باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3953 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: شىئە سۈننى توغرىسىدا جىددى ياردەم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 372
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە372دانە
ئۆسۈش: 2704 %
مۇنبەر پۇلى: 6168 سوم
تۆھپىسى: 42 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-08-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 18:07

شىئە سۈننى توغرىسىدا جىددى ياردەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن كەلگۈسىدە بالامغا ئوتتۇرا شەرىقتە ھېلىھەم ئېقىۋاتقان شىئە سۈننىي قانلىرى توغرىسىدا بىر چۈشەندۇرۇش بىرىشىم كىرەك .ئاللاھ خالىسا بۇ سۇئالنى چوقۇم سورايدۇ .يەنە نىمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بار رايونلاردا مەزھەپ جەڭلىرى تۈگىمەيدۇ .ئىككىسىلا مۇسۇلمانلىق دەۋەسى قىلىپ تۇرۇپ بىر بىرىنى ئۆلتۈردۇ دەپ سۇئال قويىشى مۇمكىن .بەلكىم سىزمۇ شۇنداق سۇئالغا ئۇچىرىغان .بۇنى سىز قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
مەن مۇنداق چۈشۈندۈرىمەن توغرىمۇ .مەزھەپ دىگەن ئۇ ئىلىم يولى .سىز ئىسلامدا بولسىڭىز ئىلىم ئۆگىنىش پەرىز بولغاچقا چوقۇم بىر ئۇستاز تۇتىشىڭىز كىرەك .ئۇستازلارنىڭمۇ ئۇستازلىرى بولىدۇ .ئۇستازلارنىڭ ئەڭ ئالىسى ئالىملاردور .ھازىرقى دۇنيادىكى ئومومى ئىسلام دۇنياسى ھۆرمەت قىلىدىغان ئالىملارنىڭمۇ ئۇستازلىرى يەنى ئۆزلىرى ئەگىشىدىغان ئىلىم يوللىرى بولىدۇ .ئەھلى سۈننەت كىشىلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان مەزھەپ ئالىملىرى تۆتتور .ئۇلار ئىمام ئەزەم،ئىمام مالىك ،ئىمام شافىي،ئىمام ئىبنى ھەنبەل .
شىئەلەر بولسا بىر سىياسىي گۇروھ .ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ خەلىپە سايلاش چاقىرىقىغا قارشى ،پەيغەمبەر ئەلەھىسسالامنىڭ كۈيئوغلى بولغان ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلىش كىرەك دەپ ئىسيان كۆتۈرگەن بىر گۇروھ .ئۇلار كېيىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى شىئەلەرنى شەكىللەندۈرگەن .
ئىسلامدىكى مەزھەپ ئەقىدىسى ئىلىمنى ئاساسىي نىشان قىلغاچقا ،بىز كۆزلەۋاتقان مەزھەپ دەل  ئالىملارنىڭ تۇتقان يولىدۇر .بىز ئەھلى سۈننەت يەنى قۇرئاننى ،پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى تۇتقۇچىلار بولغاچقا يوقىرىدا ساناپ ئۆتكەن مەشھور ئىسلام ئالىملىرىنىڭ خالىغىنىنىڭ بىرسىنى تۇتۇپ ماڭساق كۈپايىدور .شىنجاڭلىقلار ئىمام ئەئزەمنىڭ ئىلىم يولىدا.
دىمەك مەزھەپ دىگەن شىئەلەردەك سىياسىي مەقسەتنى كۆزلىمەستىن بەلكى ئىلمى مەقسەتنى جۈملىدىن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر بۇيرىغان ئەمەللەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ .شۇڭا شىئەلەر نى بىز ئىلمى مەزھەپ دەپ ئاتىمايمىز .
شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننەت كىشىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ماجىرا تارىختا ئاقىل ۋە ئادىل ھۆكمىرانلارنىڭ ياراشتۇرىشى بىلەن ھازىرقى دۇنيادىكى ئىراق ۋە ئىراندىكى ئىرقى يوقىتىشتەك ۋەھشىيانە ئۇرۇشلار ئىنتايىن ئاز بولاتتى .بەلكى ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئىلمى سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەر كۆپرەك بولاتتى .لېكىن ھازىرقى دۇنيادىكى نەپسى ،تەكەببۇرلۇق ،ھوقوق قاتارلىق شەيتاننىڭ قۇراللىرىنىڭ كەينىگە كىرگەن بىر بۆلەك زالىم مۇستەبىتلەر شىئە ،سۈننىي جىدىلىنى پۈلەپ كۈچەيتىۋاتىدۇ .
يوقىردا سۆزلىگەنچىلىك بىر نەرسە دەپ بەرسەم توغرا بولارمۇ ؟بەك ئۇزۇن چۈشەندۇرۋەتسەك يەنە چۈشەنمەي قالسا ،خاتا چۈشىنىش پەيدا قىلىپ قويۇشتىن قورقىمەن .سىلەردە ھازىرقى ئوتتۇرا شەرىقتىكى مەزھەپ جىدىلىنى ياخشى چۈشەندۇردىغان بىر ماتىريالىڭلار بارمۇ؟
مۇسۇلمانلار مەزھەپكە بۆلۈنمەيدۇ دەپ ئاددىيى چۈشەندۈرۈش خاتا دەپ ئويلايمەن .چۈنكى يوقىردا دىيىلگەن تۆت مەزھەپ ئالىمىنىڭ تۇتقان يولى ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا مەجوسى تەشۋىقات ئاپىراتلىرى شەكىللەندۈرۈپ قويغان مەزھەپ ئۇقىمى بولماستىن بەلكى بىر ئىلم يولى دەپ چۈشىنىمەن .سىزچە توغرىمۇ ؟ماڭا كۆچۈرۈلمە ماقالە كىرەك ئەمەس .بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ شۇ ماقالىلار ئاساسىدا ئەگەر مەن كەلگۈسىدە بىر ئىلىمسىز شۇنداق سۇئال سوراپ قويسا مۇنداق جاۋاپ بىرىمەن دىگەن ئىجادىي جاۋابىڭىز كىرەك .
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 1270 %
مۇنبەر پۇلى: 7275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-07-13

ئىككى مەزھەپنىڭ ئۇتتۇرسىدىكى زىدىيەت شۇنداق كەسكىن ،ئۇلار ئۇزئارا قىرغىن قىلىشى ئۇچۇن ھەتتا مەسچىتتە ئىبادەت قىلىۋاتقاندا ئادەم بۇمبا ھۇجۇمى قۇزغاپ مەسچىتنى قانغا بۇياشتىنمۇ تەپ تارتمىدى،،،
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 506
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە506دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 5438 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 21:32

مۇشۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ!!
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=8592
دوستلىشىش
بارىسجان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11453
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-25
ئاخىرقى: 2012-04-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 22:00

ماۋۇماقالىنى ئوقۇپ بۇرنۇمغا قان پۇراۋاتىدۇدا.قارىغاندائەمدى بۈلۈنۈش نۆۋىتى ئۇيغۇرلارغاكەپتۇدە!
دوستلىشىش
kroran2010
رەببىم ئۇيغۇرۇمغا مەدەت بەرگىن !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 170 %
مۇنبەر پۇلى: 2073 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-09-11
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 22:02

مەن شىئە خەلىقىگە ئىشىنىمەن ،ئۇلار كۆپ قىسىمى مۇسۇلماندۇر ،سۇنئىلەرنىڭمۇ سۇنئى بولغانلىقى ئۇچۇنلا ھەممىسى مۇسۇلمان بولىشى ناتايىن،شىئەلەرنىڭ ھەممىسى شۇ شىئەلەرنىڭ مۇرەككەپ كۆز قارىشىغا ئگە ئەمەس، ئۇنداق مۇرەككەپ كۆز قاراشقا ئگە بولغىنى يەنىلا شىئە ئۆلماللىرىدۇر ،شىئە ئاممىسىنى يەنىلا ئاللا بىر دەپ تۇنۇيدۇ ھەمدە كۆپ قىسىمى  نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا  ۋاقتى جان بىقىش ھەلەكچىكىدە بولىدۇ ،تۇنۇشى ئۇنداق مۇرەككەپ بۇلىشى ئۇچۇن كۆپ ۋاقىت ئاجىرتىپ نۇرغۇنلىغان شىئە ئۆلمالىرى يىزىپ چىققان كىتابلارنى كۆرۇشكە توغرا كىلىدۇ،شىئە ئاممىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ۋاقتى كۆپ ئەمەس ،شىئەلەر مۇسۇلماندۇر ،ھەممەيلەن ئتتىپاقلىشىمىز كىرەك ،ئۇنداق ئەمەس دىگەن تەغدىردىمۇ ئۇلار غەيرى مۇسۇلماندىن كۆپ ياخشى ،ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئسرائلىيەنى ئەشەددى رەقىب دەپ قارايدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ شىئە ئاممىسىمۇ مۇسۇلمانلىقنى نىيەت قىلىدۇ،ئوخشاشلىققا كۆپىرەك نەزەر سالايلى .  
دوستلىشىش
ئىنسان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11414
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 97
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە97دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1030 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-22
ئاخىرقى: 2012-06-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 23:40

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
تۈۋەندىكى ئادرىستا مەزەھەپلەر توغرۇلۇق ئازراق بىلىم بار http://takwalar.com/?cat=46
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1131
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1131دانە
ئۆسۈش: 2780 %
مۇنبەر پۇلى: 13622 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-09-11
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 00:06

4-قەۋەت (kroran2010) نىڭ يازمىسىغا

توغرا دەيسىز قېرىندىشىم!شىئەلەر 20پىرقىغا بۆلىنىدىكەن ،ئۇنىڭ 3ياكى 4پىرقىسىلا ئەھلى سۇننەت نىڭ يولىغا ئوخشىمايدىكەن قالغانلىرى سىز ئىيىتقانغا ئوخشاش .......................................................................
بىز ئەڭ ياخشىسى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان ئۈچ دەۋىرنىڭ يولىنى (يەنى ئەھلى سۇننى ۋەل جامائەنىڭ يولىنى )تۇتساق ،ئەڭ توغرا يولنى تۇتقان بولىمىز ۋە ئازمايمىز.
ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار مېنىڭ زامانىمدىكىلەردۇر، ئاندىن ئۇلارنىڭ زامانىغا يېقىن بولغانلاردۇر، ئاندىن ئۇلارنىڭ زامانىغا يىقىن بولغانلاردۇر» [ئىمام بۇخارى ۋە مۇسىلىم رىۋايەتلىرى]
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 686
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە686دانە
ئۆسۈش: 1110 %
مۇنبەر پۇلى: 7610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-09-07
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 00:27

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
ناھايتى زۇرۇر بولغان ئەمما بىزلەر دىققەت ئىتىبارىمىزنى ئاغدۇرمىغان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز.
مەن كەلگۇسىدە بالام مەندىن سۇراپ قالسا مۇنداق جاۋاب بىرىشىم مۇمكىن.
سۇننىيلەرمۇ مۇسۇلمان شىئىلەرمۇ مۇسۇلمان. ئىسلام دۇنياسى چوڭ بىر ئۆيگە ئوخشايدۇ. بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئولتۇرقى بىر ئۆيدە بولغان بىلەن ئىتقادى خىلمۇ-خىل بۇلىدۇ.بۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان مۇسۇلمانلار چوڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۇلنىدۇ. بىرى سۇننىيلار(سۈننەت بۇيىچە ماڭغۇچىلار- قۇرئانغا ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىغىمۇ ئەمەل قىلىدىغانلار،ھەم پەيغەمبىرىمىزدىن كىيىن كەلگەن خۇلاپائىرراشىدىن(توغرا يولدا ماڭغان خەلىپىلەر)لارنى ئىتراپ قىلغانلار ھەم ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ياشاش نىشانىنى شۇلاردىن ئۈلگە ئالغانلار. بۇلار يەنى سۇننيلار ھەق كىمنىڭ ئاغىزىدا بولسا قۇبۇل قىلىۋېرىدۇ شەرىئەتنى قۇرئان ۋە ھەدىس،قىياس،ئىجتاھادلاردىن ۋە توغرا يولدا ماڭىدىغان ئۇستاز-ئىماملاردىن ئالىدۇ....)دۇر.
يەنە بىر گۇرۇپپا بولسا شىئىيلار(يەنى گۇرۇھلار-بۇلار بىر گەۋدە بۇلۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلى تەشكىللىنىپ ئۆزىچىلا بىر جامائە بۇلىۋالغان كىشىلەر. بۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا قۇرئانغا ئەمەل قىلىدۇ. ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ.(ئۆزىنىڭ ئىماملىرىنىڭ ھەدىسىنىلا ئىتراپ قىلىشىدۇ) بۇلار ئىسلام قانۇنىنى ئۆزىنىڭ ساماۋىي كىتابلىرىدىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھايات بولغان باشلىقىدىن ئېلىشىدۇ....)دۇر.
بۇ چوڭ ئىككى گۇرۇپپىنى ئىككى ئاكا-ئۇكىغا ئوخشىتىش مۇمكىن.
مەن بۇ يەردە «سۇننىيلار» بۇرۇن بولغاندىكىن ئۇ گۇرۇپپىنى «ئاكا».«شىئىيلار» كىيىن پەيدا بولغان ئۇ گۇرۇپپىنى«ئۇكا:» دەپ چۇشەندۇرەي.
بۇ ئىككى ئاكا ئۇكىنىڭ نۇرغۇن بالىلىرى بار.
بۇلاردىن «ئاكا»نىڭ بالىلىرى 4بۇلۇپ بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە،ئىمام شاپىئىي،ئىمام مالىك،ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلاردىندۇر.
بۇ تۆت قېرىنداش دۇنيادا ياشاش جەريانىدا باشقا-باشقا يەرلەرگە كىتىپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىندا پىشقان ئۇستا ئالىملاردىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىتقادى بىردەكلا:-قۇرئان ۋە ھەدىس بولغان. بۇ تۆت قېرىنداشنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرىمىزنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئىتقاد قىلىدۇ. دىننىي ئىشلاردا ھەممە ئىشلارنى رەسۇلۇللەتىن،رەسۇلۇللەتىن كىيىن كەلگەن ئىزباسار تۆت خەلىفە(ئەبۇ بەكرى،ئۈمەر،ئوسمان،ئەلى.. (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)لاردىن،رەسۇلۇللە بىلەن بىر دەۋىردە ياشاپ ھەمسۆھبەت بولغان كىشىلەردىن(رەسۇلۇللە بىلەن بىر دەۋىردا ياشىغان ھەم رەسۇلۇللەنىڭ سۆھبىتىگە نائىل بولغان كىشىلەر ساھابە دەپ ئاتىلىدۇ)ئۈلگە ئالىدۇ. بۇ تۆت قېرىنداشنىڭ ئازراق پىكىر ئىختىلاپى بار ئەمما ھەممىسىنىڭ مەخسىتى پەقەت بىرلا.... بۇلارنىڭ پىكىر ئىختىلاپىنىڭ بۇلىشى ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۇرۇندا ئوخشىمىغان شارائىتتا ياشىغانلىقىدىن بولغان.
بۇ خۇددى نامازنى-ناماز شامنى مىسالغا ئالايلى. بىزنىڭ يۇرت خوتەندە شام ۋاقتى 7:30دا بۇلىدۇ.ئۈرۈمچىدە بولسا 6:40ئەتراپىدا بۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلى يۇرتتىكى كىشىلەر يۇقارقى ۋاقىتتا ئوقۇسا نامازنىڭ دەل ۋاقتىدا ئوقۇغان بۇلىدۇ. ئەكسىچە خوتەندە تۇرۇپ ئۇرۇمچىدە ئوقۇغان بۇيىچە ناماز شامنى ئوقۇسا ئۇ نامازنى بالدۇر ئوقۇۋالغان بۇلىدۇ. ۋە بۇنداق ناماز مەقبۇل بولمايدۇ ۋاختى كەلگەندە قايتا ئوقۇمىسا ئۇ ناماز گەدەندىن ساقىت بولمايدۇ.ئۇرۇمچىدە تۇرۇپ خوتەننىڭ ۋاقىت قارشى بۇيىچە ئوقۇسا شامنىڭ ۋاقتى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بۇلىدۇ .... ئىش مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىشلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئوخشىماسلىقلارنى پەيدا قىلغان. توغرا يولدىكىلەر«ئىسلام»ئىسىملىق ئاتىنىڭ چوڭ ئوغلى«سۈننىي ئاكا» ۋە ئۇنىڭ 4ئوغلىنىڭ يۇلىدۇر. مەن «سۈننىيلار»نىڭ يۇلىدا دەپ ئېغىزدىلا  ئېيتىۋالغانغا بىز ئۇلاردىن بۇپ قالمايمىز. بىز جەزمەن شۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا تۇتۇپ ماڭغان يۇلى بۇيىچە ماڭساقلا شۇلاردىن  بۇلالايمىز. «سۈننىيلار»دىنمۇ دەۋزەخكە كىرىدىغانلىرى بۇلىدۇ. مەن بۇنى كىيىن تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ قۇيىمەن. ھازىرقى مەخسەت «سۈننىي» ۋە «شىئىي»نىڭ پەرقىنى بىلدۈرۈش خالاس..

قالغان بىرى «شىئىي» ئىسىملىك«ئۇكا» نىڭ بالىلىرى بەك كۆپ. بۇلار تەخمىنەن 24 بىر تۇققان. بۇلار ھازىر ئىراندا ئەڭ كۆپ ساننى ئىگەللىگەن. ھەم دۆلەت ئىشلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئالىي داھىرلىرىغا تۇتقۇزۇلغان.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ داھىيلىرىغا بەكلا سادىق بۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. سۈرۈشتۇرۇپ كەلسەك بۇلارنىڭ بوۋىسى بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بۇلىدۇ. بۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئاللاھقا ئىشىنىدۇ. پەيغەمبەرگە يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىدۇ. ئەمما ئاز ساندىكىلىرى  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر ئەمەس. بەلكى خۇلاپائىرراشىدىنىلاردىن بولغان ئەلى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئىتقاد قىلىشىدۇ.بۇلارنىڭ قارىشىچە ئەسلى پەيغەمبەرلىك ئەلىغا كەلگەنمىش كىيىن ئەلىگە مۇھەمەد ئەلەيھىسسالام قىزى فاتىمەنى بىرىپ پەيغەمبەرلىكنى تارتىۋالغان دىيىشۇ. بىراق بۇنداق دەيدىغانلار ناھايتى ئاز.(قانداق بىر ئادەم ئاللاھقا ئىشىنىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسە ئۇ شەكسىز دۇزاخقا كىرىدۇ). بۇلارنىڭ بىزگە ئوخشىمايدىغان يەرلىرىنىڭ چوڭراقى:- بۇلار پەقەت ئەلىنىلا قانۇنلۇق خەلىفە دەيدۇ.(ھەتتا ھەر نامازغا ئوقۇلغان ئەزاندا ئەلىنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ.يەنى ئەشھەدۇئەننە ئەلى ۋەلىيۇللاھ نى قۇشۇپ ئوقۇيدۇ بۇنداق قىلىش چوڭ بىدئەت. بۇ بىدئەتنى ئۇلار ياخشى كۇرىدىغان «ئەلى»(ئاللاھ ئۇنىدىن رازى بولسۇن)مۇ قىلمىغان،كىيىنكىلىرىگىمۇ بۇيرىمىغان.بۇ پەقەتلا ئۇلار ئۆزلىرى قۇشۇلۋالغان بىدئەت ئىش) بەزى ساھابىلەرنى ئەلىنىڭ قاتىلى دەپ تىللايدۇ.(ساھابىلەرنى تىللىغانلار دىنسىزدۇر. چۈنكى ساھابىلەر ئىسلام ئاسمىنىدىكى يۇرۇق يۇلتۇزلاردۇر) قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتا قۇرئاننى ئۆز رەئىيىگە بويسۇندۇرغان. مەسلەن قۇرئاندا ۋاقىت بەلگىلەپ توي قىلىشنى چەكلىگەن(يەنى بىر ئايلىق ياكى بىر يىللىق دىگەنگە ئوخشاش ۋاقىت بەلگىلەپ بىر ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ) ئەمما «شىئىيلار»بۇنى ئۆز ئالدىغا يوللۇق قىلۋالغان.(قانداق بىر ئادەم قۇرئاندا چەكلەنگەن بىر ئىشنى يوللۇق قىلۋالسا ئۇ شەكسىز كاپىر بۇلىدۇ ) بۇلار بىز ئوقۇپ كەلگەن ۋە پۇتۇن سۇننىي ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلار ئىتراپ قىلغان «بۇخارى،ۋە مۇسلىم»... قاتارلىق قۇرئاندىن قالسىلا يۇقرى ئۇرۇندا تۇرىدىغان ھەدىس كىتابلىرىنى ئىتىبارغا ئالمايدۇ.(سەھىھ ھەدىستىن بىرنى يالغانغا چىقارغان ئادەم كاپىر بۇلىدۇ) بۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەمەل قىلىدىغان ئىماملىرىنىڭ ئىش ھەركەت گەپ سۆزلىرى بار.يەنە ئۇنىڭدىن  باشقا ھەر يىلى 1.ئاينىڭ 10.كۈنى ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۇسەيىن ئۇچۇن ئۆزىنى قازاندىكى قىزىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆسىنىڭ ساداقىتىنى ئىمامىغا بېغىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىمامى بولسا ياخشى كىشى ۋە ياخشى كىشىنىڭ ئوغلى. بىراق بۇلار  ئۆزىچىلا مۇشۇنداق ئۇسۇلنى تاللىۋالغان. بۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئۇلارنىڭ ئىماملىرى بۇيرۇغانمۇ ئەمەس.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازغۇن دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ھەق يولدىكىلىرى بار. مەسلەن ئىمام جەئپەر جامائەسى بىزنىڭ سۇننىي گۇرۇپپىدىكىلەرگە ئەڭ يېقىن ...
 بۇگۇن مۇشۇنچىلىك تۇنۇشتۇراي ھازىر كىچە سائەت 11بۇلاي دەپتۇ....
پەرق نۇرغۇن.... ئەگەر بۇلارنىڭ دىننىيي ئەھۋالى ،ئۆرپ-قائدىسى بىلەن تەپسىلى تۇنۇشاي دىسىڭىز «قىسقىچە ئىسلام تارىخى»دىگەن كىتابقا ئىلتىجا قىلسىڭىز بۇلىدۇ.....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9873
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 858 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-01
ئاخىرقى: 2012-09-11
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 07:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛سۈننىيلەردىمۇ دوزاققا كىرىدىغانلار بار دىيىلىپتۇ ،بىيىش ۋە دوزاققا كىرىشنى ،بەندە بەلگىلەمدۇ ياكى ئاللاھ -تائاللاھ بەلگىلەمدۇ؟ مېنىڭچە سەن دوزاققا كىرىسەن ،سەن جەننەتكە كىرىسەن ،دىيىش بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ،بۇنى ئاللاھ -تائاللاھ ئۆزى ھۆكۈم قىلىدۇ .
دوستلىشىش
ئۆزئۇيغۇر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8994
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 142
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە142دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-18
ئاخىرقى: 2012-09-11
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 09:38

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى alim20 نىڭ 2012-04-26 07:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛سۈننىيلەردىمۇ دوزاققا كىرىدىغانلار بار دىيىلىپتۇ ،بىيىش ۋە دوزاققا كىرىشنى ،بەندە بەلگىلەمدۇ ياكى ئاللاھ -تائاللاھ بەلگىلەمدۇ؟ مېنىڭچە سەن دوزاققا كىرىسەن ،سەن جەننەتكە كىرىسەن ،دىيىش بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ،بۇنى ئاللاھ -تائاللاھ ئۆزى ھۆكۈم قىلىدۇ .

ۋەلەيكۇمسالام!
يازمىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا قارىسىڭىز بولمامدۇ؟  نىمىشقا بىر ئېغىز گەپنى تۇتقا قىلىپ تېمىدىن چەتنەيسىز؟  ئەلۋەتتە جەننەت ۋە جەھەننەمگە كىرىشنى ئاللاھ بۇيرىيدۇ. ئەمما  سۈننىيلەردىنمۇ جەھەننەمگە كىرىدىغانلار بار دىگەن سۆز مۇتلەق توغرا. چۈنكى سۈننىيلەردىنمۇ  جەھەننەمگە لايىقلار بار. ئۆزىنى سۈننىي دەپ تۇرۇپ ئاللاھقا قارشى ئىش قىلىدىغان سۈننىيلەرنى يوق دىيەلەمسىز؟
مۇشۇنداق كاللا دەپ يازما يازسا، پاچاق دەپ جاۋاپ بېرىدىغان ئىنكاسلار ئاز يېزىلسىكەن.