مۇختار بۇغرا
بىزنى تۇغدى بۇ زىمىن،
يۇتار يەنە ھاپ قىلىپ.
كىيىنكىلەر چالىدۇ،
تېرىمىزنى داپ قىلىپ.
ئۆتىشىمىز جاھاندىن،
ھېجىلىشىپ، پېتىشماي.
ئۇ يۇرتلۇق ھەم بۇ يۇرۇتلۇق،
بىر-بىرىنى قېتىشماي.
<<ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشقاق>>،
دېيىشىپ لاپ ئۇرىمىز.
ماجرا تېرىپ ئۆز-ئارا،
ئويۇن كۆرۈپ تۇرىمىز.
نە كويلارغا سالمىغان،
بىزدىكى بۇ كەمچىلىك.
بۇ ئازابنىڭ ئالدىدا،
دوزاخ ئوتى قانچىلىك.
ئېگىز ئۆسكەن تېرەكمۇ،
خالىي بولماس پۇتاقتىن.
تۇغىلسىكەن مىللىتىم،
پەقەت بىرلا قوساقتىن.
<<مۇختار بۇغرا ئەسەرلىرى>>(2) <<تىكەن پەسلى>>
[ oglanتەرىپىدىن2010-08-17 23:06قايتا تەھرىرلەندى ]