بەزىلەر ماركىسىزمدىكى ماددا ئۇقۇمىنى چۈشەنمىسىمۇ دۇنيانىڭ ماددىيلىقى توغرسىدا گەپ سېتىپ يۇرۇپتۇ. بىردەم ماددا، بىردەم مالىكۇلا ياكى ئاتۇم، يەنە بىردەم جىسىم دەپ بۇ سۆزلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمىسە كىرەك.
ماركىس: ماددىغا كىشلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ئوبىكتىپ چىنلىق. دەپ تەبىر بىرىدۇ. يەنى بۇ دىگىنى ماددا- بارلىق جىسملاردىكى ئورتاق خۇسۇسىيەتتىن ئىبارەت. ئۇ ھەرگىزمۇ جىسىمنى ياكى ئۇنى تۈزگۈچى مالىكۇلا، ئاتۇم دىگەندەك كونكىرىت شەيئىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. ماددا ئۇقۇمى بىر ئابستىراكىت ئۇقۇم، شۇڭا ماددىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ ئېنىق ئېيىتقاندا، كۆز ئالدىڭىزنى ھەرقانداق بىر جىسىمنى ماددا دىيشكە بولمايدۇ، لىكىن بارلىق جسىملاردا بىرلا خىل ئورتاق خۇسۇسىيەت بار، ئۇ بولسىمۇ ماددىلىقتۇر. بۇ فىزىكىدىكى ماددا ئۇقۇمى بىلەن ماركىسىزىمدىكى ماددا ئۇقۇمىدىكى پەرق.
ئۇنداقتا يەھۇدىي ماركىس نىمە دىمەكچى؟ ئېنىقكى، كۆرگىلى، تۇتقىلى، بولمايدىغان «ماددا» نى دىندىكى «ياراتقۇچى» دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى.
ئاللاھ، ھەممىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن.
[ بۇ يازمىنىsaprabag 2012-03-18 02:45قايتا تەھرىرلىد ]