بۈگۈن (28-چىسلا ) يەكشەنبەچۈش شىنجاڭ ۋاقتى سائەت بىردە باشلانغان شىنجاڭ كۇماندىسى بىلەن چىڭخەي كۇماندىسى ئوتىرىسىدا ئېلىپ بېرىغان پۇتبول مۇسابىقىدە شىنجاڭ كۇماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن چىڭخەي كۇماندىسىنى يەڭدى . 
چىڭخەي ئۆلكىسى ئىگزلىككە جايلاشقان بۇلۇپ  ھاۋاسى بىر قەدەر  شالاڭ ، يېڭىدىن كەلگەنلەرمۇ يۈگۈرەش ئەمەس ھەتتاكى نۇرمال يول ماڭسا ئوكسىگن يىتىشمەي ھاسىراپ ماڭاتتى . مۇشۇنداق ناچار شارائىتتا ئەزىمەتلىرىمىز بۇشاشماي تىرىشىپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى .
مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى ، بىرنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئەزىمەتلىرىمىز شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ،ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا توپ كىرگۈزەلمىدى ، نەتىجە 0:0 بىلەن ئاخرلاشتى . 
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە  ئەزىمەتلىرىمىز تېخىمۇ تىرىشپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1:0 بىلەن ئاخىرلاشتۇردى . 
ھەر ئىككى مەيدان مۇسابىقە شۇنداق جىددى كەيپىيات بىلەن ئېلىپ بېرىلدى ، بۇلۇپمۇ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە يىگتلىرىمىز بىر توپ ئۇرغاندىن كىين ، چىڭخەي كۇماندىسى قايتىدىن جانلىنىپ ھۇجۇمنى خېلىلا كۈچەيىتتى ،   مۇسابىقە ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەندە( مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا بىر - نەچچە مىنۇت قالغاندا ) ، چىڭخەي كۇماندىسى  ئەزالىرى قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ مۇسابىقە كەيپىياتىنى يۇقۇرى پەللىگە كۈتەردى. 
لىكىن شىنجاڭ كۇماندىسى ۋارتارى چاققانلىق بىلەن ئۇرۇلغان توپنى سىرىتقا چىقىرىۋەتتى . مۇسابىقە كۆرگۈچىلەرمۇ ناھايتى جىددى كەيپىياتتا ئولتۇردى . 
ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ رۇلىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، شىنجاڭ خەلقىگە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمۈت قىلىمىز !