ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەت ئۇچراپ قالسا ..
توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەتلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . ئەگەر سىز ئۇ خەتنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك . لۇغەت ئاختۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئاۋارىچىلىق . بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ناھايىتى ئەپچىل بىر چارىسى بار . ئەمەلىيەتتە word 2003 خەتنىڭ پىنيىنىنى چىقىرىپ ھەم ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارلىق لۇغەت قاچىلانغان بولۇپ ، نۇرغۇن خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ۋە ئوقۇلىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . ئىنتايىن قولايلىق . سىز word 2003 تىن بىرنى يېڭىدىن قۇرۇپ ، ئوقۇيالمىغان خېتىڭىزنى ئۇ يەرگە كۆپەيتىپ چاپلايسىز . ئاندىن ئۇ خەتنى تاللاپ قويۇپ ، "格式→中文版式→拼 音指南" قەدەم – باسقۇچلىرى بويىچە قىلساق ، ئېچىلغان كۆزنەكتە سىز تاللاپ قويغان خەتلەرنىڭ پىنيىنى ۋە تون بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ . ئەمدى سىز بۇنىڭدىن كېيىن ماتىرىيال كۆرگەندە ، ئوقۇيالمايدىغان خەتلەرنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن پۈتۈنلەي ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز دەرھاللا سىناپ بېقىڭ ! مەنبە : رازىمەن تورى .
|