باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 682 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىرىڭلار ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 606
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە606دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7738 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 21:59

كىرىڭلار ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن

ئىككى كۈندىن بېرى بەكلا مىجەزىم يوق ،بىكادىنلا نەچچە كىلو ئورۇقلاپ كېتىپ ئۇيدىكىلىنى ئەنسىرتىۋەتتىم،لىكىن مەنمۇ بىكاردىن ئاغرىۋالمىدىم،چارچاپ كېتىپتىمەن ،ئىختىيارىم ئەمەس ئۇيقۇم كەپلە تۇردۇ،ھېچ تاماققا كۆڭلۈم تاتمايدۇ،بىراق ئامالىم يوق ئىشتىن قالمىدىم،مەنلا ۋاھ دەپ ياتسام مۇنۇ بىر ئۇي مەن بىلەن تەڭ ياتىدۇ ئەمەسمۇ،ئەسلىغۇ تۇرمۇشۇم بۇنداق جىددى ئەمەس ئىدى،نەچچە كۈن ئىلگىرى چىققان بوران ھەممىڭلىنىڭ ئېسىدە بار،ھەممىسى شۇنىڭ كاساپىتى،شۇ كۈنى بىر كۈن كەچكىچە ھاۋا ياخشى ئىدىغۇ-ھە! بىراق كەچ كىرەگە يېقىن تاقاراڭ-تۇقۇرۇڭ،پالاق -پۇلۇق ،گۈلدۈر-قاراس ئاۋازلار بىلەن بوران ئۆزىنى باشلىۋەتتى ،ئالە شەرىڭنى دەپ ئۇيگە مەھكەم بېكىنىپ مۇكىۋالدۇق،كىچىك بىر قىزىم بار ،بۇ يىل يەتتە ياشقا كىردى ،بىراق بەكلا نازۇك ،قانچە باقساممۇ ھېچ ئاينىيدىغاندەك ئەمەس،بەرگەن ئاش نېنىمنى ئىسراپ قىلىپ سەمىرەي دىمەيدۇ،شۇنداق ئاچچىقىم باردە بۇ جىنغا قارىساملا ،ئاغزى بۇرنىدىن تىقىپ يىگۈزگىدەك بوپ كېتىمەن بەزىدە ،بىراق قارىسام يەنىلا شۇ .بولمىسا ئىشتىھاسى يامان ئەمەس،شۇ قىزىمدىن ئەنسىرەيمەن ،مۇشۇ بوراندا ئاسمان پەلەك ئۇچمۇسۇن دەپ ،شاردەك لەيلەپ ئۇچۇپ يوقاپ كەتسە نەدىن تاپىمەن،بىر كىچە بوراننىڭ غەلۋىسىدىن دىم-دام ئۇخلاپ ئاران تاڭ ئاتقۇزدۇم،سەھەردە ناشتىلىق تەييارلاۋاتسام ،سېرتتا بوران يەنە ھۇۋلاۋاتىدۇ،بىر يەرلىرىم ئەنسىز،چىقىپ قاراپ باقتىم ،ھويلا دىگەن مەھەلىمىزنىڭ ئەخلەتخانىسىغا ئوخشاپ قاپتۇ،ھەي قاچان تازلاپ بۇلارمەن دەيمەن،قۇيۇق توپا ،ھەر خىل خالتا ،يەنە تېخى كىملەرنىڭ ئىشتان كۆڭلەكلىرىمۇ تۇرامدۇ نىمە،ئەگەر ئۇيۇم تەكلىماكانغا يىقىنىراق بولغان بولسا قۇم-بارخانلىق ھويلا قىلىۋالاركەنمەن،ھەي بوپتۇلا تۇرغاچ تۇرسۇن دىدىم.
بالىلارنى ناشتا قىلغۇزۇپ مەكتەپكە ئالدىراتتىم قىزىمنىڭ قولىنى شۇنچە چىڭ تۇتساممۇ ،بىچارە ئاران ماڭدى لەپىلدەپ ،بولمىسىغۇ كېچىگە قارىغاندە ھازىر بوران خېلى ئاجىزدەك قىلىدۇ،بېكەتكە كېلىپ ئوغلۇمغا بەك تاپىلىدىم،سىڭلىڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇت ،ھەرگىز قويىۋەتمە ،بوران كۈچۈيۈپ قالغىدەك بولسا تاش بىلەن باسۇرۇپ قويساڭمۇ بولۇدۇ دىدىم،ئەمدى بۇمىغۇ چاقچاققۇ،كەيپى چاغ ماڭسۇن دىدىم.
ماشىنغا چىقىرۋىتىپ ئىچىمدە ئەۋىلى ئاللاغا ،ئاندىن كىچكىنى چوڭىغا تاپشۇرۇپ دۇكانغا ماڭدىم.
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1746
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1746دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 22:42

دەرت تۆكىشەمدۇق،ماقە ئەمىسە،،،،،،،،قانداق قىلاي بۇ دەرتنى،،ئىشلەيمەن،ئىشلەيمەن،،،،،يا بۇ  ئىش ئاينىمايدۇ،،بىر قولدا قىلغاندىكىن بولىشىغۇ شۇنچىلىك بۇ ئىش دىگەننىڭ ،،يا بۇ زاماننىڭ باللىرى شاگىرت كىرەي دىمەيدۇ، شاگىرت كىرىدىغانلار بولسا 700سوم ئىش ھەققى بىلەن ئۆگىتىپ قويىمەن دەپ ئېلان دىگەننى تۆكمە قىلىۋەتتىم بولمىسا،،شۇنداقتىمۇ ئادەم يوق،ئاق پىشماقلىرى ئۇ يەر بۇ يەرلەردە 500سوملۇق ئەرپەي بولىۋالغان،،قارا پىشماقلىرى تامچىلىق قىلىپ يۈرگەن،كۈندە 100سوم بېرىدىكەن بولمىسا ،،خىش قويالىسا 140نى بەرگۈدەك،،ئەھۋال بۇنداق تۇرسا ھۈنەر ئۆگىنپ نىمە كەپتۇ،،يەنە كېلىپ ،ئۆگەنگەندىمۇ كېيىن ئۇنى ماڭدۇرماق ئاسان ئەمەستە،،،شۇڭا مەندەك ئادەمنىڭ ئالدىدا تىل دەشنام ئاڭلاپ ھۈنەر ئۆگەنگەندىن تامچى بولغان ياخشى،،ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ ئەمەسمۇ،،پارتىيىمىزلا بولىدىكەن،غەمخورلۇق تۈگىمەيدۇ،غەمخورلۇقلا تۇگىمەيدىكەن،تام چېقىش سېلىشلار تۇگىمەيدۇ،ئاخىرىنى سېلىپ بولغىچە ئالدىدا سالغانلىرى كونىرايدۇ،،چاقىمىز شۇ كونىرىغاندىكىن،،شۇنداق بولغاندىكىن تامچى بولۇپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان گەپ،،بىكار قالمايدۇ،،ئىشىسىزلىق غېمى يوق،،،مېيوۋ گوڭسەنداڭ مېيوۋ شىن جۇڭگو،،،دەپ ناخشىنى بولىشىغا ئېيتىپ تام چېقىپ ،يەنە سېلىپ يۈرۇيدىغان گەپ شۇ،،10 كۈنلا ئىشلىسە 1000سوم دىگەن گەپ،،،،،،شاگىرت بولمىسىمىغۇ مەيلىتى،،،،ئۆزەم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىپ تۇراي،،،،،،،ئەمما،بۇ يۇرتۇمدىكى نىسىچىلىك دىگەن ئاندىن بىر ھالسىرىتىۋەتتى ئادەمنى،،ھەممىسى كېلىپ ئالىدۇ ،پۇل چىقىرىدىغىنى تايىنلىق،،بەرمىسە ئەسلى،كۆپىنچىسى يېقىن يورۇقلار،يەنە كېلىپ بىز بەرمىسەك،باشقىلار بېرىۋاتقان،،يېقىنىمكەن دەپ مەن بەرگەن بىلەن ئۇلارمۇ مۇشۇ يېقىنىمغىمۇ دۇنيا لازىم بولار دەپ نىمىشقا ئويلىمايدۇغاندۇ،،،ھەيران قالىمەن،دۇنيادا ئۆزگىنىڭ ھالىغا يەتمەكتىنمۇ تەس ئىش يوق ئوخشايدۇ دەپ،،،،،،،،ئامال قانچە ،قىلىپ تۇراي،،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ،،،،،چوقۇم،،،،،،،
ئۇف،،،،،،ئەجەپ ئىچىم بوشاپ قالدىيا ،ھېرىپ كەلگەندە،،،،،،،