چوپان★ |
2012-04-28 21:08 |
بۈگۈن (28-چىسلا ) يەكشەنبەچۈش شىنجاڭ ۋاقتى سائەت بىردە باشلانغان شىنجاڭ كۇماندىسى بىلەن چىڭخەي كۇماندىسى ئوتىرىسىدا ئېلىپ بېرىغان پۇتبول مۇسابىقىدە شىنجاڭ كۇماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن چىڭخەي كۇماندىسىنى يەڭدى . چىڭخەي ئۆلكىسى ئىگزلىككە جايلاشقان بۇلۇپ ھاۋاسى بىر قەدەر شالاڭ ، يېڭىدىن كەلگەنلەرمۇ يۈگۈرەش ئەمەس ھەتتاكى نۇرمال يول ماڭسا ئوكسىگن يىتىشمەي ھاسىراپ ماڭاتتى . مۇشۇنداق ناچار شارائىتتا ئەزىمەتلىرىمىز بۇشاشماي تىرىشىپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى . مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى ، بىرنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئەزىمەتلىرىمىز شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ،ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا توپ كىرگۈزەلمىدى ، نەتىجە 0:0 بىلەن ئاخرلاشتى . ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئەزىمەتلىرىمىز تېخىمۇ تىرىشپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1:0 بىلەن ئاخىرلاشتۇردى . ھەر ئىككى مەيدان مۇسابىقە شۇنداق جىددى كەيپىيات بىلەن ئېلىپ بېرىلدى ، بۇلۇپمۇ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە يىگتلىرىمىز بىر توپ ئۇرغاندىن كىين ، چىڭخەي كۇماندىسى قايتىدىن جانلىنىپ ھۇجۇمنى خېلىلا كۈچەيىتتى ، مۇسابىقە ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەندە( مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا بىر - نەچچە مىنۇت قالغاندا ) ، چىڭخەي كۇماندىسى ئەزالىرى قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ مۇسابىقە كەيپىياتىنى يۇقۇرى پەللىگە كۈتەردى. لىكىن شىنجاڭ كۇماندىسى ۋارتارى چاققانلىق بىلەن ئۇرۇلغان توپنى سىرىتقا چىقىرىۋەتتى . مۇسابىقە كۆرگۈچىلەرمۇ ناھايتى جىددى كەيپىياتتا ئولتۇردى . ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ رۇلىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، شىنجاڭ خەلقىگە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمۈت قىلىمىز !
|
|