查看完整版本: [-- ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

bilim 2010-08-17 22:19
مۇختار بۇغرا
بىزنى تۇغدى بۇ زىمىن،
يۇتار يەنە ھاپ قىلىپ.
كىيىنكىلەر چالىدۇ،
تېرىمىزنى داپ قىلىپ.

ئۆتىشىمىز جاھاندىن،
ھېجىلىشىپ، پېتىشماي.
ئۇ يۇرتلۇق ھەم بۇ يۇرۇتلۇق،
بىر-بىرىنى قېتىشماي.

<<ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشقاق>>،
دېيىشىپ لاپ ئۇرىمىز.
ماجرا تېرىپ ئۆز-ئارا،
ئويۇن كۆرۈپ تۇرىمىز.

نە كويلارغا سالمىغان،
بىزدىكى بۇ كەمچىلىك.
بۇ ئازابنىڭ ئالدىدا،
دوزاخ ئوتى قانچىلىك.

ئېگىز ئۆسكەن تېرەكمۇ،
خالىي بولماس پۇتاقتىن.
تۇغىلسىكەن مىللىتىم،
پەقەت بىرلا قوساقتىن.

  <<مۇختار بۇغرا ئەسەرلىرى>>(2) <<تىكەن پەسلى>>


oglan 2010-08-17 22:54
پاھ .....ما...شئېرنى كۆڭلۇمدىكىدەك شېئركەن بۇ ! مۇشۇنداق شېئر بولسا مۇنبەردىن ئۈزلۈپ قالمىغاي!

xayik 2010-08-17 23:11
ئىسىل يۇللانمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن !....

bagzada 2010-08-19 15:07
مۇشۇنداق يازمىلار كۆپرەك يوللانسا كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش بولاتتى دە،.

nargiz 2010-08-21 20:14
    

pigan 2010-08-26 15:18
ياخشىكەن

tanha520 2010-09-02 19:29
پاھ پاھ   ناھايېتى  ياخشى  يېزىلغان  شېر ئېكەن  رەخمەت

kokbura 2010-09-12 02:16
تىمىنى داڭلاپلا بولدى قىلماي ھەر ئىشنى ئۈزىمىزدىن باشلايلى قىرىنداشلا

almas5555 2010-10-07 01:01
مەن مۇختەر بۇغرانىڭ شىئېرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن

abdul 2010-10-16 16:03
ياخشىكەن

avam0507 2010-11-04 12:45
   دېمىسىمۇ  توغرا.  لېكىن
مېنىڭچە بەزى  يېرى ھازىرقىغا  ماس  كەلمەيدىكەن.
ئۇيغۇر  دېگەن  ئۇيۇشقاق ،  دېگەن  مىسرا ھازىرمۇ راسقۇ؟!!!
ئەگەر شۇنداق  بولمىغان  بولسا بەزى  تېمىلاردا  يەنىلا  بىر  بىرسىمىزنى  قوللايدىغانلىقىمىز   مانا  مەن دەپلا  بىلىنىپ  تۇرىدۇ.
شېئىرنى  كىمنىڭ يازغىنىغا  قاراپلا  باھا  بەرمەي ،  مەزمۇنىنى  تەھلىل  قىلىپ  باققايسىلەر.

avam0507 2010-11-04 12:47
مەسلەن  نۇرغۇن ئىشلار  ئۇيۇشقاقلىقىمىزدىن   كېلىپ  چىقتىغۇ  ؟؟؟  بەزى  ناچار  ئادەملىرىمىزنىڭ  بۆلگۈنچىلىكى  بىلەنلا  بىز بىرلىشىلمەيدىغان ، ناچار  ،  ئىتتىپاقسىز  ئادەمگە ئايلىنىپ  قالامدۇق؟؟؟
  ئاخىرىسىنى  دېمەي.

nuruzkara... 2011-01-11 19:08
ئوجۇن بەك نوچى يېزىپتۇ ما شىېرىنى ماقما باللا

abdul 2011-02-17 00:39
ئىسىل يۇللانمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن

ياۋۇز 2011-04-04 15:43
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت،ئەھمىيەتلىك تىما .ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

arzuyum 2011-04-04 17:41
مۇختەر بۇغرانىڭ بۇ شىئېرى بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر !

yaxauyhur 2011-06-03 18:39
ئاجايىپ ياخشخى يېزىلغان شىئىر .................................      ئويلايلى قېرىنداشلىرىم


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052193 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us