ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەت ئۇچراپ قالسا ..
توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەتلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ .
ئەگەر سىز ئۇ خەتنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك .
لۇغەت ئاختۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئاۋارىچىلىق .
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ناھايىتى ئەپچىل بىر چارىسى بار .
ئەمەلىيەتتە word 2003 خەتنىڭ پىنيىنىنى چىقىرىپ ھەم ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارلىق
لۇغەت قاچىلانغان بولۇپ ، نۇرغۇن خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ۋە ئوقۇلىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ .
ئىنتايىن قولايلىق .
سىز word 2003 تىن بىرنى يېڭىدىن قۇرۇپ ، ئوقۇيالمىغان خېتىڭىزنى ئۇ يەرگە كۆپەيتىپ چاپلايسىز .
ئاندىن ئۇ خەتنى تاللاپ قويۇپ ، "格式→中文版式→拼
音指南" قەدەم – باسقۇچلىرى بويىچە قىلساق ،
ئېچىلغان كۆزنەكتە سىز تاللاپ قويغان خەتلەرنىڭ پىنيىنى ۋە تون بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ .
ئەمدى سىز بۇنىڭدىن كېيىن ماتىرىيال كۆرگەندە ، ئوقۇيالمايدىغان خەتلەرنىڭ كۆرۈلۈپ
قېلىشىدىن پۈتۈنلەي ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ئىشەنمىسىڭىز دەرھاللا سىناپ بېقىڭ ! مەنبە : رازىمەن تورى .
[ aykutتەرىپىدىن2010-06-07 21:29قايتا تەھرىرلەندى ]