قېرىنداشلار ،نەپسىمىزگە ئەگەشمەيلى . بۇنداق بىر مەسىلىنىڭ كىچىككىنە بىر يېرىگە ئېسىلىۋېلىپ ،ئاددى ئويلىمايلى . سىلەردىن سوراپ باقاي ، ھاراق ھالالمۇ ھاراممۇ ؟ بۇ ئېنىق ھارام . لېكىن ھا راق مۇتلەق ھالدا زىيانلىقمۇ ؟ ياق ھاراقنىڭ مەلۇم پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ ئەلۋەتتە بار . ئۇنداقتا مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا ھاراقنىڭ ھاراملىقىدىن شۈبھە قىلىش پەقەتلا بىر ئەقىلسىزلىق . بىلىملىك بىر كىشى بىرئەرسە دېگەندە ،ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئويلىشقىپ قويۇشى كېرەك . بۇ پىتنىدىن ساقلايدۇ .