باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 723 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۈگۈن شىنجاڭ كۇماندىسى چىڭخەي كۇماندىسىنى يەڭدى!
دوستلىشىش
چوپان★
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11049
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-07
ئاخىرقى: 2012-04-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 21:08

بۈگۈن شىنجاڭ كۇماندىسى چىڭخەي كۇماندىسىنى يەڭدى!

بۈگۈن (28-چىسلا ) يەكشەنبەچۈش شىنجاڭ ۋاقتى سائەت بىردە باشلانغان شىنجاڭ كۇماندىسى بىلەن چىڭخەي كۇماندىسى ئوتىرىسىدا ئېلىپ بېرىغان پۇتبول مۇسابىقىدە شىنجاڭ كۇماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن چىڭخەي كۇماندىسىنى يەڭدى .
چىڭخەي ئۆلكىسى ئىگزلىككە جايلاشقان بۇلۇپ  ھاۋاسى بىر قەدەر  شالاڭ ، يېڭىدىن كەلگەنلەرمۇ يۈگۈرەش ئەمەس ھەتتاكى نۇرمال يول ماڭسا ئوكسىگن يىتىشمەي ھاسىراپ ماڭاتتى . مۇشۇنداق ناچار شارائىتتا ئەزىمەتلىرىمىز بۇشاشماي تىرىشىپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى .
مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى ، بىرنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئەزىمەتلىرىمىز شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ،ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا توپ كىرگۈزەلمىدى ، نەتىجە 0:0 بىلەن ئاخرلاشتى .
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە  ئەزىمەتلىرىمىز تېخىمۇ تىرىشپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1:0 بىلەن ئاخىرلاشتۇردى .
ھەر ئىككى مەيدان مۇسابىقە شۇنداق جىددى كەيپىيات بىلەن ئېلىپ بېرىلدى ، بۇلۇپمۇ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە يىگتلىرىمىز بىر توپ ئۇرغاندىن كىين ، چىڭخەي كۇماندىسى قايتىدىن جانلىنىپ ھۇجۇمنى خېلىلا كۈچەيىتتى ،   مۇسابىقە ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەندە( مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا بىر - نەچچە مىنۇت قالغاندا ) ، چىڭخەي كۇماندىسى  ئەزالىرى قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ مۇسابىقە كەيپىياتىنى يۇقۇرى پەللىگە كۈتەردى.
لىكىن شىنجاڭ كۇماندىسى ۋارتارى چاققانلىق بىلەن ئۇرۇلغان توپنى سىرىتقا چىقىرىۋەتتى . مۇسابىقە كۆرگۈچىلەرمۇ ناھايتى جىددى كەيپىياتتا ئولتۇردى .
ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ رۇلىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، شىنجاڭ خەلقىگە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمۈت قىلىمىز !


دوستلىشىش
ئەلمۇسلىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10576
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 119
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە119دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 1357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-30
ئاخىرقى: 2012-05-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 22:00

جاسارەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز ،
ئاللاھ شۇنداق ئۇيغۇرلىرىمىزنى كۆپلەپ ئاتا قىلغاي!