ئىككى كۈندىن بېرى بەكلا مىجەزىم يوق ،بىكادىنلا نەچچە كىلو ئورۇقلاپ كېتىپ ئۇيدىكىلىنى ئەنسىرتىۋەتتىم،لىكىن مەنمۇ بىكاردىن ئاغرىۋالمىدىم،چارچاپ كېتىپتىمەن ،ئىختىيارىم ئەمەس ئۇيقۇم كەپلە تۇردۇ،ھېچ تاماققا كۆڭلۈم تاتمايدۇ،بىراق ئامالىم يوق ئىشتىن قالمىدىم،مەنلا ۋاھ دەپ ياتسام مۇنۇ بىر ئۇي مەن بىلەن تەڭ ياتىدۇ ئەمەسمۇ،ئەسلىغۇ تۇرمۇشۇم بۇنداق جىددى ئەمەس ئىدى،نەچچە كۈن ئىلگىرى چىققان بوران ھەممىڭلىنىڭ ئېسىدە بار،ھەممىسى شۇنىڭ كاساپىتى،شۇ كۈنى بىر كۈن كەچكىچە ھاۋا ياخشى ئىدىغۇ-ھە! بىراق كەچ كىرەگە يېقىن تاقاراڭ-تۇقۇرۇڭ،پالاق -پۇلۇق ،گۈلدۈر-قاراس ئاۋازلار بىلەن بوران ئۆزىنى باشلىۋەتتى ،ئالە شەرىڭنى دەپ ئۇيگە مەھكەم بېكىنىپ مۇكىۋالدۇق،كىچىك بىر قىزىم بار ،بۇ يىل يەتتە ياشقا كىردى ،بىراق بەكلا نازۇك ،قانچە باقساممۇ ھېچ ئاينىيدىغاندەك ئەمەس،بەرگەن ئاش نېنىمنى ئىسراپ قىلىپ سەمىرەي دىمەيدۇ،شۇنداق ئاچچىقىم باردە بۇ جىنغا قارىساملا ،ئاغزى بۇرنىدىن تىقىپ يىگۈزگىدەك بوپ كېتىمەن بەزىدە ،بىراق قارىسام يەنىلا شۇ .بولمىسا ئىشتىھاسى يامان ئەمەس،شۇ قىزىمدىن ئەنسىرەيمەن ،مۇشۇ بوراندا ئاسمان پەلەك ئۇچمۇسۇن دەپ ،شاردەك لەيلەپ ئۇچۇپ يوقاپ كەتسە نەدىن تاپىمەن،بىر كىچە بوراننىڭ غەلۋىسىدىن دىم-دام ئۇخلاپ ئاران تاڭ ئاتقۇزدۇم،سەھەردە ناشتىلىق تەييارلاۋاتسام ،سېرتتا بوران يەنە ھۇۋلاۋاتىدۇ،بىر يەرلىرىم ئەنسىز،چىقىپ قاراپ باقتىم ،ھويلا دىگەن مەھەلىمىزنىڭ ئەخلەتخانىسىغا ئوخشاپ قاپتۇ،ھەي قاچان تازلاپ بۇلارمەن دەيمەن،قۇيۇق توپا ،ھەر خىل خالتا ،يەنە تېخى كىملەرنىڭ ئىشتان كۆڭلەكلىرىمۇ تۇرامدۇ نىمە،ئەگەر ئۇيۇم تەكلىماكانغا يىقىنىراق بولغان بولسا قۇم-بارخانلىق ھويلا قىلىۋالاركەنمەن،ھەي بوپتۇلا تۇرغاچ تۇرسۇن دىدىم.
بالىلارنى ناشتا قىلغۇزۇپ مەكتەپكە ئالدىراتتىم قىزىمنىڭ قولىنى شۇنچە چىڭ تۇتساممۇ ،بىچارە ئاران ماڭدى لەپىلدەپ ،بولمىسىغۇ كېچىگە قارىغاندە ھازىر بوران خېلى ئاجىزدەك قىلىدۇ،بېكەتكە كېلىپ ئوغلۇمغا بەك تاپىلىدىم،سىڭلىڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇت ،ھەرگىز قويىۋەتمە ،بوران كۈچۈيۈپ قالغىدەك بولسا تاش بىلەن باسۇرۇپ قويساڭمۇ بولۇدۇ دىدىم،ئەمدى بۇمىغۇ چاقچاققۇ،كەيپى چاغ ماڭسۇن دىدىم.
ماشىنغا چىقىرۋىتىپ ئىچىمدە ئەۋىلى ئاللاغا ،ئاندىن كىچكىنى چوڭىغا تاپشۇرۇپ دۇكانغا ماڭدىم.