查看完整版本: [-- بۇغۇلغان نەپەستىن چىققان بىر سادا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھىكايە پوۋىسىتلار -> بۇغۇلغان نەپەستىن چىققان بىر سادا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpik0993 2012-05-01 19:02
(بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتقانلېرى)
ئوقۇتقىچىنى تەرىپلەپ ‹شام›دەپ كەلگەنتۇق،
‹شام›نىڭمۇ بولىدىكەن جاسى-ھەم جىڭى.
تۇلپارلار ئارسىدا ئېشەك چاپسىمۇ،
ئوخشاشلا چىقىدىكەن ئۇلارنىڭ دېڭى.
بىرسى قىمارۋاز بىرسى كەپتەرۋاز،
‹شەرەپ-شان›كۆكىدە قاقماقتا قانات.
بوغدايلار ئارسىدا قارمۇق سۇ ئىچتى،
ساختىلىق-چىنلىق چىرماشقان ھايات.
بىر ئۇستاز قاۋاقتا شاراپنى ئىچىپ.
بىرخانىم سەھنىدە تولغايدۇ بەلنى،
ھۆرمەت قالپىغىنى چۆكۈرۈپ كېيىپ،
نىمانچە ئەخمەق قىلىدۇ ئەلنى.
بىر ئۇستاز دەلدەڭشىپ كىردى سىنىپقا،
بىر خانىم كىردىغۇ جىندەك ياسىنىپ.
مۇشۇنداق ئۇستازغا ھۆرمەت لايىقمۇ؟
ئاممىۋى سورۇن ئەمەس يا-سىنىپ.
كۈلۈشى بىلمىسە ھىجايمىسىكەن،
نىمە بىر پايدىسى يالغان كۈلگەننىڭ.
قانداقمۇ ئابىرويى بولسۇن ئېيتىڭە،
قىزىلگۈل ئارسىغا ئۆنگەن تىكەننىڭ.
ئوقۇتقۇچى ئۈستىدە سۆزلەپ قويغۇنۇم،
بەلكىم سىزگە تويۇلار خاتا.
موللىلار داۋاملىق كۆلنى بۇلغىسا،
ئېيتىڭا سىزنىڭچە بۇ قانداق ساپا.
مەنبە؛ئۆز ئىجادىيىتىم

نارات 2012-05-01 20:31
قالتىس يېزىپسىز بارى كاللاھ قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن قېرىندىشىم

qiqak119 2012-05-01 22:41
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن .

سەرۋىناز 2012-05-02 07:49
قالتىس قامچىلاپسىز ، ئۇستاز دىگەن باشقىلانىڭ ھۆرمىتىگە ئەڭ سازاۋەر بولىدىگان كىشى... تىخى يىقىندا مەن قايسى بىر مۇنبەردە بىر ئەر ئوقۇتقۇچڭنىڭ 7 يىلدىن بىرى قىز ئوقۇغۇچىلانى ئاياغ -ئاستى قىلىپ كىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ماقالە كۆرگەن ئىدىم. مۇنداق مۇناپىق ئۇستازلامۇ بار تىخى...

yusuf 2012-05-02 10:11
 

رۇمەيسا 2012-05-02 13:08
تالانتىڭىز بولىدىكەن. ماڭا ياقتى.

نەسىھەت 2012-05-03 23:16
  ھەقىقەتەن ياخشي يىزىپسىز

مۇسىلىم 2012-05-05 19:05
تازا قامچىلاپسىز بەزىبىر <<ئەخلاقلىق >>مۇئەللىم،مۇئەللىمەلەرنى.

aliya 2012-05-26 01:03
بۇ مىسرالىرىڭىز تازا ئۆتكۈر قامچا بوپتۇ ، شۇنداق بىر قىسىم نائەھلى ئۇستازلارغا .


查看完整版本: [-- بۇغۇلغان نەپەستىن چىققان بىر سادا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.058607 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us