باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3938 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شىئە سۈننى توغرىسىدا جىددى ياردەم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 372
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە372دانە
ئۆسۈش: 2704 %
مۇنبەر پۇلى: 6168 سوم
تۆھپىسى: 42 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-08-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 18:07

شىئە سۈننى توغرىسىدا جىددى ياردەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن كەلگۈسىدە بالامغا ئوتتۇرا شەرىقتە ھېلىھەم ئېقىۋاتقان شىئە سۈننىي قانلىرى توغرىسىدا بىر چۈشەندۇرۇش بىرىشىم كىرەك .ئاللاھ خالىسا بۇ سۇئالنى چوقۇم سورايدۇ .يەنە نىمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بار رايونلاردا مەزھەپ جەڭلىرى تۈگىمەيدۇ .ئىككىسىلا مۇسۇلمانلىق دەۋەسى قىلىپ تۇرۇپ بىر بىرىنى ئۆلتۈردۇ دەپ سۇئال قويىشى مۇمكىن .بەلكىم سىزمۇ شۇنداق سۇئالغا ئۇچىرىغان .بۇنى سىز قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
مەن مۇنداق چۈشۈندۈرىمەن توغرىمۇ .مەزھەپ دىگەن ئۇ ئىلىم يولى .سىز ئىسلامدا بولسىڭىز ئىلىم ئۆگىنىش پەرىز بولغاچقا چوقۇم بىر ئۇستاز تۇتىشىڭىز كىرەك .ئۇستازلارنىڭمۇ ئۇستازلىرى بولىدۇ .ئۇستازلارنىڭ ئەڭ ئالىسى ئالىملاردور .ھازىرقى دۇنيادىكى ئومومى ئىسلام دۇنياسى ھۆرمەت قىلىدىغان ئالىملارنىڭمۇ ئۇستازلىرى يەنى ئۆزلىرى ئەگىشىدىغان ئىلىم يوللىرى بولىدۇ .ئەھلى سۈننەت كىشىلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان مەزھەپ ئالىملىرى تۆتتور .ئۇلار ئىمام ئەزەم،ئىمام مالىك ،ئىمام شافىي،ئىمام ئىبنى ھەنبەل .
شىئەلەر بولسا بىر سىياسىي گۇروھ .ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ خەلىپە سايلاش چاقىرىقىغا قارشى ،پەيغەمبەر ئەلەھىسسالامنىڭ كۈيئوغلى بولغان ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلىش كىرەك دەپ ئىسيان كۆتۈرگەن بىر گۇروھ .ئۇلار كېيىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى شىئەلەرنى شەكىللەندۈرگەن .
ئىسلامدىكى مەزھەپ ئەقىدىسى ئىلىمنى ئاساسىي نىشان قىلغاچقا ،بىز كۆزلەۋاتقان مەزھەپ دەل  ئالىملارنىڭ تۇتقان يولىدۇر .بىز ئەھلى سۈننەت يەنى قۇرئاننى ،پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى تۇتقۇچىلار بولغاچقا يوقىرىدا ساناپ ئۆتكەن مەشھور ئىسلام ئالىملىرىنىڭ خالىغىنىنىڭ بىرسىنى تۇتۇپ ماڭساق كۈپايىدور .شىنجاڭلىقلار ئىمام ئەئزەمنىڭ ئىلىم يولىدا.
دىمەك مەزھەپ دىگەن شىئەلەردەك سىياسىي مەقسەتنى كۆزلىمەستىن بەلكى ئىلمى مەقسەتنى جۈملىدىن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر بۇيرىغان ئەمەللەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ .شۇڭا شىئەلەر نى بىز ئىلمى مەزھەپ دەپ ئاتىمايمىز .
شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننەت كىشىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ماجىرا تارىختا ئاقىل ۋە ئادىل ھۆكمىرانلارنىڭ ياراشتۇرىشى بىلەن ھازىرقى دۇنيادىكى ئىراق ۋە ئىراندىكى ئىرقى يوقىتىشتەك ۋەھشىيانە ئۇرۇشلار ئىنتايىن ئاز بولاتتى .بەلكى ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئىلمى سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەر كۆپرەك بولاتتى .لېكىن ھازىرقى دۇنيادىكى نەپسى ،تەكەببۇرلۇق ،ھوقوق قاتارلىق شەيتاننىڭ قۇراللىرىنىڭ كەينىگە كىرگەن بىر بۆلەك زالىم مۇستەبىتلەر شىئە ،سۈننىي جىدىلىنى پۈلەپ كۈچەيتىۋاتىدۇ .
يوقىردا سۆزلىگەنچىلىك بىر نەرسە دەپ بەرسەم توغرا بولارمۇ ؟بەك ئۇزۇن چۈشەندۇرۋەتسەك يەنە چۈشەنمەي قالسا ،خاتا چۈشىنىش پەيدا قىلىپ قويۇشتىن قورقىمەن .سىلەردە ھازىرقى ئوتتۇرا شەرىقتىكى مەزھەپ جىدىلىنى ياخشى چۈشەندۇردىغان بىر ماتىريالىڭلار بارمۇ؟
مۇسۇلمانلار مەزھەپكە بۆلۈنمەيدۇ دەپ ئاددىيى چۈشەندۈرۈش خاتا دەپ ئويلايمەن .چۈنكى يوقىردا دىيىلگەن تۆت مەزھەپ ئالىمىنىڭ تۇتقان يولى ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا مەجوسى تەشۋىقات ئاپىراتلىرى شەكىللەندۈرۈپ قويغان مەزھەپ ئۇقىمى بولماستىن بەلكى بىر ئىلم يولى دەپ چۈشىنىمەن .سىزچە توغرىمۇ ؟ماڭا كۆچۈرۈلمە ماقالە كىرەك ئەمەس .بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ شۇ ماقالىلار ئاساسىدا ئەگەر مەن كەلگۈسىدە بىر ئىلىمسىز شۇنداق سۇئال سوراپ قويسا مۇنداق جاۋاپ بىرىمەن دىگەن ئىجادىي جاۋابىڭىز كىرەك .
دوستلىشىش
kroran2010
رەببىم ئۇيغۇرۇمغا مەدەت بەرگىن !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 170 %
مۇنبەر پۇلى: 2073 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-09-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 22:02

مەن شىئە خەلىقىگە ئىشىنىمەن ،ئۇلار كۆپ قىسىمى مۇسۇلماندۇر ،سۇنئىلەرنىڭمۇ سۇنئى بولغانلىقى ئۇچۇنلا ھەممىسى مۇسۇلمان بولىشى ناتايىن،شىئەلەرنىڭ ھەممىسى شۇ شىئەلەرنىڭ مۇرەككەپ كۆز قارىشىغا ئگە ئەمەس، ئۇنداق مۇرەككەپ كۆز قاراشقا ئگە بولغىنى يەنىلا شىئە ئۆلماللىرىدۇر ،شىئە ئاممىسىنى يەنىلا ئاللا بىر دەپ تۇنۇيدۇ ھەمدە كۆپ قىسىمى  نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا  ۋاقتى جان بىقىش ھەلەكچىكىدە بولىدۇ ،تۇنۇشى ئۇنداق مۇرەككەپ بۇلىشى ئۇچۇن كۆپ ۋاقىت ئاجىرتىپ نۇرغۇنلىغان شىئە ئۆلمالىرى يىزىپ چىققان كىتابلارنى كۆرۇشكە توغرا كىلىدۇ،شىئە ئاممىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ۋاقتى كۆپ ئەمەس ،شىئەلەر مۇسۇلماندۇر ،ھەممەيلەن ئتتىپاقلىشىمىز كىرەك ،ئۇنداق ئەمەس دىگەن تەغدىردىمۇ ئۇلار غەيرى مۇسۇلماندىن كۆپ ياخشى ،ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئسرائلىيەنى ئەشەددى رەقىب دەپ قارايدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ شىئە ئاممىسىمۇ مۇسۇلمانلىقنى نىيەت قىلىدۇ،ئوخشاشلىققا كۆپىرەك نەزەر سالايلى .