引用第19楼ibrayim于2010-10-02 01:27发表的 :
خۇرشىد ئەپەندى باشتا ئېيتىپ ئۆتكەن،ئۇ مۇنازىرىدە قۇرئاننى پاكىت قىلمايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا بىرىلگەن جاۋاپلار مىنىمۇ قايىل قىلالمايدۇ،.ئەمما مەن بۇسۇئاللارغا شۇنداق جاۋاپ بىرىمەنكى:مەن تونىغان خۇدا <<ئەزىلى مەۋجۇت بولغان ماددا>>نى مەۋجۇت قىلغان خۇدا ؛ئاندىن ئۇنى (<<پارتلىتىپ>>بىگباڭ نەزىريىسىنى دىمەكچى)كائىناتنى بەرپا قىلغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنى كېڭەيتىپ مىليارت گالاكسىيەلەرگە بۆلگەن خۇدا. ئاندىن ئۇنىڭدىن سامان يولى سېستىمىسىنى تاللىغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنىڭدىن ئاجىز ئىنسان غا لايىق قۇياش سېستىمىسىنى تاللىغان خۇدا؛ئاندىن ئۇنىڭدىن ھەرۋاقىت بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئانىغا ئوخشاش بىزنى بېقىۋاتقان،ئىنسان ئۈچۈن ھەممەنەرسىسى تۇلۇق بولغان يەرشارىنى پەقەت بىز ئىنسانلار ئۈچۈن بەرپا قىلغان خۇدا؛
....ياراتقۇچىنى تونۇش ئۈچۈن كائىناتنى تەمسىل قىلىش مىليۇن پاكىتلارنىڭ بىرى خالاس.!!!
بەزىلەر<< تەدرىجى تەرەققىيات>>دەپ بىر گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشىدۇ ئەمما مەن دەيمەنكى :مەن ئىتىقاد قىلىشقالايىق خۇدا ،ماددىلارنى ئاشۇنداق تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرغان خۇدا؛ئىنساننىڭ ئاشۇ ياراتقۇچىنى مىڭلارچە پاكىت توپلاپ ئىنكار قىلماقچى بولغان <<ئۆتكۈر>>مىڭىسىنى بەرپا قىلغان خۇدا؛
ئاندىن مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇم قۇدرىتىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان خۇدا؛
ئاندىن مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ،ئېي ياراتقۇچىم ئاللاھ.......دەپ تونىغان ئاللاھ.