمەيدىغان بىر
شەخىسنىڭ،ئاسمانلار  ۋە يەر شارىنىڭ ئەسلىدە بىر-بىرىگە تۇتاش بىر جىسىم  ئىكەنلىكىنى ۋە بىز مۇھاكىمە قىلىپ
ئۆتكەن باشقا مەسىلىلەرنى ئۆز ئەقلى بىلەن تېپىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.دېدى.چۈنكى  يۇلتۇزلارنىڭ قانداق
پەيدا بولغانلىقى  ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى  ئىنسانلار ئىنچىكە تېخنىك  سايمانلارنى  ئىشلىتىپ،يېقىنقى يىللاردا
بىلگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساۋاتسىز  كىشى ئىدى،ئۇنىڭ ئۆز ئەقلىگە  ۋە زامانىسىدىكى تېخنىكىغا تايىنىپ
بۇلارنى  بىلەلىشى  مۇمكىن  ئەمەس.
ئۇنىڭدىن يەنە  مۇنداق  سۇئال  سورالغان:ئەرەن يېرىم ئارىلىدا باغۇ-بوستانلار،ئېرىق-ئۆستەڭلەر بولغانمۇ؟
ئۇ  دېدىكى:شۇنداق،بولغان،بۇ پالېئونتولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان.
قاچان بولغان دەپ  سورالغاندا. ئۇ : يەرشارىدا بولۇپ ئۆتكەن،مۇز دەۋرىدە شۇنداق  بولغان،مۇزلار شىمالىي
مۇز ئوكياندا كۆپىيىدۇ،ئاندىن جەنۇپقا سۈرىلىدۇ،ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا نىسپىي يېققىنلاشقاندا  ھاۋادا ئۆزگىرىش
بولۇپ ،شۇنداق باغۇ-بوستانلىق  بىر  شەھەرگە  ئايلىنىدۇ.دېگەن.
ئۇنىڭدىن يەنە :بۇ كەلگۈسىگە  باغلىق  بىر  ئىش  تۇرسا،بۇنى  قانداقمۇ  ئىلمىي  ھەقىقەت  دېگىلى  بولسۇن.دەپ
سورالدى.ئۇ:ھازىر  يىڭى  مۇز  ئەسرى  باشلاندى،قار  توزانلىرى شىمالىي مۇز ئوكياندىن جەنۇپقا 2-قېتىم يۈرۈش
قىلىۋاتىدۇ.ھازىر ئەرەپ  دۆلەتلىرىگە يېقىن رايونلارغا يېقىنلىشىش يولىدا.يەنە  بىر  ئىلمىي پاكىت يېقىنقى يىللاردا
ياۋروپا  ۋە شىمالىي  ئامېرىكىنىڭ  شىمالىي  قىسىملىرىدا  قىش  پەسلىدە يۈز  بېرىۋاتقان ئاجايىپ  قارلىق  بوران.
ئىسلام  ئالىملىرى  دېدىكى،دېمەك  سىلەر  بۇنى  شۇنداق  ئىلغار  ئۈسكۈنە-تېخنىكىلار  بىلەن  ئەمدى  بايقاپسىلەر
بىراق بىزگە  1400 يىل  بۇرۇنلا بۇنىڭدىن بىشارەتبېرىلىپ  بولغان  دەپ،ئەرەپ ئارىلى قايتا باغۇ بوستانلىق
بولماي تۇرۇپ قىيامەت  قايىم بولمايدىغانلىقى  توغرىسىدىكى ھەدىسنى بايان قىلدى.

ئەلى 2010-10-02 10:02
2.ياپونىيەدىكى توكيو رەسەتخانىسىنىڭ مۇدىرى پروفېسسوريۇشيۇدى كۇزان قۇائاندىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە
قايىل بولغان.ئۇ ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدە  توختىلىپ  مۇنداق  دېدى:ئاسمان جىسىملىرى ئەسلى ئىس-تۈتەك
بولۇپ،بۇنى تەكىتلەيدىغان ماددىلار  ئىنتايىن كۆپ.ھازىرقى پەيتتە بۇنى كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.ئالىملار
يېقىندا  ئالەم  كېمىسىدە  تۇرۇپ  تارتقان  سۈرەتلەردە  بىر يۇلتۇزنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن..............
دېمەك  ئالەممۇ   ئەسلى  ئىس-تۈتەك  ئىدى  دېگەن.
ئىسلام  ئالىملىرى دەل  مۇشۇ  توغرىسىدىكى  ئايەتنى  بايان  قىلدى.شۇنىڭ  بىلەن بۇكىشى تېخىمۇ قايىل بولدى.
چۈنكى قۇرئاندا ئىس-تۈتەك  دەپ بايان  قىلغان،بىراق بەزى  ئالىملار  تۇمان  دەپ كەلگەنىدى.بۇ  توغرىسىدا
ئۇ يەنە:تۇمان  دىيىش  تازا توغرا ئەمەس،تۇمان ئېنىرگىيەسىز   ماددا  بولۇپ،كائىناتنىڭ  ئەسلى  مەنبەسى  بولغان
ئىس-تۈتەك ئىسسىقلىق  ئېنىرگىيەسى  بولغان  ماددا.دېمەك  ئالەم  ھازىرقى  ھالىتىگە  كېلىشتىن  بۇرۇن قاتتىق 
 ماددىلار چاپلاشقان  تۇتۇق  گازلاردىن  ئىبارەت.دېگەن.
بۇ  يەردە  ئايەتلەرنى  مىسال  ئالمىدىم،چۈنكى  سىز  ئۇنىڭغا  ئەمەس،ئالىملارنىڭ  گىپىگە  بەكرەك  ئىشىنىسىز،
شۇڭا  سىزگە  ئاللاھنىڭ  بارلىقىنى  ئىسپاتلاپ  بېرىشتىن  بۇرۇن،ئاللاھنىڭ سۆزىنى  بايان  قىلىش يەنىلا بىھاجەت،
سۇئاللىرىڭىز   بولسا  جاۋاب  بېرىشكە  تىرىشىمەن. يەنە  يۇقىرىقىلارنى توغرا  كېلىپ  قىلىش  دەپ  قارامسىز؟؟؟
ئەسلى  ھامىلە  توغرىسىدا  تەپسىلىي  توختالسام،قايىل  بولماي  قالمايتتىڭىز،بىراق  بەك  ئۇزىراپ  كەتمىسۇن،
ئوقۇرمەنلەر  زېرىكىپ  قالمىسۇن  دەپ،يەنە  ۋاقىت  مۇناسىۋىتى  بىلەن  يازمىدىم~~~

fatih204 2010-10-02 11:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
  1.ياخشى تىما     ،،   مۇشۇ ئاددى مۇنبەرنىڭ  باشقۇرغۇچىلىرى بار يۇ           شۇنچە كەڭ كائىنات شۇنچە كوپ مەخلۇقاتلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولماسمۇ  ،  
   2.مەن  سىزنى دوت ئىشەك ، تور موللىسى دىسەم خاپا بولىسىز ، ئەكسىنچە سىز بەك ياخشى ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن دىسەم خوش بولىسىز ،دىمەك سوز دىگەن پەقەت نەپەسنىڭ قىسىلىپ چىقىشى ۋە كىرىشى،مەن كاللامدا ئويلاپ ئۇنى شۇ نەپەسنىڭ قىسىلىشى بىلەن چىققان ئاۋازئارقىلىق سىزگە يەتكۇزسەم سىزدە دەررۇ ئىنكاس بۇلىشى قايسى موجىزىدىن كەم،
  ئەگەر تەڭرىنىڭ بالىسى يا ئانىسى بولغىنىدا تەڭرى ئىنسان تەبىئەتلىك بوپ قالمامدۇ، تەڭرىنىڭ شۇنداق بالىسى يا شىرىكى بار دىگەنلەر پەقەت ئىنسانى تۇرمۇشنى قىياس قىلىپ تۇرۇپ تەڭرىى ئوبرازىنى ياراتماقچى بولغانلار خالاس ،    بۇنداق تەڭرىنىڭ شۇنداق بالىسى يا شىرىكى بار دىگەن پەلسەپەدە ياشىغانلار تولىمۇ كۇلكىلىك ،  تەبىئەتنىڭ ئاللاھ نەسىب قىلغان موجىزىلىرىنى
ئىنسانىيەت بارغانسىرى تۇنۇپ بۇگۇنكى كۇندە ھەم شۇنداق زەئىپ پەلسەپەلەرنىڭ بازا تىپىۋاتقىنى تولىمۇ كۇلكىلىك،
بىز ئىتىقات قىلىۋاتقان ئاللاھ شۇنداق قۇدرەتلىككى قۇدرىتىنى بىز قىياس قىلىپ بولالمايمىز ،

ibrayim 2010-10-02 11:28
شۇنداق ياخشى تىمىغا ئىنكاسنىڭ ئازلىقىنى..........

uganguqi 2010-10-02 12:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قىنى ئاخىرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار چۇ   مەنمۇ   خلى كۆپ ئىشلانى بىلۋالدىم يەنە  ئوقۇپ چۈشۈنۈپ ئىمانىمنى تىىخمۇ مۇستەھكەملىۋالاي

puxaymansiz 2010-10-02 13:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىر كۈلكىلىك مىسال كاللامغا كەپقالدى،
كاپىر لا  ھەدىسىلا ئىنسان مايمۇندىن تەدرىجى ئۆزگەرگەن دەيدۇ،
بىراق بۇ ئىككى مەخلۇق ئارسىدا شۇنداق ئاددى ھەم مۇكەممەل زىتلىق با
مايمۇننىنڭ ھەممە يىرىدە تۈكى با بىراق يۈزى( بۇرۇت-ساقال چىقىشقا تىگىشلىك جايلىرى كۆزدە تۇتۇلدى) بىلەن ئەۋرىتىدە(قوڭىدا) تۈكى يوق، بىراق ئىنسانلارنىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە يەنى بەدىنىگە چىقمىغان تۈك، دەل مايمۇنلا بىلەن قىيىشقاندەك مايمۇنلاغا تۈك ئۈنمەيدىغان يەرلەگە چىققان  ، بۇمۇ ئىلاھى كۈچنىڭ كاپىرلانىڭ نادانلىقىنى مەسخىرە قىلغىنى بولماي نىمە .
مۇشۇنداق ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئىچىپ ،قەلىبلەنى ئويغۇتۇش خارەكتىرى بولغان مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپرەك بولىشىنى ئۆمىد قىلىمە،

tugrul525 2010-10-02 13:12
بىز ياشاۋاتقان بۇ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى زات بارمۇ؟
       ئەگەر بار بولسا، ئۇ زات كىم؟  
       ئۇ زات بىرمۇ ياكى بىردىن ئارتۇقمۇ؟

سۇئالىڭىزغا بىر- بىرلەپ جاۋاپ بېرەي. بۇ مىنىڭ ھەقىقى سۆزۈم. كاللامدا ھېچقانداق ئىدىيە شەكىللەنمىگەن سەبىى ۋاقىتلېرىمدىن باشلاپ  مۇشۇ ئىش تۇغرىسىدا ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم. بىلگەننى ئۆگەت، بىلمىگەننى ئۆگەن دەپتىكەن. تورداشلارنىڭ بىلگەنلېرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.
1-2-سۇئالىڭىزغا جاۋاپ:  كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلارنى ياراتقان شۇنداق بىر سىرلىق كۈچ بار. جىمى نەرسىلەرنى شۇ سىرلىق كۈچ يارتقان. مالىكولىلارنىڭ ھەركىتىدىن تارتىپ چوڭ پىلانىت،تۇرغۇن يولتۇز، يولتۇزلار سېستىمىسى، ئورگانىك،ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىشى، ئاتمۇسفىرا، يەر قاتلىمى ........ قاتارلىق جىمى ئۆزگىرىش ۋە ھەركەتلەرنى ئەنە ئاشۇ سىرلىق كۈچ بەلگىلەيدۇ.  لىكىن ئۇ زات ئەمەس. زات بولمىغان ئىكەن ئۇنىڭ ئىسمى بولمايدۇ. ئىسىم دىگەننى ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قويىمىز. بۇ سىرلىق كۈچنىڭ قۇلىقى يوق، ئاڭلىيالمايدۇ، كۆزى يوق كۆرەلمەيدۇ، ھەم پۇت- قۇلى يوق.ماڭالمايدۇ،تۇتالمايدۇ. لىكىن ھەرخىل ئادەملەرنىڭ كاللىسىدا ھەرخىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇددا دىنىدا بۇت شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇددا دىنىدا ئىپادىلەنگەن ئىلاھ بىر ھەيكەلدىنلا ئىبارەت. كۆزى بار، قۇلىقى بار، بەدىنى بار خۇددى ئادەمگىلا ئوخشاش. خىرىستىئان دىنىدا كىرىست شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.  ناۋادا ئەيسا ئەلەھىسسالام كىرىستقا مىخلانماي، يۇمىلاق شەكىللىدىكى، چاسا شەكىلدىكى، يا بولمىسا باشىقا شەكىلدىكى نەرسىگە مىخلانغان بولسا، خىرىستىئان مۇرتلېرىنىڭ بوينىدىكى كىرىست شەكلى شۇ خىل نەرسىگە ئايلانغان بۇلاتتى. دىمەك، بۇ دىنمۇ ئادەملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. باشقا كىچىك دىنلاردىمۇ ئوخشاش. ھايۋانلارغا، قۇشلارغا، ئوتقا، سۇغا چۇقىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارمۇ ھەقىقى ئىلاھ ئەمەس.
3-سۇئالىڭىزغا جاۋاپ: ئەلۋەتتە پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقان بۇ سىرلىق كۈچ -بىر. ھەرگىزمۇ ئىككى ئەمەس.  چۇقۇم بىر بۇلىشى كېرەك. ئىككى بولسا بىرسى يالغان. خۇددى بىز ئەينەككە قارىغانغا ئوخشاش. ئەينەككە قارىساق ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىككى جىسىم كۆرىنىدۇ. لىكىن بىرسى بىزنىڭ ئەكسىمىز خالاس.
  ئىسلام دىنى تۇغرىسدا توختالغىم يوق. ئىسلام دىنى تۇغرىسىدا ئېغىز ئېچىپ بىرنەرسە دىگۈدەك سەۋىيدە ئەمەسمەن. چۈنكى قۇرئاننى ئوقۇپ باققىنم يوق. بىزنىڭ بۇ يورتتا قۇرئاننى ئوقۇپ ھەقىقى چۈشىنەلەيدىغانلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىر مەسلە تۇغۇرسىدا بۇلارنىڭ پەتىۋاسى ھەرخىل. ئېنىقكى بۇلارمۇ قۇرئاننى ھەقىقى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدۇ. ھەقىقى ئوقۇپ چۈشىنەلىگەن بولسا پەتىۋاسى بىر خىل بۇلاتتى. قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئوقۇپ باقاي دىگەن ئويغا كەلگەن. لىكىن بىر ئويلىسام، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغان ئادەمنىڭ تەرجىمە سەۋىيىسى،ئىدىيىسى قۇرئاننىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن يەنىلا ئازراق پەرق شەكىللەندۈرۈپ قۇيۇشىى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا تا ھازىرغىچە دىنسىز يۈرۈيمەن.

ھەمزە 2010-10-02 14:37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بۇراردەر
سىزنىڭ بۇ تىمىڭىز نۇرغۇن تورداشلارنىىڭ ئىزدىنىشىگە سەۋەپ بۇپتۇ.
ھەممە ئىنكاسنى كۇڭۇل قۇيۇپ كۈرۈپ چىقتىم.

sameme.ahmak 2010-10-02 18:33
ئبادەتتىن تەپەككۇر ئەلا ياخشى تىما يوللاپسىز قىنى داۋاملىق مۇنازىرىشەيلى

xahla91 2010-10-02 19:46
ساپ ئەر تورداشلار باركەن ، ياغلىقىمنى ئىڭەكتىن چىگىپ ئاراڭلاردا ئەدەپسىزلىك قىلىپ يۇرمەي ، داۋاملىق مۇنازىرە قىلىۋىرىڭلار ، بىر پىيالىدىن چاي قۇيغاچ ،،، ئاستا نادىرلاپ ھەم چوققىلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتىم ،

ئەلى 2010-10-02 20:25
تورداش  تۇغرۇل،ئۆزىڭىزنى  ئېتراپ  قىلغىنىڭىزنىڭ  ئۆزى  بىر  ياخشى  باشلىنىش،سىزنىڭ1-2-سۇئالغا  بەرگەن  جاۋابىڭىز  قايىل  قىلارلىق  ئەمەس،سىز  شۇنداق  بىر  كۈچ  بار  دەپسىز، بىراق  كۈچنىڭ  قانداق  شەكىللىنىدىغانلىقىنى  ئۇنتۇپ  قالغان  بولسىڭىز  كېرەك.ماددا  بولمىسا 
 كۈچ  بولمايدۇ. ماددا  بولغانىكەن،ئۇنىڭ  ياراتقۇچىسى  بولىدۇ.
ئەيسا  ئەلەيھىسسالام  كىرىسقا  مىخلانغىنى   يوق  ،بۇ  بىر  ئويدۇرما،خالاس.ئۇنىڭ  ئۈستىگە مەيلى  خىرىستىئانلار بولسۇن،ياكى  يەھۇدىلار  بولسۇن ھەممىسى  ئاللاھنى بار  دەيدۇ.كافىرلارمۇ  شۇنداق.بىراق  ئۇلار ئاشۇ  بۇتلىرىنىئاللاھ بىلەن  ئۆزلىرى  ئارىسىدا  ۋاستە  قىلىدۇ.3- سۇئالغا  بەرگەن  جاۋابىڭىزنىڭ  تېخىمۇ  ئاساسى  يوق.قانداق 
 بىر  ئەقىل  ئىگىسى  شۇنداق بىر  كۈچنىڭ  بارلىقىنىئېتراپ  قىلىدۇ.نەدىمۇ  بىر  خىل  كۈچ  بارلىق  كۈچلەرنى 
 كونتىرول  قىلالىسۇن.بۇنىڭ  بىر  ئازمۇ  ئىلمىيلىكى  يوق. ئۇنىڭ  ئۈستىگە  سىز  دىندىن  خەۋىرىڭىز  يوقلىقىنى
  ئېتراپ  قىلىپسىز  يۇ ،بىراق  ھەممە  ئېتراپ  قىلغان ئالىمىمىزدىنگۇمانلىنىدىگەنسىز،دۇنيادا  نەدىمۇ  مۇكەممەل  كىشى  بولسۇن،سىز  ئاڭلاپ  باققانمۇ؟سىزنىڭ  
مەنتىقىڭىز  بويىچە بولغاندا  سىز  ھېچنىمە  ئۆگەنمىسىڭىز  بولىدۇ،چۈنكى  سىز  ئۆگەنگەن  نەرسىلەرنىڭ  ھەممىسى 100%  مۇكەممكەلكىشىلەرنىڭ  ئىجادىيىتى  ئەمەستە...................

ئەلى 2010-10-02 20:27
دەل  مۇشۇنداق  مۇنازىرىدە  ئىلىم  ئەھلىلىرى  ئۆزىنى  چەتكە  ئالماسلىقى كېرەك  ئىدى.
ئەپسۇس................

ئەلى 2010-10-02 20:28
ئۇنداقتا  سىز  بىرىنچى  بولۇپ  باشلاپ  بەرمەمسىز............تەپەككۈرقىلىش يالغۇز  ئەرلەرنىڭ  ئىشى
بولمىسا،ھەممىمىزدە  ئەقىل  بارغۇ،قىزلارنىڭ  كىرمىگىنى  قىززىق.................

nurlansun 2010-10-02 20:38
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  قېرىنداشلار،مەنمۇ  بىلگىنىمنى  دەپ باقاي
       1.ئالەمنى ياراتقان بىر  ئاللا.....چۈنكى  ئالەمدىكى  ھەر خىل بىر-بىرى بىلەن زىدىيەتلەشمەيدىغان  قانۇننىيەتلەر  ،بىر-بىرنى  خاتالاشماي  ،توختاپ قالماي ئايلىنىۋاتقان  پىلانىتلار......ھەممىسى   ئالەمنىڭ ئاللا تەرپىدىن  يارتىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
       2.ئاللا  بىر.    ئەگەر  2-3 بولغان بولسا   ئالەم  قانۇنىيەتلىرى  قالايمىقانلىشىپ كىتەتتى.  بىرسى  يەر شارى قۇياشنى ئايلانسۇن  دىسە،يەنە بىرسى  قۇياش يەر شارىنى ئايلانسۇن دەپ  جىدەللىشەتتى.  بىرسى يەر شارىنڭ تارتىش كۇچى 9.8 مىتىر ھەر سىكىنۇت   بولسۇن دىسە،يەنە  بىرسى  4-5بولسا   ئادەملەرنىڭ  سەكرەپ تاقلاپ  ئوينىشىغا  ياخشى بولاتتى  دەپ  يەنە بىرسى  بىراقلا   20-30قلىۋىتىپ    يەرگە  چاپلىۋىتەيلى  دەيتى.
       3.ئاللا  بىر، قۇرئان  ھەقتۇر....خىرىستىيانلار   ئەيسانىڭ   ئاتىسىز   يارتىلغانلىقىغا    قاراپ  ئۇنى  ئاللانىڭ  ئۇغلى  دەپ  كاپىر  بولدى.....ئۇلار  ئاتىسىز  قانداق  بالا تۇغۇلىدۇ  دەپ  گۇمان قىلىشتى..مانا ھازىرقى دەۋىردە  بۇمۇ ئىنسانلارغا  ئاسان بولدى...كىلون  تىخنىكىسى  ئارقىلىق  دادىسى  يوق  جانىۋارلار  يىتىشتۈرلۇپ  چىقىلدى....ھازىرقى  ئەڭ يىڭى تىخنىكىدا  چىشى جانلىقنىڭ  تىنىدىن  بىر تال ھۇجەيرە ئىلىنىپ  يىتىشتۇرۇلۇپ  ئۇنۇڭغا  سىرتتىن  بىو-خىمىيەلىك ۋە فزىكىلىك  تەسىرلەرنى بېرىپ
ئۇستۇرلۇپ چىقىلغان  جانلىقنڭ  جىنىسىنى  ئۇزگەرتىشكە بولىدىغانلىقى  ئىسپاتلاندى.

  قۇرئاندا   كۇننىڭ  بەلگىلەنگەن  جايغا قاراپ  ماڭدىغانلىقى  دىيىلگەن....ھالبۇكى  20-ئەسىرگىچە  ئالىملار  قۇياش  بىر تۇرغۇن يۇلتۇز  دەپ  بىلىپ كەلگەن.ھازىر  ئالىملار قۇياشنىڭ مەلۇم بىر  ئوربىتىنى بويلاپ  مىڭىۋاتقانلىقىنى  بايقىدى..

    قۇرئاندا   تۇمۇرنىڭ داۋۇد ئەلەيھسالامغا  چۇشۇرۇپ  بىرىلگەنلىكى  توغرىسىدا  ئايەت بار...ھازىر ئالىملار  تۇمۇرنىڭ باشقا  پىلانىتتىن  كەلگەنلىكى  توغرىسىدا  بېرلىككە كەلدى..چۇنكى  ئاتوملارنىڭ  بىرىكىپ  تۇمۇردەك  بىر ئېلىمىنىتنى  ھاسىل قىلىشى ئۇچۇن  ئىنتايىن زور  ئىنىرگىيە  كىتىدىغانلىقى  ،.ئەگەر  بۇ ئىنىرگىيە  يەر شارىدا بولسا  يەر شارنىڭ  ئېرىپ  كىتىدىغانلىقىنى  ئىسپاتلاپ  چىقتى...بۇنداق   دىسەم  بەزىلەر  تومۇر  ئىشلەپ چىقىرىش  كارخانىلىرى  ياساۋاتىدىغۇ  دەپ قالىدۇ،ئەمىلىيەتتە  ئۇلار پەقەت  تومۇرنىڭ  ئۇستىدىكى  ئەخلەت-چاۋالارنى ئېلىۋىتىپ  ساپلاشتۇرىۋاتىدۇ،خالاس
     قۇرئاندا   قىيامەتتە   دېڭىزلارنىڭ  كۇيىدىغانلىكى  توغرىسىدا  ئايەت بار...يىقىندا   چەتئەللىك  بىر  كىشى  سۇغا  تۇز  سېلىپ  ئاندىن  ئۇنۇڭغا   14مىگا گېرتىس  سىمسىز  رادىئو  دولقۇنى بىلەن  تەسىر  بەرگەندە  سۇدىكى  ھىدىروگىن  گازىنىڭ  ئاجىرلىپ چىققان...بۇ  تەجىربىنڭ  پېرىنسىپى  تۇز   سۇدىكى     ھىدىروگىن-ئوكسىگىن  بىغىنى  ئاجىزلاشتۇرغان، سىمسىز  رادىئو  دولقۇنى  ھىدىروگىن-ئوكسىگىن  مالىكۇلا بىغىنى  بۇزغان،شۇنىڭ بىلەن  ھىدىروگىن گازى  ئاجىرلىپ چىقىپ  ئوت ياققاندا  كۇيۇش ھادىسسى يۇز بەرگەن..  

        مۇشۇنداق  مىساللار  بەك  كوپ...

nurlansun 2010-10-02 22:04
   ھەممڭلارغا  ئايان.11-سىنتەبىر  ۋەقەسى
  
     بۇ ۋەقە  ئۇلۇغ  قۇرئان كەرىم دە  بىشارەت  بېرىلگەن
  
    بۇ  ئىش  قۇرئان كەرىم   9-سۇرەتەۋبە  ،11- پارە  109-ئايەتتە  بىشارەتلەنگەن.
   ( بىناسىنى  ئاللانىڭ تەقۋادارلىقى ۋە رازىلىقى ئاساسىغا  قۇرغان ئادەم  ياخشىمۇ  ياكى ئۇنى يىقىلىپ قالاي دىگەن يارنىڭ گىرۋىكىگە  قۇرۇپ  ئۇزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۇرۇلۇپ  چۇشكەن  ئادەم ياخشىمۇ؟ئاللا زالىم قەۋىمنى ھىدايەت قىلمايدۇ)

ئەمدى بۇنۇڭدىكى سانلارغا دىققەت قىلساق  9-سۇرە 9-ئاينى ،11-پارە  11-كۇننى 109- ئايەت  ئۇ بىناننڭ قەۋەت سانىغا  ماس كىلىدۇ ئەمەسمۇ؟

مانا بۇلار  قۇرئان  مۇجىزىلىرى  ئەمەسمۇ؟

abdul 2010-10-02 22:13
  بارلىق كائىنات ۋە مەۋجۇداتنى ياراتقۇچى  .ئاللاھ  مەن شەكسىز ئىمان كەلتۈرىمە        بىراق   مەن  نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن        

nurlansun 2010-10-02 22:14
    [attachment=3165]  [attachment=3166]  [attachment=3167]

ئەلى 2010-10-02 22:32
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم.........بۇ  ئايەتلەرنى  يوللىغىنىڭىزغا،ئىزدەنگىنىڭىزگە  تەشەككۈر~~~
بىراق يۇقىرىدا  دەپ  بولغان  ئايەت  مىسال كەلتۈرۈشكە  بولمايدۇ  دەپ،
چۈنكى  ئاللاھنىڭ  بارلىقىنى  بىلمىگەن  كىشىگە  ئاللاھنىڭ  سۆزىنى  يەتكۈزۈش،يەنىلا  بىھۇدە.
بەرىبىر  ئىشەنمەيدۇ.چۈنكى  ئىنسان  ئەقلى  بۇنى  قوبۇل  قىلىشقا  ئاجىز.
شۇڭا  مۇنازىرە  تەلىپى  بويىچە،ئالدى  بىلەن  ئاللاھنىڭ  بارلىقىنى  ئىسپاتلاپ  دەلىل كۆرسىتىڭ.قارشى  تەرەپ
قايىل  بولغاندا ،ئاندىن ئاللاھنىڭ  ئايىتىنى  يەتكۈزسىڭىز  ھەقىقىي  ئۈنۈمى  بولىدۇ.

oylinish 2010-10-02 23:54
ئىشلىتىش
引用第18楼zero903于2010-10-02 01:05发表的 Re:12(ئەلى)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس :


ئېنىر كىيە يوقالمايدۇ ،يۇقلۇقدىن بارلىققا كەلمايدۇ ،پەقەت بىرخىل شەكىلدىن بىرخىل شەكىلكە ئۆزكۈرىدۇ سىز مۇشۇنى دەلىل قىلۋالدىڭىز ما<

بۇغداينى تېرىپ ھۇسۇل ئالدۇ نىمە ئۈچۈن زاۋۇت كارخانىلاردا ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ ،
.......

بۇغداي ياسىيالماسلىقتىكى سەۋەپ،  ئىنسانلار تېخى بۇنىڭ سېرىنى ئېنىقلاپ چىقالمىدى. ئىنسانلار ئىلگىرى قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ھازىر قىلالىدى، ھازىر قىلالمىغان ئىشلارنى كەلگۈسىدە قىلالايدۇ.
  چۈمۈلىلەرنى بىر خىل دەپ كىم دەيدۇ؟ كائىناتتا بىر بىرىگە مۇتلەق ئوخشايدىغان ئىككى نەرسە يوق.
   يەر شارىدىلا ھاياتلىق بولۇشقا كەلسەك، يەرشارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ۋە يەر شارىدىكى سۇ ۋە باشقا ماددىلار ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ.  بۇ تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ جۇغراپىيە كىتابىدا ئىنتايىن ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.

oylinish 2010-10-02 23:57
ئىشلىتىش
引用第19楼ibrayim于2010-10-02 01:27发表的 :
خۇرشىد ئەپەندى باشتا ئېيتىپ ئۆتكەن،ئۇ مۇنازىرىدە قۇرئاننى پاكىت قىلمايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا بىرىلگەن جاۋاپلار مىنىمۇ قايىل قىلالمايدۇ،.ئەمما مەن بۇسۇئاللارغا شۇنداق جاۋاپ بىرىمەنكى:مەن تونىغان خۇدا <<ئەزىلى مەۋجۇت بولغان ماددا>>نى مەۋجۇت قىلغان خۇدا ؛ئاندىن ئۇنى (<<پارتلىتىپ>>بىگباڭ نەزىريىسىنى دىمەكچى)كائىناتنى بەرپا قىلغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنى كېڭەيتىپ مىليارت گالاكسىيەلەرگە بۆلگەن خۇدا. ئاندىن ئۇنىڭدىن سامان يولى سېستىمىسىنى تاللىغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنىڭدىن ئاجىز ئىنسان غا لايىق قۇياش سېستىمىسىنى تاللىغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنىڭدىن ھەرۋاقىت بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئانىغا ئوخشاش بىزنى بېقىۋاتقان،ئىنسان ئۈچۈن ھەممەنەرسىسى تۇلۇق بولغان يەرشارىنى پەقەت بىز ئىنسانلار ئۈچۈن بەرپا قىلغان خۇدا؛
....ياراتقۇچىنى تونۇش ئۈچۈن كائىناتنى تەمسىل قىلىش مىليۇن پاكىتلارنىڭ بىرى خالاس.!!!
بەزىلەر<< تەدرىجى تەرەققىيات>>دەپ بىر گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشىدۇ ئەمما مەن دەيمەنكى :مەن ئىتىقاد قىلىشقالايىق خۇدا ،ماددىلارنى ئاشۇنداق تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرغان خۇدا؛ئىنساننىڭ ئاشۇ ياراتقۇچىنى مىڭلارچە پاكىت توپلاپ ئىنكار قىلماقچى بولغان <<ئۆتكۈر>>مىڭىسىنى بەرپا قىلغان خۇدا؛
   ئاندىن مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇم قۇدرىتىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان خۇدا؛
ئاندىن مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ،ئېي ياراتقۇچىم ئاللاھ.......دەپ تونىغان ئاللاھ.

سىز مىسال كەلتۈرگەن ئاشۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟  

oylinish 2010-10-03 00:00
ئىشلىتىش
引用第13楼zero903于2010-10-02 00:20发表的 :


تارتىش كۈچى نەدىن كەلگەن ،مەنپى مۇسبەت زەرەت ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغانمۇ ،

شۇ جانسىز مەنئى قانداق ئىش تۈپەلى بىر جانلىق مەۋجۇداتقان ئايلانغان ،
.......

تارتىشىش كۈچى، مەنپىي مۇسبەت زەرەت قاتارلىقلار ماددىنىڭ ئەزەلىي خۇسۇسيىتى.
مەنىي جانسىز ئەمەس. ئۇمۇ ئۆسىدۇ، كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭدا  جانلىقنىڭ سۈپەتلىرى بار.

oylinish 2010-10-03 00:13
ئىشلىتىش
引用第21楼ansari于2010-10-02 03:06发表的 :
1-بار . ئۇنىڭ ئەقىلى دە لىلى مەسلەن بىر تال تۇخۇنىڭ تۈكىنى 100 يىل . ھەتتا نەچچە 1000 . يىل بىر يەردە قويسىڭىز ئۇ ئىچكى ۋە تاشقى كۈشنىڭ تەسىرسىز ئۆز ئورىندىن بىر سانتى مىتىرمۇ يۆتكىلىپ قالمايدو . مانا بۇ ھازىرقى تەرەققى يات نىڭ پىشۋالىرى ئىتراپ قىلغان قانۇنيەت ، ئەجبا ئاشۇ ئاسمانلاردىكى ئاجايىپ ھەركەتلە ، ۋە زىمىندىكى ھەرخىل ئۆزەىرىشلەر ئۆزلىكىدىن بوپقالارمو ؟ ئەقىلنى جايدا ئىشلەتكەن ئادەم ھەرگىز ئۇنداق قارمايدۇ ، ئادەم راستنلا ئۆزەگىرىشچان مەخلۇق بولدىغان بولسا ماۋۇ سۈرتىمىز دىن باشقا بىر شەكىلگە كىرىپ قالغان بۇلاتتۇق .  بۇ كۆز قاراش خاتا، ئادەم نىڭ تۇپراقتىن يارالغانلىقىغا ئەڭ ئاددى بىر دەلىل تۇپراق تىن چىققان نەرسىلەرنى يەيمىز ۋە تۇپراققا ئايلىنىمىز ، يەنە بىز نىڭ ئەڭ چوڭ ئاسا سىمىز  قۇلمىزدا  قۇرئان ۋەھەدىس بار ، مانا بۇ پۈتۈن ھەممىنىڭ چىر تىيوسى ، قېنى سىز  دىگەن ئاشۇ جانسىز تەبىئەت بۇنىڭ ئوخشىدىن بىرەر سوزنى مەيدانغا ئېچىقىپ باقسون ؟
2- ئۇ ، ئاللاھ ،  ئەمسە ئۇ قېنى دەمسىز  .  ئۇنى بۇ ئاددى كۆزبىلەن كۆرەگىلى بولمايدو چۈنكى بىز يارال غۇچى
ئاۋۋال سىز ئۈزڭىزدىكى ، جاننى ، ئەقىلنى ، ۋە ھاۋەنى ، بىزگە كۆرسىتىڭ ئاندىن بىز سىز گە ئاللا نى كۆرسىتىپ بىر مىز،
3- ئۇزات بىر دۇر  ، بولمىغان بولسا ، كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەركىتى قالايىمقان لىشىپ كەتكەن بۇلاتتې ،  
بۇ  جاۋاپنى ناھايتىمۇ قىسقار تىپ يازدىم  كەڭ دائىردە چۈشنىۋېلشىڭ لارنى ئۈمىت قىلمەن


   1.شۇنداق، كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ھىچنەرسە ئۆزگەرمەيدۇ. ئاسمان زىمىندىكى ھەرىكەتلەر ئۆزلىكىدىن بوپقالمايدۇ، بەلكى <ئالەملىك تارتىشىش كۈچى> دەپ ئاتىلىدىغان يوغان بىر كۈچ تەسىرىدە ھەرىكەتلىنىدۇ.  يەنە بىرسى، ئادەمنى تۇپراقتىن يارالغان دەپسىز، سىزنىڭچە پەقەت ئادەملا تۇپراقتىن چىققان نەرسىنى يەپ، تۇپراققا ئايلىنامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس،زىمىندىكى جىمى مەۋجۇدات شۇنداق بولىدۇ. تۇپراقتىن چىققاننى يەپ، تۇپراققا قايتىدۇ. بۇ گەپچە بولغاندا بولسا زىمىندىكى جىمى مەخلۇقات تۇپراقتىن شەكىللەنگەن، دىمەك، مەنبەسى بىر، بۇ دەل تەدرىجىي تەرەققىيات بولماي نىمە؟
   2. جاننى ھەرىكەتكە ئاساسەن بىلىمىز، ئەقىلنى قىلغان ئىشقا قاراپ بىلىمىز، ھاۋانى خىمىيىلىك تەجرىبە ئارقىلىق بىلىمىز. ئاللانى قانداق بىلىسىز؟
  3.دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىدىن نەچچىسى بار، ئەمما گوۋۇيۈەن قالايمىقانلىشىپ كەتمىدىغۇ؟

oylinish 2010-10-03 00:17
سىزنىڭ 23- ۋە 24- قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزغا جاۋاپ:
  سىزبۇ يەردە قۇرئاندىكى بىر قىسىم مۆجىزىلەرنىڭ ئالىملار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ بار دەپسىز، 1- بۇ مۇنازىرە قائىدىسىگە خىلاپ.
2- ئەگەر قۇرئان كەرىم نازىل بولمىغان بولسا  ئالىملارنىڭ بۇ نەتىجىلىرىنى قانداقمۇ مۆجىزە دىيەلەيتتىڭىز؟ قۇرئان كەرىم بولمىغان بولسا، ئاللاھمۇ يوق بولامتى؟

oylinish 2010-10-03 00:29
ئىشلىتىش
引用第25楼fatih204于2010-10-02 11:03发表的 :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
  1.ياخشى تىما     ،،   مۇشۇ ئاددى مۇنبەرنىڭ  باشقۇرغۇچىلىرى بار يۇ           شۇنچە كەڭ كائىنات شۇنچە كوپ مەخلۇقاتلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولماسمۇ  ،  
   2.مەن  سىزنى دوت ئىشەك ، تور موللىسى دىسەم خاپا بولىسىز ، ئەكسىنچە سىز بەك ياخشى ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن دىسەم خوش بولىسىز ،دىمەك سوز دىگەن پەقەت نەپەسنىڭ قىسىلىپ چىقىشى ۋە كىرىشى،مەن كاللامدا ئويلاپ ئۇنى شۇ نەپەسنىڭ قىسىلىشى بىلەن چىققان ئاۋازئارقىلىق سىزگە يەتكۇزسەم سىزدە دەررۇ ئىنكاس بۇلىشى قايسى موجىزىدىن كەم،
  ئەگەر تەڭرىنىڭ بالىسى يا ئانىسى بولغىنىدا تەڭرى ئىنسان تەبىئەتلىك بوپ قالمامدۇ، تەڭرىنىڭ شۇنداق بالىسى يا شىرىكى بار دىگەنلەر پەقەت ئىنسانى تۇرمۇشنى قىياس قىلىپ تۇرۇپ تەڭرىى ئوبرازىنى ياراتماقچى بولغانلار خالاس ،    بۇنداق تەڭرىنىڭ شۇنداق بالىسى يا شىرىكى بار دىگەن پەلسەپەدە ياشىغانلار تولىمۇ كۇلكىلىك ،  تەبىئەتنىڭ ئاللاھ نەسىب قىلغان موجىزىلىرىنى
ئىنسانىيەت بارغانسىرى تۇنۇپ بۇگۇنكى كۇندە ھەم شۇنداق زەئىپ پەلسەپەلەرنىڭ بازا تىپىۋاتقىنى تولىمۇ كۇلكىلىك،
.......

1.مۇنبەرگە باشقۇرغۇچى بولۇشى شەرت ئەمەس، ھەممىمىز ئۆزىمىزنى باشقۇرساق بولىدۇ. يەنە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭمۇ باشقۇرغۇچىسى بولماسلىقى مۇمكىنغۇ؟ مەسىلەن يايلاقتىكى ئوتلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى يوق.
2. ئادەمنىڭ بەدىنىدە  سەزگۈ نېۋرونلار بولىدۇ،  ئاشۇ نېۋرونلار ياخشى ەەپ بىلەن يامان گەپنى پەرق ئېتەلەيدۇ، شۇڭا مەندە ھەرخىل كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.
3. تەڭرىنىڭ بار يوقلىقىنى ئېنىق ئايرىماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بالىسى ياكى ئانىسى بار يوقلىقىنى ئايرىشنىڭ ھاجىتى يوق.

oylinish 2010-10-03 00:32
ئىنكاس يوللىغاندا ماڭا سالام بەرگەن بارلىق كىشلەرگە ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!

ئەلى 2010-10-03 00:34
ئېسىڭىزدە  بولسۇن،مەن  شۇ  مۇنازىرە  قائىدىسىنى  دەپ  ئايەتلەرنى  ئېنىق  كەلتۈرمەي،سىزدەك
ئىلىم-پەنگىلا  ئىشىنىدىغان  كىشى  ئۈچۈن  شۇ  ئىلىم  پەن  ئالىملىرىنىڭ  سۆزلىرىنى  نەقىل  قىلدىم.
شۇڭا بۇ  مۇنازىرە  قائىدىسىگە  تامامەن  ئۇيغۇن.
يەنە  سەمىڭىزدە  بولسۇن،مەن  ئالىملارنىڭ  نەتىجىسىنى  مۆجىزە  دېمىدىم.دەل  شۇ  ئالىملار ئىلىم-پەن
ئارقىلىق قۇرئان  كەرىمنىڭ  مۆجىزىلىك  خاراكتىرىنى  تېخىمۇ  روشەن  نامايەن  قىلىپ  بەردى دېدىم.
ئۇنىڭ  ئۈستىگە  مەن قۇرئان  كەرىم  بولمىسا  ئاللاھ  بولمايدۇ  دېمىدىم.قۇئان  كەرىم  دەل  ئاللاھنىڭ
بارلىقىنىڭ  پولاتتەك  پاكىتى.قۇرئان  كەرىم  پەقەت  ئاللاھنىڭ  مۆجىزىسى  ئىچىدىكى  بىرى  خالاس.
يەنە  نۇرغۇن  مۆجىزىلىرى  بار.
سىز  زادى مېنىڭ  سۇئاللىرىمدىن  ئۆزىڭىزنى  قاچۇرىۋاتىسىز،سۇئالىرىمنىڭ  ھەممىسىگە  جاۋاب
بەرمىدىڭىز،ئۇنىڭ  ئۈستىگە  بىرىگىمۇ  قايىل  قىلارلىق  جاۋاب  بەرمىدىڭىز.
سىز  تا  ھازىرغىچە  قۇرئان  كەرىمدەك  مۇشۇنداق  بىر  كىتابنى  كۆرگەنمۇ؟
مۇشۇنداق1400  يىل  ئەسلى  پېتى  ساقلانغان  كىتابنى  ئاڭلاپ  باققانمۇ؟
سىزغۇ  ئۇلارنى  بىر  توغرا  كەپ  قېلىش  دەپ  قارايسىز،بىراق  مۇشۇنداق  توغرا  كېپ  قېلىش
باشقا  كىتابلاردا  ئۇچرىغانمۇ؟

oylinish 2010-10-03 00:38
ئىشلىتىش
引用第29楼tugrul525于2010-10-02 13:12发表的 :
بىز ياشاۋاتقان بۇ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى زات بارمۇ؟
       ئەگەر بار بولسا، ئۇ زات كىم؟  
       ئۇ زات بىرمۇ ياكى بىردىن ئارتۇقمۇ؟

سۇئالىڭىزغا بىر- بىرلەپ جاۋاپ بېرەي. بۇ مىنىڭ ھەقىقى سۆزۈم. كاللامدا ھېچقانداق ئىدىيە شەكىللەنمىگەن سەبىى ۋاقىتلېرىمدىن باشلاپ  مۇشۇ ئىش تۇغرىسىدا ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم. بىلگەننى ئۆگەت، بىلمىگەننى ئۆگەن دەپتىكەن. تورداشلارنىڭ بىلگەنلېرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.
.......

سىز ئۇنىڭ ئېغىزى، قۇلىقى.... يوقلىقىنى قانداق بىلدىڭىز؟

سىزگە تەۋسىيە،  سىز قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى خاتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئوقۇماي يۈرمەي، چوقۇم ئوقۇپ بېقىڭ، سىزمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى بولغانكەنسىز، خاتا جايلىرى بولسا قۇبۇل قىلمىسىڭىزلا بولىدۇغۇ؟


查看完整版本: [-- قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062264 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us