(بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتقانلېرى)
ئوقۇتقىچىنى تەرىپلەپ ‹شام›دەپ كەلگەنتۇق،
‹شام›نىڭمۇ بولىدىكەن جاسى-ھەم جىڭى.
تۇلپارلار ئارسىدا ئېشەك چاپسىمۇ،
ئوخشاشلا چىقىدىكەن ئۇلارنىڭ دېڭى.
بىرسى قىمارۋاز بىرسى كەپتەرۋاز،
‹شەرەپ-شان›كۆكىدە قاقماقتا قانات.
بوغدايلار ئارسىدا قارمۇق سۇ ئىچتى،
ساختىلىق-چىنلىق چىرماشقان ھايات.
بىر ئۇستاز قاۋاقتا شاراپنى ئىچىپ.
بىرخانىم سەھنىدە تولغايدۇ بەلنى،
ھۆرمەت قالپىغىنى چۆكۈرۈپ كېيىپ،
نىمانچە ئەخمەق قىلىدۇ ئەلنى.
بىر ئۇستاز دەلدەڭشىپ كىردى سىنىپقا،
بىر خانىم كىردىغۇ جىندەك ياسىنىپ.
مۇشۇنداق ئۇستازغا ھۆرمەت لايىقمۇ؟
ئاممىۋى سورۇن ئەمەس يا-سىنىپ.
كۈلۈشى بىلمىسە ھىجايمىسىكەن،
نىمە بىر پايدىسى يالغان كۈلگەننىڭ.
قانداقمۇ ئابىرويى بولسۇن ئېيتىڭە،
قىزىلگۈل ئارسىغا ئۆنگەن تىكەننىڭ.
ئوقۇتقۇچى ئۈستىدە سۆزلەپ قويغۇنۇم،
بەلكىم سىزگە تويۇلار خاتا.
موللىلار داۋاملىق كۆلنى بۇلغىسا،
ئېيتىڭا سىزنىڭچە بۇ قانداق ساپا.
مەنبە؛ئۆز ئىجادىيىتىم